يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 703|ئىنكاس: 16

ئالتۇن:(ت) تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكەن بىر كۈن(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكەن بىر كۈن

ئەسلى ئاپتۇرى: مالالا (پاكىستان)


     مەن تۈن نىسبىدە قۇرۇلغان دۆلەتتىن كەلدىم. مەن ھايات-ماماتلىق گىرۋەكلىرىدە جان تالىشىۋاتقان چاغدا قۇياش چىڭقى چۈشتىن سەل ئۆتكەن ئىدى.
بىر يىل ئىلگىرى، مەن مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن ئايرىلغىنىمدا، ئۆيۈمگە  ئەمدى قايتىپ بارالمايدىغانلىقىمنى، تالىبانلارنىڭ ئوقىدا  سېزىمىمنى يوقىتىدىغانلىقىمنى، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىم پاكىستاندىن ئايرىلىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.  بەزىلەر مېنى بۇنىڭدىن كېيىن يۇرتۇڭغا مەڭگۈ قايتالمايسەن دىيىشتى، بىراق مەن ھامان بىر كۈنى يۇرتۇمغا قايتىپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا قەتئىي ئىشىنىمەن. چۈنكى، ھېچكىم ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ.
گەرچە ھازىر يۇرتۇم پاكىستاننىڭ سىۋارتر دەريا ۋادىسى بىلەن بەش سائەت ۋاقىت پەرقى بولغان دۆلەتتە تۇرۋاتاتقان بولساممۇ، پاكىستان مەن تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىن نەچچە ئەسىر ئارقىدا قالغاندەك بىلىنىسىمۇ، بۇ يەردىكى قولايلىقلار تەسەۋۋۇرۇمدىن ھالقىپ كەتكەن بولسىمۇ،ھەممە جۆمەكلەردىن ئىسسىق-سۇغقنى خالىغانچە تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان تۇرۇبا سۈيى چىقىپ تۇرسىمۇ، يۇرتۇمدىكىدەك كىرسىن چىرىقى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، بازاردىن باكلىق گاز سېتىۋېلىش بىھاجەت بولۇپ، تەبىئى گاز ئارقىلىق  تاماق ئېتىش ناھايتى قولايلىق بولسىمۇ، ھەتتا بۇ زامانىۋىي دۆلەتتە خالتىلانغان پىششىق يېمەكلىكلەر بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى سەھەر كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى كىيىم-كېچەكلىرىم چېچىلىپ ياتقان، ئېرىشكەن تەقدىرنامىلىرىم قالايمىقان تاشلىنىپ تۇرغان ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىشكە تولىمۇ تەقەززا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن.
     شۇ تاپتا مەن دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى، ئۇزۇن يوللاردا ئاپتومۇبىللار شۇ قەدەر كۆپ بولسىمۇ يەنىلا تەرتىپ بۇيىچە يول يۈرىۋاتقانلىقىنى، رەتلىك قىرقىلغان دەل-دەرەخ ئۈسۈملۈكلەرنى، تۈپتۈز پىيادىلىكلەر يولىنى كۆرەلەيمەن. كۆزۈمنى يۇمساملا يۇرتۇمنىڭ ئاپئاق قار قاپلىغان چەكسىز تاغ چوققىلىرى، كەڭ كەتكەن ياپيېشىل يايلاقلىرى، زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك سۈيى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلىرى يېنىغا قايتىپ قالىمەن. سىۋاتر (斯瓦特) دېھقانلىرىنى ئويلىساملا، ۋۇجۇدۇمنى شىرىن خۇشاللىق قاپلايدۇ. مەن يەنە ئانا مەكتىپمگە قايتىپ قالغاندەك، ئۇقۇتقۇچىلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە تۇرۇغاندەك،  ئەڭ يېقىن دوستۇم  مونىبا بىلەن قىزغىن چاخچاقلىشپ ئويناۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلگىنىمدە، ئانا تۇپرىقىمدىن ئەسلا ئايرىلىپ باقمىغاندەك بىلىنىپ كېتىدۇ. ئاندىن يەنە ئۈزۈمنىڭ ئەنگىلىيەدە ئىكەنلىكىمنى تۇيۇقسىز  ئىسىمگە ئالىمەن.
    2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئىش ـ ھەممە نەرسنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ كۈنى ئەسلى ئىمتىھان  ئالىدىغان كۈن بولۇپ،  ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئانچە ياخشى كۈن ھېسابلانمايتتى. لېكىن باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشىمايدىغان مەندەك« كىتاب مەستانىسى»غا نىسبەتەن ئىمتىھان ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى.
   ئۇ كۈنى ئەتتىگەن بىز ئاۋالقىدەك رەڭگارەڭ سىرلانغان، كىرەكسىز گاز چىقىرىپ تۇرىدىغان ئۈچ چاقىلىق موتوتسېكىلىتقا ئولتۇرۇپ، تار ھەم پاتقاقلىق ھاجىبابا  يولىغا كەلدۇق. بىر موتوسىكىلىتقا ئاران 5-6 قىز ئوقۇغۇچى ئولتۇرالايتتى. تالىبانلار بۇ رايۇننى كونتىرول قىلغاندىن كېيىن، مەكتىپىمىزگە ھېچقانداق بەلگە ئېسىلمىغان بولۇپ، ياغاچ كېسىش مەيدانىغا يانداش ئاق تامدىمۇ، چوڭ مىس دەرۋازىسىدىمۇ ھېچقانداق بېزەكلەر يوق ئىدى. قورۇ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر ئەھۋالنى سىرتقا بىلدۈرۈشكە بولمايتتى. قىزلارغا نىسبەتەن بۇ دەرۋازا بەئەينى سىھىرگەرلىك دۇنياسىغا تۇتىشىدىغاندەك، بىزنى ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىغا باشلاپ بارىدىغاندەك بىلىنەتتى. بىز دەرۋازىدىن رەتلىك كىرىپ بولغاندىن كېيىن چۈمبىلىمىزنى ئېلىۋىتەتتۇق، پەلەمپەيدىن قاتار تىزىلىپ چىقاتتۇق. پەلەمپەينىڭ ئۇ بېشىدا ھەممە دەرىسخانىلار بىلەن تۇتىشىدىغان ئوچۇق ھويلا بولۇپ، بىز بوخچىلىرىمىزنى دەرىسخانىدا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ھويلىغا چىقىپ ئەتتىگەنلىك تىلاۋەت قىلاتتۇق. كەينىمىزنى تاغ چۇقىلىرىغا قىلىپ ھۆرمەت بىلەن تىك تۇراتتۇق ، بىر قىز يۇقۇرى ئاۋازدا«Assaan bash!» دەپ توۋلايتتى. مەنىسى«راھەت!» دېگەن بولۇپ، بىز  ئايىغىمىزنىڭ پاشنىسىنى يىنىڭ تاقىلدىتىپ تۇرۇپ،«رەببىمىز ئاللا!» دەيىتتۇق، ئارقىدىن ئۇ «Hoo she yer!»( دىققەت!) دىگەندىن كىيىن، بىز يەنە بىر قېتىم ئايىغىمىزنىڭ پاشنىسىنى يىنىك تاقىلدىتىپ تۇرۇپ « رەببىمىز ئاللا!» دەيىتتۇق.
    بۇ مەكتەپنى مەن توغۇلۇشتىن بۇرۇن دادام قۇرغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى ئېگىز تامغا ئاق ۋە قىزىل رەڭدە مېنى پەخىرلەندۈرىدىغان «خۇشھال مەكتىپى» دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى. مەن 15ياشقا كىرىپ توققۇزىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان چېغىمدا، ھەپتىدە ئالتە كۈن مەكتەپكە كېلىپ، ساۋاقداشلىرىم بىلەن خىمىيەلىك فورمىلا ۋە ئوردۇ تىلىنى يادلايتتىم، ئىنگىلىز تىلىدىكى «ئالدىرىغان قالار» دېگەندەك ھېكمەتلەرنى  ئىشلىتىپ ھېكايىلەرنى يازاتتىم، ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىش سېخىمىسىنى سىزاتتىم. چۈنكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ھالبۇكى بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنچىلىك ئىشلارنى ئۆزلىرىگە ۋەھىمە دەپ قارىشىنى تەسەۋۇر قىلىش ناھايتى تەس بولۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى مىڭ گېلا (明戈拉) شاۋقۇن-سۈرەن ۋە ئەسەبىيلىك بىلەنلا ئەمەس، يەنە تالىبانلاردەك « قىز بالا ئوقۇماسلىقى كېرەك»دەپ قارايدىغان كىشلەر بىلەن تولغان ئىدى.
  ئۇ كۈنى باشقا كۈنلەر بىلەن پەرقلەنمەيتتى. لېكىن ئىمتىھان بولغاچقا، بىز مەكتەپكە ئادەتتىكىدىن بىر سائەت كىېيىن  يەنى سائەت توققۇز بارساق بولاتتى. مەن مۇشۇنداق بولۇشىنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم. بۇنداق بولغاندا تاڭ سەھەردىكى  خورازلارنىڭ چىللىشىدىن تېخىمۇ يېقىملىق ئاۋازنى ئاڭلىغانغا قەدەر ئۇخلىۋالغىلى بولاتتى. بۇنداق چاغلاردا دادام دائىم «ئورنۇڭدىن تورىدىغان چاغ بولدى ! jani Mun »دەپ چاقىراتتى.  jani Mun پارىسچە  «يۈرۈكۈمنىڭ پارىسى»دېگەن سۆز ئىدى. مەن بولسام«يەنە بىردەم ئۇخلىۋالايچۇ ئاتا، ئۆتۈنۈپ قالاي!» دەپ يالۋۇراتتىم-دە، يوتقاننىڭ تۆرىگە بەكرەك پۈركىنىۋالاتتىم. ئاندىن ئانام كىرىپ«Pish! ، Pish!»(ئاسلانچاق) دەپ چاقىراتتى. بۇ ئۇنىڭ مېنى ئويغۇتۇش ئۇسۇلى ئىدى. بۇ چاغدا مەن خېلى ۋاق بولغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم-دە، « ۋاي يەڭگە، كېچىكىدىغان بولدۇم!»دەپ ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتەتتىم. بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىزدە ھەر قانداق ئەر كىشى سىزنىڭ «ئاكا-ئىنىڭىز»، ھەرقانداق ئايال كىشى سىزنىڭ «ئاچا-سىڭلىڭىز» دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بىز بىر-بىرىمىزگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلاتتۇق. شۇڭا دادام ئانامنى مەكتەپكە تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغاندا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئانامنى «ئاكىمىزنىڭ ئايالى»يەنى« يەڭگە »دەپ چاقىرغان ئىكەن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھازىرغىچە ئانامنى «يەڭگە» دەپ چاقىراتتى.
مېنىڭ ھۇجرام  ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى چاسا شەكىللىك ئۆي بولۇپ،  ناھايتى ئاددى سەرەمجانلاشتۇرۇلغان، پەقەت بىر كارۋات ۋە بىر ئىشكاپلا قويۇلغان ئىدى. بۇ ئىشكاپنى مەن دەريا ۋادىسى رايۇنىدا  تىنىچلىق ۋە ئاياللارنىڭ تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندە ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلىغا سېتىۋالغان ئىدىم. ئىشكاپنىڭ بىر نەچچە كاتىكىگە مېنىڭ سىنىپتا بىرىچى بولغاندا ئېرىشكەن ئالتۇنرەڭ پىلاستىر لوڭقا ۋە مىداللىرىم تىزىلغان ئىدى. سېنىپتا كۆپىنچە بىرىنچى بولاتتىم، پەقەت ئىككى قېتىملا رەقىبىم ماركانۇرغا  بىرىنچىلىكنى تارتقۇزۇپ قويغان،ھەمدە بۇ ئىشنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىغا قەتئىي بەل باغلىغان ئىدىم.
مەكتەپ بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى ناھايتى يېقىن بولغانلىقتىن، ئىلگىرى داۋاملىق پىيادە باراتتىم، لېكىن بۇلتۇردىن باشلاپ رىكشىغا چىقىپ مەكتەپكە بارىدىغان، قايتىشىمدا مەكتەپ ئاپتومۇبىلىدا قايتىپ كىلىدىغان بولدۇم. بۇ يولغا پەقەت بەش مىنۇتلا كىتەتتى. بىر سېسق پۇرايدىغان كىچىك ئېرىقتىن، ئاندىن چوڭ بىر ئېلان تاختىسىنڭ ئالدىدىن ئۆتەتتۇق. ئېلان تاختىسىدىكىسى ھۇمايون دوختۇر چاچ تىكىش مەركىزىنىڭ ئېلانى بولۇپ، بىرەر تاقىرباش ئەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ تۇيۇقسىز چېچې ئۆسۈپ قالسىلا، ھەممىمىز ئۇنى چۇقۇم شۇ يەرگە بېرىتۇ، دېيىشەتتۇق. مەن مەكتەپ ئاپتومۇبىلىغا ئولتۇرۇشنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم، ئاپتومۇبىلغا چىققاندا پىيادە ماڭغاندەك ھېرىپ-تەرلەپ كەتمەيتتىم، دوستلىرىم بىلەن مۇڭداشقىلى، شوپۇر ئوسمان ئەلى بىلەن پاراڭلاشقىلى بولاتتى. ھەممىمىز ئۇنى «Bhai jan » ( ئاكا) دەپ چاقىراتتۇق، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قىزىقارلىق ھېكايىلىرىدىن شادلىققا چۆمەتتى.
