كۆرۈش: 1276|ئىنكاس: 0

غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
Utghur。1997.5.18.jpg


غەيرەتجان ئوسمان،ئەدەبىي تەخەللۇسى: ئۇتغۇر ، تۈتۈرگى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى،  ماگستېرانت يېتەكچىسى.ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ مۇدىرى.ئۇ 1958- يىلى 6- ئاينىڭ 25-كۈنى  قەشقەر شەھىرىگە تەۋە يۇقىرىقى قازىرىق كەنتىدە تۇغۇلغان.(ئەسلى يۇرتىنىڭ تەۋەلىكى كونا شەھەر ناھىيەسى بەشكېرەم يېزىسى).ئۇ ئۆز كەنتىدىكى يۇقىرىقى قازىرىق مەكتىپىدە باشلانغۇچ مەكتەپنى،كونا شەھەر ناھىيەسىگە تەۋە قوغان ئوتتۇرا مەكتىپىدە   تولۇقسىز،تولۇق كۇرسلىرىنى تاماملىغان. 1975-يىلى 8-ئايدىن 1977- يىلى9- ئايغىچە  ئۆز يېزىسىغا زىيالىي ياش بولۇپ چۈشۈپ،دېھقانلاردىن قايتا تەربىيە ئالغان.جۈملىدىن بۇ يىللاردا قوشۇمچە ئىككى يىل كەنت ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1977-يىلى9-10-ئايلاردا قوغان ئوتتۇرا مەكتەپ  تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1978-يىلى 2-ئايدىن  1983- يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ،شۇ فاكۇلتېتتا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان.خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن،يىگىرمە يىلغىچە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ،بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كەلگەن. 1994-يىلى دوتسېنتلىققا، 2000- يىلى ماگىستېرانت يېتەكچىسى سالاھىيىتىگە، 2004- يىلى پىروفېسسورلۇق كەسپى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.ئۇ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت تارىخى»،«شىنجاڭ دىن تارىخى»،«ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخى» ماگىستېرانتلارغا «جۇڭگو  مەدەنىيىتى جەۋھەرلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى»، «ئۇيغۇرشۇناسلىق»  قاتارلىق يىگىرمە نەچچە خىل دەرس ئۆتكەن.جۈملىدىن 30 يىلدىن بېرى ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە دەرس ئىزچىل دەرس ئۆتۈپ كەلگەن.  
غەيرەتجان 2001-، 2002- ۋە 2005- يىللىرى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش لايىھەسى» نىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى «ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى »، «كاتىباتلىق »، «ئېكران ئەدەبىياتى »ئوقۇتۇش لايىھەسى قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»  قاتارلىق ئون بىر خىل دەرسلىكنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن تېزىس»(1987)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (2001) قاتارلىقلار ئۇنىڭ شەخسىي نامىدا، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»(2002،ئىككى قىسىم)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى» (ئىككى قىسىم،2004-2005) قاتارلىق  كىتابلار باش تۈزگۈچىلىكىدە نەشر قىلىنىپ ئالىي ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپ دەرسلىكى قىلىنغان. ئۇ يەنە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»(1993-1995،ئۈچ توم) ناملىق ئالىي مەكتەپ دەرسلىكنى يېزىشقىمۇ قاتناشقان. 32 نەپەر ماگىستىر تەربىيەلىگەن، ئىش ئۈستىدە ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغۇچى 10نەپەر ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ئىزچىل تۈردە ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە دەرس ئۆتۈپ كەلگەن.
غەيرەتجاننىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» (1999،خەنزۇچە)، «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە» (2002)، «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزە»(2003)، «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى»(2007)،«قەشقەر كىلاسسىك ئەدەبىياتى»(2012) ۋە تۈزۈپ تەييارلىغان «ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى»  (1998)،  «بۈيۈك شائىر نەۋايى»(2001،خەنزۇچە) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان؛ «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ دىن ۋە ئەپسانىلار قامۇسى» (1990)،«جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قامۇسى»(2000)، «جۇڭگو تارىخىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قەھرىمانلىرى شەجەرىسى» (2000)،  «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»(1998،بىر توملۇق،خەنزۇچە)، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» (2006،  تۆت توملۇق)، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قىسقىچە تارىخى»(2011،خەنزۇچە)  قاتارلىق كىتابلارنى يېزىشقا قاتناشقان. ئۇنىۋېرسىتېت دەرىجىلىك «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادى» (1993)، مائارىپ نازارىتى دەرىجىلىك  «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى» (1993-1995)،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات» (1997-1999)،دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېتىقاد مەدەنىيىتى ھەققىدە» (2004-2006)، «يۇقىرىقى قازىرىق كەنتىنىڭ ئانتروپولوگىيەلىك تەكشۈرۈلۈشى» (2009-2011) قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلغان؛ «غەربىي يۇرت ئەدەبىيات تەتقىقاتى» (1993-1995)،  «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى»(1995-1997)، «ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ياپون بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى توغرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات»(1996-1998)، «ئۇيغۇرشۇناسلىق» (1995- 1997)، «ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى» (1999-2002) قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ياپون، تۈرك تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان.سەككىز قېتىملىق خەلقئارالىق، 10 نەچچە قېتىملىق مەملىكەت دەرىجىلىك ۋە نەچچە ئون قېتىملىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان.
غەيرەتجان يېتەكچىلىك قىلىپ يوللانغان«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»ناملىق دەرسلىك كىتاب  2008-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ«ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە  مىللىي تىلدىكى دەرسلىك قۇرۇلۇش پىلانى»تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ،نەشر قىلىنىشى تەستىقلانغان،  « «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»دەرسلىكى 2009-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «سەرخىل دەرسلىك» تۈر قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن، «ئۇيغۇر خەلق ئېتىقاد مەدەنىيىتىنىڭ ئوچېرىكى»،«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىنىڭ ئوچېرىكى» (خەنزۇچە) قاتارلىق كىتابلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2010- ۋە 2011-يىللىق نادىر ئىلمىي ئەسەرلەر نەشر فوندى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
غەيرەتجان  2005 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخ – مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتى تەرىپىدىن « تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ» مۇشۇ تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىلىقىغا  ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ئۇقۇپ-تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنغان،ئۇ ھازىر دۇنيا فولكلورشۇناسلار ئىلمىي جەمئىيىتى،جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى، ،جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمىئىيتى،جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى،ش ئۇ ئا ر خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى،شىنجاڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى  قاتارلىق   ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ ئەزاسى. «شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى»نى تەھرىرلەش-نەشر قىلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى،«شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ،«ئۇيغۇر تېبابىتى»  قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ  تەھرىر ھەئىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ 2009-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى نۇقتىلىق پەن تۈرىنىڭ ئاساسىي پەنلەر يېتەكچىسىگە  ۋە 2013-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسۇرلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان.
غەيرەتجان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىر قېتىم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى،بىر قېتىم مۇنەۋۋەر ماگىستىر يېتەكچىسى بولۇپ مۇكاپاتلانغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى»(خەنزۇچە) ناملىق كىتابى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىدىكى ئۈچ مەسىلە» (خەنزۇچە) ناملىق ماقالىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى مۇكاپاتىغا،«قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى»ناملىق كىتابى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 3-دەرىجىلىك نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئون نەچچە قېتىملىق ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى بولغان.
غەيرەتجاننىڭ تەرجىمىھالى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشر قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى قوللانمىسى» (1995-يىلى)،  «جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر كىشىلىرى تەزكىرىسى» (جۇڭگو   خەلقئارا  رادىيو نەشرىياتى 1996- يىلى خەنزۇچە نەشرى)،  «ئالىي مائارىپ گۈللىرى» ( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1996-يىلى خەنزۇچە نەشرى )، «جۇڭگو ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر قامۇسى» (جۇڭگو كادىرلار نەشرىياتى 1996-يىلى خەنزۇچە نەشر قىلغان)،«بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى لۇغىتى» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1999-يىلى نەشر قىلغان)، «دۇنيادىكى مەشھۇر مۇتەخەسسىسلەر قامۇسى » (جۇڭگو خەلقئارا ئالماشتۇرۇش نەشرىياتى 2001-يىلى خەنزۇچە نەشرى)،«دۇنيادىكى مەشھۇر كىشىلەر تەزكىرىسى»  ( جۇڭگو خەلقئارا ئالماشتۇرۇش نەشرىياتى 2004- يىلى خەنزۇچە نەشرى)،«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» (مىللەتلەر نەشرىياتى،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىلى نەشرى)،«دۇنيا فولكلورشۇناسلىرى قامۇسى» (شياڭگاڭ ئەدەبىيات گېزىتخانىسى نەشرىيات شىركىتى 2008-يىلى 10-ئايدا نەشر قىلغان)، «جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ تاللانما ئەسەرلىرى» (قامۇسى،شياڭگاڭ ئەدەبىيات گېزىتخانىسى نەشرىيات شىركىتى 2009-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلغان)،«جۇڭگو فولكلورچىلار قامۇسى»(2012يىلى) قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈلگەن.
غەيرەتجان ئوسمان 1993-يىلى 2-ئايدا ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش