ئۇيغۇر قىزى
رىزىۋانگۈل ئىمىر
قىزلاردۇر مىللەت ھەم يۇرتنىڭ يېلتىزى،
يورۇقتۇر قىز بىلەن مىللەتنىڭ يۈزى.
ياشىغىن ھەر ۋاقت قىممىتىڭ بىلەن،
چۈنكى سەن ۋىجدانلىق ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
يوقۇلۇپ كەتمىسۇن ئۇيغۇر خىسلىتى،
ھەم ئۆچۈپ قالمىسۇن«نۇزۇك»نىڭ ئىزى.
ياشىغىن ئەل-يورتۇڭ پەخىرلەنگۈدەك،
چۈنكى سەن ياراملىق ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
ئېگىز-پەس بولىدۇ ھايات يوللىرى،
سەن ئۈچۈن داغدامدۇر يوللارنىڭ تۈزى.
گەر تىكەن بولسىمۇ ماڭغىن تۈز يولدا،
چۈنكى سەن چىدامچان ئۇيغۇرنىڭ قىزى
(مەكىت ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپ9-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-17 12:25