مۇنالىزانىڭ تەبەسسۇمى
«مۇنالىزانىڭ تەببەسسۇمى» ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنەت گۈللىنىش دەۋرىدىكى «ئۈچ گىگانت ئادەم» نىڭ بىرى، يەنى رەسسام ،تەبئىي پەنلەر ئالىمى ۋە ئېنژېنىر لېئوناردو داۋىنچى(1452-1519)نىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى. داۋىنچى ئاتاقلىق ھەيكەلتىراش ۋە رەسسام ۋىرۇگېئىنىڭ شاگىرتى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،ۋىروگېئى دەسلەپتە داۋىنچىغا ھەر كۈنى تۇخۇم سىزىشنى قاتتىق مەشق قىلدۇرۇپ ،ئۇنىڭ ئاساسلىق ماھارىتىنى پۇختا يېتىلدۈرگەن.ئۇستازنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزىنىڭ قېتىرقىنىپ مەشق قىلىشى بىلەن داۋىنچى ئاخىر دۇنيا رەسساملىق سەھنىسىدىكى پېشىۋاغا ئايلانغان.بۇ ئۇلۇغ سەنەتكار رەسىم سىزغاندا ئۆزىنىڭ مول تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن گۈزەل-سەنەت تەسسەۋۋۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ ،ئادەم ئاناتومىيىسى ،پرىسپېكتىۋ،يورۇق كۆلەڭگە ۋە كوموزېتسىيە قاتارلىق بەدىئىي ۋاستىلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ،ياۋرۇپاچە رەسىمنىڭ بەدىئىيلىك ئىپادىلىنىشىنى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماستېن،كېيىنكى ۋاقتلارغا كەلگەندە ياۋرۇپا رەسساملىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
«مۇنالىزا» داۋېنچىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ،1506 يىلى سىزىلىپ پۈتكەن. رەسىمدىكى مۇنالىزا فلۇرېنسادىكى ئاتاقلىق ساھېبجامال ،باي سودىگەر جۇۋكۇندانىڭ خوتۇنى.داۋېنچى جوۋكۇنداغا كۆپ خىزمەت ئىشلەپ ،مۇنالىزانى مودېل بولۇپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرگەن.شۇ چاغدا ،مۇنالىزا 24-27 ياشلاردا بولۇپ،تازا تولۇپ ۋايىغا يەتكەن،ئاجايىپ چىرايلىق مەزگىلى ئىدى،لېكىن پەرىشان كۆرىنىدىغان ،تولىمۇ تارتىنچاق بۇ ساھىبجامالنىڭ رەسسام بىلەن يۇشۇرۇن ھەمكارلىشىشى تولىمۇ تەسكە چۈشكەن،داۋىنچى مۇنالىزانى ئىچ-ئىچىدىن كۈلدۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان.مۇزىكانتلارنى تەكلىپ قىلىپ ،لەرزان،شوخ مۇزىكىلارنى چالدۇرغان،كومېدىيە ئارتىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ قىززىقارلىق نومۇرلارنى كۆرسەتكەن.ھەتتا ئۆزى مۇنالىزاغا لەتىپىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن.ئەمما داۋىنچى كۆتكەن مەخسىتىگە يېتەلمىگەن.ئاخىر ئوركېستىر تەكلىپ قىلىپ ،ساھېبجامالنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ مۇزىكىلىق ئەسىرىنى ئورۇندىغاندا مۇنالىزا پىسسىڭڭىدە كۆلۈپ قويغان،رەسسام چاققانلىق بىلەن سىرلىق قەلىمىنى ئىشقا سېلىپ ئاسانلىقچە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بۇ تەببەسسۇمنى خام سۈرۈپنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىۋالغان.
«مۇنالىزانىڭ تەببەسسۇمى» دا يېڭى گۈللەنگەن بۇرژۇازىيە ئاياللىرىنىڭ تىپى يارېتىلغان.رەسىمدىكى مۇنالىزانىڭ چىرايىدىن ئىشەنچ ۋە يېڭى تۇرمۇشىغا بولغان رازىمەنلىك چىقىپ تۇرىدۇ.ئاپتور بۇ ئايالنىڭ كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقىچىلىك بولغان ئارلىقتىكى تەبەسسۇمى ئارقىلىق ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى سىرلىق پائالىيىتىنى دەل جايىدا ئىپادىلەپ ،ئادەمنى ئاجايىپ مول تەسسەۋۋۇر تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۇرىدۇ.رەسىمدىكى مۇنالىزانىڭ كۆزى سەل-پەل سول تەرەپكە قارىغاندەك كۆرىنىدۇ،لېكىن رەسىمدە ئۇدۇلغا كېلىپ قارىسا مۇنالىزامۇ ئۇدۇل قاراۋاتقاندەك ،سول تەرەپكە كېلىپ قارىسا ئۇمۇ سول تەرەپكە قاراۋاتقاندەك ،ئوڭ تەرەپكە كېلىپ قارىسا،ئوڭ تەرەپكە قاراۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.بۇ ھەقىقەتەن ئاجايىپ بىر كارامەت! بۇ مەشھۇر رەسىم قىممەتلىك سەنەت بويۇمى سۈپىتىدە پارىژدىكى لوۋرې موزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
«مۇنالىزانىڭ تەبەسسۇمى»دېگەن سۆز غەرىب ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە دائىم ئاياللارنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبەسسۇمىغا ياكى كۆچمە مەنىدىكى سىرلىق تەبەسسۇمىغا تەمسىل قىلىنىدۇ.
مەنبە: <<دۇنيا ئەدەبىياتى>> ژورنىلنىڭ 1992-يىلى 6-سانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-2 23:40
|