كۇتۇپخانا بىزنى كۈتمەكتە!
ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت
10- فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيەت – سەنئەت مەكتىپى قوراسىدىكى تارمىقىدا ئوقۇرمەنلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتكە بۇ قېتىممۇ ياشانغانلارنى ئاساس قىلغان ئارانلا 20 نەچچە ئوقۇرمەننىڭ قاتنىشىشى يىزدىكى كىتاب ۋە كۇتۇپخانىغا بولغان تونۇشنىڭ يەنىلا يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىمۇ كۇتۇپخانا خادىملىرى بىزگە زور ئۈمىت بىلەن ئېچىلغان بۇ تارماق كۇتۇپخانىغا كېلىۋاتقان ئوقۇرمەنلەر سانىنىڭ يەنىلا ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىن خېلىلا يىراق بولۇۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مېنىڭچە، نۇرغۇن كىشىلەر كۇتۇپخانىنىڭ جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەن ھەقسىز كىتاب ئوقۇش ئورنى ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن. لېكىن، كۇتۇپخانىنىڭ خىزمەت فۇنكسىيىسىنى چۈشىنىدىغان ئاشۇ كىشىلەر نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ كۇتۇپخانىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغانلارچۇ؟
بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار بىلەن ئاخىرى مۇشۇ جايدا كۆلىمى كىچىكرەك بولسىمۇ تارماق كۇتۇپخانا ئېچىپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا «ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىش» نى باشلىغان ئىدى. گەرچە بىر قىسىم كىتابخۇمارلار بۇ ئىشتىن ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۈچ يىلدىن بۇيان ئوقۇرمەنلەرنى ئاۋۇتۇش مەسىلىسىدە يەنىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. ھەر قېتىم كۇتۇپخانا خادىمىنىڭ «خېرىدار» ساقلاپ يالغۇز ئولتۇرغىنىنى كۆرگىنىمدە، ئىلىمنىڭ قەدىرىگە يەتمەي ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزىۋاتقان ياشلار، خۇددى نەۋرە كۆرۈش بىلەنلا بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى تۈگىگەندەك ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ نەۋرىسى بىلەن ياشاۋاتقان پېشقەدەملەر، ئۆي ئىشلىرى بىلەن دۇنيادىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان ئائىلە ئاياللىرى، ھېيتلىق پۇللىرىنى يىغىپ ئاتا – ئانىلىرى ئېلىپ بېرىشكە قىيمايۋاتقان قىممەت باھالىق كىتابلارنى سېتىۋېلىۋاتقان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق بىر مەنىۋىي دۇنيا ئاتا قىلغۇچى، كىشىلەرگە ھاياتنىڭ، ئۆزلۈكنىڭ، مەۋجۇتلۇقنىڭ نېمىلىكىنى تونۇتقۇچى ئورۇندىن قاچانمۇ ئۆز نېسىۋىسىنى ئالار؟ ئوقۇرمەنلىرىنى ساقلاپ ئىشىككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان كۇتۇپخانا خادىمى قاچانمۇ ئۆز خىزمىتىدىن ـــ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن مەمنۇن بوللار؟
تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ كۇتۇپخانا ۋە ئوقۇرمەنلىرى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا كۆپ تىلغا ئېلىندى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، گىرمانىيەدە 10 مىڭ 400 دىن ئارتۇق كۈتۈپخانا بولۇپ،تەخمىنەن 1مىلىيارت 29مىلىيون كىتاب ساقلانغان. بۇ كۆتۈپخانىلار ھەرقايسى شەھەر، رايونلارنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىغا سىلىنغان ھەمدە داۋاملىق تۈردە ئەدىبلەر نۇتۇق سۆزلەش شەكلىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بېرىپ،ئۆزىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدىكەن. يىزا-كەنىتلەردە كۆچمە كۈتۈپخانىلار بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئارىيەت ئىلىش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بىرىلگەن. ئۇنداقتا شۇنچە ئالدىراش ياشاۋاتقان گېرمانىيىلىكلەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتى يېتىدىكەنۇ، نېمىشقا بىزنىڭ ۋاقتىمىز يەتمەيدۇ؟ باشقىلار ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن كۇتۇپخانىلىرىنى ئىزچىل كېڭەيتىپ تۇرىدىكەنۇ، بىزنىڭ كىچىككىنە كۇتۇپخانىلىرىمىز چۆلدەرەپ قالىدۇ؟
مېنىڭچە، بۇ يەردىكى مەسىلە گەپ بىزنىڭ كىتابقا بولغان تونۇشىمىزدا، كىشىلىك قەدىر – قىممىتىمىز، مەنىۋىي ساپايىمىز، دۇنيا قارىشىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش روھىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغانلىقىمىزدا بولسا كېرەك. بىلىشىمىز كېرەككى، كىتاب-تەپەككۇرنىڭ ئوزۇقى. گيۇتې: «ياخشى بىر كىتاب ئوقۇش ـــ نۇرغۇن ئالىيجاناب كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقتۇر» دېگەنىكەن. كىشىلەر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىلىم ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭدىن روھىي ئوزۇق ئالىدۇ، ياشاش يولى، دۇنيا قاراش، ئىناقلىق ۋە ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇشتا كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ. ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋر بىزنى بىلىملىك، مەدەنىي بولۇشقا ئۈندىمەكتە. يېقىن كەلگۈسىدە ھەقىقىي بىلىم ئىگىللىرىلا ھاياتلىق مۇساپىسىنى غالىبلارچە داۋام ئېتەلەيدۇ. بىلىمىسزلەر دەۋر، جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ.
قىزىق يېرى شۇكى، مەن تونۇيدىغان بەزى زىيالىيلار ھېلىمۇ ئوقۇيدىغان كىتاب تاپالماي ئاۋارە. ھەتتا كۇتۇپخانىلاردىنمۇ ئۇلار ئوقۇغۇدەك كىتابنىڭ تېپىلماي قالغىنى مېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. «كۇتۇپخانىدا كىتابنىڭ تايىنى يوقكەن» دېگەن گەپنى قىلغان بۇ «بىلەرمەنلەر» گە ئېيتىمەنكى، كۇتۇپخانا دېگەن ئۆزىنىڭ ساقلىغان كىتابلىرى بىلەن ئۆز قىممىتىنى يارىتىدۇ. ئۇ، پەقەت ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ساقلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرىنىڭ تۈرىنى ئىمكانقەدەر تولۇقلاپ ماڭىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كۇتۇپخانىنى «نەشر بۇيۇملىرىنىڭ موزېيى» دېيىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت كۇتۇپخانا يەنە ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە نىسبەتەن قىزغىن ۋە سۈپەتلىك مۇلازىمەتنى ئۆز خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلىپ كەلمەكتە. گەرچە، كۇتۇپخانا بۇ جەھەتلەردە «مەڭگۈ مۇكەممەللىشىپ بولالمايدىغان دۇنيا» بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈلۈكسىز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ تەڭداشسىز كۈچ قۇدرىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەڭگۈلۈك خىسلىتى نامايەن قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە. ئۇلار بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشقا كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، ئوقۇرمەنلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرغاندىلا كۇتۇپخانىنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئۇرغۇيدۇ، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشقا تېخىمۇ تىرىشىدۇ.
كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. گوركى: «كىتاب ئىنسانىيەتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان شوتا» دېگەنىدى. كىتابنىڭ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى نۆۋەتتە ئۇنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىستېمال بۇيۇمىغا، ھەمدە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتىگە ئايلاندۇرماقتا. شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە كىشىلەردە كىتابقا بولغان تونۇش چوڭقۇرلىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىتاب ئوقۇيدىغانلار، ھەتتا كىتاب يىغىپ ساقلايدىغانلار ئاۋۇماقتا. نۆۋەتتە كىتاب يەنى بىلىم بايلىقىنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ھەمدە ئۇنى ساقلاش سەۋىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولۇشى شۇ شەخس ياكى شۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مانا بۇ، كۇتۇپخانىلارنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئەڭ شەرەپلىك ھەم مۇشەققەتلىك ۋەزىپىسى بولۇپ كەلگەن.
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى كىتابتىن ئايرىلغان ئەمەس. شۇڭا، كۇتۇپخانا ئارسىتوتىل دەۋرىدىن باشلاپ نۇرغۇن تاللاشلاردىن ئۆتۈپ كىشىلەرگە بىلىم ۋە ئۈمىت ئاتا قىلىپ كەلگەن. كىتاب باشقۇرۇش ھەمدە يېزىقنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە، كۇتۇپخانا تارىختىن بۇيان پەن – تېخنىكا، ئىسلاھات ۋە ھوقۇق ئىمتىيازلارنىڭ زەربىسىگە قايتا- قايتا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا بۇلار ئۈستىدىنمۇ غەلبە قىلدى. ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتتە كۇتۇپخانىلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا ئىزچىل ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن ئوقۇرمەنلىرىگە رەھمەت ئېيتىش كېرەك.
نۆۋەتتە نۇرغۇن كۇتۇپخانىلار مەبلەغ بىلەن بوشلۇقنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەقەملىك كۇتۇپخانا تەپەككۇرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۇتۇپخانىلار ئېلېكترونلۇق نۇسخىدىكى كىتابلارنى كۈتمەكتە. مۇشۇنداق يۈزلىنىشتە كۇتۇپخانا خادىمىنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، كۇتۇپخانا ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولۇشى كېرەك. كۇتۇپخانىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ مۇلازىمەت ۋە تېخنىكا ساپاسىنىڭ يېڭىلىنىشىدۇر. شۇڭا، كۇتۇپخانا خادىملىرى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوقۇرمەنلەر ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ كەسپىي جەھەتتىكى ئالاھىدە سالاھىيىتى بىلەن جەمئىيەتنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. مەشھۇر كۇتۇپخانىشۇناس لويد. شىمىس (Loyd P. Smith) «بىر كۇتۇپخانا خادىمىنىڭ سالاھىيىتى» ناملىق كىتابىدا: «كۇتۇپخانا خادىمى ئادەتتىكى بىر ئوقۇرمەن ئۈچۈن ئېسىل مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى جەملەپ بەرگۈچىدۇر. ئۇ قەدىمكى ۋە ھازىرقى تىللارنى ئىگىلىگەن بولۇشى، ھەرقايسى كەسپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى بىلىپ تۇرۇشى، ئوقۇرمەنلەرنى قانداق جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلىشنى بىلىشى، تۈزۈمگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، كۆڭۈل – كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ مۇلازىمەت قىلىشى، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ‹ھۆججەت – ماتېرىيال بايلىقىنى يۇتۇۋالغان غەلىتە مەخلۇق› قا ئايلىنىشى، ئۇنىڭ قېنىدا چوقۇم ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك»[ (美) 马修。巴特尔斯:《图书馆的故事》商务印书馆2013年,北京。第133页。] دەپ يازغان. ئامېرىكىلىق كۇتۇپخانىشۇناس باتلېس «كۇتۇپخانا ھەققىدە ھېكايە» ناملىق ئەسىرىدە شىمىسنىڭ بۇ قارىشىنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېگەن: «شىمىسنىڭ نەزىرىدىكى كۇتۇپخانا خادىمى قانداقلا بولمىسۇن بىر بىلىم ئىگىسى، بەلكى مەدەنىيەت ئۇنىڭ بارلىقىدۇر. ئۇ ئۆزىدىكى بىلىم ئىشتىياقى بىلەن ئاممىغا يول باشلايدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەرلا توغرا ۋە ساغلام بولغان مەدەنىيەتلىك ئوقۇرمەنلەرنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ. ئۇنىڭ بارلىق غايىسى ۋە بايلىقى كىتاب ئوقۇشنى جەمئىيەت ۋە شەخسنىڭ ماس تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتۇر»[ 同上。].
بىر دانىشمەن: «كىتاب-سۈيى خورىماس بۇلاق. ئۇنىڭ چەشمىلىرىدىن ئوخچۇپ چىققان زىلال سۇلىرىنىڭ ھەر تامچىسى ھەر قۇرلاردا بايان قىلىنىۋاتقان ھېكىمىتى بىلەن نادانلىق دەشت-چۆللىرىمىزنى قاندۇرغۇسى. توپا باسقان، نۇرسىز چىرايىمىزنى نۇرلاندۇرغۇسى. قالاقلىقتىن بەتبۇيلىشىپ كەتكەن مال دۇنياغا ھېرىس روھىمىزنى شۇنداقلا تېنىمىزنى پاكلاپ، جۇلالاندۇرغۇسى! ئىنسان ئۈچۈن سىرتى زەر تونلار بىلەن پارقىراپ تۇرغىنىدىن، مەنىۋىيىتىنىڭ پاكلىنىپ تۇرغىنى مىڭ ئەۋزەلدۇر» دېگەنىكەن. بىلىشىمىز كېرەككى، مەنىۋىيىتىنى نامراتلىق بېسىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن كىتاب ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، يۈكسەك ئارزۇلارغا يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك يول باشلىغۇچى ماياك!
ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىزگە كېرەكلىك پەن – مەدەنىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كىتابلارغا جەملەنگەن. ئاشۇ كىتابلار مۇڭ باسقان كۇتۇپخانىلىرىمىزدا تىزىقلىق تۇرۇپتۇ، ئەمدى بولسىمۇ بۇ «ئىنسانىيەت مەدەنىيەتنىڭ ئاچقۇچى» لىرىنى قولىمىزغا ئالايلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-17 16:20