|
توخۇ يۈرەك
چىخوف(روسىيە)
گۈلباھار مۇھەممەد ماھى تەرجىمىسى
بىر قانچە كۈن بۇرۇن، بالىلىرىمنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ژۇلىيا.ۋاسلېيىۋنا بىلەن ئېنىق ھېسابات قىلماقچى بولۇپ, ئۇنى كۈتۈپخانامغا چاقىرتتىم.
-قېنى ئولتۇرۇڭ ژۇلىيا.ۋاسلېيىۋنا،-دېدىم ئۇنىڭغا،-بىز ھېساپ-كىتاپ قىلىشىۋالايلى. سىزنىڭ پۇلغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىز ئېنىق، لېكىن سىز بۇنداق تەكەللۇپ قىلىپ تۇرۇۋالسىڭىز، ئۆزۈمنىڭ بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس...، بولدىلا خانقىز، ئىلگىرى ئايلىق ئىش ھەققىڭىزنى 30 روبلى قىلىپ بېكىتكەن ئېدۇق شۇنداققۇ؟.
-40 روبلى.
-ياق، 30 روبلى. مەن بۇ يەرگە ئېنىق قىلىپ خاتىرىلەپ قويغان... مەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىگە دائىم 30روبلى بېرىپ كېلىۋاتىمەن. خانقىز، سىز كەلگىلى ئىككى ئاي بولدى شۇنداققۇ؟
-ئىككى ئاي بەش كۈن بولدى.
-ياق دەل ئىككى ئاي بولدى، مەن بۇ يەرگە ئېنىق قىلىپ خاتىرىلەپ قويغان. مۇنداقچە ئېيىتقاندا مەن سىزگە 60 روبلى بېرىشكە تېگىشلىك. بۇنىڭدىن توققۇز يەكشەنبىنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالىمەن، ھەر يەكشەنبىدە سىز كېلىياغا دەرس ئۆتۈپ بەرمىدىڭىز، يەنە ھېچ ئىش قىلماي ئارام ئالدىڭىز. بۇنىڭغا يەنە ئۈچ ھېيىت- بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى قوشساق....
ژۇلىيا. ۋاسلېيىۋنانىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى ھەمدە كىيىمىنىڭ قاتلاقلىرىنى تۇزەشتۈرۈپ قويدى، ئەمما زۇۋان سۈرمىدى.
-يەنە ئۈچ ھېيىت- بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى قوشساق، 12 رۇبلى تۇتىۋېلىشىم كېرەك، كېلىيا تۆت كۈن ئاغرىپ قېلىپ، دەرس ئۆتۈلمىدى، سىز پەقەت ۋېلىيا بىر ئادەمگە دەرس ئۆتتىڭىز. يەنە ئۈچ كۈن چىشىڭىز ئاغرىپ قالغانلىقتىن، خوتۇنۇم چۈشتىن كېيىن دەرس ئۆتمەسلىكىڭىزگە قوشۇلدى، ھە،...12روبلىغا يەتتە روبلىنى قوشساق 19روبلى بولدى. بۇنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن، ھىم... 41 روبلى ئېشىپ قالدى، شۇنداقمۇ؟
ژۇلىيا. ۋاسلېيىۋنانىڭ سول كۆزى قىزىرىپ، يىغلىۋېتەيلا دەپ قالدى. ئېڭىكى تىترەپ، نېرۋىسى جىددىيلەشكەن ھالدا قۇرۇق يۆتىلەپ، بۇرنىنى تارتىشقا باشلىدى. ئەمما بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى.
-ھارپا ئاخشىمى، بىر ئىستاكان ۋە بىر تەخسىنى چېقىۋەتتىڭىز. ئۇ ئىستاكان ئاتا- بوۋامدىن قالغان بەكمۇ قىممەتلىك بۇيۇم ئېدى، بوپتىلا ئاران ئىككى روبلى تۇتۇپ قالاي. تەڭرى سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! بىز يەنە قانداقچە ئازراقمۇ زىيان تارتمىغان بولىمىز؟ خانقىز، ھارپا ئاخشىمىدىن كېيىن سىز ياخشى قارىمىغاچقا كېلىيا دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ، ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى يىرتىۋەتتى، بۇنىڭغا 10روبلى تۇتۇۋېلىنىدۇ. يەنە سىز ياخشى قارىمىغاچقا بىر دېدەك ۋېلىيانىڭ بىر جۈپ توپلىيىنى ئوغرىلىۋالدى. سىز ئىش ھەققى ئېلىۋاتقاندىن كېيىن بۇنداق ئىشلاردا ھۇشيار تۇرۇشىڭىز كېرەك ئېدى، شۇڭا مۇشۇنداق دەۋاتىمەن. بۇنىڭغا بەش روبلى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ... يەنە 1- ئاينىڭ 10- كۈنى مەندىن 10 روبلى ئالدىڭىز... .
-ياق ئالمىدىم،- دېدى ژۇلىيا.ۋاسلېيىۋنا بوش ئاۋازدا.
-ئەمما بۇ يەردە ئېنىق خاتىرىلەگلىك.
-ھە،... ئۇنداقتا بوپتۇ.
-41 روبلىدىن 26روبلىنى ئېلىۋەتكەندە 14 روبلى قالىدۇ...
بۇ چاغدا ژۇلىيا. ۋاسلېيىۋنانىڭ ئىككىلا كۆزىدىن ياشلىرى مۆلدۈرلەپ، ئۇزۇن، چىرايلىق كىچىك بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى تەپچىرەشكە باشلىدى. بىچارە قىزچاق!
-مەن پەقەت بىر قېتىملا خانىمىڭىزدىن ئۈچ روبلى ئالغان، ئۇنىڭدىن باشقا پۇل ئېلىپ باقمىدىم- دېدى ژۇلىيا. ۋاسلېيىۋنا تىترەڭگۈ ئاۋازدا.
-شۇنداقمۇ؟ قاراڭ، مەن بۇ پۇلنى تېخى خاتىرىلىمەپتىكەنمەن. 14روبلىدىن يەنە ئۈچ رۇبلىنى چىقىرىۋەتسەك، 11رۇبلى. بولدى، بۇ پۇلنى سىزگە بېرەي قوزام. ھىم، ئۈچ رۇبلى، ئۈچ رۇبلى، ئۈچ رۇبلى، بىر رۇبلى، بىر رۇبلى. مانا ئېلىڭ خانقىز.
مەن 11رۇبلىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئۇ پۇلنى ئېلىپ لاغىلداپ تىترىگىنىچە پۇلنى يانچۇقىغا سالدى.
-مەيش(فىرانسوزچە رەھمەت دېگەن مەنىدە)،-دېدى ئۇ بوش ئاۋازدا.
مەن ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە يۈگۈرگەندەك مېڭىپ، غەزەپلەنگەن ھالدا:
-نېمىشقا رەھمەت دەيسەن؟-دەپ سورىدىم.
-سىز پۇل بەردىڭىز، شۇڭا... .
-ئەمما بىلىشىڭ كېرەك، مەن پۇلۇڭنى كەم بەردىم، سېنى بۇلىۋالدىم، سېنىڭ بايلىقىڭنى يۇتىۋالماقچى بولدۇم. غەلىتە ئىش، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمىشقا رەھمەت ئېيتىسەن دەيمەن؟
-باشقا يەردە، باشقىلار ماڭا زادى پۇل بەرمەيتتى... .
-پۇل بەرمەيتتى؟ ئەجەپ ئىش. جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئىش باركىنا! بولدى بايا ساڭا چاقچاق قىلىپ، رەھىمسىزلىك توغرىسىدا بىر دەرس ئۆتۈپ بەردىم. ساڭا بېرىشكە تېگىشلىك 80 رۇبلىنى مەن ئاللىقاچان كونىۋېرتقا سېلىپ تەقلەپ قويغانىدىم. ئەمما ئادەم ئەجىبا سەندەكمۇ ئاجىز بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قارشلىق بىلدۈرمەيسەن؟ نېمە ئۈچۈن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايسەن؟ بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئەجىبا چىش چاققاننىڭ چىشىنى چاقماسلىقى كېرەكمۇ؟ ئادەم مۇشۇنداقمۇ توخۇ يۈرەك بولامدۇ؟
ئۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئەمما مەن ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن "مۇشۇنداق بولىدۇ" دېگەننى ناھايىتى ئېنىق كۆردۈم.
مەن ئۇنىڭدىن بۇ رەھىمسىزلىك دەرسىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاشنى تەلەپ قىلدىم ھەم 80 رۇبلىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بەردىم. بۇنىڭدىن ئۇ ھەيران قالدى ھەم قاتتىق خۇشال بولدى. يۈرەكسىز ھالدا "رەھمەت" دېدى ۋە چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ، "بۇ دۇنيادا كۈچلۈكلەردىن بولۇش نەقەدەر ئاسان- ھە!" دېگەن مەسىلىنى توختىماستىن ئويلىنىشقا باشلىدىم.
"مەنىزار يېزىقچىلىق ماتىرىياللىرى" ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-2 17:15
|
|