مېنىڭ مەكتەپ ئاپتومۇبىلىغا ئولتۇرۇشۇمغا  ئانامنىڭ مېنى يالغۇز يولغا سېلىشتىن ئەنسىرەپ قالغانلىقى سەۋەپ بولغان ئىدى. چۈنكى بىر يىلدىن بۇيان كىشلەر بىزگە تۈرلۈك ۋاستىەر بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقان بولۇپ، بەزىلىرى گىزىتلەرگە بېسىلغان، بەزىلىرى باشقىلار ئەكىلىپ بەرگەن تەشۋىقات ۋەرەقىسى ياكى پارچە قەغەزلەر ئىدى. ئانام مېنىڭ يالغۇز مەكتەپكە بېرىشىمدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى، ئەمما تالىبانلار ئەزەلدىن مىلتىقىنى كىچىك قىزلارغا قارىتىپ باقمىغان ئىدى. دادام داۋاملىق ئۇلارغا قارشى گەپ سۆزلەرنى قىلغانلىقتىن، مەن ئۇلارنى دادامغا ھۇجۇم قىلىپ قالامدىكىن دەپ بەكمۇ ئەنسىرەيتتىم. بۇلتۇر 8-ئايدا، دادامنىڭ ياخشى دوستى، زوراۋان ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىدىغان ئىتىپاقدىشى زاھىدخان دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا كېتىۋاتقاندا يۈزىگە ئوق تەگكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكلەرنىڭ ھەممىسى دادامغا« ئېھتىيات قىلىڭ، بولمىسا كىلەر قېتىم سىزگە نۆۋەت كەلمىسۇن يەنە» دەپ نەسىھەت قىلىشتى.
ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كوچا تار بولغاچقا، مەكتەپ ئاپتومۇبىلى كىرەلمەيتتى. شۇڭا مەن ھەمىشە كىچىك ئېرىق بويىدا چۈشۈۋېلىپ، قۇلۇپلانغان تۆمۈر رىشاتكا ۋە پەلەمپەيدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيۈمگە يېتىپ باراتتىم. مەنمۇ دادامدەك خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم، كۆڭلۈمدە بىرەرسى ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، ئۇ جەزمەن ئاشۇ مەن داۋاملىق  ئۆتىدىغان شۇ پەلەمپەينىڭ ئۈستىدە  بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلايتتىم. بەزىدە ئۆزەم دەرىسخانىغا بولساممۇ، خىياللىرىم قانات قېقىپ يىراقلارغا پەرۋاز قىلاتتى.  خىيالىمدا ئۆيگە قايتىدىغان پەلەمپەيدە بىرەرسىنىڭ سەكرەپ چىقىپلا ماڭا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم،  ئاندىن يەنە ئۆزەمنىڭ بەلكىم ئايىغىمنى سېلىپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتىدىغانلىقمنى ئويلايتتىم.  تۇرۇپلا:« ناۋادا شۇنداق قىلسام تىرورچىدىن نىمە پەرقىم بولسۇن؟»دەپمۇ ئويلايتتىم.  شۇڭا مەن يەنىلا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ«بوپتۇ، ئاتقۇڭىڭىز بولسا ئېتىۋېرىڭ، لېكىن مېنى ئېتىشتىن ئىلگىرى بىر نەچچە ئېغىز گىپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ، سىزنىڭ بۇ قىلغىنىڭىز  توغرا بولمىدى، مەن سىزگە قارشى  ئەمەس، مەن پەقەت قىز بالىلارنىڭمۇ مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇيالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن خالاس» دەپ ئىلتىجا قىلاي، دېگەنلارنىمۇ خىيال قىلاتتىم.
مەن قورقمايتتىم، لېكىن ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىشىك قۇلۇپلاندىمۇ –يوق تەكشۈرەيتتىم. شۇنداقلا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى سورايتتىم. مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم مونىبا بىلەن ئۆيىمىز بىر كوچىدا بولۇپ، باشلانغۇچتىن باشلاپلا ياخشى دوستلاردىن ئىدۇق، غەم –قايغۇ ۋە خۇشاللىقلىرىمىزدىن تەڭ بەھىرلىنەتتۇق. گۇستىن بىبولنىڭ ناخشىلىرى، «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدىن تارتىپ ئەڭ ياخشى تېرە سىلىقلاشتۇرۇش مېيىغىچە دېيىشمەيدىغان گېپىمىز يوق ئىدى. ئۇنىڭ مودا لاھىيلىگۈچى بولغۇسى بار ئىدى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇشۇلمايدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى، شۇڭا باشقىلارغا ئۆزىنىڭ دوختۇر بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتاتتى. جەمىئيىتىزدە قىز-ئاياللارنىڭ سىرتتا ئىشلەيدىغانلاردىن دوختۇر ۋە ئۇقۇتقۇچىلىقتىن باشقا كەسىپ بىلەن شۇغىللىنىدىغانلار ناھايتى ئاز ئىدى. لېكىن مەن ئوخشىمايمەن،  ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ دوختۇر، كەشپىياتچى ياكى سىياسىئون بولىدىغاندەك ئارزۇلىرىمنى يۇشۇرۇپ باقمىدىم. مونىبا ھەمىشە ھەممىنى ئالدىن بىلىدىغاندەك ئەندىشە قىلىپلا يۈرەتتى. مەن ئۇنىڭغا:« ئەنسىرىمە، تالىبانلار ئەزەلدىن تىغ ئۇچىنى كىچىك قىزلارغا قارىتىپ باقمىدى» دەپ تەسەللىي بىرەتتىم.
   مەكتەپ ئاپتومۇبىلى كەلگەن چاغدا بىز پەلەمپەيدىن چۈشتۇق. قىزلار ئىشىكتىن چىقىشتىن ئاۋال چۈمبەللىرىنى تارتىپ، ئاپتومۇبىلنىڭ ئارقىسىدىن ياماشىپ چىقىشتى. ئۇ ئاق رەڭلىك تويوتا ماركىلىق يۈك ئاپتومۇبىلى بولۇپ، ئىچىگە ئۈچ ئۇزۇن ئۇرۇندۇق پاراللىل قۇيۇلغان، ئىككىسى ئاپتومۇبىلنىڭ ئىككى ياقىسىدا، بىرسى ئوتتۇرىسىدا ئىدى. ئۇ كۈنى ئاپتومۇبىلغا 20 نەچچە قىز ئوقۇغۇچى ۋە ئۈچ نەپەر ئوقۇتقۇچى چىققان  بولۇپ، مەن سول تەرەپتىكى ئورۇندا ئولتۇردۇم، مونىبا ۋە بىزدىن بىر يىللىق تۈۋەن ئوقۇيدىغان  ھاشىيە، رامىزان ئىسىملىك  ئىككىى قىز مېنڭ ئىككى يېنىمدا ئولتۇردى. بۇ چاغدا بىزنىڭ قولىمىزدا ئىمتاھان ماتىرىياللىرى بولۇپ، بوخچىلارنى ئايىغىمىز تۈۋىگە قۇيۇپ قويغانىدۇق.
     كېيىنكى ئىشلار ئىسىمدە قالماپتۇ، ئىسىمدە قالغىنى پەقەت شۇ چاغدىكى ئاپتومۇبىل ئىچى ناھايىتى دىمىق ۋە ئىسسىق بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا سۇغۇق كېيىن چۈشكەنىدى. پەقەت يىراقتىكى ھېندىقۇش تاغلىرىنىڭ چوققىسىدىلا ئازراق قار كۆرۈنەتتى. ئاپتومۇبىل ئۇرۇندۇقىنىڭ كەينىدە دەرىزە يوق بولۇپ، ئىككى تەرىپى پىلاستىر رەخت بىلەن يۆگەپ قويۇلغانلىقتىن، يۇچۇقلىرىدىن پات-پات سوغۇق شامال كىرىپ تۇراتتى. پىلاستىر سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستى چاڭ-توزان بولغاچقا، سىرتنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى. بىز ئاپتومۇبىلنىڭ ئارقا تەرىپىدىن پەقەت كۆك ئاسماننىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئازراقلا يورۇقلۇقنى كۆرەلەيتتۇق، ئۇ كۈندىكى قۇياش خۇددى بىر تال سېرىق شاردەك قۇملۇق ئاسمىنىدا لەيلەپ تۇراتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە،  مەكتەپ ئاپتومۇبىلى بۇرۇنقىدەكلا يول ئۈستىگە قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتى تەرەپتىن ئوڭغا ئەگىدى، ئاندىن تاشلاندۇق پالاق توپ مەيدانىدىن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئشلار ئېسىمدە قالماپتۇ.
    چۈشلىرىمدە ماڭا ئوق تەگكەندە، داداممۇ ئاپتومۇبىلدا بار بولۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئوق تەگكەن.... ئەتراپىمىزدا ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىدى، مەن توختىماي دادامنى ئىزدەۋاتاتتىم...
      ئەمەلىيەتتە بولسا بىراۋ ئاپتومۇبىلنى توسۇپ توختاتقان بولۇپ، سول تەرىپىمىزدە سۋارترنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك  ئىقتىساد مېنىستىرى بولغان شىرمۇھەممەتخان زاراتگاھلىقى بولۇپ،  ياۋا ئوت-چۆپلەر بېسىپ كەتكەن ئىدى. ئوڭ تەرىپىمىزدە پارچە يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بار بولۇپ، بىز تەكشۈرۈش نوقتىسىدىن 200 مېتىر كەلمەيدىغان يەردە توختىتىلغان ئىدۇق. بىز ئالدى تەرەپنى كۆرەلمىدۇق. بىراق سىدام رەڭلىك كىيىم كېيگەن، ئۇزۇن ساقاللىق ياش بىر ئەر ئاپتومۇبىلنى توختىتىشقا ئىشارەت قىلغان ئىدى.
ــ بۇ خۇشھال مەكتىپىنىڭ ئاپتومۇبىلىمۇ؟ـ دەپ سورىدى ئۇ شوپۇردىن. مەكتەپ ئىسمى ئاپتومۇبىلغا يېزىپ قويۇلغانىدى. مەن ئوسمان ئاكىنىڭ:« بۇ قانداق ئەخمىقانە سۇئال ئەمدى؟»دەپ غودۇرىغانلىقىنى ئاڭلىغاندەك قىلدىم.
ــ شۇنداق،ــ دەپ جاۋاپ بەردى ئوسمان ئاكام.
    ــ ماڭا بىرنەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرى لازىم،ــ  دېدى ھېلىقى ئەر.
    ــ ئۇنداقتا مەكتەپ ئىشخانىسىغا بېرىشىڭىز كېرەك،ــ  دەپ جاۋاپ بەردى ئوسمان ئاكا. ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا، ئاق چاپان كىيىۋالغان بىر ئەر ئاپتومۇبىلنىڭ ئارقىسىغا كەلدى.
  ــ قاراڭە، يەنە سىزنى زىيارەت قىلغىلى مۇخپىر كەلدى!ــ  دېدى مونىبا. مەن بىرنەچچە پائالىيەتتە دادامغا ئەگىشىپ قىزلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى ۋە تالىبانلارنىڭ ئاياللارنى ھىجاپلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، مۇخپىرلار دائىم مېنى زىيارەت قىلىشاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەللىك مۇخپىرلارمۇ بار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھازىرقىدەك يولدا توسۇپ باقمىغانىدى.
     ئۇ كىشى كەڭ گىرۋەكلىك شىلەپە كىيىۋالغان بولۇپ، زۇكام ئادەمدەك ئېغىز بۇرنىنى قولياغلىق بىلەن توسۇۋالغان ئىدى. قارىماققا  ستۇدېنتلارغا  ئوخشايتتى. ئۇ بىر سەكرەپلا ئاپتومۇبىلغا چىقىپ، بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى.
      ــ قايسىڭلار مالالا بولىسىلەر؟ ــ  دەپ سورىدى ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.
      ھېچكىم گەپ قىلمىدى. بىراق بىرنەچچە قىز ئىختىيارسىزلا مەن تەرەپكە قارىۋەتتى. مەن ئاپتومۇبىلدىكى بىردىنبىر چۈمبەل ئارتمىغان  قىز ئىدىم.
       ئۇ قارا رەڭلىك تاپانچىسىنى ماڭا تەڭلىدى. ئۇنىڭ كورت 45 تىپلىق ئاپتوماتىك تاپانچا ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدىم. بىر نەچچە قىز چىرقىراپ كەتتى. دوستۇم مونىبانىڭ ئېيتىشىچە، مەن ھېلىقى ئەرنىڭ قولىدىكى تاپانچىنى چىڭ سىقىمداپ تۇتۇۋاپتىمەن.
  دوستلىرىم شۇ چاغدا ھېلىقى ئەرنىڭ ماڭا ئارقا-ئارقىدىن  ئۈچ پاي ئوق ئاتقانلىقىنى، بىرىنچى پاي ئوقنىڭ سول كۆزۈمگە تېگىپ، سول قۇلىقىمىدىن تېشىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. مەن مونىبانىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپتىمەن، سول كۆزۈمدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىپتۇ. قالغان ئىككى پاي ئوق يېنىمدىكى قىزلارغا  ــ بىرى ھاشىيەنىڭ سول قولىغا، يەنە بىرى كانرىزىيەنىڭ سول مۈرىسىدىن تېشىپ كىرىپ ، ئوڭ بىلىكىگە تېگىپتۇ. دوستلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، ماڭا ئوق ئېتىۋاتقان ئەرنىڭ قولى تىتىرەپ كېتىپتۇدەك.
   بىز دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە، چاچلىرىم  بىلەن مونىبانىڭ ئۈستىۋېشى لىققىدە قانغا بويىلىپ كەتكەنىكەن.
مالالا دېگەن كىم؟
مالالا دېگەن مانا مەن.
مېنىڭ ھېكايەم  مانا مۇشۇنداق باشلاندى.


       <<تارىختىكى ئەڭ ياش نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ـــ مەن مالالا >>   ناملىق كىتابتىن ئالتۇنگۈل جاپپار  تەرجىمىسى
تەرجىمان: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتى

                                          2012-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-15 23:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-15 13:48:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، قارىغاندا يازغۇچىلار مۇنبىرىگە تۇنجى باسقان قەدىمىڭىز ئوخشايدۇ. ياخشى تېمىلار بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسز، بۇ تېمىنىڭ ئاپتۇر ھەققىدە بىلىدىغانلىرىڭىز بولسا يوللاپ قويغان بولىسڭىز كۆپچىلىك بىرلىكتە بىلىۋالغان بولاتتۇق!

ۋاقتى: 2015-4-15 15:11:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرۈپ ، ئ‍وقۇغۇغۇمنىڭ راۋان تەرجىمە تىلىدىن زوقلاندىم ھەم ئ‍ېغىر كىرزىسكە پاتقان بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھالىتىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم

ۋاقتى: 2015-4-15 21:02:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئەسىرىڭىزدىن خۇش بولدۇم ھەم سىزگە قايىل بولدۇم،تىرىشىڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 13:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇغەت يوللىغان ۋاقتى  2015-4-15 21:02
تەرجىمە ئەسىرىڭىزدىن خۇش بولدۇم ھەم سىزگە قايىل بولدۇ ...


رەھمەت، چۇقۇم تىرىشىمەن.  كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالتۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-16 13:07  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 13:06:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلھەمىد يوللىغان ۋاقتى  2015-4-15 15:11
بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرۈپ ، ئ‍وقۇغۇغۇمنىڭ راۋان ت ...

رەھمەت مۇئەللىم، چۇقۇم تىرىشىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-16 13:13:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2015-4-15 13:48
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، قارىغاندا يازغۇچىلا ...

پاكىستانلىق قىزچاق مالالا يوسافزايى دۇنيادىكى ئەڭ ياش نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بولۇپ قالدى.
سىنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 2014-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 11-دېكابىر نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن . پاكىستانلىق قىزچان مالالاھ يۈسافزايى ئەڭ ياش نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بولۇپ قالغان .
مالالا يوسافزايى سۋات رايونىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۆرمەتكە سازاۋەت بولغان . گەرچە تالىبان سۋات رايونىدىكى ئاياللارنىڭ مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما مالالاھ داۋاملىق ئۆگىنىپلا قالماي ، يەنە پاكىستاندىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا خەت يازغان . 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇ مەكتەپ ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان ، ھازىر سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن . 2011-يىلى 12-ئايدا پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ‹‹دۆلەت ياشلار تىنچلىق مۇكاپاتى ›› نى بەرگەن .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، يەنە بىر 2014-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ھىندىستانلىق بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى كايلاش ساتيارتى ئىكەن .

ۋاقتى: 2015-4-19 23:26:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇنگۈلنىڭ تېما تاللاشتىكى دىتىغا، تەرجىمە تىلىنىڭ ساپلىقىغا ۋە ئىگىلمەس ئىرادىسىگە كۆز تەگمىسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-1 16:25  


ۋاقتى: 2015-4-19 23:50:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز سىزدەك ياشتىكى چېغىمىزدا كىتاب ئوقۇشتىن باشقىنى بىلمەيتتۇق، تىرىشچانلىقىڭىز يېشىڭىزنىڭ ئىككى ھەسسىدىنمۇ ئارتۇق ياشتىكى بىزلەرگىمۇ زور ئىلھام بولدى، نەشىرگە بەرگەن كىتابلىرىڭىزنىڭ بالدۇراق نەشىردىن چىقىشىنى، بولۇپمۇ ئوقۇشىڭىز پۈتۈشتىن بۇرۇن بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-25 14:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 23:26
ئالتۇنگۈلنىڭ تېما تاللاشتىكى دىتىغا، تەرجىمە تىلىنىڭ  ...

رھمەت! مەن سىلەرنىڭ كۆپلەپ مەدەت بېرىپ قوللىشىڭلارغا تولىمۇ موھتاجمەن!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-25 14:06:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-4-19 23:50
بىز سىزدەك ياشتىكى چېغىمىزدا كىتاب ئوقۇشتىن باشقىنى ب ...

رەھمەت! خۇدايىم بۇيرىسا پات يېقىندا ئۇ كىتابلىرىم سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ، مەن يەنە  ئۆزلۈكسىز تىرىشىمەن، ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى! سىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەپ مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-5-6 01:06:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاپتۇر ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. ئەستايدىللىقىڭىزغا قايىل بولدۇم. ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-9 20:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رھىمەت!

ۋاقتى: 2015-6-1 16:51:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى تەرجىمىلەرنى كۆرمەيمىزغۇ، يەنە كىتاب بىلەن بولۇپ كەتكەن گەپما.

ۋاقتى: 2015-6-2 00:04:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئ‍ەسىرىڭىزنىڭ يېڭى قاشتېشى ژورنىلىدا ئ‍ېلان قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش