كۆرۈش: 471|ئىنكاس: 5

سابا: تۇتۇلغان يۈرەكتىن ئوخچىغان ھېسلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇتۇلغان يۈرەكتىن ئوخچىغان ھېسلار


(ئەنۋەر مەڭلىكنىڭ «يۈرىكىڭنى تۇتۇپ باق» ناملىق شېئىرلار توپلىمدىن تۇغۇلغان ھېسلار)


ئابدۇقادىر مۇھەممەتئىمىن سابا


   ئۇنىڭ شېئىرلار توپلىمى قاچىلانغان بارماق دىسكىنى ماڭا سۇنىۋاتقاندىكى چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ تەكسىز خىيال دۇنياسىغا غەرق بولدۇم. ماڭا سەمىيمىلىك ۋەمېھرىبانلىق بىلەن تىكىلگەن شۇ كۆزلەر مېنى گۇمان ۋە ھەيرانلىققا دۇچار قىلغان ئىدى. چۈنكى نەچچە يىللاردىن بۇيان بۇنداق تىكىلىشلەرنى نۇرغۇن قېتىم ئۇچراتقان، شۇنداقلا ماڭا سەمىيمىلىك ۋە مېھرىبانلىق بىلەن باققان شۇ كۆزلەرنى كۆرگىنىمدەئۇلارنىڭ شۇ تىكىلىشلىرى ئارقىسىدىكى مەنپەئەت غېمى ۋە ئېھتىياجىنى بىلمەيلا ئۇلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىشلەپ كەتكەن، ئاخىرىدا بولسا « بىر ئىشنى باشقا ئېلىپچىقالمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان...» دىگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بوسۇغاتېشىدا قېلىپمۇ قالغان ۋە خېلى ئۇزۇنغىچە نەچچە ئايلىق جاپالىق ئەمگىكىمنىڭ ئىنئامى بولغان بۇ نام- ئاتاقلارنىڭ ماڭائېلىپ كەلگەن پۇشايمان ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرگەن ئدىم،  شۇڭا بۇ خىلدىكى تىكىلشلەر ۋە كۆيۈنۈشلەر مىنىخېلىلا ئويلاندۇرۇپ قوياتتى. ئەجىبا باياتىنقى تىكىلىشلەرمۇ شۇنداقمىدۇ؟ ئۇمۇ ئېشىكىمكۆۋرۈكتىن ئۆتكىچە دىگەندەك قىلارمۇ؟ دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە؛ يەنە بىر تۇرۇپ: -ياق، بۇ ماڭا تونۇش كۆز ۋە تونۇش تىكىلىش. گەرچە بىز مەزگىل كۆرۈشمىگەن بولساقمۇبۇ كۆزلەر 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ماڭا مۇشۇنداق تىكىلىپ كەلمەكتە دىدىم.
دىمسىمۇ شۇنداق ئىدى، كىچىك ۋاقتىمىزدا مەھەللىدە ئۈجمەتۈۋىدە چامغۇر يۇلۇپ ئويناۋاتقان چاغلاردا ئۇ ئىشەك ھارۋىسىدا قىغ ياكى سامانتوشۇپ كىتىۋاتقاندا ماڭا مۇشۇنداق تىكىلىپ قارايتتى؛ سەل ئەقلىمنى بىلگەندە كىچىكدەپتەرگە يېزىلغان شېئىرلىرىنى دادامغا كۆرسىتىش ياكى دادامدىن ئالغان كىتابلارنىقايتۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن ئۈيىمىزگە كەلگەندىمۇ ئۇ دەل مۇشۇ خىل تەررىزدە ماڭاقارايتتى. ئەنۋەرنىڭ ماڭا مۇنداق تىكىلىشلىرى بىر كۈن، ئىككى كۈنلۈك ئەمەس، نەچچەيىلدىن بۇيان ئۇ ماڭا دەل مۇشۇ كۆزلىرى ئارقىلىق، مۇشۇنداق قاراپ كەلدى، شۇڭا  بۇ تىكىلىشلەردە شەك يوق دەپ ئۆزۈمگە خىتابقىلدىم.
توۋا، ئون يىل بوپتۇ، ئون يىل ئىلگىرى تۇرمۇشىدىكى مەنۋە بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلار خالىمىغان ھەم قارشى چىققان شۇ قەدەمنى ئالغاندىن بۇيانئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىغىلى، ئۇنىڭ شېئىر ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئاڭلاپباقمىغىلى ساپمۇ ساق ئون بوپتۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك مۇشۇ ھالەتتەماڭا ۋە دادامغا تىكىلگەن،  مەن دادامغا ئۇنىڭغا گەپ قىلماسلىقنى ، ياكى بولمىسائۇنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىنى يۈزىگە سېلىپ قويۇشنى ئېيتقاندا دادام ماڭا ئالىيىپتۇرۇپ:« مىنى نىمە دىسۇن دەيسەن؟ ئۇمۇ ئادەم، ئۇنىڭمۇ ئۆز ئويلىغىنى بار، ئۇئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان ئەر» دىگەن ئىدى؛ شۇندىن بۇيان ئۇنىڭبىلەن پىكىرلىشىش تۈگۈل ئۇنىڭغا گەپ قىلىپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئەمما ئون يىلدىنكىينكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرى، روھىيەت سەپىرىدىكى ھاسىلاتلارنىڭمەھسۇلى بولغان بۇ توپلامنى ئالدىغا تاشلىغاندا مەن ھەم ھەيران بولدۇم، ھەم ئۆزۈمگەقايتا سوئال قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. « ئەجىبا مەن ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدىممۇ ياكى ئۇئەسلىدىنلا شۇنداقمىدۇ؟ ئۇ ئون يىلدىن بۇيانقى ئىچ پۇشۇقلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ،مىنىڭ تەنە ئارىلاش قاراشلىرىمنى ئېغىر ئالمىغانمىدۇ ياكى...» بۇ سوئاللارنىڭجاۋابىنى مەن يەنىلا ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارىسىدىن ئىزدەشنى قارار قىلدىم، قايسى بىرشائىر دىگەندەك « شېئىر يېزىلغاندا قەلب ساداسى بولۇپ يېزىلىپ ساڭا تەۋە بولسىمۇيېزىلىپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇرمەنگە تەۋە، ئۇ شېئىرلىرىڭدىن سىنى ۋە سىنىڭروھىيىتىڭنى ھىس قىلالىسىلا سەن ئۆزۈڭنى بەختىيار ھىس قىلساڭ بولىدۇ» دىگەن ئىدى،شۇڭىلاشقا مىنىڭ سوئاللىرىمغا ئالدىمدا تۇرغان شۇ شېئىرلار دۆۋىسى جاۋاببېرەلەيتتى.
كەچلىكى ئىشتىن چۈشۈپ كومپىيوتىر ئالدىغا كەلدىم، توپلامقاچىلانغان ھۆججەتنى ئېچىپ ئۇنىڭ مىسرالىرى بىلەن تەڭ روھىيىتىگە قىلىنغانسەپىرىمنى باشلىۋەتتىم. ئوقۇغانسىرى كۆز ئالدىمدا باشقىچە بىر سىما، ماڭا ناتۇنۇشھەم ئىزدىنىشچان بىر ئەنۋەر زاھىر بولماقتا ئىدى.
ئەنە قستاڭچىلىق، تەڭلىك ۋە ئادالەتسىزلىكلەردىن قەلبىيەتكۈچە ئازار يىگەن ئاشىق، ئۆز قەلبىدىكى مەشۇقىنى كەڭلىككە، ئۆزى خالىغان، ئۆزقەلبىدىكى غايىۋى ئەركىنلىككە چاقىرماقتا، « كەل پەرىشتەم، بىز بۇ يەردە خۇشالخۇرام سەيلە قىلىمىز، ئىستەك ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇندىن ئارتۇق خۇشاللىق بولماس، بۇساڭا ئاداققى پۇرسەت...» دەپ خىتاب قىلماقتا.
قىشنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قويچى مەمەت بوۋا راۋىپىغازەخمەك ئۇرۇپ ناخشا توۋلاپ ماڭغان شۇ پەيتلەردە مەش تۈۋىدە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان ئەنۋەرنىڭقەلبى ناخشا ساداسىدىن لەرزىگە كىلىپ، مەش ئالدىدىكى كۆمۈر بىلەنلا تامغا ئايالىغابولغان ساداقىتى ۋە كۆيۈنۈشلىرىنى يېزىپ چىقماقتا.  مانا، يىراق شەھەردە ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا بىر كۈنلۈك دەرس ۋە ئىزدىنىشتىن ھاردۇق يەتكەن ھالدا كارىۋاتتا خىيال سۈرۈپ ياتقان شائىرچاق،قەلبىدىكى يۇرت سېغىنىشى ۋە ئالتە بالىنى يالغۇز بېقىپ قاتارغا قوشقان ئانىسىغابولغان مۇھەببتى، شۇنداقلا ياشاش ئىراسىنى :


جاپادائىگىلسە تاغ سۈپەت قەددىم،
يىراقتۇر مىنىڭدىن، يۆلىمە ئانا.
تىكتۇرۇپ ياشاشنى ئۈگۈنەي شۇندىن،
مىھرىڭنىبەر پەقەت، بەزلىمە ئانا.
            (ــ«بەزلىمە ئانا» ناملىق شېئىرىدىن)

دېيىش ئارقىلىق ئانىسىغا ۋە يۇرت جامائەتكەجاكارلىماقتا.
ياق، - دىدىم مەن يەنە ئۆزۈمگە- بۇ قۇرلار بەلكىمشۇنداقلا يېزىلىپ قالغان، تاساددىبىي شۇنداق ئېلىنىپ قالغان، بىراق ئەمەلىيەت، ئالدىمدىكى شېئىرلار دۆۋىسى، شۇنداقلا مۇئەللىپنىڭ ھەر بىر مىسراغا سېڭىشكەن يۈرەك سۆزلىرى، غورۇر، ۋىجدان ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىنى يەنىلا باشقىچە تەپەككۇر قىلىشقا، ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئۈندەيتتى.بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئانا يۇرتقا، ئانا ماكان تەكلىماكانغا بولغان تەلپۈنىشى، ئاڭابولغان ھەقىقى مۇھەببىتى مىنى قايىل قىلماقتا ئىدى. قايىسىبىر ئەدىب:« ئىنسانۋۇجۇددىنى ئاڭسىزلىق ۋە چۈشكۈنلۈك قاپلىغاندا ئۆز ئەجدادىنىڭ جەسىدىنى ۋەئىزنالىرىنى سېتىشقا باشلايدۇ» دىگەن، شۇنداقلا شۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە شېۋىت ۋەئىنگىلىز ئىكىسپىدىتسىيەچىلىرىگە يول باشلىغۇچى بولۇپ قەدىمى خارابىلەرنى تېپىپ،ئەجدادلارنىڭ مىراسلىرىنى تۆت تەڭگىگە سېتىشقان شۇ بىچار بايقۇشلارنى كۆرسەتكەنئىدى. قىسقىسى ھازىرمۇ دەل شۇ خىلدىكى بايقۇشلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئىلگىرىباشقىلارغا يول باشلىغان بولسا، ئەمدى قانۇن ۋە ۋىجداننىڭ سورىقىدىن تەپ تارتمايئۆزلىرى كولىشىپ سېتىۋاتقان، تېخى ئۇنىڭغا قانائەت قىلماي ئانا ماكانتەكلىماكاندىن ئاغرىنىۋاتقانلار ھېلىھەم خېلىلا كۆپ ئىدى، ئەنۋەر بولسا ئۇلارغانىسبەتەن ناھايىتى ئۆلچەملىك جاۋابتىن بىرنى بەرگەن ئىدى.« سىنى باققان، سىنى ۋەئاتا بوۋاڭنى قوينىدا ئۆستۈرگەن بۇ زىمىندا نىمە گۇناھ، نىمىشقىمۇ تۇغۇلغانبولغىيتىڭ ...»، ئۇ شۇلارنى دىگەچ قەلىمىنى ئوينىتىپ ناھايىتى تىزلا شۇجاۋابنامىنى خاتىرىلەپ قويىدۇ:

نۇمۇس قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىدىن
جاۋاپ بەردىم، غەزەپ دىلىمدا.
-ئۆلگەن بولساڭ قورساقتىلا ھە،
يۈك بولغىچە ئانا ماكانغا.
                                (ــ «جاۋاب»ناملىق شېئىرىدىن)

  ئۇنىڭ جاۋابىنى شۇ بىچارىلەر ئاڭلىدىمۇ، ئاڭلىمىدىمۇ بىلمەيمەن، ئەمما مەن ناھايىتى ياخشى ئاڭلىدىم؛ مۇئەللىپنىڭ قەلبىنى، ئۆزى قىززىق قۇملىرىغا دەسسەپ، لاي سۇلىرىدا ئېقىپ چوڭ بولغان شۇ ماكانغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى مەن پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدىم.   مىسرالاربىر- بىرلەپ داۋاملاشماقتا، مۇئەللىپنىڭ يۇرت-مەھەللىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە سېغىنىشى،  كىچىكىمىزدە تولا ئۇچرايدىغان،ئەمما كېيىنكى چاغلاردا سانائەت بورىنىنىڭ تەسىرىدە بىر-بىرلەپ چېقىلىپ،  ھازىرقى بالىلار كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغان سۇ تۈگمىنى، شور تۇز، تونۇز، كۆمەچ قاتارلىقلارغا بولغان ئەسلىمىسى ۋە سېغىنىشلىرى شۇمىسرالاردا ئايان بولماقتا.  قىززىق دەرۋازىسى ئالدىدا توپلۇشۇپ تۇرغان ئىشلەمچىلەر، چۇڭقۇر بازاردىكى ئاۋاتچىلىق، بىنالارئىچىدىكى بۇرۇختۇمىچىلىق، تىلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇما- بۇۋىسىنىڭ قىززىقارلىقچۆچەكلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان بالىلارغا بولغان ھىسداشلىق ئۇنىڭقەلىمىدە ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا ئىدى.
      شائىر ۋاقىت ۋە ماكاندىن ھالقىغۇچى. شائىر جەمئىيەتئىچىدە مېڭىپ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ياشىغۇچى. ئەنۋەر مەڭلىكمۇ ھەم شۇنداق، ئۇ كۈندۈزى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، بىر ئۆينىڭ غېمى ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدەنسە،كەچلىكى تەپەككۇر ئالىمىدە سەيلە قىلىپ، شېئىرىيەت سەپىرىدىن ئۆزىگە ھەمراھ ۋەقانائەت ئىزلەيدۇ. ئۇ بەلكىم شائىر ئەمەس، ئەمما شائىر بولۇش ئۈچۈن تېرىشقۇچى؛ ئۇشېئىرلىرىدا دەبدەبىلىك سۆزلەر ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ كىشىنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاپ، ھاياجانغا سېلىشنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئانا يۇرتقا،ھاياتقا، ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلارغا بولغان مۇھەببىتى ئارقىلىق كىشىنى قايىلقىلىدۇ. ئۇ شېئىرلىرىدا «ئايال، ئۆلۈم، قان...»لارنى ئىشلەتمەيدۇ ياكى ناھايىتىئاز ئىشلىتىدۇ. ئەمما تۇرمۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكۈچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزيېنىدىكى ھەربىر شەيئى، ھەر بىر ھادىسىدىن شېئىرىي ئىلھام ئېلىپ، ئۆزى ۋەئوقۇرمەنلەرگە زوق ئاتا قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ «يارغۇنچاق»، «تۈگمەن»، «چىغرىق»قاتارلىق شېئىرلىرى شۇنىڭ مىسالىدۇر.
     ئۇ شېئىرنى سۆيگۈچى، شۇنداقلا بىر دادا، شۇڭىلاشقا، ئۇ دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتىنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىدۇ. شۇڭا تىنماي ئىزدىنىدۇ. ھەر ۋاقىت  ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىد-ئارزۇلىرى ۋە تەربىيەلىرىنى خاتىرىلەشنى ئۇنىتمىغان بۇ تەلەپچان دادىنىڭمۇنۇ مىسرالىرى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ:

پاك ياشىغىن خىسلىتىڭ بىلەن،
تۇمارىستەك جاسارىتىڭدە.
پورەكلىگىن مېھنىتىڭ بىلەن،
نۇزۇگۇمدەك مۇھەببىتىڭدە.
يۈكۈن ئەلگە ھەر بىر قەدەمدە،
ئۇ سىنىڭكى جەننىتىڭ، بەختىڭ.
ئىپپىتىڭنى ساقلا گۆھەردەك ،
ئۇماق قىزىم ئۇ سىنىڭ تەختىڭ.
                        (  ـــ « ئەلانۇرغا دەيدىغىنىم»)

     ئۇ قىزدىن پاك ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھازىرقىدەك ئىپپەت ھايانىڭ قەدرى قالمىغان، قىزلار ئۆز ئىپپىتىنى، قەدىر قىممىتىنى كىچىككىنە مەنپەئەت، بىردەملىك ھېسسىيات ئۈچۈن قۇربان قىلىپ مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي ئەمما چۈشىنىشلىك مىسرالىرى ئارقىلىق قىزى ئەلانۇرغا ئىپپەتنىڭ، كىشىلىك قەدىرقىممەتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئېيىتىدۇ؛ «سەن يالغۇز مەن ئەنۋەرنىڭلا قىزى ئەمەس،بەلكى ئەل يۇرت، جامائەتنىڭ قىزى، شۇڭا ھەرۋاقىت ئەل يۇرت جامائەتنى ئۇنۇتما،تەكەببۇر بولما، ئۆز ئەجرىڭ ئارقىلىق كۆكلەشنى بىل...» دېيىش ئارقىلىق قىزىغاھايات مىزانى ۋە ياشاش يولىنى ئۆگىتىدۇ. مانا بۇ بىر دادىنىڭ، شېئىرنى ھەقىقىسۆيگۈچىنىڭ قەلبى ۋە يۈرەك سۆزى؛ ياراتقۇچىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن سوۋغىسىنىڭ قەدرىنىقىلغۇچىنىڭ ئىزدىنىشلىرى.
   شېئىر يۇرت سۆيگۈسىنىڭ شائىر قەلىمىدە ئىپادىلىنىشى. يۇرت سۆيگۈسى بولمىغان شائىر چىن مەنىدىكى شائىر ئەمەستۇر، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ تار مەنىدىكى يۇرتۋازلىق بولماستىن، بەلكى زامان، ماكان، ۋاقىتتىن ھالقىغان يۇرت سۆيگۈسىدۇر. بۇ نوقتىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ئەنۋەرنىڭ قەلىمى ھەر ۋاقىت يۇرت ۋە ماكانئۈچۈن چىكىلمەكتە ئىدى. ئۇيېقى لوپنۇر، تۇرپاندىكى قەدىمى مىراسلاردىن باشلاپ، بۇتەرىپى قەشقەردىكى كۈجۈم مەھەللە، ھېيتگاھ، تار كوچا ، ئۇشبۇ ماكاندا كىشىنىڭھەۋىسىنى كەلتۈرگۈدەك، كىشىنى ھەسرەتكە دۇچار قىلغۇدەك ھالدا ياشاۋاتقان كىشىلەرئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ئىلھاملار ۋە قايناق ھىسسىياتلار شۇ مىسرالاردىن زوقلىنىپئۆزىنى شۇ جايدا تۇرىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتقان مىنى ھەم ھاياجانغا سالماقتا ئىدى.شۇ تاپتا كۆز ئالدىمدا قەشقەر ھېيتگاھ ئالدىدىكى قايناق بازار، شۇ بازارنىڭئوتتۇرىسىدا بېشىغا نان تىزىلغان تەڭنىنى قويۇپ كېتىۋاتقان ناۋاي بالا، قىرىقئۆرۈلگەن سۇمبۇل چاچلىرى رەڭدار ئەتلەس كۆينىكىنى بىلەن ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزبولۇپ ماسلاشقان سودىگەر قىزچاق؛ كىشىلەر «سېسىق گەپ» دەپ نام قويىۋېلىشقان، ئەممائۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرىۋاتقان سۆزلەرنى توختىمايقىلىپ خېرىدار توپلاۋاتقان دوغچى....

بۇيەردىن چىقىدۇ ئۇيغۇرچە قۇياش،
شۇنچەئىللىق مېھرىنى چېچىپ.
پارلىشىدا  پاتار قەشقەرگە،
ھەقىقەتنىڭئىشكىنى چىكىپ.
                                                                (  «قەشقەر» ناملىق شېئىرىدىن)

     مانا بۇ ئەنۋەر، ئەنۋەرنىڭ قەلىمى ماڭا ئاتا قىلغانھىسلار ئىدى؛ تاڭمۇ ئاتتى، ئەمما مەن مىسرالار تەكتىگە تولۇق يىتەلمىگەن، ئۇنىڭبىلەن مۇڭدىشىپ قانمىغان ئىدىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ مەنزىلگە ئىنتىلگەن قەلبى ۋەقەلىمىنىڭ قانچىلىك زوق-شوخ بىلەن چېپىپ كىتىۋاتقانلىقى ئايان بولماقتا ئىدى.
      يېڭى بىر تاڭ ماڭا قۇچاق ئېچىپ مىنى بىر كۈنلۈك پائالىيىتىمنى باشلاشقا دەۋەت قىلىۋاتقان ئۇشبۇ دەملەردە مەن قىيالماسلىق ۋەھۆرمەت تۇيغۇسىدا ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلەشمەكتە ئىدىم. ئون يىل ئۆتۈپتۇ، مەن ئانا يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئانا تىلدا ئىزدىنىش ۋە تەربىيلىنىش پۇرسىتى بولمىغان جايلاردائىزدەندىم، سەن يەنىلا مۇشۇ يۇرتتا، مۇشۇ مۇھىتتا ئىزدىنىپسەن؛ ئون يىل، سەن بارلىق خاپىچىلىقلارنى، بارلىق سىقىلىشلارنى ئۆز قەلبىڭدە ساقلاپ، شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈڭنى تونۇپسەن ۋە غايىۋى مەنزىلگە ئىنتىلپسەن. شۇ تاپتا سىنىڭ قولۇڭنى چىڭتۇتۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېمەكتىمەن:« ئەي، شېئىرنى پەرۋانىلەرچە سۆيگۈچى، مەن يۈرىكىمىنى تۇتۇپ بولدۇم، سەندىكى شېئىر ئوتى ۋە جاسارەتنى يۈرىكىم ماڭا ئېيتىپ بەردى. ئىزدەن، مەنزىل ئالدىڭدا، ئون يىللىق ئۇۋالچىلىقلار، مەن ۋە باشقاتۇققانلار ساڭا بەرگەن ئازارلارنى ئۇنتۇپ داۋاملىق ئىزدەن؛ شېئىرلىرىڭ  ۋە ئىزدىنىشلىرىڭ سىنى يۈكسەك پەللىگەيەتكۈزگۈسى، ئەلانۇر كەلگۈسىدە سىنىڭ ۋە شېئىرلىرىڭنىڭ نامىدا پەخىرلىنىپ كۈلگۈسى!ساڭا ئامەت ۋە بەرىكەت تىلەيمەن!»
2015.3.16  خوتەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-11 22:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-11 22:52:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇ شېئىرنى سۆيگۈچى، شۇنداقلا بىر دادا، شۇڭىلاشقا، ئۇ دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتىنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىدۇ. شۇڭا تىنماي ئىزدىنىدۇ.



بۇ ماقالىنى يېزىشتا كۆپ جەھەتتىن ئىزدىنىپ،كۆپ ئەجىر قىپسىز.ئىزدىنىشلىرىڭىزگە نۇرانە مەنزىل قۇچاق ئاچقاي!

ۋاقتى: 2015-4-11 23:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە  (ئوبزور) ئۇدۇل كەلگەن ئادەم يازالمادۇ..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-12 13:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فونتان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-11 23:25
رەخمەت سىزگە  (ئوبزور) ئۇدۇل كەلگەن ئادەم يازالمادۇ..

سىزگىمۇ ھەم رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-4-14 07:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سابا،ئىز دىنىشلىرىڭىز قۇت  بولسۇن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-14 21:54:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆھتام يوللىغان ۋاقتى  2015-4-14 07:54
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سابا،ئىز دىنىشلىرىڭىز قۇت  بولسۇن

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت سىزگە، بىرگە بولسۇن!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش