بۇنىن (روسىيە) شېئىرلىرىدىن تاللانما
مىجىت تاش تەرجىمىسى
مەن شىمالدا تۇرىمەن تەنھا
تۇرىمەن تەنھا شىمالدا،كەلدى شادلىق ھەپتىسى،
سوغ بۇ جاي...يۇرتۇمدا ياڭرايدۇ باھارنىڭ نەغمىسى.
ئېرىدى قارلار ئېتىزدا،دەل-دەرەخلەر يايرىدى،
ئاقتى ئەگز،قىززىدى كۆكتە يېشىللىىق بەزمىسى.
ئاق قېيىن ئوينار ئۇسۇل بىر ئۆزگىچە رۇخسار تۈزۈپ،
ئەۋرىشىم ئاپئاق بۇلۇتلار يۈرىشەر ئەركىن ئۈزۈپ.
باغ ئارا سەيلە قىلىپ ھارمايدۇ ئاپرىل شامىلى،
بارچە دىللارنى ئاجايىپ ئىزگۈ ھېسقا چۆمدۈرۈپ.
يوقالدى ئاداققى نۇرى شەپەقنىڭ
يوقالدى ئاداققى نۇرى شەپەقنىڭ،
قارايمەن ئەتراپقا غەمكىن-پەرىشان.
ئالدىمدا ياتىدۇ تاقىر ئېڭىزلار،
پايانسىز گۇگۇملار بۇندا ھۆكۈمىران.
يىراققا سوزۇلغان چەكسىز دالىنى،
كۈزنىڭ بۇ كېچىسى قىلماقتا قامال.
گۇگۇمنىڭ ئاداققى قىزغۇچ زىياسى،
مۇڭ باسقان شاخ ئارا كۆرىنەر غىل-پال.
ھەممە ياق تېپتېنچ،سۈكۈتتە تامام،
چۇلغىدى قەلبىمنى غەيرىي بىر ئازاب...
نە سەۋەپ روي بەردى مەندە بۇ ھالەت؟
تۇرىمەن تېڭىرقاپ تاپالماي جاۋاپ.
تاپ تاقىر ئېڭىزنى يۈتكەچكىمۇ تۈن؟
يا ئەزىز ماكانىم قالغاچمۇ يىراق؟
ۋە يا كۈز سەھراغا،ئوتلاققا سۈكۈت
ئەكەلگەچ تارقىتىپ تونۇش ھىد-پۇراق؟
مەنبە: «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1992-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-2 23:39