بىر پاكىت،ئىككى خىل چۈشەندۆرۈش
قاسىم سىدىق
بۇگۈن تور ئارىلاپ يېڭى تېما _ «
قارا ئۆڭكۆرنىڭ سوقۇلىشىدىن يېڭى قاراش مەيدانغا كەلدى»نى ئۇچراتتىم.بۇ تېما ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «ي
ېڭى قاراش ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىش:قارا ئۆڭكۆر سوقۇلىشىنىڭ بايقىلىشى»ماۋزۇلۇق يەنە بىر تېمىنى مۇلاھىزە قىلىش ئاساسىدا يېزىلغان ئىكەن.ھەرئىككى تېمىدا قوشماق قارا ئۆڭكۆرلەرنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلىشىنى چۆرەدىگەن ھالدا «تارتىش كۈچى دولقۇنى»نىڭ رولى ھەققىدە ،سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختۇلۇپتۇ.
تېمىدا،قوشماق قارا ئۆڭكۆرلەرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ۋە ئوربىتىدا ئايلىنىش جەريانىدا تارتىش كۈچى دولقۇنى تارقىتىدىغانلىغى،بۇ دولقۇن بۇ بىرجۆپ قارا ئۆڭكۆرلەرنىڭ ئوربىتا رادىيۇسىنى بارغانسىرى قىسقارتىپ،ئاخرى بىر-بىرىگە سوقۇلدۇرىدىغانلىغى ۋە ئۆز ئارا قوشۇلۇپ تېخىمۇ چوڭ ماسسىلىق بىر دانە قارا ئۇڭكۆرگە ئايلىنىدىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قارا ئۆڭكۆرسىستىمىسىدىكى ھەر بىر دانە قارا ئۆڭكۈرنىڭ سىپىن بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى (رەسىمدىكى قىزىل يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى) بىلەن ئوربىتا بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ (رەسىمدىكى كۆك يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى) ئۆزگىرىدۇ ۋە ۋاقىتقا ئەگىشىپ يۆتكىلىدۇ،دېيىلگەن.
يەنى،تېمىدا قارا ئۆڭكۆرنىڭ سىپىن بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى ۋە ھادىسىسىنى پېرېتسىيە ھادىسىسى دەپ قاراپ ھەل قىلىش بولىدىغانلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە،بۇ قارا ئۆڭكۆرلەرنىڭ نۇر(پېقىرىغۇچ)غا ئوخشاش ئايلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ ۋاقىتقا ئەگىشىپ سىلجىيىدىغانلىغى يېزىلىپتۇ.
قارىغاندا،ھازىرقى ئالاقىدار تەتقىقاتلار 29-تىئورمىچە ئېغىش ئىدىيىسىگە يېقىنلاپ قالغاندەك تۇرىدۇ.تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلالىسىلا شۇنداق!
سىپىن بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى،ئوربىتا بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى،ئومۇمى بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىدىن ئىبارەت بۇ مىقدارلارنى ئىككى دانە نۇرنىڭ تەكشىلىكتىكى تىرايىكتۇرىيىسى،ھەركەت شەكىللىرىدىن كەلتۆرۆپ چىقىرىشقا بولۇپلا قالماي،بۇ ئىككى نۇرنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلىشىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.ھالبۇكى بۇ جەريانغا ئاتالمىش «تارتىش كۈچى دولقۇنى»نىڭ ھاجىتىمۇ يوق!
يۇقۇرقى ئىككى تېمىدا قوشماق قارائۆڭكۆرنىڭ
سوقۇلىشىدىن ئىبارەت بۇ
يېڭى بىر پاكىت تارتىش كۈچى دولقۇنىدىن ئىبارەت بىر كونا ئىدىيەنىڭ ئىسپاتى سۆپىتىدە شەرىھلىنىپتۇ.ھالبۇكى،تارتىش كۈچى دولقۇنى تېخىچە ئىسپاتلانمىدى.بەخىتكە يارىشا، 29-تىئورمىدىن ئىبارەت يەنە بىر كونىراق ئىدىيە بولسا يېتەرلىك تەجىربە ئاساسلىرىغا ئىگە.قايسىنى تاللاش ئىلىم دۇنياسىنىڭ ئىختىيارىغا باغلىق!
反冲,超大质量黑洞
2015年1月26日
رەسىمنى NASAتارىتقان
مەنبە:
http://phys.org/news/2015-01-recoiling-supermassive-black-hole.html#inlRlv
قارا ئۆڭكۆرنىڭ ئوربىتا ئۆز ئارا تەسىرى
Composite image shows two black holes orbiting each other
2015.4.11
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-12 21:39