يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن
مۇھەممەد يۈسۈف (ئۆزبىكىستان)
ئاي يۈزىدىن نۇر ياغدى سىم-سىم،
يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.
شېرىن چۈشلەر كۆرسۇن سۆيگىنىم،
يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.
بىز كەتسەك، يەر كېڭىيىپ قالار،
ئاسمانلارمۇ ئېگىلىپ قالار،
بىر قارا كۆز جىلمىيىپ قالار،
يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.
نە قىلدىم، ئەي يۈزلىرى زىبا،
«ئەيىبىم نە؟» دەپ سورىما ئەسلا،
بۇ دۇنيا شۇ قەدەر بىۋاپا،
يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.
سۆيگۈ دىلدا چېچەكتۇر ئاپئاق،
ئۇ بىز بىلەن، قايدا ياشىساق،
نە بوپتۇ بىر قىزغا ياقمىساق،
يۈر مۇھەببەت، كەتتۇق بۇ يەردىن.
( مەن ئۆزۈم تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بۇ شېئىرنى مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم )