ئېيتالماس سېھىرلىك چۆچەكلىرىم بار
ئابلا ئىسھاق پەروزان
ئېيتالماس سېھىرلىك چۆچەكلىرىم بار،
چۆچەكلەر خېلىدىن بېرى ماڭا يار.
قۇشلارنىڭ نۇر چاچار قاناتلىرىدىن،
مۇڭ-ھەسرەت توكىدۇ ناتىۋان باھار.
بۇ ياشلىق ئاشۇنداق ئوت ئوتلۇق نەپەس،
چېچەكنىڭ مېۋىگە سىڭىشىدەك تەس.
دىل ئارا كۆيۈكنى يوشۇرماق قىيىن،
ئوينىتىپ تۇرغاچقا ئۇنى گۈلنەپەس.
ھەسرەتكە چىلاندى تىنىمسىز يۈرەك،
يۈرەكنى چىمدايدۇ لىغىرلاپ تىلەك.
زۇلۇمدىن قۇتقۇزار پەرىزات بارمۇ،
باھاردا يولۇققان يارىمدىن بۆلەك.
يار بىلەن يات ئىدۇق، تونۇشمۇ ئەمەس.
يادىمدا ھازىرمۇ ئۇچراشقان قەۋەت.
چۆچەكچى ئاتالدىم شۇ كۈندىن بېرى،
بوۋامدىن ئۇدۇمدەك ماڭا بۇ نۆۋەت.
2015-يىل 2-ئاپرىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-15 00:31