يۇرت مۇھەببىتى
مەتيۈسۈپ ئابدۇسەمەت
باغرىڭدا تۆرەلدىم، تۇغۇلدۇم، ئۆستۈم،
ئاش بەردىڭ، تۇز بەردىڭ سۆيۈملۈك يۇرتۇم.
سەن ئەزىز يۇرتۇمنىڭ ئەجرىنى ئاقلاش،
بۇ مېنىڭ ھاياتتا ئەقەللىي بۇرچۇم.
كۆز ئاچتىم دۇنياغا ئىللىق قوينۇڭدا،
باغرىڭغا سىڭىپ كەتتى كىندىك قېنىم.
پەپىلەپ ئۆستۈردۈڭ مېھرىڭ بىلەن،
باغلاندى قەلبىمدىن ساڭا چىڭ رىشتم.
ئەجرىڭدە چوڭ بولۇپ قاناتلار قاقتىم،
بىر بۈيۈك مەنزىل ئۈچۈن ئۇچتۇم يىراق.
ۋە لېكىن يۈرۈكۈم ئىشقىڭدا گۈلخان،
قەلبىمدە مىڭ ھەسرەت، سېغىنىش، پىراق.
تەلپۈنەر بۇ قەلبىم ساڭا ئەي يۇرتۇم،
قوينۇڭدا جان بەرسەم ئارمانسىز دىلىم.
ئىجادىم، تەرىمدە گۈللەتسەم سېنى،
ئەمەسمۇ شۇ مېنىڭ ئارزۇ- تىلىكىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاغداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-4 00:56