يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 553|ئىنكاس: 12

قاسىم سىدىق: يەر پوستى ئۇچرايدىغان تاشقى كۈچلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يەر شارى پوستىغا تەسىر قىلىدىغان تاشقى كۈچلەر

قاسىم سىدىق

بىز ماياتنىك تەجىربىسىدە ھېساپلاش ئارقىلىق كەلتۆرۆپ چىقارغان 29-تىئورمىچەئېغىش كۈچىنى كىلاسسىك نەزەريىلەردە قەيىت قىلىنغان يەر شارى ئۇچرايدىغان تارتىش كۈچىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ئېغىش كۈچى پەۋقۇلئاددە چوڭ بولۇپ چىقىۋاتىدۇ.شۇڭا يەر شارى ئۇچرايدىغان تاشقى كۈچلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ پارامىتىرلىرىنى تۇرغۇزۇش زۆرۆر ئىكەن دەپ قارىدۇق.بۇ كۈچلەرنىڭ يۆنىلىشى قوياشنىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتىكى كۈچلەر،ياكى ئېغىش كۈچى يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتىكى كۈچلەر بولىشى كىرەك.
ئالەملىك تارتىش كۈچىدىن باشقا يەر شارىغا تەسىر قىلىدىغان يەنە قانداق تاشقى كۈچلەر بار؟.
ھازىرچە بۇنداق كۈچلەردىن نەزەرگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرى:

1.قوياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا بولغان بىسىم كۈچى.
2.قوياش بورىنى.
3.ئاقار جىسىملار قەۋىتىنىڭ بىسىم-سۆركۆلۈىش كۈچى.
3.ۋەھاكازالار.

ئىزاھات:
بىز ئادەتتە يەر شارىنى ئاتمۇسفىرا قەۋىتى بىلەن قوشۇپ بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايمىز.لىكىن،ھەر بىر كونكىرىتلىقتا يەر شارى بىلەن ئۇنىڭ ئاقار جىسىملارقەۋەتلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك خاسلىقلار بار.تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى ئوقۇغاندا مۇشۇ ئىزاھاتنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىغىنى ئۈمىت قىلىمەن.

قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى

视频: 光压风车


http://v.youku.com/v_show/id_XNTAyNzgzNjEy.html


بەزى مەنبەلەردە قوياش نۇرى بىسىمى ئۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ كېپلىر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز نىڭ قۇيرۇغىنىڭ شەكىلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۆرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان دېيىلىپتۇ.
نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى 1684-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان.يورۇقلۇقنىڭ بىسىم كۈچى ئۇقۇمى بولسا 1748-يىلى  شىۋىتسارىيىلىك ماتىماتىك،تەبىئەت پەنلىرى ئالىمى  لېئونخارد ئئولېر (Leonhard Euler ,1707年4月15日~1783年9月18日)تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.



قارىغاندا،نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ،پىلانىتلار ھەركىتگە تەدبىقلىغاندا يورۇقلۇقنىڭ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئامىلنى ئويلاشمىغان.ھازىر ئامرىكىدا يورۇقلۇقنىڭ بىسىم -ئىتتىرىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئالەم بۇشلۇغىدىكى ئۇچارلارنى ھەركەتلەندۆرۆش لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.

يەر شارىنىڭ بىر يۆزى ئىزچىل ھالدا قوياشتىن كەلگەن يورۇقلۇقنىڭ بىسىمىغا ئۇچرىشى ئېنىق.بۇ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭ چامىسى قانچىلىك؟بۇنى ھېساپلاپ كۆرۈش كىرەك.يەنە بىر نۇقتا ئېنىقكى،بۇ كۈچنىڭ يۆنىلىشى تارتىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن قارمۇ-قارشى.بۇ كۈچ نەزەرگە ئېلىنساۋە ئونىڭ قىممىتى ھەقىقەتەن 0دىن چوڭ بولسا، تارتىش كۈچى دېيىلىپ كېلىۋاتقان كۈچنىڭ ھازىر دېيىلىۋاتقان قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغى تۇرغانلا گەپ.

روس فىزىكا ئالىمى  پىتىر نىكولايىۋىچ لېبېدېۋ (:ПётрНиколаевичЛебедев) ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا 《رادىياتسىيە تارقاتقۇچى جىسىملارنىڭ ئىتتىرىش كۈچى》ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى  يازىدۇ. تۇنجى بولۇپ 1889-يىلى يۇرۇقلۇقنىڭ قاتتىق جىسىملارغا چۈشۈرىدىغان بىسىمىغا ئالاقىدار بىر قاتار تەجىربىلەرنى ئشلەپ بىسىمنى ئۆلچەيدۇ،1900-يىل پارىژدا ئېچىلغان دۇنيا فىزىكا يىغىنىدا ئۆز بايقىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ. 1901 -يىلى ئۆزىنىڭ "يورۇقلۇق بىسىمى تەجىربە تەتقىقاتى" ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىدۇ.ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ھازىرغىچە ئىلىم دۇنياسىدا مۇشۇ ساھەدىكى موھىم تەتقىقات سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.


پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەسكى،يورۇقلۇق بىسىمىنى ئەمەلى ھېساپلاشتىن كىلىپ چىققان نەتىجىلەر تارتىش كۈچىنىڭ ئەمەلى مىقدارىنى ئۆزگەرتىۋىتىپلا قالماي،نەزەريىۋى مۇدىل بولغان گىراۋىتۇن بىلەن ئەمەلى زەررىچە فۇتۇن جەڭگە چۈشۈپ،بىر قاتار نەزەريىۋى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇ تېمىدا قوياش رادىئاتسىيىسى بەزى كىچىك پىلانىتلارنىڭ ۋە ئالەم كېمىلىرىنىڭ ئوربىتىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم  تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ دېيىلىپتۇ.
ئېيتىلىشىچە،ئادەتتە رادىياتسىيىنىڭ بىسىم كۈچى ناھايتى كىچىك بولسىمۇ،لىكىن ئۇنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ،شۇنداقلا بەزى موھىتلاردا موھىم رول ئوينايدۇ.يەنى، ئاستىرۇنۇمىيە ۋە ئاسمان جىسىملىرى دېنامىكىسىى قاتارلىقلاردا شۇنداق. مەسىلەن،ئالەم ئۇچقۇسى "دېڭىز قاراقچىسى" نىڭ ئۇچۇش تەرتىۋىنى لايىھىلەشتە قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۇچقۇغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئويلۇشۇلمىغانلىق سەۋەبىدىن،ئۇچار كېمىنىڭ مارىس ئوربىتىسىدىكى ھەركىتىدە تەخمىنەن 15000كىلومىتىر خاتالىق كۆرۆلگەن.




دەسلەپكى ھېساپلاشلاردا بايقىلىشىچە، قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يەر شارىغا چۈشۈرىدىغان بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭ قىممىتى،يەر شارى ئۇچرايدىغان قوياش تارتىش كۈچىنىڭ چامىسىغا نىسبەتەن سەل قارىغىلى بولمايدىغان مىقدار ئىكەن.بۇ ھالدا يەنىلاتارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە نەزەريىلىرىدىن ياكى ھېچ بولمىغاندا  ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە تەشەببۇس قىلىنىپ كەلگەن قىممەتلىرىدىن گۇمانلانماي تۇرالامدۇق؟قارىغاندا مۇشۇ قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ بىسىم-ئىتتىرىش كۈچىنىڭ ئۆزىلا تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۆپ قويىدىغاندەك قىلىدۇ!.

ئاتمۇسفىرا بىسىمى - يېپىشقاقلىغىنىڭ تەسىرى


يەر شارى ئاتمۇسفىراسىنىڭ يەر شارى ھەركىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بارمۇ-يوق؟مانا بۇ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى.ئاتمۇسفىرا مۇتلەق مەنىدە يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ھەركەت قىلسا بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.لىكىن،ئالدى بىلەن تەپسىلاتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش كىرەك.بۇ تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ ئەمەلى قىممىتىنى مۆلچەرلەشتە مۇقەررەر ئويلۇشۇشۇشقا تېگىشلىك نۇقتا.

يەر شارى پوستىغا چۈشۈدىغان ئاتمۇسفىرا بىسىمىنىڭ يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى بولسا يەر شارىنىڭ سىزىقلىق(ئوربىتا)ھەركىتى بىلەن ئالاقىدار مىقدار.بۇلارنىڭ ھەممىسى تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ كۈچنىڭ مىقدارىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئېھتىمال شۇنداق دېيىلىشى مۆمكىن:ئاتمۇسفىرا نىڭ يەر پوستىغا چۈشۈرۆدىغان ئوتتۇرىچەبىسىمىنى ھەر قايسى يېرىم شارلاردا باراۋەر دەپ قاراشقا بولىدۇ.شۇڭا ،بۇنداق بىسىم كۈچىنىڭ تەسىرى ئۆز ئارا يېيىشىپ كېتىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ تەسىرىنى 0دېيىشكە بولىدۇ.

مېنىڭچە يۇقۇرقىچە قاراش تەنقىتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.سەۋەپ:
1.سۈيۈقلۇق ئىچىدە ئايلاندۇرۇلغان نۇر ئادەتتە نورمال ئاتمۇسفىرا بىسىمى ئاستىدا تەكشىلىكتە ئايلىنىۋاتقان نۇرغا قارىغاندا ئايلىنىشتىن تېزرەك توختاپ قالىدۇ.يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەقىقى بوشلۇقتا ئوخشاش تېزلىكتە ئايلىنىۋاتقان نۇرنىڭ ئالدىنقى نۇرغا قارىغاندا ئايلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنراق بولىشىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.كۆرىۋىلىش قىيىن ئەمەسكى، بۇ پەرىقلەرنى موھىتنىڭ قارشىلىغى كەلتۈرۆپ چىقىرىدۇ.
2.ھازىر يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە قارىغاندا بارغانسىرى ئاستىلاپ كېتىۋاتقانلىغى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار مەيدانغا كەلمەكتە.


يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ماددىلارنىڭ تەقلىدى رەسىمى.يۇقۇرقىلىرىنىڭ يېپىشقاقلىغى تۆۋەندىكىلىرىدىن تۆۋەن.
مەنبە: ۋېكىپېدىيە - يېپىشقاقلىق
Viscosity - Wikipedia, the free encyclopedia

ئاتمۇسفىرانىڭ يەر شارى پوستىغا بىسىم چۈشۈرىدىغانلىغى تالاي تەجىربىلەردىن ۋە ھېساپلاشلاردىن ئۆتكەن بىر پاكىت.بۇنداق بىسىم يۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزغاندا بۇ ئامىللارنى ئويلاشمىغان دېيىشكە بولىدۇ.چۈنكى،نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ، ماسساشۇنداقلا ماددى نۇقتا دىن ئىبارەت ئۇقۇم ۋە مىتۇتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان.يورۇقلۇق بىسىمى،ئاتمۇسفىرا بىسىمى قاتارلىق يۆزگە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئويلۇشۇلمىغان.
بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر قانچەنۇقتا بار،ئۇلار:
1.يەر شارى ماسسىسىنى بېكىتكەندە ئاتمۇسفىرا ماسسىسىمۇ نەزەرگە ئېلىنغانمۇ؟
2.يەر شارىنىڭ ئاتمۇسفىرا ماسسىسىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمى ماسسىسى 8371km نى رادىئوس قىلغان ئومۇمى ئاتمۇسفىرا قەۋىتىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەجىمگە تەقسىملىنىپ ھېساپلانغانمۇياكى يەر شارى ئۆزىنىڭلا 6371kmنى رادىئوس قىلغان ھەجىمىگە تەقسىملىنىپ ھېساپلانغانمۇ؟
3.يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا ئالاقىدار دېنامىكىلىق شەرىتلەر ئىچىدە ئاتمۇسفىرانىڭمۇ ھەسسىسى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟

مەن  1-سوئال ئۈستىدە ئىزدىنىپ،ئالاقىدار ماتىرياللاردىن نىيوتۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتا تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى تۇرغۇزغاندا ئاتمۇسفىرا ماسسىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىگى ھەققىدىكى قانائەتلىنەرلىك ئۇچۇرنى ئۇچراتمىدىم.
2-سوئالغا كەلسەك،يەر شارى ماسسىسى بىردەك ھالدا يەر شارى ئۆزىنىڭ 6371كىلومىتىرنى رادىئوس قىلغان ھەجىم ئىچىدە ھېساپلىنىپ كەپتۇ.
3-سوئالنىڭ جاۋابى بولسا، يەر شارى ئاتمۇسفىراسى يەر شارى ھەركىتىنىڭ،جۈملىدىن ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ دېنامىكىلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرەرسى ئەمەس.




مىنىڭ يۇقۇرقىلار ھەققىدە ئىزدىنىشىمدىكى سەۋەپ شۇكى،نىيوتۇن  تارتىش كۈچى ئىدىيىسى يەر شارىغا تەدبىقلانغاندا يۇقۇرقى ئامىللار ئويلۇشۇلماي كەلدى.ئادەتتە يەر شارى ئاتمۇسفىراسى ۋە دېڭىز-ئوكيانلار يەر شارى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە سۆپىتىدە قارالسىمۇ، لىكىن، ئۇلارنىڭ ھەركىتى بىلەن يەر شارىنىڭ ھەركىتى ئوتتۇرىسىدا  يۆنىلىش،تېزلىك جەھەتلەردە مۇتلەق مەنىدىكى بىردەكلىك يوق.ئەكسىچە مۇئەييەن خاسلىقلار بار.ئاقار جىسىملارنىڭ يەر  شارى پوستىغا بولغان بىسىمى ،يېپىشقاقلىغى،سۆركىلىش-قارشىلىق كۈچى قاتارلىقلار يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى ۋە ئوربىتدىكى تېزلىكىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى،قوياش رادىئاتسىيىسىنىڭ يەر شارىغا بولغان بىسىم -ئىتتىرىش كۈچى بىلەن بىرلىشىپ تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىر دېيىلىپ كېلىۋاتقان قىممەتلىرىگە سوئال بەلگىسى قالدۇرۇدۇ.ھالبۇكى،بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئەينى ۋاقىتتا نىيوتۇن ئويلاشمىغان.

تورداشلارنىڭ سەھۋە-خاتالىقلارنى بايقىسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قارشى ئالىمەن.

بۇ تېما ئاستىدىكى ئىنكاس قەۋەتلىرىگە ئەنە شۇنداق كۈچلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار توپلىنىدۇ.



2015.4.5

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-13 12:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-13 13:34:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مانا مۇشۇنداق كۈچلەر بىلەن «تارتىش كۈچى» دوئىلغا چۈشسە نەتىجىسى تارتىش كۈچىنىڭ مەغلوبىيىتى بەدىلىگە يەكۈنلىنىدىغانلىغىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس!.

نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنى
牛顿万有引力定律 - 维基百科,自由的百科全书
ماتىماتىكىلىق ئىپادىسى:


ۋاقتى: 2015-4-13 14:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمكامنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا كۆپتىن كۆپ يۇكسىلىش تىلەيمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-13 15:01:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.تۇردى يوللىغان ۋاقتى  2015-4-13 14:10
قاسىمكامنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات  ...

رەھمەت.

تېمىغا قوشۇمچە:

يەر شارى يادىروسى
地核_百度百科

يەر شارى يادىروسىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىغى 10.7 گىرام.رادىئوسى تەخمىنەن 3470 كىلومىتىر. .يەر شارى ئومۇمى ماسسىسىنىڭ 31پۈتۈن ئوندەن بىر پىرسەنتىنى،ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ 16پۈتۈن ئۇندەن ئىككى پىرسەنتىنى  ئىگەللەيدۇ

يەرشارى ئوتتۇرا قەۋىتى


地球分层示意图


يەر مانتىسساسى- يەر ئوتتۇرا قاتلىمىنىڭ قېلىنلىغى تەخمىنەن 2900كىلومىتىر.يەر شارى ھەجىمىنىڭ 83% نى،ماسسىسىنىڭ 68% نى ئىگەللەيدۇ.

يەر شارى پوستى


قۇرۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىغى تەخمىنەن 33كىلومىتىر.دېڭىز ئوكيانلار ئاستىدىكى يەر شارى پوستىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىغى پەقەت 10كىلومىتىر.يەر شارى ئومۇمى ماسسىسىنىڭ 1% نى ئىگەللەيدۇ.ئۈستۆنكى پۇستىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىغى 2.69 g/cm3至2.74 g/cm3غىچە،ئاستىنقى پوستىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىغى 3.0 g/cm3至3.25 g/cm3غىچە.


يۇقۇرقى سانلىق قىممەتلەرگە قارىغاندا ئاتمۇسفىرا ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىغا قوشۇپ ھېساپلانمىغان.

ئەسكەرتىش:يۇقۇرقى "قۇشۇمچە"دىكى زىچلىقنىڭ بىرلىكى گىرام سانتىمىتىر كۇپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-13 18:08  


ۋاقتى: 2015-4-13 17:11:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىزىكا دىگەن بۇ پەننىڭ سىرىنى تىخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.ھارمىغايسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-14 09:30:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھازىر تەتقىقاتلاردا يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ ئۈچ خىل ئۆزگىرىدىغانلىغىغا ئائىت پاكىتلار بايقالغان.ئۇلار:
1.ئۇزۇن مەزگىللىك تەدرىجى ئاستىلىشىش.بىر ئەسىردە 1دىن ئىككى مىللىسېكونىتقىچە ئاستىلاش.2000يىلدىن بۇ يان يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى 2سائەتتىن ئارتۇغراق ئاستىلاپ كەتكەن.بۇنداق ئاستىلاشنىڭ ئاساسى سەۋەپكارى تاشقىن سۆركىلىشى(潮汐摩擦) دەپ قارالغان.ئالىملار 370مىليۇن يىللار ئىلگىرى يەر شارىنىڭ ھەريىلىنىڭ 400كۈن ئەتراپىدا ئىكەنلىگىنى تەتقىق قىلىپ بايقىغان.
2.دەۋرى خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش.ھەريىلى باھاردا ئاستىلاش،كۈزدە تېزلىشىش.بۇندىن باشقا يېرىم يىللىق دەۋرى ئۆزگىرىشلەرمۇ بار.يىل ئىچىدىكى دەۋرى ئۆزگىرىشلەر رىزونانىسى 20دىن 25مىللىسېكۇنىتقىچە.بۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى شامالنىڭ پەسىل خارەكتىرلىك ئۆزگىرىشلىرى كەلتۆرۆپ چىقارغان دەپ قارىلىدۇ.
3.تەرتىپسىز ئۆزگۆرۈش.بۇنداق ئۆزگۆرۈشنىڭ سەۋەبى تەتقىقات ئۈستىدە تۇرماقتا.

يۇقۇرقىلار،جۆملىدىن يۇقۇردا قەيىت قىلىنغان دېڭىز تاشقىنىنىڭ يەر پوستى بىلەن سۆركۆلۈش كۈچى تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە نىسبەتەن ياخشى خەۋەر ئەمەس. چۈنكى،دېڭىز تاشقىنىنىڭ  سۆركۆلۈش كۈچىنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر تارتىش كۈچىنىڭ نۆۋەتتە تەشەببۇس قىلىنىپ كېلىۋاتقان مىقدارىغا مۇناسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.


ۋاقتى: 2015-4-14 10:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردىنمۇ نىيوتىندەك ئالىملارنىڭ چىقىشى نىمىدىگەن كاتتا ئىش! ئۇلۇغ ئاللا قاسىمكامغا ئۈزۈن ئۆمۈر، سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن! ئىشلىرىغا ئۇتۇق يار بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-14 11:57:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغا قوشۇمچە-2:


دىڭىز تاشقىنىنىڭ ھەرخىل دەۋرىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۈم.بۇ بىر ھەركەت شەكلى دەۋرىلىكىدىن ئىبارەت.يەرشارى،پىلانىتلار ھەركەتلىرىمۇ ئوخشاشلا دەۋرىلىككە ئىگە. پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى ،ئوربىتا ھەركەتلىرى شۇنداق.مۇبادا تارتىش كۈچى پىلانىتلار،ئاسمان جىسىملىرى،ئاقار جىسىملار دەۋرى ھەركەتلىرىنىڭ سەۋەبى دەپ قارالسا،ئۇنداقتا بۇ كۈچمۇ دەۋرى ئۆزگىرىدىغان كۈچ بولىشى كېرەك.ھالبۇكى،ھازىر مىنىڭ بىلىشىمچە جىسىملارنىڭ دەۋرى ھەركىتىگە سىممىتىرىك ھالدا ماس كېلىدىغان تارتىش كۈچى دەۋرىلىگى دەيدىغان بۇنداق ئۇقۇم يوق.ماسسا،كۈچ،ھەركەت قاتارلىقلار بىر بىرسى بىلەن ئالاقىدار مىقدارلار بولۇپ،تارتىش كۈچىنى ھەركەت دەۋرىلىكى نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلساق،يەنە بىر مۇنچە مەسىلىلەر سۆرۆلۈپ چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.



يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى دەۋرى ھەركەتنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.لىكىن،مۇشۇنداق ئوقىدا ئايلىنىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى قاراشلار تېخى قايىل قىلارلىق ئەمەس.بۇنداق ھەركەت شەكلىنى تارتىش كۈچىگە باغلاپ چۈشەندۆرىدىغان قاراشلار مۇنازىرىگە،تەنقىتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.پەقەت ئوقىدا ئايلىنىش يەر شارى قاتارلىق پىلانىتلارنىڭ ئىچكى خاسلىغى دەپ قارىغاندىلا زىدىيەتتىن،قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەشەببۇسى دەل مۇشۇنداق.كۋانىت دۇنياسىدا سىپىن -زەررىچىلەرنىڭ ئۆزىدىكى خاسلىق بولغىنىدەك،ماكرۇ دۇنيادا ئوقىدا ئايلىنىش - ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى خاسلىغى.چۈنكى بۇ ئاسمان جىسىملىرىنى شەكىللەندۆرگەن تەركىپلىگۆچىلەر، بۇ جىسىملار شەكىللىنىشتىن ئىلگىرىلا سىپىنغا-ئوقىدا ئايلىنىش بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىغا ئىگە ئىدى.ئۇلار ئاسمان جىسىملىرىنى،پىلانىتلارنى شەكىللەندۆرۆش جەريانىدا پەيىتلىك ھالدا ئۇزىنىڭ بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىدىن ئايرىپ قالىدۇ ۋە ئاندىن قوياش قاتارلىقلارنىڭ تارتىش كۈچى ئۇلارنى قايتا ئوقىدا ئايلىنىش بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىغا ئىگە قىلىدۇ،دەيدىغانغا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق.
ئەقىلغە مۇۋاپىق تاللاش شۇكى،پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى ۋە يۆنىلىشى ئۇلارنىڭ مىكرۇ تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ سىپىن يۆنىلىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.بۇ ھالدا تەتۆر ئايلىنىدىغان،ئوڭ ئايلىنىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىمۇ چۈشەندۆرگىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە بىر پىلانىتنىڭ تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ ئىككى خىل سىپىن يۆنىلىشىگە ئىگە بولىدىغانلىغىنى چەتكە قاقمايمىز.پىلانىتلار ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى ئوخشاش يۆنىلىشكە ئىگە كۆپ سانلىق تەركىپلىگۆچىلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ،دەپ قاراشقا بولىدۇ.
يۇقۇرقى مۇھاكىمىلەردىن كېلىپ چىقىدىغان يەكۈن نىمە؟
يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشى يەر شارى ئۆزىنىڭ ئىچكى خاسلىغى بولۇپ.بۇنداق خاسلىق يەر شارىنىڭ مىكرۇ تەركىپلىگۆچىلىرىنىڭ ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.بۇنداق خاسلىق بىلەن نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنىڭ باغلىنىشى يوق.يەر شارى پوستى ئۆستىدىكى ئاقار جىسىملار يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىشىغا ۋە شۇنداقلا سىزىقلىق(ئوربىتا)ھەركىتىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.قارشىلىق قىلىدۇ.نىيوتۇنچە تارتىش كۈچى يۆنىلىشى بىلەن پىلانىتلار،جۈملىدىن يەر شارىنىڭ،يەر شارى پوستىدىكى ئاقار جىسىملارنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىدە ماسلىسىشچانلىق يوق.پىلانىتلارنىڭ دەۋرى ھەركەتلىرىگە سىممىتىرىك ماس كېلىدىغان تارتىش كۈچى دەۋرىلىكىمۇ ئەسلا يوق.بۇلارنىڭ ھەممىسى نىيۇتۇنچە تاتىش كۈچى ئىدىيىسىگە پايدىسىز پاكىتلاردىن ئىبارەت.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-14 12:02  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-19 17:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كومىتا قۇيرۇغى
彗尾- 维基百科,自由的百科全书



彗星尘埃尾的图,尘埃尾(或反尾都是以气体为主的彗尾。NASA



霍姆斯彗星 (17P/霍姆斯)在2007年显示出蓝色的离子尾(在右边

كۇمىتا قۇيرۇغى(سۈپۆرگە يۇلتۇز قۇيرۇغى) قوياش بورىنى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن  شەكىللىنىدۇ،دەپ قارىلىدۇ.ئاساسەن تەركىۋى ئئون ۋە چاڭ-تۇزاڭلار دېيىلىدۇ.بۇنىڭدىن بىز قوياش بورىنى،رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ پىلانىتلارغا بېسىم چۈشۈرىدىغانلىغىنى،بۇنداق بىسىمنىڭ يۆنىلىشىنىڭ ۋە مىقدارىنىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشىگە قارشى ۋە تارتىش كۈچىدىن چوڭ ئىكەنلىگىنى كۆرۆپ ئالالايمىز.

ئئون
离子- 维基百科,自由的百科全书



离子也是构成化学结构的基本粒子

مىنىڭچە، كۇمىتا قۇيرۇغىنى تەتقىق قىلىش تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈش ۋە ئوپىراتسىيە قىلىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-19 21:15:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



قوياش بورىنى ۋە رادىئاتسىيىسى يېتىپ كەلگەنلىكى دائىرە ئىچىدىكى پىلانىتلارغا ئۇلارنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىغىنى ئېتراپ قىلىش كىرەك.مىركوررىدەك قوياشقا يېقىن بولغان پىلانىتلار بۇنداق تەسىرگە تېخىمۇ بەكرەك ئۇچرايدۇ.ئالاقىدار مىقدارلار سېلىشتۇرۇلۇپ كۆرۆلسە تارتىش كۈچىنىڭ ھەقىقى چامىسىنىڭ 0 ياكى 0دىن چوڭ ئىكەنلىگى ئاندىن ئاشكارە بولىدۇ.ھالبۇكى،نىيوتۇن تارتىش كۈچى نەزەريىسىدە بۇ تەسىرلەر نەزەرگە ئېلىنمىغان.



___________________
近日点为8,800万公里(0.59天文单位),远日点为53亿公里

Rotation of Halley's Comet


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-19 21:28:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قوياش سېستىمىسىدا قوياش بىلەن پىلانىتلار بىرلا ۋاقىتتا شەكىللەنگەن دېيىلسىمۇ،قوياش ئىلگىرى شەكىللەنگەن دېيىسلسىمۇ تارتىش كۈچى ئىدىيىسىگە پايدىسىز بەزى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.
بىر ۋاقىتتا شەكىللەنگەن دېيىلسە تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى قوياش سېستىمىسى تارىخنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىگە تەدبىقلىماق قېيىن.يەنى،ئەمدى شەكىللىنىۋاتقان قوياش ماس قەدەمدە شەكىللىنىۋاتقان پىلانىتلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟....
پىلانىتلار كىيىن شەكىللەندى دېيىلسە،قوياش رادىئاتسىيىسى،قوياش بورىنى قاتارلىقلارنىڭ بىسىم كۈچى زەررىچىلەرنىڭ قانداق قىلىپ بىر نۇقتىغا پىلانىت بولۇپ ئۇيۇشىشىغا يول قويغان دىگەن مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز.كومىتىنىڭ قۇيرۇغى بىزنى مۇشۇنداق سوئال قويۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.قوياشقا يېقىن بولغان مىركوررىنىڭ شەكىللىنىشىنى تەساۋۋۇر قىلماق تېخىمۇ قىيىن.

________________
قوياش بورىنىنىڭ تەسىرى پىلوتۇن ئوربىتىسىغىچە يېتىپ بارىدۇ،دېيىلىپتۇ.تېزلىكى 200كىلومىتىر سىكونىتتىن 800كىلومىتىر سىكونىتقىچە ئىكەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-28 09:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2مىليارىت 400مىليۇن يىل ئىلگىرى يەر شارى بىر مۇز شارى ئىدى
24亿年前的地球是一颗“雪球




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-24 18:02:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتموسفىرانىڭ يەرشارىغا بولغان بىسىم كۇچى

ئابلىمىت تۇرسۇن

ئاتموسفىرانىڭ بىسىمى بارلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. بۇنى داڭلىق (ماگدېبۇرگ يېرىم شار) تەجىربىسى ئارقىلىق ئسپاتلاشقا بولىدۇ.مەسىلەن : بىر كۇۋادىرات سانتىمىتىر يۇزگەچۇشىدىغان ئاتموسفىرا بىسىم كۇچى ، بىر كىلوگىرام كىلىدىغان جىسىمنىڭ ئېغىرلىقىغاتەڭ. پۇتۇن يەرشارىنى بىر سىسىتىما ، پۇتۇن ئاتموسفىرانى بىر سىسىتىما قىلىپ تەتقىق قىلغاندا ، ئاتموسفىرانىڭ بىسىمىنى ھەرگىز كىچىك چاغلاشقا بولمايدۇ.بىز يەرشارىنى بىر سىسىتىما ، ئاتموسفىرانى بىر سىستىمادەپ قارىغىنىمىزدا ،يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەرىكىتى ۋە ئوربىتا سىزىقلىق ھەرىكىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ماس ھالدا ئاتموسفىرانىڭ يەرشارىغا ئەگىشىپ قىلىدىغان بۇ ئىككى خىل ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىشىمىز كىرەك. بىزنىڭ تەتقىق قىلدىغىنىمىز ئاتموسفىرانىڭ يەرشارىغا بولغان تەسىرى بولغاچقا ، ئاساسلىق قىلىپ ئاتموسفىرانىڭ مۇشۇئىككى ھەرىكىتىدىن تۇتۇش قىلساق بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم ئاتموسغىرا بولسا ئاقار جىسىم (گازلار ) .شۇڭا ئاقار جىسىملارنى برنولىي قانۇنى ئارقىلىق مىقدارلىق ئانالىز قىلالايمىز. برنولىي تەڭلىمىسى بولسا ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىدىن كەلتۇرۇپ چىقىرىلغان.
مەن برنولىينىڭ تەڭلىمىسىدىن پايدىلىنىپ ، مىقدارلىق ھىسابلاش ئىلىپ بارىمەن.ئاتموسفىرا شار شەكىللىك يەرشارىنى تەكشى قاپلاپ تۇرىدۇ. يەرشارىنىڭ تەسكەي ۋە كۇنگەي تەرىپىدىن سىممىتىرىك ئىككى نوقتىنى ئىلىپ ، ئاندىن يەرشارىنىڭ تەسكەي ۋە كۇنگەي يۇزىدىكى بىسىم كۇچى پەرقىنى ھىسابلاپ چىقىمەن.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:




ۋە  نوقتا ئوخشاش ئىگىزلىكتە: شۇڭا



ئىپادىدىكى
ۋە لار بولساa  ۋە b نوقتىلاردىكى ئاتموسفىرانىڭ ئومومىي سىزىقلىق تىزلىكى (ئوقىدا ئايلىنىش سىزىقلىق تىزلىكى ۋە ئوربىيتا سىزىقلىق تىزلىكىنىڭ يىغىندىسى).
بىسىم بىلەن كۇچنىڭ مۇناسىۋىتى:      







بۇ كۇچنىڭ يۆنىلىشى كۇنگەي تەرەپتىن تەسكەي تەرەپكە قارتىلغان بولىدۇ. يەنى قوياش يەرشارى ئوتتۇرسىدىكى ئالەملىك تارتىش كۇچىنىڭ يۆنىلىشىگە قارشى يۆنىلىشتە بولىدۇ.

شەرقىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى ئوقوغۇچىسى:
ئابلىمىت تۇرسۇن

2015-يىلى 11- ئاينىڭ 22-كۇنى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش