تۈركمەن شائىرى مەخدۇمقۇلى شېئىرلىرىدىن
ئادەم ئوغلى
ئادەم ئوغلى ئەسلى زاتىڭ،
بىر خاۋۇشتىن سانغا كەلدىڭ.
ئوت بىلەن ھاۋا تۇپراقتىن،
قەترە سۇدىن قانغا كەلدىڭ.
ياتاردىڭ قاراڭغۇ جايدا،
نە كۈن كۆرۈلدى نە ئايدا،
ئون تۆت كۈن بىلەن تۆت ئايدا،
پاك ئەمرەتتىن جانغا كەلدىڭ.
كۆر نېچۈك بۇ ئەمرەتتە،
رىزىق بەردى ئابى شەربەتتە،
توققۇز ئاي تۇققۇز سائەتتە،
ئىڭراپ بۇ جاھانغا كەلدىڭ.
بىر ئىككىگە يەتتى يېشىڭ،
يىغلىماقلىق سىنىڭ ئىشىڭ،
ئۈچ يېشىڭدا چىقتى چىشىڭ،
سۈتتىن ئۆتۈپ نانغا كەلدىڭ.
تۈرلۈك تىل ئىچىلدى دۇردىن،
پەرۋايىڭ يوق خەير يا شەر دىن،
بەش ئالتە يېشىڭدا زەردىن،
كىيىپ خوب ئەركانغا كەلدىڭ.
يەتتە ياشتا چۈشتى چىشىڭ،
ئىلمۇ مەكتەپ بولدى ئىشىڭ،
سەككىزىڭدە يازۇ-قىشىڭ،
تۇققۇز ئۆتۈپ ئونغا كەلدىڭ.
ئەسەر ئۇردى ئون تۆت ياشتا،
ئارزۇ بالىڭ قەلەم قاشتا،
جانانلەرلە ئونبەش ياشتا،
ئىشىق ئىچرە مەستانغا كەلدىڭ.
يىگىرمىگە باردىڭ يۈگرۈپ،
يىگىرمبەشتە قايناپ تېشىپ،
ئوتتۇز يېشىڭدا ئۇرۇشۇپ،
شىر كەبى مەيدانغا كەلدىڭ.
ئوتتۇز بەشتە سەرمەس بولۇپ،
يۈگۈردۈڭ بىر قىر چاپ قىلىپ،
قىرىقىڭدە كۈچكە سەن تولۇپ،
شىر كەبى مەيدانغا كەلدىڭ.
قىرىق بەش ياشتا كۈي داستاننى،
ئەللىكتە باستىڭ ئاستاننى،
ئەللىك بەشتە تاپ بوستاننى،
گۈل يا زىمىستانغا كەلدىڭ.
ئاتمىش ياشتا ئۆيگە تالدىڭ،
ئاتمىش بەشتە ئايرە قالدىڭ،
يەتمىشىڭدە ھەسسە ئالدىڭ،
كۆزلەرىڭ گىريانغا كەلدىڭ.
يەتمىش بەشتە ياش چېكىلدى،
سەكسەندە چىشلەر تۆكۈلدى،
سەكسەن بەشتە بەل پۈكۈلدى،
شىرىن سۆز كامالغا كەلدىڭ.
ساندىن چىقتىڭ توقسان ياشتە،
ئىمان تىلە توقسان بەشتە،
مەخدۇم قۇلى سەن يۈز ياشتە،
بەلەن بىر ماكانغا كەلدىڭ،
*
خەير يا شەر -ياخشى يا يامان
ئەسەر- تەسىر قىلماق، نىشان
سەرمەس-خۇشكەيپ،خۇشخۇي
__ گىريان-يىغلىماق دىگەن مەنىدە
دۇنيا
*
پانى دەپ دۇنيانى ئەيلەپسەن بايان،
كەلگەن نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
قىرىق يىل يامغۇر يىغىپ،تۇپراقتىن بولغان،
ئادەم نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
تۇققۇز يۈز يىل ئەللىك يىل دۇنيادا بولغان،
بەزىلەر مىڭ يىل دەپ رىۋايەت قىلغان،
ئۈممەتلىرى تۇپان بەلاسىن كۆرگەن،
نۇھ ھەم نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
پولاتلار قولىدا مۇم كەبى بولغان،
يۈز يەتمىش يېشىدا خەلىپە بولغان،
قىرىق ئوغلىن بىرىبان بىر ئوغۇل ئالغان،
داۋۇت نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
ھەق ئەمرىچۈن ئىسمايىلدىن كۆڭۈل ئۈزۈپ،
قۇدرەت بىلەن سېلىپ كەبىنى بۇزۇپ،
يۈز سەكسەن ئەلنى ئالەمدە كىزىپ،
خەلىل نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
ھەقنىڭ نامىن تۇتۇپ كۆزى سىل بولۇپ،
ئوغلىن پىراقىدا يېنىپ كۈل بولۇپ،
قالغان ئۆمرى يۈز قىرق سەككىز يىل بولۇپ،
ياقۇب نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
ئەجەل نۇرى كەلسە ئۈستۈڭدىن ئېقىپ،
دۇنيانى ئەيلەرسەن بۇنچەكى يىغىپ،
ئىككى يۈز ئەللىك يىل ياشىغان ئەييۇپ،
ئول ھەم نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
سالىھ نېمە كۆردى يۈز سەكسەن ياشتىن
قۇدرەت بىلەن كىمە چىقاردى تاشتىن،
رۇستەم نېمە كۆردى يۈز توقسان ياشتىن،
ئۇلار نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
مەخدۇمقۇلى جانىم پىدا يولۇڭدا،
كەلگەن پانى بولار شاھلار ھەم گەدا،
ئاتمىش ئۈچتە ئۆتتى رەسۇلى خۇدا،
ئول ھەم نېمە كۆردى بۇ دۇنيا سەندىن.
ئايرىلما
مەستانە يۈرگۈنچە غەيرى يۇرتلاردا،
ئويناپ ئۆسكەن ئۆز يۇرتۇڭدىن ئايرىلما.
مەغرۇر كەكلىك كەبى نەپسىڭ دەردىدە،
دامغا چۈشۈپ قاناتىڭدىن ئايرىلما.
تەۋەككۇل ئەت خەلققە دىلىڭ بەر بارىڭ،
سەبر ئەيلىگىن سەبىرسىزلىك ھەم بىكار.
ھەر جايغا بارساڭ ھەم نىسىۋەڭدۇر بار،
باي بولاي دەپ ئىززېتىڭدىن ئايرىلما.
نامەرتلەر ھەم مۇخەننەسلەر ناچارلار،
تۇزۇڭنى يەپ ئىشىڭ بولسا قاچارلار.
سىرىڭنى پاش ئەيلەپ ئەيبىڭ ئاچارلار،
تەلىم بەرگەن ئۇستازىڭدىن ئايرىلما.
گادايلارنىڭ كۆڭلى شاھلىق ئىستەيدۇر،
نامەرت تىلى يالغان سۆزنى راست دەيدۇر
بىقەدىرلەر دۈشمىنىڭگە دوست بولۇر،
قەدرىڭ بىلگەن ئۈلپىتىڭدىن ئايرىلما.
كىملەر نامەرد بولار كىملەر مەرد بولار،
ھەركىمنىڭ تەقدىرىنى ئاللاھ بىلەر.
باشقا ھەرنە كەلسە تىلىڭدىن كىلەر،
مەخدۇم قۇلى ھەق يادىدىن ئايرىلما.
تەييارلىغۇچى:مۇھەممەد بابۇر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-20 00:54