يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 702|ئىنكاس: 10

ئۈمىد:ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  2014-يىلى8-ئاينىڭ 9-10-11 كۈنلىرى سابىق ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن 91-يىىللىق ئومۇمىپەن 2-سىنىپتىكى 42 ساۋاقداشتىن ئوتتۇز نەچچىمىز ئەينى چاغدىكى سىنىپ مەسئۇلىمىز ئەخمەد ھاپىز مۇئەللىمنى ئارىغا ئېلىپ قەدىمى يۇرت كۇچادىكى ساۋاقدىشىمىز نۇرەھمەت قاتارلىقلارنىڭ تەشكىللىشىدە كۇچادىكى ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە ناراتتا 20يىلدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىمىزنى ئۆتكۈزدۇق، ھەقىقەتەن ئەستىن چىقماس خاتىرە بولدى، بۇ شۇ چاغدا مۇنبىرىمىزدىكى ساۋاقدىشىم ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد يىغلىشقا ئاتاپ ئوقۇغان شېئىر بولۇپ ئاپتۇرنىڭ ماقۇللىغى بىلەن ئاز تۇلا تۈزەپ مۇنبەرگە يوللاندى. خوشاللىقنى ئورتاقلاشساق ھەم يەنە شۇنداق ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈۋاتقانلارغا شەكلى ئۈلگە بولسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

ئەسكەرتىش: يازمىدا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى توققۇز يۇرتنىڭ لەقىمى ئىشارە قىلىنىپ چاقچاق قىلىندى، ھەرقايسى يۇرتلاردىكى دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.








سابىق ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن 1991-يىللىق ئومۇمىپەن 1-يىللىق 2-سىنىپ(9112-سىنىپ) ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا خاتىرە




                              
ياسىنجان ئىمىن ئۈمىد


ئۇستازغا مۇۋەھشەھ



ئەسسالام كەلدۇق كۈسەن بۆگۈن بەزمە قۇرۇپ ئۇستاز،
مېھرىمىز ئاسمانىدا تۇلۇنئايدەك تۇلۇپ ئۇستاز.
.
خوش كەيىپ گۈلگۈن چىمەنزار ۋەسلىدە بۇلبۇل كۈيى،
ھاياجان ھىس دېڭىز شۇ تاپ يۈرەكلەر يۇلقۇنۇپ ئۇستاز.
.
مۇشاققەت باغلىرى شەربەت يىمىشلەرگە ئىرەم بولدى،
ئەجىرلەر تەھسىنى سەپراس شىرىن مىۋە سۇنۇپ ئۇستاز.
.
ئەسلىنەر مىڭ يىل ئۇزاق بىر كۈن ئىلىمگە پاسىبان،
ئۆتتى ئەسلەردىن قاتار يۇرۇق شامدەك يۇرۇپ ئۇستاز
.
تۈكۈلدى مۇڭلىرى سىم-سىم دىدار دەملەر سۈزۈك رىشتە،
بۇ كۈنلەرگە كىچىكتۇق بەك خىجىلمىز ئۇھسىنىپ ئۇستاز.
.

ھىسام كەتتى ياسىن كەتتى بۇ كەتمەك ھەممىگە نۆۋەت،
بۈگۈن كەلدۇق 40ياپراق چۆرىڭىزگە قۇنۇپ ئۇستاز.
.
ئادەملىك قەدرىمىز ئاشتى تەشەككۈرلەر يېنىپ تاشتى،
بۇ كۈنلەر سىز بىلەن روياپ ھارام چۆپنى يۇلۇپ ئۇستاز.
.
پەزىلەت بابىدا سۇلتان، ناپاكلىقنى بىلىپ زىندان،
قېتىلدۇق پەخىرلىك سەپكە سىزدىن ھەقنى تۇنۇپ ئۇستاز.

ئىللىق سىماھ تالاي يىللار كەچمىشلەردە بولدى مەدەت،
ئاداشقاندا يول بەردىڭىز بىزگە ماياك بۇلۇپ ئۇستاز
.
زىمىن- ئاسمان كەبى ھۆرمەت قارار تاپسۇن لىباسلاردا،
ياشاڭ بوغدا خانتەڭرىدەك يەنە مەزمۇت  تۇرۇپ ئۇستاز.
.


2014-يىل. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى . شەھرى كۈسەن.








سالامنامە


مۇقەددىمە

ئەسسالام ئەلبومدىكى 42گۈلدىن سالام،
زارىقىش تۆككەن خازان يىگىرمە جۇت-يىلدىن سالام.
يوق دىدار تۈنلەر بىدار نۇرى پىل پىلدىن سالام،
جەم بۆگۈن ۋەسلى ۋىسال قەدىم كۈسەنىمدىن سالام.
مىڭ باھار سىم-سىمىدا ئەغيارغا چىن دىلدىن سالام.

.
بىر زامان ئاقسۇدا جەم تاڭدىكى غۇنچە ئىدۇق،
رىشتىمىز نۇردىن تۇتاش بىر تىزىق ئۈنچە ئىدۇق.
ئىتىقاد ئارمان دېڭىز ، لەرزىدىن تامچە ئىدۇق،
ئەل ئۈچۈن كۆيگەن بۇرچ ئوتىدىن شامچە ئىدۇق،
نەۋقىران كەچمىش بوران روھى زىل-زىلدىن سالام..

.
بىر ياتاق، 8 ئاتاق ھەمسىرى دىلداش ئىدى،
يول، دەرەخ ،مەيدا، سىنىپ... ھەممىگە مۇڭداش ئىدى،
كۆك قۇمۇش،يانتاق گۈلى ، ئاينۇرى سىرداش ئىدى،
بىرىگە دەرت كەلسە غەم، ھەممىسى قولداش ئىدى،
شۇنچە يىل باغرى كاۋاپ، ئوتى ۋىل-ۋىلدىن سالام..
.

گاھ يىغا ،گاھى لەزىز ئۆتتى ئۈچ يىللىق ھايات،
مەكتىۋىم بۈركۈت ئىنى ،پەرلىدى سۇنماس قانات،
ئانا قۇش ئۇستاز ئەجىر-بەردى كۈچ، غورۇر، سۇبات،
ئاخىرى بولدۇق ئۇچۇم ھەر سايان كەتتۇق ھەيھات..
ئايرىلىش ھىجرانىدا تولغىنار قىلدىن سالام..
.
ئارىدىن كۆپ يىل ئۆتۈپ جەم بولۇپ بۇندا تامام..
باغۇ- باغ ئاچتۇق قۇچاق، يامغۇرىن ياغدۇق تارام،
بىزگە ئوت ياققان چىراق جانىجان ئۇستاز سالام..
ئەجرىچۈن مىڭ تونمۇ ئاز گۈلدەستىلەردىن ئىھتىرام..
ياڭرىدى بۇندا ساۋاقداشلار ساداسى شاد-خۇرام،
ناخشىمىز ياڭراق سۈزۈك بىر ئۆمۈر ئەتسۇن داۋام..
دىلغا دىلدىن چوغ ئاقار مىھرى مەنزىلدىن سالام...
.



كۇچارغا..
ئەسسالام ھېكمەت نۇرى سەھرى كۈسەنىمدىن سالام،
سۇجىۋا، كۇمراجىۋا.. پەخرى كۈسەنىمدىن سالام.
قەدىمى ئۆتەڭ مەدەنىيەت بەھرى كۈسەنىمدىن سالام،
راشىدىنخان ئىسھاق غۇجا ، نەيزە سىپەرىدىن سالام،
غالىپلار روھى سىجىل توسقۇن بۆسەرىمدىن سالام،
نۇرەھمەت ، تۇرسۇن ،ھىمىد -يولچى چەپەرىمدىن سالام،
قۇيرۇغى كالتە، چىۋىن قونسا تىپەرىمدىن سالام،
ئەلۋىدا ھىسام ساڭا جەننەت ئىرەمىمىدىن سالام،
تام رەسىم ئىچرە ئامانگۈل ھەم زىيادەمدىن سالام،
ئۇمانەم، ھاۋاگۈلۈم يەنە قەمبەسەمدىن سالام.
ئەسسالام ئۇغۇز سۈپەت نەسلى ئىسىلدىن سالام،
ئەسسالام گۈلگۈن سۈپەت ئەسلى      ھۆر،ھۆردىن سالام.


.

توقسۇغا
ئەسسالام توققۇز ئېقىن توققۇز ئوغۇزنىڭ جايىسەن،
گاھىدا ئەديالمۇ يوق ، گاھى يوتقانغا بايى-سەن،
دەيدىكەن ئەللەر ئەزەل توقسۇ كۇچانىڭ غالچىسى،
قالدى ئۇ ئۆتمۈش يىراق، ئەمدى ئۆزەڭنىڭ شاھىسەن.
ئۆزگىچە ھۆنەرگە باي دۇتتارى داڭلىق ناھىيەسەن،
نازلىرىڭ تاڭسىڭ سۈپەت ،جى بەڭگە-ياسىن بارمۇسەن..

.
ئوت يۈرەك توقسۇ قىزى دىلرەبالار ھەممىسى،
راھىلە ھەم سەۋرىنىسەم ،خەيرىگۈللەر سەرۋىسى،
يوق ئەزەل ،ئۇچقات ئۆگەن ،پەيشەنبە بازاردا غەلۋىسى،
قەدىريە دەپ زەيدە پىشقان قانچە بايقۇش مەيدىسى،
ھېلىمۇ ئۇنتۇلمىدۇق يانتاققۇدۇقتا جەڭ بېشى،
مىھرى ياز دىلكەشلىرىم خۇشناۋا تىلدىن سالام...


.
شايارغا
ئەسسالام شاھيارى دەپ قايسى شاھنىڭ يارى سەن،
نازىنىن دۇتتارىدا يۈرەككە تەككەن تارىسەن،
تارىمدىن يۈتتى بېلىق، ئەمدى ئۆپكىگە زارىسەن،
دەپ كۇچانىڭ مالچىسى تۇردى جاڭگەالدا بارمۇ سەن،
شوخ ئىدىڭ بىر چاغ مۇدا، ھازىرمۇ لەپ-لەپ شارمۇسەن،
تاھىرىم قەھرىڭ زۇۋۇك، ھېلھەممۇ كارۇ-كارمۇسەن،
ھەي ئۆمەر چىققىن ئۇۋاڭدىن ئۆزەڭنى ئاسقان دارمۇسەن،
ئابدۇھېلىم ھىسامكامغا ھەمسىياق- ھەمكارمۇسەن،
تاغ ئېشىپ كەلدۇق يىراق، سېغىنىپ بىزدىن سالام،
كەلمىسەڭ كۆتىرىپ كېلىشكە تالۇ-زەمبىلدىن سالام.

.

بايغا
باي دىسەك بىزگە غورۇر-نىمشىھىت، سايرامى بار،
باغرىدا ئىلى ئېتى چاپچىغان جەۋلانى بار،
كى تارىخ بەتلىرىدە شان-زەپەر بايرامى بار،
قاسىمى ،ئابباسىيدەك دوستىمىز –قايرانى بار،
يوق دېسەك بولماس ئېشەك قېتىغى ئايرانى بار،
گۈلشىنى رەڭدار پورەك، ھېپىزى سەيلانى بار،
بار يەنە نامى لەنەت ھېكىم نۇر –قەۋۋانى بار،..
پارلىغان ئىرپان نۇرى تارىخى سىردىن سالام..

.

ئاقسۇ شەھرىگە
ئاقسۇلۇق كاۋا تېرىپتۇ بارىڭى تامدىن ئېگىز،
قىزلىرى ھېسىپ ئىشتاندا ،ئەرلىرى چاينار سېغىز،
باللىرى سۆزلەيدۇ ئەبجەش گەپلىرى ئارۋاڭ ئېغىز،
نۇرىگۈل، ئوغۇلنىسا، ئايتۈرەملەر نەدەسىز؟
شۇ ئالاماندا يوقاپ كەتمەڭ ساۋاقداش قەدرىسىز،
بۇ دىدار جەمگاھىدا كۈتتۇق سىلەرنى سەبرىسىز،
ئەلۋىدا ياسىن كېتىپتۇ بىمۇلاقات شۇنچە تېز،
يۈزلىنىپ قارىتال تامان دۇئا بىرەيلى ھەممىمىز،
ئەسلىمە قالغان ماكان شەھرى ئەردەۋىلدىن سالام..


.
ئونسۇغا
بىر زامان ئونسۇ دىسەم ئاغزىم كېلەتتى لىپمۇلىق،
تارىخى ئۇچقا تۇتاش ، ئەزەلدىن بىر يۇرتچىلىق،
گۈرۈچى داڭلىق يەنە ، تۇرمۇشى مەمۇرچىلىق،
نەگە بار ئەلۋەك سۈيى-زەيسۇغا ئەتراپ لىقچىلىق،
چىقمىدى ئالدىمغا ئادەم شەھرىڭگە بارسام قىپچىنىق،
دىك قىلىپ بىرتال پاقا شاللىقىڭ چىققانچىلىك،
ئوسمىنىم ، ئابلا ،تۇرسۇن، ئەخمىتىمىلەر نەدىسەن؟
تانمىغىن ،جەم بول بۈگۈن ، قىلما ئۇنداق سەت قىلىق،
تۇرسۇنئاي، مەريەم، ھۆرەم، ئاسىگۈل، ئاينۇر كەبىي
گۈللىرىمىز بار يەنە زارىقىپ سېغىنچىلىق،
ئىرىگەن تۆمۈر چوققا باغرى غىل-غىلدىن سالام..
.

ئاۋاتقا
قېنى قۇي گۈلگۈن شاراب، خۇش كەيىب ئاۋات سالام،
خۇشپىچىم دولان قىزى قوزغىتار دىلدا يارام،
ئوۋچى قىردا يېتىپ توشقىنى بولغان ھارام،
قوپ ئاداش ياتما قاۋاقتا مەنزىلىڭنى قىل داۋام،
يۈسۈپۈم، ئابلىز،ئۇبۇل- لىڭگىر پاچاققا ئىھتىرام،
كەل بۈگۈن، كۈسەنگە كەل، جەمگاھدا بولغايمىز خۇرام،
نازىنىن قۇيغان مۇسەللەس خۇشپۇراق- ھىددىن سالام..


.
كەلپىنگە
ئەسسالام كەلپىن ئەزىز ئالەمگە مەشھۇر نام ئۇلى،
دەرت داۋا- رەنجىڭ شىپا جەۋھەر ئاچالنىڭ چامغۇرى،
يەلپۈسە قاچمايدىغان قەمبەرنىسا بار گۈلى،
ۋەسلى گۈل تەققاس ئۆزى مىسلى كىروران گۈزىلى،
ياڭرىسا ئايدىڭ كېچە مۇڭ-مۇڭ جېلىلنىڭ تەمبۇرى،
ئاڭلىغان ھەركىم دېگەي ئۇكەن چىمەننىڭ بۇلبۇلى،
مىڭ ھۆنەر ئاز بۇ خەلققە ئەقلى ساز، ئىشچان قولى،
بىلمىگەنلەر دەر بۇ خەقنىڭ بار يەنە قانداق سىرى،
-دادىسى ئادەم ئىمىش، ئانىسى-جىن- غەمخورى...
بۆشۈگى ئالىم، ئەدىب ئىپتىخارىمدىن سالام..


.
ئۇچتۇرپانغا
ئەسسالام زۇمرەت سېپىل شەھرى ئۇچتۇرپاندىن سالام،
‹يەتتە قىز› نەسلى قاتار شېھىت قەھرىماندىن سالام،
موللا شاكىر-‹زەپەرنامە›-تارىخي شاندىن سالام،
ئۆتمۈشى غەليان پەۋەس-تەلۋە ئالاماندىن سالام،
تەڭنىدىن تاشقان خېمىردەك بودەك ياسىنجاندىن سالام،
ئاغزى ئويماق ،كۆزى پارلاق تۇقىزى-خاندىن سالام
شەنىگە تاغلار قۇچاق تىللاردا داستاندىن سالام،
ئۈزۈلمەس توشقان سۈيى مۇڭى دۇتتارىمدىن سالام..


.


خاتىمە
ئەسسالام توققۇز شەھەر،توققۇز تىلەكتە جانىجان،
دارىلىمۇئەللىمىن جەم قىلدى بىزنى ئانىجان،
ئولتۇراتتۇق رەتمۇ رەت گۈلدەستىلەردەك يانمۇ يان،
بار ئىدى ئۇندا پەدەر- بۈگۈنىمىزگە پاسىبان،
كۈلكىمىزگە جۈر بولۇپ ئۈنلەيتى ئورمان شادىمان،
ئېھ بۈگۈن ئۆچتى شۇ نام، دىللارنى تىلغار ياش قىيان،
نە ئۆچەر، ئۆچمەس ئۇنىڭدىن ئەجداد ئودۇمى ھەرزامان،
مانا جەم بولدۇق كۈسەن، ئەسلەپ شۇ چاغنى دىلبايان،
كەچتى ئەستىن مىھرى ئاتەش بارچە ئۇستاز مىھرىبان،
چوققىلارغا چۈشسىمۇ قار،بىز يەنىلا نەۋقىران،
بۇ دىدار دەم پەيتىدە خۇش كۈلۈپ سالدۇق چوقان،
توسالماس چىن مىھرىمىزنى ئوزۇن يول تاغۇ- داۋان،
ئەستىلىكلەرگە گوۋاھ بولدى بۇ قەدىم ماكان،
قول تۇتۇشقايمىز مېھىردە قېنى ساۋاقداش-دوست ياران،
ھايات مەنالىرى تاشسۇن ئايرىلىش جاندىن يامان،
مېرى مۇھاببەتتە ياشنار روھىيەت پەسلى –ئىمان،
ئايرىيالماس ئەمدى بىزنى سوقسا مۇز ، مۇدىھىش بوران،
ئۇچرىشايلى، سىردىشايلى يەنە تېل يوللاپ راۋان،
بەختىمىز ئالەمچە كۈلسۇن نەدە بولساق تىنىچ –ئامان،
رىشتىمىز يول-يول تۇتاش باغرى تارىمدىن سالام..



.
2014-يىل 8-ئاينىڭ8-9-كۈنلىرى. ئۇچتۇرپان، كۇچار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقسۇ1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-10 20:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-10 19:42:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇش ھاياتىمىزدىن ئەستىلىكلەر(1991.9.1-1994.7.10)


QQ图片1.jpg
QQ图片2.jpg
QQ图片3.jpg
QQ图片4.jpg
QQ图片5.jpg
QQ图片7.jpg
QQ图片8.jpg
QQ图片9 (2).jpg
QQ图片10.jpg





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقسۇ1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-11 13:32  


ۋاقتى: 2015-4-11 00:22:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستىن چىقماس شادىمان كۈنلەرنىڭ شېرىن ئەسلىمىلىرىدىن پۈتكەن نەزمىلىرىڭىزگە مۇبارەك.

ۋاقتى: 2015-4-11 11:05:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانمۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۇزەرمەن؟ شۇنداق كۇنلەر قاچانمۇ كىلەر، ھەجەپ سىغىندىم.

ۋاقتى: 2015-4-11 12:27:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   چاقچاقلار جايىدا كەپتۇ، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-4-11 19:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سابىق ئاقسۇ دارلمۇئەللىمىندە ئۆتكەن 20يىل ئىلگىرىكى چاغلىرىمىزنى ئەسكە سالدىڭ، چولتا يازمىلىرىمغىمۇ ئەجىر قىپسەن،.رەھمەت، ساۋاقدىشىم،... . سالامەت بولغىن...

ئەركىزات، رەيھانگۈل ،شەيدايىلارغىمۇ سالاملار بولسۇن..

ۋاقتى: 2015-4-11 23:40:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلاردىن ھوزۇرلاندىم. رەھمەت! ئەمما يۇقارقى سۈرەتلەردىن سىزنى ئىزدەپ زادىلا تاپالمىدىم ياسىنجان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-12 13:36:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزيول يوللىغان ۋاقتى  2015-4-11 23:40
شېئىرلاردىن ھوزۇرلاندىم. رەھمەت! ئەمما يۇقارقى سۈرەتل ...

1- سۆرەتتە ئارقا سولدىن 3-سى؛ 2-سۆرەتتە ئارقا ئوڭدىن 5- سى؛ 3- سۆرەتتە ئالدى ئوڭدىن 2- سى؛ 4- سۆرەتت ئارقا سولدىن 2- سى؛ 5- سۆرەتتە ئارقا ئوڭدىن 2- سى؛ 6- سۆرەتتە سولدىن 1- سى؛ 7- سۆرەتتە سولدىن 2- سى؛ 8- سۆرەتتە ئالدى ئوڭدىن 2-سى؛ 9- سۆرەتتە ئارقا سولدىن 7- سى ياسىنجان ئۈمىد شۇ

ۋاقتى: 2015-4-13 13:13:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچرىشىش ئۈزۈلمىسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋقۇت311 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-13 13:15  


ۋاقتى: 2015-7-1 02:26:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋقۇت311 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-13 13:13
ئۇچرىشىش ئۈزۈلمىسۇن!

دېگىنىڭىز كەلسۇن، قېرىندىشىم...

ۋاقتى: 2015-7-1 02:41:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ图片20150410104515.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش