كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
چەتئەل ئەدەبىياتى رايونى
›
غەرب ئەدەبىياتى
›
بورخىس: چەتئەللىك
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
381
|
ئىنكاس:
0
بورخىس: چەتئەللىك
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەردان
مەردان
توردا يوق
ۋاقتى: 2015-4-1 20:57:14
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
چەتئەللىك
بورخىس (ئارگېنتىنا)
مەردان تەرجىمىسى
ئويۇقتا
*
بىر قېلىچ بار.
مەن زىيارەتگاھتىكى
*
ئۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان مىيى
*
.
باشقا مەزھەپلەرنىڭ چوقۇنىدىغىنى بىر مىتال ئەينەك ياكى بىر تاش.
ئۇلارنىڭ تاللىنىشى ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىل نەرسىلەرنىڭ ئىنتايىن ئەتىۋار ئىكەنلىكىدىن دەپ ئويلايمەن.
يەنە شۇنداق دېيەلەيمەنكى، شىنتو* دىنلار ئىچىدە ئەڭ پەستىكىسى.
ئەڭ تۆۋەن ھەم ئەڭ قەدىمىيسى.
ئۇنىڭدا كونىراپ كەتكىنىدىن ئاق قەغەزگە ئايلىنىپ قالايلا دەپ قالغان نوملار ساقلانغان.
بىر بۇغا ياكى بىر تامچە شەبنەملا ئۇنى كۆتۈرەلەيدۇ.
بىز ياخشىلىققا دەۋەت قىلىندۇق، بىراق ئۇ ئەزەلدىن بىر خىل ئەخلاق تىكلىگەن ئەمەس.
ئۇ ھەممە ئادەم ئۆز ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ دەپ تەرغىپ قىلمايدۇ.
ئۇ جازا بىلەن قورقۇتۇشنى ياكى ئىنئام بىلەن پارا بېرىشنى خالىمايدۇ.
ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇددانىڭ ياكى ئەيسانىڭ ئەقىدىلىرىنى قۇبۇل قىلسا بولىدۇ.
ئۇ تەڭرىقۇتنى ھۆرمەتلەيدۇ ھەمدە ئۆلگۈچىنى ئەزىزلەيدۇ.
ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ ئائىلىدىكىلىرىنى قوغدايدىغان ئىلاھ ئىكەنلىكىنى،
ئۆلۈپ كەتكەن ھەربىر دەرەخنىڭ دەرەخلەرنى قوغدايدىغان ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئۇ خۇدالارنىڭ سان-ساناقسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
بۈگۈن ئەتىگەن پىرۇلۇق بىر قېرى شائىر بىزنى زىيارەت قىلدى، ئۇ قارىغۇ ئىدى.
بىز ئالدى ھويلىدا باغنىڭ ھاۋاسىدىن، نەم تۇپراقنىڭ پۇرىقىدىن، قۇش ياكى خۇدالارنىڭ ناخشىسىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندۇق.
مەن بىر تىلماچنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى چۈشەندۈردۈم.
ئۇنىڭ سۆزۈمنى ئاڭقىرىغان ياكى ئاڭقىرىمىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
ھەممە غەربلىكنىڭ چىرايى ئۇققىلى بولمايدىغان بىر نىقابتۇر.
ئۇ ماڭا پىرۇغا قايتقاندىن كېيىن بىر پارچە شېئىرىدا ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ يېزىش يازماسلىقى بىلەن كارىم يوق.
ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچرىشالايدىغان ياكى ئۇچرىشالمايدىغىنىمىز بىلەن كارىم يوق.
*
ئويۇق- بۇت قويۇلىدىغان تەكچە.
*
زىيارەتگاھ- شىنتو دىنىدىكى ئىلاھلارغا تاۋاب قىلىدىغانۋە نەزىر قىلىدىغان ساراي.
*
مىيى- زىيارەتگاھتىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى راھىب.
*
شىنتو- ياپونلارنىڭ ئەنئەنىۋىي دىنلىرىنىڭ بىرى. شامان دىنىدىن كېلىپ چىققان،دەسلىپىدە تەبىئەتكە چوقۇنۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۆپ تەڭرىلىك ئانىمىزمغا تەۋە. 5~8 ئەسىرلەرگىچە مۇقىم نامى بولمىغان، كېيىن بۇددا دىنىنىڭ ياپونىيەگە تارقىلىپ ئومۇملىشىشىغائەگىشىپ، بۇددىزم بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن شىنتو (神道،ئىلاھ يولى) دېگەن نامنى قوللانغان.
شائىرنىڭ 1981-يىلى نەشىردىن چىققان "رەقەم" ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش