قوزا قۇش
م.غ غا بېغىشلايمەن
باغدا باققان پاقلىنىم دەپ
ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى.
—خەلق ناخشىسى«روزىلەم»
سېنى قوزىمىكىن دېسەم
قۇشتەك ئۇچۇپ چىقىسەن
ھەمدە، زاماننىڭ ۋەيرانە دوقمۇشىدىكى دەرەخ كۆكسۈمدە ئۇۋا سالىسەن
ھەمدە، يارام چوڭقۇرلار، تەنھالىقىم مېۋىلەر
سېنى قۇشمىكىن دېسەم
ھاياتىمنىڭ ئۆلۈم زىياپىتىدىكى ئۆرۈۋېتىلگەن ئۈستىلىگە قوزىدەك چىپىپ كېلىسەن
ھەمدە، لېۋىڭدىن يەتتىنچى قەۋەت سەككىزىنچى ئۆيدىكى تۈنگە قايتىمەن
ھەمدە، كۆزۈڭدىن ئۆزىگە چۆكۈۋاتقان سۇلاردىن ئېچىپ، ئازابلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن
ئەي قوزا قۇش
كۆزۈڭ يېرىم يۇمۇق، مېنى سۆيىسەن
لېۋىڭ ھۆل ۋە قان، مېنى سۆيىسەن
مېنىڭ جازا ئۆتەۋاتقان تېنىمنى، ھاشارغا ئىشلەۋاتقان روھىمنى سۆيىسەن
شۇنچە جىق يۈكلەرنى باسساممۇ، تونىلدىن قۇپقۇرۇق ئۆتىۋاتقان ھاياتىمنى سۆيىسەن
دەرەختىن تۇيۇقسىز سېپى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەن ئالمىدەك ئۆلۈمىمنى سۆيىسەن
ھەمدە
مەن قەبرە دېڭىزدا ئازابلىرىمنى مەۋجۇدىيەت قولۋىقىغا قاچىلاپ
سېنى سۆيگىلى بارىمەن
ئاشۇ يەردە
بىزنىڭ پەسلىمىزدە
ئۇزاق سۆيۈشىمىز
تۈرمە باشلىقىنىڭ بۇنىڭغا ئامالى بولمايدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-6 12:17