يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1607|ئىنكاس: 28

شېرىن:باشلىقنىڭ خانىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
              
                                                   باشلىقنىڭ خانىمى

                                                  قەلەمخان ياسىن


                                                    (ھېكايە)

       ئەتىگەندە ئىشقا كېلىپ ، ئىشخانا ئىچىنى بىرەر قۇر يىغىشتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك
چېكىلدى.
ــ كىرىڭ .ــ دېدىم قولۇمدىكى سۈپۈرگىنى ئورنىغا قويۇۋىتىپ .
ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە ،ـ دېگەن يېقىملىق ئاۋاز بىلەن تەڭ چىرايلىققىنە بىر قىز ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى .
قىزنىڭ سالىمىغا جاۋاپ قايتۇرغاندىن كىيىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم .
ــ مېھىرگۈل ھەدەمنى ئىزدەپ كەلسەم ئۇ ئىشخانىسىدا يوق ئىكەن ، سىزنى بىلەمدىكىن دەپ كىرىۋېدىم .
ــ مېھىرگۈل يېزىغا خىزمەت تەكشۈرگىلى چىقىپ كەتكەن ، بۇ بىر نەچچە كۈندە ئىشخانىسىغا كەلمەسكىن .
ــ شۇنداقمۇ ، ئۇنىڭغا بېرىدىغان نەرسە بار ئىدى ،ــ قىز ئىككىلەنگەندەك بولۇپ سومكىسىنى ئاچتى ،ــ سىز بېرىپ قويالارسىزمۇ ؟
ــ بولىدۇ ، ــ دېدىم قىزنىڭ ئېغىر سومكىسىغا قاراپ ،ــ نېمە نەرسە ئىدى ؟
ــ بىر يۈرۈش گىرىم بويۇملىرى ،ــ قىز شۇنداق دېگەچ نەپىس ئورالغان چىرايلىق قاپنى ماڭا سۇندى ،ــ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ،ــ قىز ئورنىدىن تۇرۋېتىپ دېدى ،ــ سىز سانىيە ھەدە بولامسىز ؟
ــ شۇنداق ، مەن شۇ .
  ــ يۈز تېرىڭىز بەك سۈزۈك ئىكەن سانىيە  ھەدە ، ھەم ئاق ، ھەن پارقىراق . خۇددى قىزلارنىڭكىدەك .  
ــ شۇنداقمۇ ، ــ قىزنىڭ ماختىشىدىن ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ يۈزۈمنى سىلىدىم ،ــ ھەر قانچە سىلىق بولسىمۇ يەنىلا قېرىپ كەتتىم دەڭا .
ــ نەدىكىنى ، كۆزىڭىزنىڭ ئەتىراپىدىكى ئىنچىكە سىزىقلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، شۇنداق ياش كۆرۈنىدىكەنسىز ھەدە ،ــ قىز چاققانلىق بىلەن سومكىسىدىن بىر نەچچە نەپىس قۇتىلارنى چىقاردى ،ــ لېكىن بۇنداق قورۇقلاردىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، قاراڭ ، بۇ ماينى ئىشلەتسىڭىز كۆز ئەتىراپىدىكى قورۇق ، كۆز خالتىسى قاتارلىقلارنى يوقىتىدۇ ، بۇ ماي بولسا يۈز تېرىڭىزنى چىڭىتىپ ، تېرىنى ياشارتىدۇ ، مۇشۇنداق ئېسىل مەھسۇلاتلار تۇرغان يەردە ئانچىكى قورۇقلار دېگەن نېمىتى . ئىشىلتىپ باقامسىز ھەدە ؟
ــ قانچە پۇل ؟ــ قىزنىڭ مېنى ھازىرلا ياشارتىۋېتىدىغاندەك ئىشەنچ بىلەن ئېيتىلغان سۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى مايلارغا قىزىقىپ سورىدىم  .
ــ بۇ قورۇق يوقىتىش مېيى 580 يۇەن ، بۇ ياشارتىش مېيى 650 يۇەن ، بۇ نەملىك ساقلاش مېيى 320 يۇەن ، ھەممىسى 1550 يۇەن بولىدىكەن ، لىكىن تونۇشقانلىقىمىزنىڭ يۈزى ئۈچۈن 50 يۇەننى بولدى قىلىۋىتەي .
ــ بۈگۈن يېنىمغا ئۇنچە كۆپ پۇل سالماي چىقىپتىمەن سىڭلىم ،ــ قىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان پۇل سانىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەن بولساممۇ چاندۇرماي كۈلۈمسىرىدىم ،ــ كىيىنكى قېتىم كەلگىنىڭىزدە ئالارمەن ، ياكى مىھىرگۈل ئارقىلىق سىز بىلەن ئالاقىلىشارمەن .
ــ ۋىيەي ھەدە ، سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن چوڭ ئىش تۇرسا پۇلنىڭ گېپىنى قىلىپ نېمە قىلاي ، ئاۋال ئىشىلتىپ بېقىڭ ، بۇ مايلار يۈزىڭىزگە ياقسا پۇل بېرەرسىز ، ياقماي قالسا مەن زىيان تارتقان بولارمەن ، پۇل سىزدىن چوڭ ئەمەس ھەدە ،
قىزنىڭ بۇ گېپىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشۇمنى بىلەلمەي ، ئۇ تۇتقۇزۇپ قويغان قۇتىلارنى تۇتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم .
ــ ۋاي-ۋۇي ، ئەتىگەندىلا بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئاپسىزغۇ ،ــ يان ئىشخانىدىكى ئامىنەنىڭ  كىرىپ كېلىشى بىلەن ئەمدىلا قولۇمغا ئالغان ئىشلارنى قويۇپ بېشىمنى كۆتۈردۈم ،ــ ئېرىم ئۆسۈپ باشلىق بولدى ، باشلىقنىڭ خانىمى بولغانكىن ياشىرىپ كىتەي دەپسىزدە ؟
ــ ئۇنداق ئەمەس ، بۇ مېھىرگۈلنىڭ نەرسىلىرى ، مەن بۇ قورۇق يوقىتىش مېيىنىلا ئالدىم شۇ .
ــ ياخشى قىپسىز ، ئەسلى بۇرۇنلا ئالىدىغان ئىشتى بۇ ماينى . ھازىرمىغۇ كېچىكمەيسىز ، يۈزىڭىزگە قورۇق چۈشۈپ بولغۇچە ئالدىنى ئالسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ، ھە راست ، ئەتە دەم ئېلىش كۈنى بولغانكىن بازارغا چىقايلى ، مېنىڭ ھېلىقى سۆدىگەر دوستۇم  يېڭى مال ئەكەپتۇ . بىرەر قۇردىن كىيىم ئېلىپ كېلەيلى .
   ئامىنەگە ئەتە بىر مۇنچە ئىشىم بارلىقىنى ، بازارغا چىقىشقا ۋاقتىم چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولساممۇ ، « ئېرى ئۆسۈپ باشلىق بولىۋىدى ، بۇنىڭمۇ ھالى يوغىناپ كېتىپتۇ » دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئامالسىز بېشىمنى لىڭشىتتىم .
ــ ۋىيەي ، ئەزىز مېھمانلار كېلىپ قاپتىغۇ ، بېشىڭلاردىن ياغاچ ئۇشتىۋىتەيمۇ يا ،ــ   سودا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان ، ماللىرىنىڭ ئېسىللىقى ، تۈرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭ چىقارغان بۇ دۇكانغا كىرىشىمىز بىلەن  دولقۇنسىمان چاچلىرى مۆرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق چوكان شۇنداق دېگىنچە ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن قىزغىنلىق بىلەن  ئالدىمىزغا كېلىپ ئامىنە ئىككىمىز بىلەن مەڭزىنى يېقىپ كۆرۈشتى ،ــ قېنى ، بۇ ياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭلار ،ئاۋال بىرەر پىيالىدىن قىزىق چاي ئىچىۋىلىپ ئاندىن ئالدىرماي كۆرۈڭلار ، ئاڭغىچە خېرىدارلارمۇ ئازلايدۇ.
دېگەندەك يېرىم سائەتلەردىن كېيىن دۇكاندىكى خېرىدارلارنىڭ ئاساسەن ئايىقى ئۈزۈلۈپ ، بىر نەچچە ئاياللار بىلەن ئامىنە ئىككىمىزلا قالدۇق .
ــ يائاللا دىلبەر ، خېرىدارلارنىڭ قايسى ۋاقىتتا كۆپىيىپ ، ئازلايدىغانلىقىنمۇ بەك بىلىسەن ھە ،ــ دېدى ئامىنە ،ــ موللا تاپقاق بولۇپ كەتتىڭمۇ نېمە ؟
ــ ھازىر سائەت تۆت بولدى ، بەش بىلەنلا قاراڭغۇ چۈشىدۇ ، شوڭا سىلەردەك باشلىقنىڭ خانىملىرىدىن باشقا  ئاياللار ئۆيىلىرىگە قايتىپ تاماق ئېتىشكە ئالدىرايدۇ ئەمەسمۇ ،
ــ ۋىيەي خېنىم ، سودىغىلا ئەمەس ، گەپكىمۇ ئۇستا بولۇپ كېتىپسەن جۇمۇ !
ــ گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنتۇپ قالغىنىمنى كۆرمەمدىغان ، بۇ قېتىم  مالغا بارغاندا ئىككىڭلارغا بىردىن سومكا ئالغاچ كەلگەن ئىدىم ،ــ دىلبەر شۇنداق دېگىنچە داڭلىق ماركىلىق سومكىدىن ئىككىنى ئامىنە ئىككىمىزگە بىردىن تۇتقۇزدى ،ــ  ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم ، قوبۇل قىلىڭلار .
ــ بۇ ... بۇنداق قىلسىڭىز مەن خىجىل بولۇپ قالىمەن دىلبەر ،ــ دېدىم ھودۇققاندەك بولۇپ ۋە سومكامدىن پۇل ئېلىپ تەڭلىدىم .ــ ، كۆڭلىڭىز ماڭا تىگىل بولدى ، بۇنداق قىممەت سومكىنى پۇل بەرمەي ئالسام بولمايدۇ ، بۇ پۇلنى ئېلىڭ ،
ــ ۋىيەي ، سانىيە ، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ،ــ دىلبەر ۋىللىدە ئۆڭگەندەك بولۇپ ئامىنەگە قارىدى ، سىز بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تونۇشلۇقىمىز بارلىقىنى دېمىگەندىمۇ ، سىز دېگەن مېنىڭ كونا خېرىدارىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوستۇمنىڭ دوستى سىز . شۇنداق تۇرۇپ بىرەر تال سوۋغىتىمنى قۇبۇل قىلمىسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟ بۇنداق قىلسىڭىز مەن خاپا بولىمەن جۇمۇ !
ئامىنەنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن پۇلنى قايتىدىن سومكامغا سېلىشقا مەجبۇر بولدۇم .
ــ قاراڭلار ، بۇ نوركا پەلتولارنى تۈنۈگۈنلا ئەكەلدىم . تېخى بىرەسى ئۇچىسىغا ئارتقىدەك بولمىدى . ئىككىڭلار بىردىن كېيىپ ، ئاياللارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتمەمسىلە ؟!
دىلبەر كۆرسەتكەن قارا نوركا پەلتۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل ھەم چىرايلىق ئىدى . ئامىنە كېيىپ بېقىۋىدى ،ئۇنىڭ تولغان بەدىنىدە تېخىمۇ يارىشىملىق ھەم ئېسىل كۆرۈنۈپ كۆزۈمنى ئۈزەلمەيلا قالدىم ۋە دىلبەر سۇنغان پەلتۇنى كېيىدىم .
ــ ۋاي-ۋۇي ، سىزنىڭلا كىيىمىڭىزكەن بۇ ، بەك ياراشتى . ــ ئامىنە ئىككىسىنىڭ ماختاشلىرىنى دېمىگەندىمۇ پەلتۇ ماڭا راستلا ياراشقان ئىدى .بۇ يىل ئېسلىرەك قىشلىق  چاپاندىن بىرنى ئېلىۋالاي دېگەن پىلانىم بولغاچقا ،پۇلنىمۇ كۆپرەك سېلىپ چىققان ئىدىم . شوڭا ئامىنەنىڭ ئالايلى دېگەن ئىشارتىگە باش لىڭشىتتىم .
ــ پەلتوغۇ بەك ئېسىلكەن ،ــ دېدى ئامىنە يوغان تام ئەينەكتىن كۆزىنى ئۈزەلمەي ،ــ باھاسىچۇ ؟
ــ باھاسىنى سورماي كېيىۋەرسەڭلارچۇ ،مۇشۇ چىرايلىق تۇرقۇڭلار بىلەن ناھىيە ئىچىنى بىر چۆگىلەپ چىقساڭلارلا ئاياللار دېگەن يامغۇردەك ياغىدۇ دۇكىنىمغا ، شوڭا سىلەردەك ساھىبجاماللارغا بىرەر چاپاننى بىكارغا بېرىۋەتسەممۇ پايدىغا ماڭىدۇ دېگىنە .
ــ ۋىيەي ...ۋىيەي ...مۇشۇ ئاغزىڭنىڭ تاتلىقلىقى سېنىڭ ، شۇنداقتىمۇ باھاسىنى بىر دەپ بەرگىن ، يا بېرەرمىز ، يا بەرمەسمىز .
ــ ئەمدى شۇ بۇ پەلتولارنى ئۆزەم 18مىڭ يۇەندىن كىرگۈزگەن دېگىنە ، لېكىن سىلەرگە ئۇنداقمۇ دەپ تۇرۇۋالمايمەن . 15مىڭ يۇەندىن بېرىپ كىيىپلا چىقىپ كېتىڭلار بولدى .
« كۆپ بولسا بەش مىڭ يۇەنگە چاپان ئالسام ، بىرەر مىڭ يۇەننى ئېھتيات ئۈچۈن ئېلىۋالاي» دەپ ئېلىپ چىققان ئالتە مىڭ يۇەن بىلەن توق تۇرغان كۆڭلۈم دىلبەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بولۇپ ، ئامىنەگە قارىدىم .
ــ چاپانمۇ چىرايلىقكەن ، پۇلى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىقكەن ،ــ دېدى ئامىنە پورتمالىنى ئېچىپ،ــ مەن ئون مىڭ يۇەنلا ئېلىپ كەپتىمەن ، بۇنى بېرىپ تۇراي ، قالدىسىنى كونا ھېسابقا  يېزىپ قويۇپ تۇرساڭ ، كىلەر ئايدىلا بېرىۋىتىمەن .
ــ ماقۇل ...ماقۇل ، بىلىشمەيدىغان ئادەملەر بولمىساق يا . سىلەردەك ئىشەنچلىك دوستلىرىمدىن خاتىرجەممەن . خالىغان چاغدا ئەكىلىپ بەرسەڭلار بولىدۇ ، دۇكىنىمدىن ئايىقىڭلار ئۈزۈلۈپ قالماي ، كىيىملىرىمنى كېيىپ تۇرساڭلارلا بولدى .
ــ مەن پۇلنى سەل ئاز ئېلىپ چىقىپتىمەن ،ــ دېدىم پەلتۇدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىگەن ھالدا دىلبەرگە سۇنۇپ ،ــ كىلەر قېتىم پۇلنى تولۇقلاپ چىقىپ ئاندىن ئالاي .
ــ ۋىيەي ، قاراڭە سىزنى ،بايا دېدىمغۇ ، تونۇشمايدىغان ئادەملەر ئەمەس بىز  ، ئاڭلىسام ئېرىڭىز ئىدارە باشلىقى بوپتۇ ، شۇنى تەبىرىكلەش يۈزىسىدىن بولسىمۇ كېيىۋىتىڭە بىر ، سىزگىمۇ دەپتەردىن بىر كىشلىك ھېساب ئېچىپ قوياي ، يېڭى ماللىرىم كەلگەندە خالىغانچە كېيىپ ، پۇلىنى ئالدىرماي قايتۇرسىڭىز بولىدۇ .
ئامىنە بىلەن دىلبەرنىڭ دەۋىتى بىلەن ، ئەسىلدىنلا كۆزۈم قىيماي تۇرغان پەلتونى قايتىدىن قولۇمغا ئېلىپ ، دىلبەرگە توققۇزمىڭ يۇەن قەرز بولۇپ دوكاندىن چىقتىم . سىرتقا چىققاندا بايىقى پەلتونى كېيىپ باققان چاغدىكى خوشاللىقىمدىن ئەسەرمۇ يوق ، كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالدى .
ــ ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ،ــ دېدى ئامىنە ،ــ تۈنۈگۈنكى مايلارنى سۈرۈپ ، بۇ چاپاننى كېيسەم نەچچە ياش ياشىرىپ كېتەرمەن دەپ ئويلاۋاتامسىز ؟
ــ ياقەي ، ــ يۈز ماينىڭ گېپى چىقىش بىلەن تەڭ تۈنۈگۈنكى زۇلخۇمار ئىسىملىك قىزغا  قەرز بولۇپ قالغان مىڭ يۇەن ئېسىمگە كېلىپ ، تېخىمۇ بىئارام بولدۇم ،ــ ئىككى كۈننىڭ ئىچىدىلا ئون مىڭ يۇەن قەرز بولۇپ قالغىنىمنى ئويلاۋاتىمەن .
ــ ۋاييەي ، مېنىڭ قەرزلىرىمنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ ئۇنچىلىك قەرزىڭىز قانچىلىكتى ؟قەرز بولمايمىز دېسەك ئاددى كېيىنىپ ، ئاددى ياشساق بولىدۇ ، لېكىن ھازىر ئۇنداق ئادەتتىكىچە كېيىنىۋالسىڭىز ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ سىزنى ، ئەتىراپىڭىزدىكى قاچانلا قارىسا داڭلىق ماركىلىق كىيىم كېيىشىپ ، ئالى گىرىم بويۇملىرىنى ئىشىلتىپ ، زىبو-زىننەتلەرنىڭ قىممىتىنى تاقاپ ، ھازىرلا تويغا بارىدىغاندەك ياسىنىۋېلىشقان ئاياللارنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا بايلارنىڭ خانىملىرى دەمسىز ؟ ئۇنداق ئەمەس ، ئۇلارنىڭ تولىسى بىزدەك مائاشقا قاراشلىق .لىكىن ئۇلار يوق دەپ قاراپ ئولتۇرماي ، گۆزەللىك ئۈچۈن تىرىشىدۇ . بىزنىڭ ئۇلاردىن نەرىمىز كەم . ئەمدى ئېرىڭىز ئۆسۈپ باشلىق بولدى ، بارىدىغان يەرلىرىڭىز كۆپىيىدۇ ، كاتتا ئادەملەر بىلەن بېرىش ـكېلىش قىلىسىز ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن ، بۇنداق قەرزدارچىلىققا كۆنمەسلىككە ئامالىڭىز يوق .
نەچچە ئايغىچە « قەرز » دېگەن سۆز خىيالىمغا كىرىۋىلىپ ، بىئارام قىلغان بولسىمۇ ، بىرەر يىلدىن كېيىن ئامىنەنىڭ دېگىنىدەك كۆنۈپ كەتتىم .دىلبەرنىڭ  كىيىم –كىچەك دوكىنىغىلا ئەمەس ، ھەر خىل تۈردىكى گۆزەللىك سالۇنلىرى ، زىبۇ-زىننەت دوكىنىنىڭ دائىملىق خېرىدارى ۋە ئەزىز مېھمىنىغا ئايلاندىم . تونۇشلۇرۇمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بارىدىغان چاي ، مېھماندارچىلىقلىرىم كۆپىيىپ ، قايسى سورۇنغا نېمە كېيىش ، كىيىمىمگە قايسى سومكامنى پار قىلىش ، چېچىمنى قايسى پاسۇندا ياسىتىش ...دېگەندەك ئىشلار مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشىم بولۇپ قالدى . ئېسىل كىيىملەرنىڭ شاراپىتى بىلەنمۇ ياكى ئىشلەتكەن داڭلىق ماركىلىق گىرىم بويۇملىرىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ، يۈزلىرىم تېخىمۇ سۈزۈلۈپ ،ئاقىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم . شۇ تەرىقىدە بەش  يىلنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالدىم .
ــ مۇبارەك بولسۇن جېنىم ، ئاڭلىسام ئېرىڭىزنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئۆسۈپ شەھەرگە يۆتكىلىدىكەنسىلەرغۇ ،ــ ئەتىگەندىلا ئىشخانامغا كىرىپ كەلگەن ئامىنەنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .
ــ كىم شۇنداق دەيدۇ ،ــ دېدىم ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي ،ــ مەن ئەجەپ ئاڭلىمىدىمغۇ ؟
ــ ۋىيەي خۇپسەنلىكىڭىزنى ، ئىچىڭىز ئەجەپ پىششىق ئىكەن جۇمۇ ، ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەن ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ !
ــ مەن راستلا بىلمەيمەن .
ــ ئېرىڭىز سىزگە دېمىدىما ؟
ــ ياق .
ــ سىزنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دەپتۇ –دە . ھە راست ، دىلبەر تۈنۈگۈن مالدىن كەلدىم دەپ تېلېفۇن قىپتىكەن ، چۈشلۈك ئارامدا بېرىپ كېلەمدۇق ؟
ــ ماقۇل ، مەن ئەتىگەندە تاماقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ قويۇپ چىققان، سەينى قورۇساملا پىشىدۇ . بالىلارغا تاماقنى يىگۈزىۋېتىپلا سىزگە تېلېفۇن قىلاي ئەمسە .
ــ ماقۇل .
چۈشلۈك ئارام بولغاچقىمۇ دىلبەرنىڭ دۇكىنىدا خېرىدار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى .
ــ كېلىشسىلە خانلىرىم ،ــ دىلبەر ئادىتى بويىچە بىز بىلەن يۈزىنى يېقىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۈستەلگە باشلىدى .
  ئامىنە ئىككىمىز ئاۋۇ چىرايلىقكەن ، ماۋۇ يارىشىملىقكەن دېيىشىپ ، بىر نەچچە كۆينەكنى تاللاپ تۇرۇشىمىزغا دىلبەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
ــ ئارزىگۈل ، ئامىنە ئاچىڭىز ئالىدىغننى تاللاپ بولغان بولسا ، كىيىملەرنى جايىغا ئېسىۋىتىڭ ، دۇكاننىڭ ئىچى بەك قالايمىقان بولۇپ كەتمىسۇن .
باياتىن دۇكانغا كىرگەندىلا دىلبەرنىڭ ئانچە قىزغىن بولمىغان مۇئاملىسىگە قاراپ سەپەر ھاردۇقى يەتكەن بولسا كىرەك دەپ ئانچە ئىرەنشىمىگەن ئىدىم .ئەمدى  ئۇنىڭ دۇكاندىكى قىزغا دېگەن گېپىدىن تىڭىرقاپ ، قولۇمدىكى كۆينەكنى جايىغا ئېسىپ قويۇپ ئامىنەگە قارىدىم .ئۇ « ھېچ ئىش يوق » دېگەندەك مۆرىسىنى قىسىپ قويۇپ ، تاللىغان كۆينەكلەرنى كېيىپ باققىلى كىرىپ كەتتى .دىلبەرنىڭ سوغۇق مۇئاملىسىدىن كۆڭلۈم سەل بىئارام بولۇپ ، كىيىم ئېلىشتىن رايىم يېنىپ ، ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم .
ــ سانىيە ،ــ دېدى دىلبەر بىر دەپتەرنى كۆتۈرگىنىچە ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ،ــ ئۆي ئالماقچى بولۇپ تىزىملىتىپ قويغان ئىدىم قاراڭ ، ھەممە پۇلنى بىراقلا تۆلەيدىغان بولغاچقا ئىقتىسادتا ئازراق قىينىلىپ قالدۇق ، شوڭا قەرزلىرىمنى يىغاي دەپ ...
ــ ماقۇل ،ــ دېدىم ئىتتىكلا دىلبەرنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ  ،ــ كىلەر ئايلىق مائاشىم چىقسىلا كونا –يېڭى ھېسابنى بىراقلا ئۈزىۋېتەي .
ــ كىلەر ئايلىق مائاش چىقىدىغانغا ساقلاپ تۇرالمايمەن ، پۇلنى مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا تاپشۇرىدىكەنمىز ،ــ دىلبەرنىڭ يۈزلىرىدە سۇس كۈلكە ئويناپ تۇرسىمۇ ، ئاۋازىدىكى ئۇرغۇدىن تۇنجۇقۇپ كەتكەندەكلا بولدۇم .
ــ ماقۇل ، مەن بىر ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە ئامال قىلاي .
ــ ئەمسە شۇنداق بولسۇن ،ــ دىلبەر دەپتىرىنى تارتمىسىغا سېلىشىغا ، ئامىنە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى .
ــ ۋاي –ۋۇي جېنىم ، قامەت دىگەننى ساڭىلا بېرىپتىكەن خۇدايىم ، نېمىدىگەن قاملاشقان ئۇسىتىخان بۇ ، دوكىنىمدىكى كىيىملەر سېنىڭ ئۇچاڭغا چىقسا تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈندىكەن جۇمۇ !ــ دىبەرنىڭ بايىقى سۆرۈن چىرايى ۋاللىدە ئېچىلىپلا قالماي ، ئاۋازىمۇ مۇلايىملىشىپ ، بۇرۇنقى ئەسلىگە تىزلا قايتتى ،ــ بۇ كۆينەكنىمۇ كېيىپ باققىنە ، چوقۇم بەك يارىشىدۇ ،ــ دىلبەر بايا مەن تاللىغان كۆينەكنى ئېلىپ ئامىنەگە ئۇزاتتى .
ــ بۇنى سانىيە تاللىغان ، بۇ كۆينەك سانىيەدەك زىلۋا ،ئېگىز ئاياللارغا بەك ياراشقىدەك ،ــ ئامىنە شۇنداق دېگىنچە دىلبەرنىڭ قولىدىكى كۆينەكنى ئېلىپ ماڭا سۇندى .
ــ سىزگىمۇ يارىشىدۇ ، يەنىلا سىز كېيىپ بېقىڭ .
ئامىنە كەيپىياتىمنىڭ تۆۋەنلىكىنى سىزىپ قالدىمۇ ياكى دىلبەرنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيسىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغىننى بايقاپ قالدىمۇ ، قولىدىكى كۆينەكنى جايىغا قويۇپ ، ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى .
ــ دىلبەر ئىككىڭلارغا نېمە بولدى ،ــ دېدى ئامىنە دوكاندىن چىققاندا ،ــ قارىسام كىيىممۇ ئالمىدىڭىز ، كەيپىياتىڭىزمۇ تازا ياخشى ئەمەس ، ئىككىڭلارنىڭ ئارازلىشىپ قالغىنىڭلارنى بىلگەن بولسام ، « بىللە كېلەيلى » دەپ سىزنى تەڭلىك قىلماسكەنمەن .
ــ ھېچ ئىش بولغىنى يوق . ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۆي ئالماقچىكەن ، كىيىملەرنىڭ نىسى قالغان پۇلىنى سورىدى شۇ .
ــ ئۆي ئالامدىكەن ؟ــ ئامىنە ھەيران قالغاندەك بولۇپ سورىدى ،ــ تېخى ئۆتكەن ئايدىلا يېڭى ئۆيگە كۆچتىغۇ ئۇ ، ئۆيىنى مۇبارەكلەپ كېلەيلى دېيىشمىدۇقمۇ ؟
ــ ۋاي تاڭەي ، بەلكىم باشقا ئىشقا پۇل لازىم بولۇپ قالغاندۇ . ئىشقىلىپ قانداقلا بولسۇن ،ئۇنىڭغا قەرز بولۇپ قالغانكەنمەن  ، چوقۇم قايتۇرۇشىۇم كېرەكتە .
ــ ھېلىمۇ ۋاقتى –ۋاقتىدا قايتۇرۇپ ماڭىسىزغۇ ئۇنىڭ پۇلىنى ، يىل ئاتلاپ كەتسىمۇ قايتۇرۇپ بولالمايدىغان چۆپقەتلىرىمۇ كۆپ ئۇنىڭ ،ــ ئامىنە نېمىندۇ ئېسىگە ئالغاندەك شىپپىدە توختاپ قالدى ،ــ دىلبەرنىڭ نېمىشقا ئۆزگىرىپ قالغىننى مەن بىلدىم ،سانىيە  .
ــ نېمىگە ئۆزگىرىپ قاپتۇ ؟
ــ ئۇ سىلەرنىڭ شەھەرگە يۆتكىلىپ كېتىدىغىنىڭلارنى ئاڭلاپ ، پۇللىرىمنى قايتۇرمايلا كېتىپ قالمىسۇن دېگەن گەپ .
ــ شۇنداقمۇ ؟ توۋا ، قەيەرگىلا يۆتكىلىپ كەتسەممۇ خەقنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇماي كېتەمتىم مەن ، ھە راست ، تېخى بىزمۇ بىلمىگەن ئىشنى ئۇ قانداق بىلگەندۇ ؟
ــ ھازىرچۇ ، سىز بىلەن بىز خەقنىڭ ئىشىغا دېققەت قىلمىغان بىلەن ، بەزىلەرنىڭ قۇلىقى بەك ئۇزۇن . كىم ئۆسۈپ باشلىق بولدى ، ئايالى نېمە ئىش قىلىدۇ ، قايسى باشلىق چۈشۈپ كەتتى ، قايسى باي ۋەيران بولۇپ ،كىملەر باش كۆتۈردى ...دېگەندەك ئىشلارنى دەل ۋاقتىدا بىلىپ ماڭىدۇ ، ھەم ئەھۋالغا قاراپ مۇئاملە قىلىدۇ .
ــ توۋا ...
ــ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىز ئۇياقتىن  ئۆسىۋىدى ، بۇ ياقتىنلا سىزنى ئىزدەپ مۇلازىمەت قىلىدىغانلار كۆپيىپ كەتكىنى سىزگە ئەجەبلىنەرلىك تۇيۇلمىغانمىتى ؟ ئەمدى دىلبەرلا ئەمەس ، بەلكىم باشقىلارمۇ قەرز سۈيلەپ كېلىشى مومكىن .
ئامىنەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يا كۈلۈشنى ، يا يىغلاشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپلا قالدىم . دېمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا كۆپۈيۋاتقان دوستلىرىم ، ئۆز ئايىقى بىلەن ئىزدەپ كېلىۋاتقان ساتارمەنلەر  ( كىيىم – كىچەك ، پەرداز بويۇملىرى ، زىبۇ –زىننەت، ۋاھاكازلارنى ساتىدىغانلار )، توۋا ، ئۇلارنىڭ تاتلىق گەپلىرى ئالدىدا مەنلا ئەمەس ، ھەر قانداق ئاياللارنىڭ ئېرىپ كېتىپ ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئېلىشى ، ئۇلارنىڭ چۆپقەتلىرى بولۇپ كېتىشى مومكىنىغۇ . ئۇلارنىڭ  « پۇلۇم ئازكەن ، ئالماي تۇراي » دېگەن سۆزگە بېرىدىغان جاۋابى تېخىمۇ تاتلىق .« ۋاي –ۋۇي ، پۇلنىڭ گېپىنى قىلمىسىڭىزچۇ ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا پۇل قانچىلىك نېمىتى ؟»دېسە ، يەنە قانداقمۇ « ئالمايمەن » دەپ قېقىۋەتكىلى بولسۇن ؟!
   شۇنچە يىلدىن بېرى خىيالىمغا ئانچە كىرىپ چىقمىغان ئايىقى ئۈزۈلمەس قەرزلىرىم خىيالىمغا كىرىۋىلىپ ، كىچە خېلى بىر چاغقىچە ئۇخلىيالمىدىم .« دىلبەرگە 18 مىڭ يۇەن ، گىرىم بويۇملىرى ساتىدىغان زولخۇمارغا 3000يۇەن ، ئايگۆزەلنىڭ گۆزەللىك سالۇنىغا 2500يۇەن ، ئايگۈلنىڭ ئاياق دۇكىنىغا 4000يۇەن ، يەنە ھېلىقى يېڭى تونۇشقان رەيھاننىڭ دوكىنىغا  ...  ھېلىمۇ ياخشى ھەر قېتىملىق چاينىڭ پۇلىنى ئالغاندا قەرز قايتۇرۇپ ماڭغىنىم ، بولمىسا ...»ئويلىغانچە كاللام قوچۇلۇپ ، ئۇيقۇم تېخىمۇ قاچتى . يۇتقاننى بېشىمغا چىڭ پۈركىۋالغان بولساممۇ ، كۆز ئالدىمدا بىر دەم چوڭىيىپ ، بىردەم كىچىكلەۋاتقان سان –سىفىرلار مېنى بىئارام قىلىپ تۇراتتى .ئەتىگەندە روھىسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، ناشتىلىق تەييارلىدىم .
ــ خىزمىتىڭىز شەھەرگە يۆتكىلەمدىكەن ؟
ئىشتىھا بىلەن ناشتا قىلىۋاتقان ئېرىم قولىدىكى پىيالىنى قويۇپ ، ھەيران بولغاندەك سورىدى :
ــ كىم شۇنداق دەيدۇ ؟
ــ ئىشخانىدىكىلەر ، يەنە باشقىلاردىنمۇ ئاڭلىدىم .
ــ ئەجەپ مەن ئاڭلىمىدىمغۇ ؟ــ يولدىشىم شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇردى ،ــ خىزمەت گورۇپپىسى بولۇپ چۈشكەن يېزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بولالمايۋاتسام يەنە قەيەرگە يۆتكەيتتى مېنى ؟ خەق نېمە دېسە ئۆزىنىڭ ئىشى . مەيلى قەيەرگىلا يۆتكىسۇن مەن ئۈچۈن ھەممىسى ئوخشاش خىزمەت ،ــ يولدىشىم شۇنداق دېگىنىچە ، بىر ھەپتىلىك كىيىم –كىچەكلىرى قاچىلانغان سومكىنى ئېلىپ  ئىشىكتىن چىقتى ،ــ مەن ماڭدىم ، بالىلارغا ئوبدان قاراڭ .
يولدىشىمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خېلى خاتىرجەم بولۇپ ئىشقا چىقتىم .شۇنداقتىمۇ يولدىشىم مەيلى يۆتكەلسۇن ، يۆتكەلمىسۇن دىلبەرنىڭ پۇلىنى بېرىۋەتمىسەم بولمايتتى ، قانداقلا  بولسۇن ئېرىمغا دەپ ، ئۇنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرىۋىتەي دەپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ،خوشنا ئىشخانىدىكى نۇرىمان ئىشخانامغا كىرىپ قالدى .بۇرۇن خېلى يېقىن ئۆتىدىغان بۇ خىزمەتدىشىم بىلەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا ، بىر –بىرىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا موھىم ئىش بولمىسا ئانچە كىرىپ كەتمەيتتۇق  ،شوڭا  « نېمە ئىش » دېگەندەك نۇرىمانغا قارىدىم .
ــ سانىيە ،ــ دېدى نۇرىمان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرىۋېتىپ ،ــ تۈنۈگۈن سەن يىغىنغا چىقىپ كەتكەندە زولخۇمار دېگەن قىز سېنى ئىزدەپ كەپتىكەن .سەندە ئازراق ئېلىشى بار ئوخشايدۇ .
ــ شۇنداق ،ــ نۇرىماننىڭ ئالدىدا يۈزۈم چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ بويۇنلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتكەن بولساممۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشكۈم كەلمىدى ،ــ ئۇنىڭ پۇلىنى سەل تۇرۇپ ئاپىرىپ بەرمەكچى ئىدىم .
ــ ئۇ كەلگەندە ئىشخانىدا ئادەم كۆپ ئىدى ، شوڭا « سانىيە ماڭا ھاۋالە قىلغان » دەپ مەن قايتۇرىۋەتتىم .
ــ بۇ ...بۇنداق قىلمىساڭمۇ ئۆزەم بېرەتتىم ئەمەسمۇ ؟
ــ سانىيە ، بىز يات ئادەم ئەمەسقۇ، ھېچ بولمىسا مەن سېنى يەنىلا بۇرۇنقى سىردىشىم دەپ بىلىمەن ،ــ نۇرىماننىڭ مۇلايىم ئاۋازىدىن بايىقى تەكەببۇرلۇقۇم يوقاپ ،ئەسلىمگە قايتقاندەك بولدۇم ،ــ ئۇ ساتارمەنلەر بىلەن ھەر قانچە يېقىن بولۇپ كەتسەڭمۇ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىڭ  پەقەت پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋېتى خالاس . ئۇنداق بولمىسا سېنىڭ شەھەرگە يۆتكىلىدىغانلىقىڭنى ئاڭلاپلا قەرز سۈيلەپ كىلەمتى ،لېكىن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى مېھىر ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ ، شۇنداق تۇرۇپ ئازراق پۇلنى سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن قايتۇرۋەتسەم نېمە بولىدۇ ؟!
مەن ئۆزگىرىشكە باشلىغان نەچچە يىلدىن بۇيان « تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرۈشنى بىلمەيدۇ » دەپ ياقتۇرماس بولۇپ قالغان بۇ ئايالنىڭ سەمىمى گەپلىرى ، مېھىرلىك كۆزلىرى ئالدىدا ئۆزەمنى قويارغا يەر تاپالمايلا قالدىم . نۇرىمان مۆرەمدىن يىنىك قۇچاقلاپ قويۇپ ، پەس پاشىنىلىق ئايىقىدا يىنىڭ دەسسىگىنىچە چىقىپ كەتتى .ئۇنىڭ كەينىدىن قاراۋىتىپ ، تۇرۇپلا بۇرۇنقى ئاددى ئەمما خاتىرجەم تۇرمۇشۇمنى سېغىنغاندەك بولۇپ چوڭقۇر ئوھ تارتتىم . ئاغزىمدىن چىققان شۇ « ئوھ » بىلەن ئىچىمنى قاپلىۋالغان قاراڭغۇلۇق ، كۆزلىرىمنى توسۇۋالغان تۇمان كۆتۈرلۈپ كەتكەندەك بولۇپ كۆڭلۈم يورۇغاندەك بولۇپ قالدى .
                                                                                   
   ــ شەھەردىن بىر ئۆي ئېلىپ قويساق بولارمىكىن ،ــ دېدى  ھەپتە ئاخىرىدا قايتىپ كەلگەن يولدىشىم .
ــ نېمىشقا ؟
ــ نېمىشقا دەيسىزغۇ ؟ يېشىمىز قىرىقتىن ئاشتى ، بالىلارنىڭ  چوڭى كىلەر يىلى تولۇق ئوتتۇرغا چىقىدۇ .ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى شەھەردە ئوقۇسا نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتۈشىگە پايدىسى بولىدۇ . شوڭا كۈچ –مادارىمىزنىڭ بارىدا شەھەردىن ئۆي ئېلىپ قويساق ، كىيىن بالىلار ئولتۇرسىمۇ ، بىز ئولتۇرساقمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارغا ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيدىغان ھازىرقى ياخشى ۋاقىتتا  ئېلىۋالمىساق ، بالىلار  ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغاندا ئۆي ئالىدىغانغا ئېشىنالمايمىز .
ــ ئۇغۇ شۇ .
ــ كارتىدىكى پۇل  ئۆينىڭ ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلىغا يېتىپمۇ قالىدۇ ، ئاندىن بىرسىمىزنىڭ مائاشىنى خىراجەت قىلىپ ، بىرسىمىزنىڭكىدە بانكىغا قەرز تۆلىسەك نەچچە يىلغا قالماي تۆلەپ بولىمىز .
ــ شۇنداق .
ــ ئەمسە مەن كېيىنكى ھەپتىدە تىزىملىتىپ قوياي . بالدۇرراق تۇتۇش قىلايلى .
ــ ماقۇل . ھە راست ، بۈگۈن مەمەت شۈجىنىڭ ئوغىلىنىڭ تويى ئىكەن . سائەت ئونغا دەپ چاقىرىپتىكەن .
ــ شۇنداقمۇ ،ــ ئېرىم سائىتىگە قارىدى ،ــ يەنە بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت بار ئىكەن ، تەييارلىقىڭىزنى تىزرەك قىلىڭ ئەمسە ،بالدۇرراق بارايلى .
  چىرايلىق كېيىنىپ سىرتقا چىققىنىمىزدا بايىلا ياققان يامغۇردىن  كېيىنكى ھاۋانىڭ نەمخۇش پۇرىقى دىماققا  ئۇرۇلدى .ئەتىراپتىكى دەل –دەرەخ ، گۈل –گىياھلار يامغۇردا يۇيۇلۇپ ، باشقىچىلا پاكىز بولۇپ كەتكەچكە ،كۆزۈمگە بۆلەكچىلا چىرايلىق كۆرۈنۈپ ،ئۆزەمنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم .
ــ ھاۋا ئەجەپ ياخشىكەن ھە ،ــ دېدىم خۇشال ھالدا ،ــ تويدىن چىقىپ بىر دەم كوچا ئايلىنايلىچۇ ؟
ــ ماقۇل ،ــ دېدى ئېرىم خۇشخۇي ھالدا ،
ــ نەگە بارغۇڭ بار ،ــ سورىدى ئېرىم تويدىن چىقىۋىتىپ ،ــ بازار چۆگىلەمدۇق ياكى كوچا ئايلىنامدۇق ، بىرەر ئېسىل تاماقخانىغا ئەكىرىپ مېھمان قىلايمۇ يا ؟
ــ ئاۋال بازار ئايلىنايلى ، ئاندىن تاماق يەيلى ،ئاندىن تاماق سىڭدۈرگەچ كوچا ئايلىنايلى ،
ــ شەرتىڭ بەك كۆپ ئىكەنغۇ ،ــ ئېرىم كەيپىياتى بەك ياخشى چاغدا چىقى كەلگەندىلا مېنى « سەن»لەيتتى  ،ــ ماقۇل ، ھەممىگە ماقۇل .
ئېرىمنىڭ بازار چۆگىلەش بىلەن خۇشى يوقلۇقىنى بىلگەچكە ، ئەرلەر كىيىملىرى دۇكىنىدىن ئۇنىڭغا بىر قۇر كېيىم ئېلىپلا  كەينىمىزگە قايتتۇق .
ــ نېمە ، ئاياللار دۇنياسىغا بارمامسەن ؟
ــ بارمايمەن . مەن كىيىم ئالمايمەن ، مېھمان قىلسىڭىزلا بولىدۇ .
ئىككىمىز چىرايلىق بىزەلگەن تاماقخانىغا كىرىپ ، ئەمدىلا تاماق بويرۇتۇپ تۇرۇشىمىزغا ، يېنىمدىلا تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى :
ــ تېچلىقمۇ سانىيە ، يا ئاللا ئۇزۇن بولدى قارىڭىزنمۇ كۆرسەتمەيدىغان بولۇپ كەتتىڭىز ھە !
ــ ياخشى تۇرۇۋاتامسىز دىلبەر ،ــ ئالدىمدا كۈلۈپ  تۇرغان دىلبەرنى كۆرۈپ ، ھۇدۇققاندەك بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ،ــ تېخى تاماق يىمىگەنسىز ، قېنى ئولتۇرۇڭ ، بىللە يەيلى .
ــ رەھمەت ، مەن بايىلا تاماق يىدىم ، شۇنچە قارىسام ھېچ قاراي دېمەيسىز ، شوڭا ئالدىڭىزغا كەلدىم .
ــ كەچۈرۈڭ ، كۆرمەي قاپتىمەن .
ــ كۆرمەي قالغان بولسىڭىز  ھېچقىسى يوق ، ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولدى ،
ــ ۋىيەي ، سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي .
ــ ئەمسە مەن ماڭغاچ تۇراي . ھېلىقى پۇلنىڭ ئىشى بەك سوزۇلۇپ كەتتى . بۈگۈن ئەتىنىڭ ئىچىدە ئاپىرىپ بېرەرسىز .
دىلبەرنىڭ قارىسى يۈتۈش بىلەن ئېرىمنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى .
ــ كىم ئۇ ، ھېلىقى پۇل دېگەن قانداق گەپ ؟
ــ كىيىم –كىچەك دوكىنى ئاچىدىغان تونۇشۇم ،ــ ئېرىمنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىغا قاراپ ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى ،ــ كېيىم ئالغان پۇل بار ئىدى .
ــ كىيىمنى پۇل بەرمەي ئالغانما ؟
ــ شۇنداق .
ــ نېمە قىلغىنىڭ بۇ ؟ــ ئېرىمنىڭ قەھىرلىك ئاۋازىدىن ئەتىراپتىكىلەر چۆچۈگەندەك بولۇپ بىزگە قاراشتى .شۇ ئارىدا مۇلازىم تاماقنى ئەكىلىپ ئۈستەلگە قويدى .
ــ تىز تامىقىڭنى يە ، قالغان گەپنى ئۆيگە بېرىپ قىلشايلى .
       دىلبەرگە ئون نەچچە مىڭ يۇەن قەرز بولۇپ قالغىنىمنى ئاڭلىغان ئېرىمدىن يەتكىچە تىل ئىشىتتىم . توي قىلىپ ئون نەچچە يىل جەريانىدا ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئەيىبلىشىگە ئۇچىراپ باقمىغىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇنىڭ ئورۇنلۇق گەپلىرىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ، يۈزۈم قىزىپ ، ئىككى چېكەمدىن تەر قۇيۇلدى .
ــ ئالە بۇ كارتىنى ، ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىپ قەرزلىرىڭنى قايتۇر ! يەنە كىمگە قەرزىڭ بار ھەممنى قايتۇرۇپ تۈگەت . ئەگەر يەنە بىرەرسىدىن « قەرزىمنى تۆلە » دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالسام مەندىن ياخشى كۈن كۆرمەيسەن !
ئېرىم سۇنغان كارتىغا قاراپ تىڭىرقاپ قالدىم . بۇ كارتىغا ئۇ نەچچە يىللاردىن بېرى  « ئۆي ئېلىپ قالساق ياكى بالىلار ئوقۇشقا مېڭىپ قالسا ئىشىلتىمىز » دەپ ھەر ئايدا مائاشىدىن ئىقتىساد قىلىپ ، ئاز –ئازدىن پۇل قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى .
ــ بۇ پۇلغا ئۆي ئالىدىغان تۇرساق ...
ــ بوينۇڭغىچە قەرزگە بوغۇلۇپ تۇرۇپ ، يەنە قايسى پۇلغا ئۆي ئالاتتىڭ ؟! گەپنى ئاز قىلىپ بېرىپ قەرزىڭنى تۆلە!
تۇيۇقسىز  ئۆزەمنى ھېچنەرسىگە ئەرزىمەس ئادەمدەك ھېس قىلىپ ، ئۆزەمگە قاتتىق نەپىرەتلەندىم . ئېرىم خىزمەتنىڭ ئېغىر بېسىمى ئاستىدا تۇرۇپمۇ ،خىزمەت گورۇپپىسى بولۇپ چۈشكەن كەنىتتىكى  جاپالىق شارائىت ئاستىدىمۇ بالىلار ئۈچۈن ، مۇشۇ ئائىلە ئۈچۈن شۇنچىلىك غەم يەۋاتقان يەردە  ، مەن نېمە كويلاردا يۈردۈم . بالامنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش ،كېيىنكى تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن  پۇل كېتىدىغىننى  ئويلاپ باقتىىممۇ ؟ئىشكاپلارغا پاتماي قېلىۋاتقان دۆۋە –دۆۋە كىيىملەرنى، ئۆزەممۇ چۈشەنمەيدىغان چەتئەلچە خېتى بار پەرداز بويۇملىرىنى ، ھەر خىل رەڭدىكى زىبۇ –زىننەتلەرنى ئېلىشقا  سەرپ قىلغان ۋاقتىمنى، پۇللارنى  باللىرىم ئۈچۈن سەرپ قىلشىنى نېمىشقا ئويلاشمىدىم ، ئۆزەمنىڭ گۆزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان مودىل ئەمەس ، بەلكى ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ، بىر ئائىلىگە مېھىر ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى نېمىشقا ئويلىمىدىم ؟ئېرىم باشلىق بولسا «باشلىقنىڭ سۆلەتلىك خانىمى » بولۇشنى ئەمەس  ، ئەرنىڭ خىزمىتىنى ھەر تەرەپتىن قوللايدىغان « لاياقەتلىك ئايالى » بولۇشنى نېمىشقا ئويلىمىدىم ؟!!
بانكىغا بارىدىغان يول بارغانچە ئۇزراپ كېتىۋاتامدۇ ياكى مېنىڭ قەدەملىرىم ئۆزەمگە ئوخشاشلا كىچىكلەپ كېتىۋاتامدۇ بىلمىدىم  ، توختىماستىن يۆتكەۋاتقان پۇتلىرىم بىر ئىزىمدىلا ھەركەت قىلىۋاتقاندەك ، ئالغا ئىلگىرلەش مومكىن بولمايدىغاندەك ھېرىپ كېتىۋاتاتتىم . پۇتلىرىمنى شۇنچىلىك ئېغىر قىلىۋەتكەن ، ئالدىغا چامداشقا توسالغۇ بولىۋاتقان زادى نېمىدۇ  ، كۆز ئالدىمدىكى يولنى تۇمانلاشتۇرۇۋاتقان قانداق نەرسىدۇ ؟...


               ( ئاپتور: بۈگۈر ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا )  

        
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:25  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
ئاماشى + 100

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-2 10:59:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالام شېرىن1، ھېكايىلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئۇتۇقى بىلەن سىلىنى تەبرىكلەيمەن ھېكايە تىلى خېلى پىششىق تاۋلىنىپتۇ، بولۇپمۇ بىرىنچى شەخس تىلىدىن بايان قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپلا. بۇ ئارقىلىق ھېكايىدىكى باش قەھرىمان سانىيەنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشى ناھايىتى تەبىئىي ھالدا، ئۈنۈملۈك يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ. تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەن بەلگىلىك تەسىراتقا ئېرىشمەي قالمايدۇ، دەپ ئويلايمەن:
«ئۆزەمنىڭ گۆزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان مودىل ئەمەس ، بەلكى ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ، بىر ئائىلىگە مېھىر ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى نېمىشقا ئويلىمىدىم ؟»
   خەير، ئامان بولغايلا، ئىجادىيەتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تېلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2015-4-2 13:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز ئالدىمدىكى يولنى تۇمانلاشتۇرۇۋاتقان قانداق نەرسىدۇ ؟...

ھېكايە بىزگە قالدۇرۇلغان سوئال بىلەن تېخىمۇ وبدان تۈگەللىنىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-4-2 15:09:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ. مەننىڭ ئىچكىي ھىسياتى ئۇستىلىق بىلەن يورۇتۇلۇپتۇ.  سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-4-2 16:01:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتى بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-2 16:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . بۇ ھېكايىنى يازغىلى بىر نەچچە ئاي بولغان ، بۇ سەھىپىگە يوللايمۇ يوللىمايمۇ دەپ خېلى ئىككىلەندىم . ئاخىرى « مۇنبەردە ئۇستازلار بولغانكىن ، ئانچە -مۇنچە تەنبىھ بېرىپ قويسا ، شۇ ئارقىلىق يولۇمنى تېپىۋالارمەن » دېگەن ئۈمىدتە يوللاپ باقتىم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-2 16:18:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ تېمامغا باھا بەرگىنىگە رەھمەت .

باھا سۆز

«ئۇستازلار» دەپ قويسىلا!  ۋاقتى: 2015-4-2 05:00 PM
ۋاقتى: 2015-4-2 16:29:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش ئاخىرى ئاجايىپ ماسلىشىپتۇ. ماڭا باشقىچە بىر خىل تۇيغۇلارنى ھىس قىلدۇردى بۇ ھىكايىڭىز.بىرىنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇ باش پىرسۇناژنىڭ ئىچكى ھىسسىياتىنى ئىنتايىن ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. مەنمۇ بىرىنچى شەخىس تىلىدا ئەسەر يېزىشقا ئامراق . بىرىنچى شەخىس تىلى بىزنى بىلىپ-بىلمەيلا ئاشۇ شەخىسنىڭ ئۆزىگە ئايلاندۇرۇۋىتىدۇ. ئاپتۇر زور كۈچ بىلەن باشقا پىرسۇناژلارنىڭ قەلب دۇنياسىغىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ چۆكۈشكە تىرىشىدۇ. يەنى بىر تەرەپمىلىكتىن قۇتۇلۇشقا بەكرەك تىرىشمىسا مەغلۇپ بولىدۇ.
سىزنى بۇ ھىكايىڭىزدىكى بىزنى قايىل قىلغان ئۇتۇقىڭىز بىلەن تەبرىكلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-2 17:45:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-4-2 16:29
باش ئاخىرى ئاجايىپ ماسلىشىپتۇ. ماڭا باشقىچە بىر خىل تۇ ...

رەھمەت بەرگىيە ، بۇ ھېكايەمنىڭ سىزنىڭ دېققىتىڭىزنى تارتقىنىدىن خۇشال بولدۇم . نەچچە يىل ئىلگىرى « چىرايلىق قىز » ناملىق ھېكايىڭىز بىلەنلا ئىسمىڭىز ماڭا تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، سىز بىلەن سالام سائەت قىلىشش بۈگۈن نىسىپ بوپتۇ . قەلمىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ « چىرايلىق قىز»لارنىڭ تۆكۈلۈشىگە تىلەكداشمەن !

ۋاقتى: 2015-4-2 21:34:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق سۈيۈندۈم، ھىكايىڭىزنىڭ تىلى يېقىملىق شېئىرى تىلدەك چىقىپتۇ، پىرسۇناژنىڭ روھىي دۇنياسىمۇ يارقىن سۆرەتلىنىپتۇ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بولسۇن

ۋاقتى: 2015-4-5 11:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ياخشى چىققان كاتتا ئىتوتكەن ئەسلى. سىزگە ئامەت تەلەيمەن!

ئېلى ياسىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-4-5 13:55:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-4-5 15:12:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ. ماۋزۇ مۇۋاپىق قويۇلمىغاندەك ھېس قىلدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-5 17:17:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەروزان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-5 11:50
بۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ياخشى چىققان كاتتا ئىتوتكەن  ...

بولسا ئېتۇت قىلىنىپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىلسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-5 17:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇقسۇ ، ئىلى ياسىن قاتارلىق تورداشلارنىڭ ياخشى باھا بەرگىنىدىن مەمنۇن بولدۇم . بولسا ياخشى بولمىغان تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن بولساڭلار تېخىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش