كۆرۈش: 959|ئىنكاس: 0

ئوسمان ئىسمايىل تارىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
e0196bb7543586c5ebaef13bedeb6cd5.jpg

    ئوسمان ئىسمايىل تارىم 1958-يىلى 8- ئاينىڭ 1-كۇنى شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، دوكتورانتلار  يېتەكچىسى.
   ئوسمان ئىسمايىل تارىم باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شايار ناھىيىسىدە تاماملىغاندىن كېيىن، 1978-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 1996-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 6-ئايغىچە سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا رۇس تىلى ئۆگەنگەن، 1997 -يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا، 2000-يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە قازاقىستان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيسىدە دوكتورانتلىقتا ئوقۇغان، 2002-يىلى دوتسېنت، 2007-يىلى پىروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوسمان ئىسمايىل تارىم 2013-يىلى ماگىستىرانتلار يېتەكچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بېرى، ھازىرغىچە 25 نەپەر ماگىستىر تەربىيىلەپ چىقتى. ئۇ يەنە 2012-يىلى دوكتورانتلار يېتەكچىسى بولدى، ھازىر ئۇنىڭ قولىدا ئۈچ نەپەر دوكتورانت تەربىلىنىۋاتىدۇ.
   ئوسمان ئىسمايىل تارىم ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتشۇناسلىقىنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۇك كەسپى قىلىپ تاللىغان. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1994-يىلى 5-ئاي نەشرى)، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمى بايان» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىلى 1-ئاي نەشرى)، «ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى  نەشرىياتى، 2006-يىلى 5- ئاي نەشرى)، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمى بايان» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009-يىلى 9-ئاي نەشرى)، «چەكسىزلىككە ئىنتىلگەن روھ» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2010-يىلى 3-ئاي نەشرى) قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇردى، «ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى» (2) (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1998-يىلى 3-ئاي نەشرى) ناملىق كىتابنى تۈزدى، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىلى 9-ئاي نەشرى)، «جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دىن ۋە ئەپسانىلىرى لۇغىتى» (شۆيۈەن نەشرىياتى 1990-يىلى 7-ئاي نەشىرى)، «ئالى مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 7-ئاي نەشرى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2004-يىل 7-ئاي نەشرى)، «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 12-ئاي نەشرى)، «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلە قوللانمىسى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006-يىلى 12- ئاي نەشرى)  قاتارلىق كۆپلىگەن كىتابلارنى يېزىشقا قاتناشتى، مەمىلكىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەنزۇچە، رۇسچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئىلمىي ژۇرناللاردا 70 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. يېقىندا يەنە ئۇنىڭ ئاسپرانتلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئوسمان ئىسمايىل تارىم ھازىرغىچە دۆلەتنىڭ تەتقىقات تۈرىدىن بىرگە، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەتقىقات تۈرىدىن بىرگە، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ تەتقىقات تۈرىدىن ئىككىگە، مائارىپ نازارىتىنىڭ تەتقىقات تۈرىدىن بىرگە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات تۈرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئۇلارنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىدى، ھەمدە باشقىلار رىياسەتچىلىك قىلغان نۇرغۇن تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتى.
   ئوسمان ئىسمايىل تارىمنىڭ «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار» ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۆتىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي پەنلەر نەتىجىلىرىنى باھالاشتا «نادىر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمى بايان» ناملىق ئەسىرى توققۇزىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي پەنلەر نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئۇيغۇر سېھىرلىك چۆچەكلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا، ئۇنىڭ ئۆزى 1999-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدىكى يۈز ئەلا شەخىس» مۇكاپاتىغا ۋە 2001- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «مۇنەۋەر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتى»، «شياۋداۋ كاڭيۈ مۇكاپاتى»، «گۇاڭخۇا مۇكاپاتى»، «تۆتتە ئەلا، بىردە ئىلغار مۇكاپاتى» قاتارلىقلارغا نائىل بولدى.
   ئوسمان ئىسمايىل تارىم ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى پىروفېسسورى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستېر يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى مۇتەخەسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش