يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8237|ئىنكاس: 2

ئىلھام مۇھەممەد : «يامان بولىدۇ»لارنڭ قىممىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەجدادلار ئۆگۈتى ــ «يامان بولىدۇ»نىڭ قىممىتى



ئىلھام مۇھەممەد


خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مول مەزمۇن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ- ئادەت، ئەخلاق مىزانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا ئۇنى تۇرمۇشىدا چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-مىزان، بۇرچ سۈپىتىدە ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە ئەخلاقىي تەربىيە ئۇسۇللىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆرپ- ئادەت، ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرىغا يات بولغان، ئىنسانىيەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان، جامائەت تەرىپىدىن يامان كۆرۈلىدىغان قىلمىش- ئادەتلەرنى ئۇنىڭ يامان ئاقۋىتىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق چەكلەپ كەلگەن. خەلقمىزدىكى مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن بىرى«يامان بولىدۇ» ئەقىدىسىدۇر. خەلقىمىز مەلۇم نەرسىگە چېقىلىپ قالسا، كىشىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، مەلۇم ھەركەتلەرنى قىلىپ سالسا، ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ، دېيىش ئارقىلىق ئۇنداق ھەركەت- قىلىقلاردىن ساقلىنىش مەقسىتىدە ئېتىقاد ئاساسىدا شەكىللەنگەن، قويۇق ئۆرپ-ئادەت تۈسىگە ئىگە، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە دېگۈدەك   ئۇچرايدىغان بىر تۈركۈم پەرھىز-چەكلىمىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ پەرھىز-چەكلىمىلەر تۇرمۇشىمىزدا «يامان بولىدۇ» ئىبارىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە ئەنئەنىسىدە كىشىلەرنى بولمىغۇر قىلىق، يامان ئىشلاردىن چەكلەپ، ياخشلىققا ئۈندەش، ئەدەپكە چاقىرىشتىكى ئۈنۈملۈك تەربىيە ۋاستىسىگە ئايلانغان.
تۇرمۇشىمىزدا بىراۋ ناتوغرا ئىش قىلسا، باشقىلار ئۇنى ئاشۇ ناتوغرا ئىشتىن «يامان بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق توسىدۇ. ناتوغرا ئىشنى سادىر قىلغان كىشى «يامان بولىدۇ» ئەقىدىسىنىڭ ئىچكىي مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەنمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىقنى ئەقىدە- ئېتىقادقا خىلاپلىق قىلىش دەپ قاراپ، يامان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. مەسىلەن، «ئاتا- ئانىسىنى قاقشاتسا، ئۆمرى خارۇ-زارلىقتا ئۆتىدۇ»، «ئۇستازىنى ھۆرمەت قىلمىسا، ھۈنەردە روناق تاپالمايدۇ»، «يالغان سۆزلىسە، رىزقى كەم بولىدۇ»، «كىيىمىنى تەتۈر كىيسە، ئىش تەتۈرگە ئۆرۈلىدۇ»... دېگەندەك «يامان بولىدۇ» ئىبارىسى بىلەن ئاتالغان بىر تۈركۈم پەرھىز-چەكلىمىلەر خەلقىمىز تۇرمۇشىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە- مىزان، ئىبرەت خاراكتېرىنى ئالغان تەربىيە ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل تەربىيەنىڭ كىشىلەرنى يامان ئىشلاردىن چەكلەپ، ياخشىلىققا ئۈندەش رولى ئادەتتىكى ۋەز- نەسىھەتلەرگە قارىغاندا ئۈستۈن تۇرىدۇ.
«يامان بولىدۇ» ئەقىدىسى قانداقتۇ بىرقىسىملەر ئېيتقاندەك «ۋاقتى ئۆتكەن»، «ئەپسانىۋى تۈس ئالغان»، «خۇراپىي قاراش» بولماستىن، بەلكى خەلق تۇرمۇشىدا ئەسىرلەر مابەينىدە داۋاملىشىپ كەلگەن، كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كەتكەن،  ئىلمىيلىككە، تۇرمۇش ئاساسىغا ئىگە، قۇرۇلمىسى ئىخچام، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدىغان، مەزمۇنى چوڭقۇر، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئىبرەتلىك ئەخلاق ئىبارىسى. «يامان بولىدۇ» ئەقىدىسىنىڭ بەزىلىرى ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئېتىقادىغا باغلانغان بولسا، بەزىلىرى ئىسلامىيەت ئەخلاق مىزانى ئاساسىدا، كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانىمىز ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتىن «يامان بولىدۇ» لارنىڭ ھەممىسى شەرت- نەتىجە مۇناسىتى شەكلىدە ئىپادىلەنگەن. بەزى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى(يامان بولۇشنىڭ سەۋەب، ئاقىۋىتى) كونكرېت كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، «ئەخلەت بىلەن كۈلنى بىللە ئالسا، شۇ ئۆيدە توي بىلەن ئۆلۈم بىللە بولىدۇ»، «ئېڭەكنى تۇتۇپ ئولتۇرسا، بەختسىز بولۇپ قالىدۇ»،«قارلىغاچ بالىسىنى تۇتسا، قولى تىترىيدىغان بولۇپ قالىدۇ»...دېگەندەك. جانلىق تىلدا قوللىنىش ئېھتىياجى بىلەن بەزى «يامان بولىدۇ»لاردا يامان بولۇشنىڭ سەۋەبى، ئاقىۋىتى ئىخچاملىنىپ، «قولىنى يۇيۇپ سىلكىسە، يامان بولىدۇ»، «يۇلتۇز سانىسا، يامان بولىدۇ»، «رامىزاندا خوراز ئۆلتۈرسە، يامان بولىدۇ»... دېگەندەك  شەكىللەردە ئىپادىلەنگەن.
رايونىمىزدىكى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ تەبئىي شارائىتى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قارىشى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلىرىدىكى پەرقلەر ۋە ئاڭ- چۈشەنچىلىرىدىكى بەلگىلىك ئوخشىماسلىقلار سەۋەبىدىن، «يامان بولىدۇ» ئەقىدىسىدە ئىپادىلەنگەن كۆزقارشلاردىمۇ بەلگىلىك ئوخشىماسلىقلار شەكىللەنگەن. مەيلى قانداق پەرقلەرنىڭ بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، «يامان بولىدۇ» ئەقىدىسى خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە ئەنئەنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئۆرپ- ئادەت، قائىدە-ئەھكاملىرىمىزنى مەنىۋىي جەھەتتىن تولۇقلايدىغان، قېلىپشتۇرىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، كىشىلەرنى ئەدەپ- ئەخلاققا ئۈندەش، يامان ئىشلاردىن چەكلەشتە ئىجابىي رول ئوينايدىغان ئۈنۈملۈك تەربىيە ۋاستىسى. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇرەككەپ، شۇنداقلا تۈرلۈك تەبىقە ۋە تۈركۈملەرنىڭ مەنپەئىتى بىردەك بولمىغاچقا، ئىلمىي ئاساسى، سەۋەپ- نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا تايىنىشلىق مۇناسىۋەت يوق، پاسسىپ مەنىگە ئىگە بىر قىسىم «يامان بولىدۇ»لارمۇ پەيدا بولۇپ قالغان. مەسىلەن، «چاپان، كۆينەكنىڭ مۈرىسى يىرتىلىپ كەتسە، ئىگىسى قەرزدار بولۇپ قالىدۇ»، «دەرەخ ئىككى قېتىم چېچەكلىسە، پالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ»، «مۈشۈكنى كېچىدە پەش دېسە، يامان بولىدۇ.»، «باينىڭ بەرگىنىگە نارازى بولسا، يامان بولىدۇ»، «خوجايىنىغا تىكىلىپ قارىسا، كۆز ئالايتسا، گېپىگە قارشى چىقسا، يامان بولىدۇ»...دېگەندەك. بۇ تەركىبلەرگە توغرا پوزىتسىيە بىلەن ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.
«يامان بولىدۇ» ئەقىدىسىدە خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا يەكۈنلىگەن خېلى يۇقۇرى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئاتا- ئانا ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، بالىلارغا كۆيۈنۈش، پاكىزە، ساغلام، بىخەتەر، تېجەشلىك، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تەبىئەتنى سۆيۈش، دەل- دەرەخ، جان-جانىۋارلارنى قوغداش، ياخشى مىجەز-خۇلقنى يېتىلدۈرۈش، ئەقىدىلىك، شەرم- ھايالىق، ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇشتەك ئېسىل ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرى ۋە تۈرلۈك ئاڭ- چۈشەنچىلىرى ئىپادىلەنگەن. كۆپ قىسىم «يامان بولىدۇ»لار  پەقەت چەكلەش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى خېلى يۇقۇرى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. مەسىلەن، «قولىنى يۇيۇپ سىلكىسە، يامان بولىدۇ» دېگەن قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى: قولنى يۇيۇپ بولۇپ سىلكىگەندە، سۇ دانىچىلىرى ئەتراپتىكى ئادەم ياكى نەرسىلەرگە چاچرايدۇ، شۇنداقلا قول بىرەر نەرسىگە تېگىپ زىخمىلىنىدۇ. «قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئۇخلىسا، يامان بولىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى: بۇنداق ئۇخلىغاندا كۆكرەك قەپىزىگە بېسىم چۈشۈپ، يۈرەك قىسىلىدۇ- دە، قارا(ۋەھىملىك چۈش) بېسىش، جۆيلۈش، ئۆزىنى سەزمەي ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «سۇنى ئۇزاق قايناتسا، ئۆيدە جىدەل- ماجرا كۆپىيىپ كېتىدۇ» دېگەن قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى: سۇنى ئۇزاق قايناتقاندا، ئادەمگە پايدىلىق ماددىلار ھورغا ئايلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ- دە، بۇنداق قايناقسۇ سالامەتلىككە زىيانلىق. «زاۋال ۋاقتىدا يېتىش، كۇن چىققۇچە يېتىش قان ئىچىدە ياتقان بىلەن باراۋەر» دېگەن قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى: سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىش سالامەتلىككە پايدىلىق، يەنى چاينى ۋاقتىدا ئىچىپ، ھەركەت ئارقىلىق بەدەندىكى قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى، شۇ كۈندىكى ئىشلارنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، شۇ كۈندىكى ئىشلارنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. «ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا، يامان بولىدۇ»دېگەن قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى: ياڭاق يوپۇرمىقى ئادەمنى بىھۇش قىلىدىغان بىر خىل غەيرى پۇراق چىقىرىدۇ، بۇ پۇراق دەم سىقىلىش، گال قىچىشىش، يۆتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. «پاختەك، تورغاي تۇخۇمىنى تۇتسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ» دېگەن قارىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسى: قۇش تۇخۇمى بىخەتەر بولمىسا، قۇشلارنىڭ كۆپىيىشى، نەسلىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ-دە، ئېكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
«يامان بولىدۇ»لار تۇرمۇش سىنىقىدىن ئۆتكەن، خېلى يۇقۇرى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ، قايىل قىلىش كۈچى زور بولغان ئەجدادلار ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. بۇ خىل تەربىيە شەكلى ئارقىلىق ناچار قىلىق، يامان ئىللەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئەۋلادلار قەلبىدە ئېسىل ئادىمىيلىك پەزىلەتلەرنى يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىز مەلۇم نىسبەتتە كىرىزىسقا ئۇچراۋاتقان، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىز مەلۇم جەھەتتە ياتلىشىشقا يۈزلەنگەن بۈگۈنكى شەھەرلەشكەن تۇرمۇش رېتىمىدا ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن «يامان بولىدۇ» شەكلىدىكى تەربىيەنى ئەۋلادلارنى تەربىيلەشنىڭ دەستۇرىغا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك. «يامان بولىدۇ» قارىشىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى قوللىنىش دائىرىسى ھەم مىقدارى كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە بىر قانچە تۈر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈمىز.
چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، مېھماندارچىلىق ۋە كىشىلىك ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«ئاتا- ئانىنى قاقشاتسا، ئۆمرى خارۇ-زارلىقتا ئۆتىدۇ»،«ئاتا- ئانا ئىشقا بۇيرۇغاندا غۇدىرىسا، يوغان كۆزدە قارىسا، جاۋابلاشسا سېرىقئاياغ بولۇپ قالىدۇ»، «ئاتا- ئانىسىدىن بىسوراق ئىش قىلسا، پۇشايماندا قالىدۇ»، «ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا، راۋاج تاپالمايدۇ.»، «چوڭلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىسا، پۇشايماندا قالىدۇ»، «ئۇستازىنى ھۆرمەت قىلمىسا، ھۈنەردە روناق تاپالمايدۇ».
  تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: چوڭلار سۆزلەۋاتقاندا لوقما سالسا؛ چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە؛ تاماققا چوڭلاردىن بۇرۇن قول ئۇزاتسا؛چوڭلار ئولتۇرغان يەردە ياتسا، چوڭلارغا ئارقىسىنى قىلىپ، پۇتىنى سوزۇپ ئولتۇرسا؛ چوڭلار بار يەردە پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا؛ مېھمانغا ئىككى قولىدا چاي تۇتمىسا؛ مېھمان ئالدىدا ئۆي سۈپۈرسە؛ تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلماي داستىخاننى يىغىۋەتسە؛ داستىخاننى ئىتتىك يىغمىسا؛ داستىخاندىن ئاتلىسا، داستىخاندا ئولتۇرسا؛ داستىخانغا  دەسسىسە، پۇتىنى سۇنسا، قولىنى سۈرۈتسە؛ كىشىگە قولىنى شىلتىپ گەپ قىلسا؛ كىشىگە قاراپ كېرىلسە، ئەسنىسە، چۈشكۈرسە، بۇرنىنى كوچىلىسا؛ ئادەمنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلىسە.
تۇغۇم، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەر-ئاياللار ئەخلاقى مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«سېزىك مەزگىلىدە سېزىك بولغان نەرسىنى يېمىسە، بالىسى ئەيىپناك، پۇچۇق تۇغۇلۇپ قالىدۇ»،«سېزىك مەزگىلىدە تۆگە گۆشى يېسە، 12 ئايدا يەڭگىيدۇ»، «ھامىلدار ئايال باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەيىپىنى مازاق قىلىپ كۈلسە، بالىسى شۇ خىل ئەيىپلىك تۇغۇلىدۇ»،«ھامىلدار ئايال كۆرۈمسىز، قورقۇنچلۇق نەرىسلەرگە قارىسا، بالىسىمۇ شۇنداق تۇغۇلىدۇ»،«ھامىلدار ئايال توشقانغا قارىسا، بالىسى توشقان كالپۇك تۇغۇلىدۇ»، «ئاياللار ئارغامچىنى ئاتلىسا، ھەمراھى ئاسان چۈشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ»، «ئاياللار كىر سۈيىدىن ئاتلىسا، تۇغۇتتا ئال باسىدىغان بولۇپ قالىدۇ»، «تولغاق بار ئۆيگە كىرسە، بوۋاق بالايى خەتەرگە يولىقىدۇ»، «بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن باقمىسا، بوۋاق سوغۇق مىجەز بولۇپ قالىدۇ»، «بالا دۈم يېتىپ يىغلىسا، ئاتا- ئانىسى بۇرۇن ئۆلۈپ قالىدۇ»،«سۈپۈرگىنى بالىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈسە، بالا پاكار بولۇپ قالىدۇ»، «بالىنىڭ بېشىغا ئۇرسا، بالا گالۋاڭ بولۇپ قالىدۇ»، «بالىنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرسا، بالا گاچا بولۇپ قالىدۇ»، «سەپەردىن كەلگەن كىشى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالسا، يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۆچۈنۈپ قالىدۇ»، «بالىغا يىلىك يېگۈزسە، كۆيۈمسىز بولۇپ قالىدۇ»، «بالىغا تال يېگۈزسە، تېلىققاق بولۇپ قالىدۇ»، «ئەر-خوتۇنلار تۇخۇم چېكىشسە، ئەر- خوتۇنلۇق مېھرى(نىكاھى) سۇسلاپ كېتىدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: ياتلىق بولمىغان قىز، ئېغىر ئاياق ئايال قولغا سۇ ئالسا؛ تۇغۇتلۇق ئۆيگە تالادىن ئۇدۇل كىرسە؛ ئايال كىشى مال بوغۇزلىسا؛ قىز- ئاياللار كۈچلۈك ئاۋازدا كۈلسە، ئىسقىرتسا، پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرسا؛ بالىنى قارغىسا؛ بالىلارنىڭ كىيىملىرىنى سۈپۈرگە بىلەن قاقسا؛ كىچىك بالا بوينىغا ئېغىر نەرسىلەرنى ئېسىپ يۈرسە؛ قىز-ئاياللار ئەركەكلەر ئالدىدا ياسانسا، بەك نېپىز كىيىملەرنى كىيسە؛ قىز-ئاياللار ئەركەكلەرنىڭ كىيىمىنى كىيسە؛ ئەركەكلەر ئاياللارنىڭ كاسىسى، يوتىسى، كۆكسىگە تىكىلىپ قارىسا؛ ئاياللار تاماكا چەكسە، ھاراق ئىچسە؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ گەپ تالاشسا.
پاكىزلىق ۋە ساغلاملىق مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«يۈز يۇغاندا سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇمىسا، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر»،«يولغا يۇندا تۆكسە، ئادەمنى مەينەت باسىدۇ، سوغۇق تەلەت قىلىپ قويىدۇ»، «ئۆيدە ئەخلەت-يۇندى قوندۇرسا، بەرىكەت قاچىدۇ، پەرىشتىلەر قاغىۋېتىدۇ»، «ئېشەك ئېغىنىغان يەرگە دەسسىسە، ئادەمنى قوتۇر باسىدۇ»، «ئىككى ئادەم بىر قاچىدا سۇ ئىچكەندە، بىرىنچىسى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچسى قاچىدىكى سۇدىن ئازراق تۈكۈۋېتىپ ئىچمىسە، ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.»، «ئەر- ئايال بىرگە بولغاندىن كېيىن غۇسۇل قىلمىسا، پالاكەت باسىدۇ»،«ناپاك ھالدا كۈنگە قارىسا، گۇناھ بولىدۇ»،«ناپاك ھالدا مال باقسا، ماللىرى ئاپەتكە ئۇچىرايدۇ»، «سۇنى ئۇزاق قايناتسا، ئۆيدە جىدەل- ماجرا كۆپىيىپ كېتىدۇ»، «زاۋال ۋاقتىدا يېتىش ياكى كۇن چىققۇچە يېتىش قان ئىچىدە ياتقان بىلەن باراۋەر»،«زاۋالدا ئۆي سۈپۈرسە، مال- مۈلكى سورۇلۇپ كېتىدۇ»، «قايچىدا تىرناق ئالسا، پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيدۇ»، «تىرناقنى ئوتقا سالسا، پور تىرناق بولۇپ قالىدۇ»، «سۈپۈرگىنى تىكلەپ قويسا، ئۆيگە بالا- قازا كېلىدۇ»، «تامغا سۇ چاچسا، ئاتا- ئانىسى كۆز يۇمغاندا كۆزىدىن ياش چىقمايدۇ»، «شاپاققا دەسسىسە، تەرەت قىلسا، ئېغىز- بۇرنىغا چاچراتقۇ چىقىپ قالىدۇ»، «قازان قارىسىغا دەسسىسە، تۆھمەتكە قالىدۇ»، «تونۇر بېشىدا ئۇخلىسا، قارا(ۋەھىمىلىك چۈش) بېسىپ قالىدۇ»، «يالاڭباش ئۇخلىسا، ئۆينىڭ بەرىكىتى قالمايدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: ياڭاق تۇۋىدە ئۇخلىسا؛ئۆي سۈپۈرگەندە ئەخلەتنى بۇسۇغا ئاتلىتىپ سۈپۈرسە؛ چىش، قۇلاقنى تىرناق بىلەن كوچىلىسا؛ تىرناق، چاچ-ساقالنى ئۆستۈرىۋەتسە؛ قازان بېشى، تونۇر بېشىدا تىرناق ئالسا؛ چاچنى ئوتقا تاشلىسا؛ ناپاك ھالدا(غۇسۇل قىلماي) كىشىگە قارىسا، ناپاك بالا ئېمىتسە؛ ئوتقا سۇ ياكى يۇندا چاچسا؛ كېچىدە كىگىز- گىلەم قاقسا، ئەخلەت-كۈل ياكى يۇندا تۆكسە؛ مەينەت يەردە مال بوغۇزلىسا؛يالاققا دەسسىسە ياكى تەرەت قىلسا؛ يالاڭباش ھالدا تاماق ئەتسە؛ يېپىنچا ياپماي ئۇخلىسا؛ قولىنى يۇماي خېمىر يۇغۇرسا، تاماق ئەتسە؛خېمىر يۇقى قولىدا ئەتنى تۇتسا؛ ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆل بويىدا كىر يۇسا؛ ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆلگە ئەخلەت-يۇندا تۆكسە؛ قولىنى يۇيۇپ بولۇپ سىلكىسە؛ قازان، قاچا- قۇچىلارنى يۇماي قويۇپ قويسا؛ قازاندا قاچا-قۇچا ياكى قولىنى يۇسا؛چېلەك- ئىدىش، قازان، قاچا- قۇچا، تۇزلۇق ۋە ماي قاچىسىنىڭ ئاغزىنى ياپماي ئوچۇق قويسا؛ ئايىغى چىقمىغان توختام(زەي) سۇنى ئىچسە؛ يۇلتۇز سانىسا.
غىزالىنىش ۋە تېجەشلىك بولۇش مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«غىزانى پاكىزە يېمىسە، بالىسى چاپاق بولۇپ قالىدۇ»،«غىزانى ئاشۇرۇپ قويسا، ئادەمنىڭ رىزقى كالتە بولىدۇ»، «غىزانى پۇراپ بېقىپ يېسە، بۇرنىغا چاقا(جاراھەت) چىقىپ قالىدۇ»، «غىزادىن يامانلىسا، ئاچارچىلىقتا قالىدۇ»، «پۇچۇق، دەزكەتكەن چىنىنى ئىشلەتسە، يۈرىكىگە دەز كېتىدۇ»،«قىچا چېچىلىپ كەتسە، ئۆيدە جىدەل- ماجرا تۈگىمەيدۇ»، «چېچىلىپ كەتكەن گۈرۈچنى تېرىۋەتمىسە، ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: پولۇ يېگەندە قولىنى لىگەن-تاۋاققا سىلكىسە؛ چۈشۈك(قاتلىنىپ تولۇق پىشمىغان) ناننى يېسە؛ قولىنى يۇماي غىزا يېسە؛ سول قولىدا غىزا يېسە؛ بۇسۇغىدا ئولتۇرۇپ غىزا يېسە؛ غىزا يېگەندە كۆپ گەپ قىلسا، قاتتىق كۈلسە؛ غىزاغا شەك كەلتۈرسە؛ ئاشقان تاماقنى تۆكىۋەتسە؛ ناننى دۈم قويسا؛ ناننى بىر قول بىلەن ئۇشاتسا ياكى دۈم ھالەتتە ئۇشاتسا.
جابدۇنۇش ۋە ياسىنىش ئادىتى مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«كىيىمىنى تەتۈر كىيسە، ئىش تەتۈرىگە ئۆرۈلىدۇ»، «ئاياغنى دۈم قويسا، قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بىلەن باراۋەر»، «ھۆل كىيىمنى كىيسە، مېھىر(نىكاھ) سۇسلاپ كېتىدۇ»،«ئاياغنى يەكپاي كىيسە، جۆرىسى ئۆيدە تۇرمايدۇ»، «چاچنى قۇرۇق تارىسا، تۆھمەتكە قالىدۇ»، «سۇنۇق، دەز ئەينەككە قارىسا، دىلى سۇنۇق بولۇپ قالىدۇ»؛
  تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: ئۆرە تۇرۇپ ئىشتان كىيسە؛ چاپان، كۆينەكنىڭ  پېشىنى چىگىۋالسا؛ چاپاننىڭ يېڭىنى سەپمەي يېپىنچا قىلىۋالسا؛ يۇيۇلغان كىيىمنى تەتۈر يايسا؛ سۇنۇق تارغاقتا چاچ تارىسا.
تەرتىپلىك تۇرمۇش ۋە بىخەتەرلىك مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«ئەخلەت بىلەن كۈلنى بىرگە ئالسا، شۇ ئۆيدە توي بىلەن ئۆلۈم بىرگە بولىدۇ»، «قوشۇقنى بىر- بىرىگە ئۇرسا، ئۆيدە جىدەل- ماجرا كۆپ بولىدۇ»،«سۇپۇرىنى چىرايلىق قاتلىمىسا، يۈزىگە قورۇق چۈشۈپ قالىدۇ.»، «تەكىي-ياستۇقتىن ئاتلىسا، لېۋىگە قوقاق چىقىپ قالىدۇ»، «قازاندىن ئاتلىسا، تۆھمەتكە يولۇقىدۇ»،«قازان قىرسا،قىرماق يېسە، تويى بولغان كۈنى قار (يامغۇر) ياغىدۇ»، «بوسۇغىدا تۇرىۋالسا، ئۆيدىن بەرىكەت قاچىدۇ»،«ئەتتىگەندە گازىر چاقسا، تۆھمەتكە قالىدۇ»، «دۇكاندا گازىر چاقسا، دۇكانغا خېرىدار كىرمەيدۇ». «ئەتتىگەندە نېسى مال ساتسا، شۇكۈندىكى سودىدىن پايدا چىقمايدۇ»، «زاۋالدا ئۈشكە چاقسا، قەرزدار بولۇپ قالىدۇ»،«ئېڭەكنى تۇتۇپ ئولتۇرسا، بەختسىز بولۇپ قالىدۇ»، «كېچىدە ئەينەككە قارىسا، ئاتا- ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەيدۇ»، «ئاچقۇچ چۆرىسە، ئۆيىگە ئوغرى كىرىدۇ»،«ئۆيدە توپ ئوينىسا، ئۆي بۈرگە بولۇپ قالىدۇ»، «ئۆي ئىچىدە ياكى كېچىدە ئىسقرتسا، شۇملۇق تىلىگەن بىلەن باراۋەر».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئۇخلىسا، يىڭنىنى يىپ ئۆتكۈزمەي قويسا؛ قۇلۇپ بىلەن ئاچقۇچنى، تاختا بىلەن نوغۇچنى ئايرىۋەتسە؛ تىغلىق ئەسۋاپلار چۆرىسە؛ ئۆگزىگە كىر يايسا؛ بىر ئورۇندا چۆرگىلىسە؛ ئارقىچىلاپ ماڭسا؛ قولىنى كەينىگە قىلىپ ماڭسا؛ توقۇمى(مۈلە) يوق ئېشەككە مىنسە؛ ئادەم، ھايۋاندىن ئاتلىسا؛ مال بوغۇزلانغان جايدىن ئاتلىسا؛ ئەخلەت، يۇندى ئازگىلىدىن ئاتلىسا؛ ئوتتىن ئاتلىسا؛ تىغلىق ئەسۋاپلاردىن ئاتلىسا؛ ئات ئىگىرىدىن ئاتلىسا؛ ئۆي ئىشكىنىڭ ئىككى يان ياغىچىنى تىرەپ (كەگەللەپ) تۇرسا؛ تىغلىق ئەسۋاپلارنى سول قولىدا تۇتسا؛ ئاشلىق-يېمەكلىك ئېلىنغان تاغار- خالتىدا ئولتۇرسا؛كىتابنى تېگىگە قويۇپ ئولتۇرسا؛ باش كىيىمنى پەستە، ئاياغنى ئېگىزدە قويسا؛ كىيىم-كېچەكلەرنى كۆيدۈرسە، دەريا-ئۆستەڭگە تاشلىسا؛ لىگەننى داپ قىلىپ چالسا؛ ئاخشىمى كېسەل يوقلىسا؛ كېچىدە تىرناق ئالسا،چاچ تارىسا، ئاياقنىڭ سۇڭىغا دەسسەپ ماڭسا.
تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە جان–جانىۋارلارنى قوغداش مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«يۇمران زىرائەت، ئوت- چۆپلەرنى يۇلسا، دەسسىسە، تەرەت قىلسا، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ»، «نوتا دەرەخلەرنى زۆرۈرسىز ھالدا كەسسە، ئۆمرى كوتا بولۇپ قالىدۇ»، «قەبرىستانلىق ئەتراپىدىكى دەرەخنى كەسسە، پۇت- قولى تۇتماس بولۇپ قالىدۇ»،«ئىتقا سۇ چاچسا، سۈگەل چىقىپ قالىدۇ»، «كەپتەر باققان ئادەم كەپتەرنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە باقمىسا، تۇرمۇشى غۇرىبەتچىلىكتە ئۈتىدۇ.»، «قاغا كۆمگەن تۇخۇمنى يېسە، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ»، «پاختەك، تورغاي تۇخۇمىنى تۇتسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ»، «ھۆپۈپنى تۇتسا، قولى پۇراپ قالىدۇ»، «قارلىغاچ بالىسىنى تۇتسا، قولى تىترىيدىغان بولۇپ قالىدۇ»، «قۇش بالىلىرىنى ئۆلتۈرسە، ئاتا- ئانىسىدىن بالدۇر يېتىم قالىدۇ»، «ئۆمۈچۈكنى ئۆلتۈرسە، ئۆيدىن بەرىكەت قاچىدۇ»،«دۆنى ئۆلتۈرسە، بوران چىقىپ كېتىدۇ»، «كەسلەنچۈك، كېلەنى ئۆلتۈرسە، شامال چىقىپ كېتىدۇ»، «مۈشۈكنى ئۆلتۈرسە، قىساسىغا قالىدۇ»، «بۆرىنى ئۆلتۈرسە، مال- چارۋا ئاينىمايدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: مېۋىلىك دەرەخنىڭ چېچىكىنى ئۈزسە؛ دەرەخ قوۋزىقىنى سەۋەبسىز سويسا، شېخنى زۆرۈريىتى يوق ھالدا سۇندۇرسا؛ قېرى ئۈجمە دەرىخى، يالغۇز دەرەخنى كەسسە؛ ئۇچار قۇشلارنى قەپەسكە سولاپ باقسا؛ مال پادىسىنى بۆسۈپ ئۆتسە؛ ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويسا؛جان- جانىۋارلارنى قىينىسا؛ئات- ئۇلاغلارنى تەپسە، بېشىغا ئۇرسا؛ ئوقۇردىن ئاتلىسا، ئىنسانلارغا زىيانسىز جان- جانىۋارلارنى ئۆلتۈرسە.
ئەقىدە- ئېتىقاد ۋە ئادىمىيلىك پەزىلەت مەزمۇن قىلىنغان «يامان بولىدۇ»لار
«نان، تۇزغا دەسسىسە، كۆزى تۇتۇلۇپ قالىدۇ»،«ناننى كۆيدۈرسە، پەرىشتىلەر 70 پۇشتىغىچە قاغىۋېتىدۇ»، «تۇزنى قول بىلەن ئىلەشتۈرسە، يىلىكى شورلۇق بولۇپ قالىدۇ»، «تۇزلۇقنى تولا يۆتكىسە، تولا ئۆي كۆچىدىغان بولۇپ قالىدۇ»، «سۇغا تۈكۈرسە، مىشقىرسا، ئېغىز- بۇرنىغا قوقاق چىقىدۇ»، «سۇغا، ئېغىلغا تەرەت قىلسا، كۆتىگە چاقا (جاراھەت) چىقىدۇ»، «ئەتىگەندە ياكى كەچتە چۈش ئۆرىسە، ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭغا تارتمايدۇ»، «سەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنى ناماز پېشىندىن بۇرۇن سەپەرگە چىقسا، سەپەر خەيرلىك بولمايدۇ»، «ئىشىكتىن چىقىپ بولۇپ ئارقىسىغا يانسا، سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ»، «ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ياكى مال-جاندارىغا تىكىلىپ قارىسا ياكى ماختىسا، كۆز تېگىدۇ»، «سېۋەتنى قالىسا، بالىسى چولاق تۇغۇلىدۇ»، «يالغان سۆزلىسە، رىزقى كەم بولىدۇ»، «كىشىگە تىغ تەڭلىسە، ئىمانىدىن ئاجراپ (سۇسلاپ) كېتىدۇ»، «توپا سورۇسا، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بىلەن باراۋەر»، «كۈل سورىسا، ئۆزى سورۇلۇپ كېتىدۇ»، «ھۇقۇش ھوۋلىغان يەر چۆللىشىپ كېتىدۇ»، «يىلان يىللىق ئادەم بار ئۆيدە قارلىغاچ ئۇۋىلىمايدۇ»، «زاۋالدا يىغلاش، قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بىلەن باراۋەر»، «مازار غا تۈكۈرسە، ئېغىزى مايماق بولۇپ قالىدۇ»، «بارمىقىنى مازارغا چەنلىسە، بارمىقى قۇرۇپ كېتىدۇ».
تۆۋەندىكى ئىشلارنى سادىر قىلسىمۇ «يامان بولىدۇ»: رامىزاندا خوراز ئۆلتۈرسە؛ رامىزاندا ئوۋ ئوۋلىسا؛ جۈمە كۈنى كىگىز-گىلەم قاقسا؛ جۈمە كۈنى قوي بوغۇزلىسا؛ ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغقا يالاڭباش بارسا؛ ھازىدار ئالدىدا كۈلسە؛ يول-كۆۋرۈكنى بۇزسا؛ كىشىگە لەقەم قويسا؛ باشقىلارغا ھەسەت قىلسا؛ باشقىلارغا قارا سانىسا؛ باشقىلارغا غوم ساقلىسا؛ مەرھۇملارنىڭ يان گېپىنى قىلسا؛ غەيۋەت قىلسا، چېقىمچىلىق قىلسا؛ زىنا قىلسا؛ ئوغرىلىقچە گەپ تىڭشىسا؛ كىشىنىڭ رىسقىنى يەۋالسا؛ يېتىمنىڭ ھەققىنى يەۋالسا؛ باشقىلار بىر نەرسە يەۋاتقاندا مەسلىنىپ قارىسا؛ ئۆتنە ئالغان نەرسىنى قايتۇرمىسا؛ ھارام(مەكرو) مالنىڭ گۆشىنى يېسە؛ قىلبىگە، كۈن- ئايغا قاراپ تەرەت قىلسا؛ جان- جانىۋارلارنىڭ ئالدىدا تەرەت قىلسا؛ قىبلە تامغا رەسىم- سۈرەتلەرنى ئاسسا؛ ئۆي ئىشكىنى قىبلىگە قاراتسا؛ ئەزان توۋلىغاننى ئاڭلاپمۇ ياتسا، گەپ قىلسا، يول ماڭسا؛
يىغىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇشىمىزدىكى «يامان بولىدۇ»لار ئالىيجاناب كىشىلىك پەزىلەتكە ئىگە بولۇشنىڭ، ھاياتنى، دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ، شۇنداقلا ئەخلاقىي چىركىنلىك ۋە ناچار ئادەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۆزگىچە ھەم يۇقۇرى دەرىجىدىكى چەكلەش ۋە بۇيرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇش بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئالاھىدە  قوغداش، ئۆگىنىش ۋە ئىلمىي ھالدا تەدبىقلاش قىممىتىگە ئىگە.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1)        ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993- يىل 1- ئاي نەشرى
(2)        ئابدۇكېرىم راخمان قاتارلىقلار «ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2008- يىل 4- ئاي نەشرى
(3)        ئەنۋەر سەمەد قورغان «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007- يىل 12- ئاي نەشرى
(4)        غالىپ بارات ئەرك، تۇرسۇن مەخمۇت «تەكلىماكاندىكى قەدىمىي يۇرت − چەرچەننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2014- يىل 1- ئاي نەشرى
(5) خەلقىمىز ئارىسدا قوللىنىلىۋاتقان «يامان بولىدۇ» قاراشلىرى

مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2014- يىللىق 12- سانىدا ئېلان قىلىنغان ۋە شۇ يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالانغان. ئاپتورنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-22 14:50  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-22 14:25:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئىكەن.
ئەجدادلىرىمىز بىزنى ئەشۇ»يامان بولىدۇ«لار ئارقىلىق ئەخلاق،ئادەمىيلىك جەھەتتىن تەربىيەلەپ كەلگەن. ماقالىنىڭ مۇكاپاتلانغىنىمۇ بەكلا جايىدا بولغان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-22 17:36:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


DSCF3363_副本_副.jpg    
ئىلھام مۇھەممەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئىلھام مۇھەممەد 1967- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1975~ 1986- يىلغىچە ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1986- يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.  1990- يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. 1990~ 1992- يىلغىچە تاتراڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1992~ 2001- يىلغىچە چەرچەن ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 2001- يىلدىن ھازىرغىچە چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئىنسانىيەت ياراتقان پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، دەپ قارىغان بۇ تىرىشچان باغۋەن ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بېرىلىپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئىزچىل ئۆگۈنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەن.  2002- يىلدىن باشلاپ  «ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يېزىقچىلىق مەشقىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك»، «تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ رولى»، «تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە ئەخلاقىي تەربىيە»، «سىنىپ تەشۋىقات دوسكىسى مۇڭلىنىپ قالمىسۇن»، «تېلېۋىزور ۋە بالىلار تەرەققىياتى»، «ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرگە گۈزەل ئەخلاق- پەزىلىتى بىلەن ئۈلگە بولىشى كېرەك»،«ئۆزىگە تايىنىش باشىقىلارغا تايىنىشقا يەتمەيدۇ» قاتارلىق  نەزەرىيەۋىلىكى كۈچلۈك بىر تۈركۈم ماقالىلىرى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ، مەكتەپنىڭ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. 2009- يىلى ئېلان قىلىنغان «1978- يىلدىن 2008- يىلغىچە ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھانى يېزىقچىلىق سوئاللىرىنىڭ تەپسىلاتى» دېگەن ماقالىسى مۇھىم پايدىلنىش قىممىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ تەتقىقات پائالىيىتى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› دىكى قاتناش- ئالاقىگە ئائىت بايانلار» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 2005- يىلى 10- ئايدا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا تاللانغان. يىغىنغا بىۋاستە قاتنىشىش  پۇرسىتىنىڭ ئىلھامى ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك بۇ زىيالىنىڭ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن تەتقىقات مۇنبىرىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولغان.  2007- يىلدىن باشلاپ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان «تارىختىن بۇيان نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەدىبلەر»، «ئاچا- سىڭىل بىرونتىلار»، «ئالتۇنتاغ ئوغلى ــ ئەخمەت پاسار ھەققىدە»، «ئىلمىي فانتازىيە رومانچىلىقىنىڭ پېشۋاسى ژيۇل ۋېرن ۋە ئۇنىڭ رومانلىرى»،«مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى»، «ئىجتىھاتلىق ئەجىرنىڭ شېرىن مېۋىسى ــ غالىپ بارات ئەرك ھەققىدە»، «مەدەنىيەت دېڭىزىدىن ‹جاۋاھىر› سۈزگۈچى ــ ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ھەققىدە»،  « مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى»، «ماقال- تەمسىللەرنى توغرا قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلايلى»، «بۇزۇپ قوللىنىلىۋاتقان ماقال- تەمسىللەر» قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان.  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ- مەدەنىيىتى، فولكلور بايلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشىنىڭ سەمەرىسى بولغان «‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› داستانىنىڭ ئىدىيەۋى قىممىتى ۋە تىل گۈزەللىكى»، «قەدىمكى كىروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاتىدىكى بەزى ئورتاقلىقلار»، «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ دۇنيادىكى نەشر نۇسخىلىرى»، «ئۇيغۇرلاردا ياغاچتىن ياسالغان تاماق سايمانلىرى ۋە ياغاچ قاچا-قۇچىلار»، «چەرچەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلمىي قىممىتى» قاتارلىق  ئىلمىيلىكى كۈچلۈك  بىر تۈركۈم ماقالىلىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپ، مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ گېزىت- ژۇرناللاردا تارىخ- مەدەنىيەت، تىل ، ئەدەبىيات، ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە، تەرجىمىھال ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئائىت 150 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ۋە نەزەرىيەۋى ماقالىلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «كروران»، «بىلىم- كۈچ» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا  ئېلان قىلىنغان.
ئىلھام مۇھەممەدنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى مول، ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، 2006- يىلى «ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى»غا، 2008- يىلى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. 2015- يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش