- UID
- 1
- يازما
- 68
- ھوقۇقى
- 255
- 真实姓名
- شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
- نادىر
- 10
- جۇغلانما
- 532
- تىزىملاتقان
- 2012-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-15
|
يەتتە قىزلىرىم
سۇ دېشىن
ئاپتۇر ھەققىدە: سۇ دېشىن 1951-يىلى گەنسۇ ۋۇ ۋېيدا تۇغۇلغان. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئەدەبىي تەرجىمانلار (شۆبە) جەمئيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى
يەتتە قىزلىرىم
مۆلجەر تاغ باغرىدا تۇرار سۈكۈتتە.
ئوت يۈرەك، كۆرەشچان يەتتە قىز روھى
ئەرك دەپ كۆتۈرگەن تۇغ-ئەلەملىرى
غەزەپلىك چوقان ھەم ئاچچىق نىداسى
كىردى قانداق
جىمجىت، سۇلغۇن، سوغوق قەبرىگە.
بىر ئۇچۇم تۇپراق، بىر تىزىق كۆز ياش
پىدا ئەيلەپ قانچىلاپ جاننى،
بەخش ئەتتى بۇ يۇرتقا ئاندىن
ئاھ، تىل يېرىش قېيىن بۇ ھالنى.
يەتتە قىزلىرىم
خۇددى قۇرئان كەرىمنىڭ سىرىدەك
ۋۇجۇدۇڭنى ئالسا گەر چىرماپ
تۇرالارغا كەتسە ھەم يامراپ
چۈشتۇر ئېنىق، شۇنداقتىمۇ كىرەر گۆرگە قانداقمۇ
ئادەققى دەم، بىسى ئۆتكۈر قىلىچنى
مۆلجەر تاغدىن چاقماق كەبى سۇغۇرۇپ
ساراسىمگە سېلىپ مەنچىڭ خانىنى
ئارقىدىنلا سېنى ساقلاپ
بۇ قاقاس تاغ ئۈستىدە
بەكمۇ ئۇزۇن، بەكمۇ ئۇزۇن سۈكۈنات بىلەن
چېقىلغىلى بولماس مازار-يەتتە قىزلىرىم.
يەتتە قىزلىرىم
بۇلاي قانداق دەرتلىرىڭدىن مەن خالاس
سەبرى قىلاي يەنە قانداق بۇ ئەسنا.
بۇ شېئىر شائىرنىڭ « بىر نۇردىن زامانغا قالدۇرۇلدى ئىز» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.
|
|