كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 0

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
jpg.jpg

  ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن 1979-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئونسۇ ناھىيسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 1997-يىل  9-ئايدىن 2002-يىل 7-ئايغىچە قەشقەر ئونېۋىرىستىتىنىڭ (سابىق قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىستىتوتى) سىياسى-تارىخ فاكولتېتىدا ئوقۇپ قانۇن پەنلىرى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 2-ئايدا ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، 2004-يىل 9-ئايغىچە شۇ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھازىر ئونسۇ ناھىيلىك پارتىيە مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
  ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتى ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا باشلانغان بولۇپ، 1994-يىلى 4-ئايدا «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «قىزارغان يۈز» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە رەسمىي قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، فېلىيەتۇن، ئوبزور ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا تەرجىمھالى ۋە شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان. «پەشمەت ساتقان بالا»، «ئائىلەم - جەننىتىم»، «ئىزدەش» قاتارلىق بىر قىسىم شېئىر، ھېكايىلىرىگە ئوبزور يېزىلغان.

  ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-7 18:28  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش