كۆرۈش: 1657|ئىنكاس: 0

ياسىنجان رۇزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1111.jpg


    ياسىنجان  رۇزى كۈرەش 1976-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيسىنىڭ ئىشلەمچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىياتى بۇيىچە مەخسۇس كۇرۇسنى تاماملىغان.ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ ئۇنسۇ ناھىيلىك رادىئو –تىلىۋىزىيە مۇخبىرى،ئۇنسۇ ناھىيسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسىدا خەلق ھۈكۈمىتىدە كاتىپ،تەشۋىقات كادىرى،قۇشۇمچە يېزىلىق ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ سېكىرتارى بۇلۇپ ئىشلىگەن.
     ياسىنجان رۇزى كۈرەشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا باشلانغان بۇلۇپ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئىككى پارچە شېئىرى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«تارىم»،«ئاقسۇ گېزىتى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»...قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا بىر پارچە پوۋىست،4پارچە ئەدەبىي ئاخبارات،13پارچە ھېكايە ھەم 150 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر-شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 3 پارچە مىكرۇ ھېكايسىى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بىر قانچە پارچە ئەسىرى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان ھەم كوللىكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.  
    ياسىنجان  رۇزى كۈرەش ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش