رەققاسلار رىۋايىتى
( «ر»ھەرىپدىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى )
ئەلشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى
رەققاس رەيھان رۇزى- رايۇنىمىزدىكى راۋرۇس رەققاستۇر.
رەيھان رۇزىنىڭ روھىيتى رەققاسلىققا رىشتىلنىپ رايۇنىمىز رەققاسچىلىقىدىكى رەزگىلىكلەرنى رەندىلەپ ، رايۇنىمىز رەققاسچىلىقىنى راۋاجلاندۇردى.
رەيھان رۇزىنىڭ رايۇنىمىز رەققاسچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش روھى-رېستۇران رەققاسلىرىنىڭ رىياكار رەڭۋازلىقلىرىغا رەددىيەدۇر.رەيھان رۇزىنىڭ رايۇنىمىز رەققاسچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى رىيازەتلىرى رەھبەرلىكنى رازىمەندۈرگەنلىكتىن رايۇنىمىز رەققاسلىرىنىڭ رەئىسلىكىگە رەسمىلەشتۈرۈلدى.رەيھان رۇزىنىڭ رايۇنىمىز رەققاسچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى روھى ، رۇلى رادىيولاردا رىغبەتلەندۈرۈلدى.
رەيھان رۇزىنىڭ روھىدىن روھلانغان، رايۇنىمىز رەققاسلىرىدىن رەنا، رازىيە، رەپقەت، راھىدىنلار رايۇنىمىز رەققاسچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش رىقابىتىگە راسلاندى.
رايۇنىمىز رەققاسلىرىنىڭ رىقابەت روھىغا رەھمەت .
نەمۇنىلىك ناۋايلار
( «ن» ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۆز ئۇيۇنى )
ئەلشىر ئىمام مۇھەممەد سىدىقى
ناپاك نىيەتلىك نەپسانىيەتچىلەر ، نەپسانىيەتچىلىكلىرىنى نەپىس نىقاپلاردا نىقاپلاپ ، ناھىيمىزدىكى نۇرغۇن نۇپۇسلارنى نامراتلاشتۇرىۋەتتى.
نامراتلىقنىڭ نەشتىرى-نۇرغۇن ناتىۋانلارنى نىمجانلاشتۇردى.
نامرات ناتىۋانلارنىڭ نالىسىگە نەزەرلىرىنى « نوقتىلغان » ناھىيىمىزدىكى نامدار ناۋايلاردىن ناسىر نامان ، نۇردۇن نەجمىدىن ، نىجات نەبىيلەر نامراتلارنى نەپىقىلەندۈرۈشنى نىشانلاپ نامراتلارنى نۇرغۇنلىغان نانلاردا ناشتىلاندۇردى.
ناسىر ناۋاي ، نۇردۇن ناۋاي ، نىجات ناۋايلار نامراتلارنى نۇقۇل ناندىلا ناشتىلاندۇرماستىن ، ناۋايخانىدىكى نىسىلارنى نەقلەشتۈرۈپ نارىن،ناۋات،نۇقۇت،نەشپۈتلەردىنمۇ نىسىۋىلەندۈردى.
ناۋايلارنىڭ نەپىقىلىرىدە ، نىمجانلىقتىن نورماللىشىپ نۇرلانغان نامراتلار ، ناۋايلىرىمىزغا نۇرغۇن نەزمىلەرنى نەقىشلىدى.
نەپسانىيەتچىلەرنىڭ نۇمۇسسىزلىقىدىن نەپرەتلەندى.
نۇمۇسسىز نەپسانىيەتچىلەر- نىجاسەتتىنمۇ نىجىستۇر.
ناسىر ناۋاي ، نۇردۇن ناۋاي ، نىجات ناۋايلار ناھىيمىزدىكى نامراتلارنىڭ نىجاتكارى. ناۋايلارنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىندۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-2 10:42
|