قەلبىمدىكى راست گەپلەر
1. ماڭا دوستلۇق ھەممىدن مۇھىم بولغىنىدەك،رەقىبلىرىممۇ ئوخشاشلا مۇھىم.چۈنكى،ئاشۇ رەقىبلىرىم بولغاندىلا مەن يېڭى ھاياتلىق يولۇما يول ئاچالايمەن.
2. «خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئەيىب ئەمەس،تۇزەتمەسلىك ئەيىب»-دەيمىز-يۇ،بىرەرسى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا تۇزىتىشكىمۇ پۇرسەت بەرمەيمىز.
3. تاش كىرەلىگەن سۇنىڭ ئىچىگە ئىس-تۇتەك كىرەلمەيدۇ،ئەمما ئاشۇ تاش كىرەلمىگەن بۇرۇن تۆشۇكىگە ئىس-تۈتەك كىرەلەيدۇ،مانا بۇ ئوخشاشماسلىق.
4. قورساق بولىدىكەن ئاشلىق تۈگىمەس،ھاياتلىق بولىدىكەن شامال تۈگىمەس،مېھىر بولىدىكەن سۆيگۈ تۈگىمەس،جان بولىدىكەن مېڭىش تۈگىمەس.
5. بىز ھەمىشە دوختۇرخانىغا كىرگەندىلا ساغلاملىقنى،ھەسرەتكە دۇچار بولغاندىلا خوشاللىقنى،مەينەتچىلىككە يولۇققاندىلا پاكىزلىقنى،نادانلىققا يولۇققاندىلا ئاقىللىقنى،ئۈمۈدسىزلىككە يولۇققاندىلا ئۈمىدنى،ئۆچ ككرۈشكە يولۇققاندىلا سۆيگۈنى ئىزدەيمىز.
6. ئىككى پۇت تەڭلا تۇرغىنىدا بىر قەدەممۇ ئالغا باسالمايمىز.پەقەت ئۇنىڭ بىرسى ئالدىدا،بىرسى ئارقىدا بولغىنىدىلا بىز ئەڭ يىراق مەنزلگىمۇ يېتىپ بارالايمىز.
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم
(شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ2015.يىللىق 1.سانىدىن)
|