گۈل شېخىداسايرايدۇ بۇلبۇل
تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى
ئايدىڭ كېچە، سۈپ-سۈزۈك ئاسمان،
دېرىزەمنى چېكىدۇ شامال.
ئايغا قاراپ ئولتۇردۇم جىمجىت،
دىلخانەمنى چىرمىغاچ خىيال.
كۆيدۈرگەندە يۈرىكىمنى ئوت،
كەتتى كۆڭۈل مېنى يېتەكلەپ.
سېغىنىشلىق تۇيغۇلىرىمدا،
چېچەكلەيدۇ سۆيگۈ پورەكلەپ.
يالقۇنجىغان پىنھان قەلبىمگە،
سىزىۋالدىم قوشماق يۈرەكنى.
ئەقىدەمدىن رەڭ بېرىپ يەنە،
چېچىۋەتتىم ئارزۇ، تىلەكنى.
ئۆتۈپ كۈنلەر كېلىدۇ باھار،
ۋىسال قۇچقان ئېرەم باغلارغا.
گۈل شېخىدا سايرايدۇ بۇلبۇل،
ناۋا ئەيلەپ گۈزەل چاغلاردا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-10 14:21