قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل
قىرانلىققا بېسىلدى قەدەم
(ساۋاقداشلىق ئەسلىمىسىنىڭ 20 يىلىغا بېغىشلايمەن)
ئىلاۋە : 2010- يىلى5- ئاۋغۇست ئەھمىيەتلىك بىر يىغىلىشقا داخىل بولدۇم .ئۇ بولسىمۇ ئونسۇ ناھىيە جام بازىرىدىكى تەرەڭ دەريا باشقامىسى بېغىدا ساۋاقداشلار ئۇچۇرشىش داستىرخېنىغا داخىل بولۇشتەك دىل تارىلىرىمنى تىترەتكەن ، تەققازالىق ئىلكىدە كۈتۈپ كەلگەن مۇھىم بىر ئۇچۇرشىش ئىدى .ساۋاقدىشىمىز ئەركىن ئەھەت شۇ كۈنلەردە جام بازىرىدا مۇقۇملۇق خىزمىتىدە بولغاچقا ، ئۇ بۇ ئىشنى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ،شۇنداق بىر پۇرسەتتە تۇيۇقسىزلا خەۋەر قىلغانىدى ... ئەينى يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئونسۇ دارىلمۇئەللىمىندە تەسىس قىلىنغان بىر سىنىپتىكى 42 نەپەر ساۋاقداشتىن ، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان خالىدەم ئەلا (ناھىيە بازىرىدىن ) ،چولپانگۈل ئاۋۇت (بوزدۇڭ ئۆستەڭ بويىدىن ) ، تۇرسۇنئاي ياسىن ( تاغلاق فىرمىدىن ) ۋە شۇ كۈنلەردە دېرىكى بولماي كەلگەن مەخمۇت مامۇت قاتارلىق ساۋاقداشلىرىمىز ۋە كۆرۈشۈشكە تەشنا بولغان بولسىمۇ ئەزرائىلنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدىن قېچىپ چىقالمىغان مەرھۇم ساۋاقدىشىمىز تۇرغۇن تۇنياز ( جام تۈمەندىن بولۇپ ،شۇ كۈنلەردە كېسەل ئىدى ، كېيىنكى يىلى بىزدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلدى ) دىن باشقىلار تامامەن تۇلۇق دېگۈدەك يىغىلىشقانىدى .شۇ چاغدا ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ياسىنجان توخنىياز توغراق ئىككىمىز نەق مەيداندا شىئېر يېزىپ ، دېكلىماتسىيە قىلغانىدۇق ...ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۈشبۇ قۇرلارغا قايتتا نەزىرىم چۈشۈپ قالدى . 25 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ ئەينى بويىچە تورغا يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم ...
بىزنىڭمۇ بىر چاغلىرمىز بولغان
بىزنىڭمۇ بىر چاغلىرمىز بولغان ،
بالىلارچە خىيالغا پاتقان .
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ مىنىپ ،
ئېتىز ، تىرگەن ،داۋانلار ئاشقان .
بىزنىڭمۇ بىر چاغلىرمىز بولغان ،
مەرىپەتتە شام بۇلۇپ يانغان .
غايىبانە ئىستەك ئىلكىدە ،
گۆڭۈللەرگە ئارمانلار چاققان .
بىزنىڭمۇ بىر چاغلىرمىز بولغان ،
كۆزلەردىن تارام ياش ئاققان .
ئۆتۈپ كەتكەن مەنىسىز كۈنگە ،
ھەسىرەتلىك پىغانلار چەككەن .
ئاشۇ چاغلار غۇبارسىز ئىدى
ئاشۇ چاغلار غۇبارسىز ئىدى ،
كۆڭۈللەردە يوق ئىدى ئارمان .
قەدىرلەيتۇق ھەرنەپەستە بىز ،
ساۋاقداشلىق مېھرىنى ھامان .
ئاشۇ چاغلار غۇبارسىز ئىدى ،
قەلىبلەردە ئىستەك چاقنىغان .
ئىلىم – ئىرپان مەنزىللىرىدە ،
ئاداشمىغان ــ دادىل تاشلانغان .
ئاشۇ چاغلار غۇبارسىز ئىدى ،
دىلدا خەسلىك – نەسلىك بولمىغان .
ھاياتلىقنىڭ گۈزەل كۈيلىرگە ،
ھەرقەدەمدە مەسلەك تاشلىغان .
ئاشۇ چاغنى دائىم ئەسلەرمەن
ھاياتلىقنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن ،
قىسمەتلىرى ئۆمۈرگە تۇزۇن .
قەدىرلىمەك لازىمدۇر ئۇنى ،
دىل، زەئىپتە چىرىشتىن بۇرۇن .
ھاياتقا مەن كۈلۈپ باقارمەن ،
مەنزىلىدە تامان ئاقارمەن .
دىلغا ھېكمەت- دۇردانە چاچقان ،
ئاشۇ چاغنى دائىم ئەسلەرمەن.
قىرانلىققا بېسىلدى قەدەم
بىز ئايرىلغان ئاشۇ پەيتلەردە ،
ئون سەككىزگە قەدەم تەشرىپتە .
ھاياتلىقنىڭ زىنھار تۇلپارى ،
كىشنەك ئىدى ،دىللار غەشلىكتە .
يىغىلغانتۇق بىردەك نىيەتتە ،
بىلىم ئېلىش مۇددا ئىستەكتە .
‹‹ياشلىق چېغىڭ ، ئالتۇن چېغىڭ ›› دەپ
چۇققان سېلىپ مەزمۇت قەدەمدە .
ئۈچ يىل ئەمەس -ئۈچ كۈن بىر ئۆتمەك ،
تەس ئىكەنغۇ ھايات قىسمەتتە .
قەدىرلىمەي ئۆتكەن كۈنلىرىمىز ،
دىل خەس بولدى ئۆمۈر مەنزىلدە .
ئۈتۈپ كەتتى تالاي قىسمەتلەر ،
كالىندارلار يىرتىلغان شۇ دەم .
ياشلىقمىزمۇ تۇزۇپ خازان بوپ ،
قىرانلىققا بېسىلدى قەدەم .
ئاداشمىغىن ،دادىل باس قەدەم ،
ئىنسانىيلىق سۈپەتتە ھەردەم.
ئازغۇن بولما،بەڭۋاشمۇ ھەم ،
قىرانلىققا بېسىلدى قەدەم .
ئۇنۇتمىغىن ،ئەسلەپتۇر ھامان ،
ساۋاقداشلىق مېھرىنى ھەردەم .
بىلىپ ياشا ، بۇ بىر ھەقىقەت،
قىرانلىققا بېسىلدى قەدەم .
2010-يىلى 5-ئاۋغۇست ، ئونسۇ جام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-30 16:48