يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 7

قاراتېكىن: كۆڭۈل مۇراسىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆڭۈل مۇراسىمى

نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن

نۇرلىرى رۇخسارىدىن تال-تال تۆكۈلگەن ئۇز ئىدىڭ،
دەردىسە،چوڭقۇرىغا چوغنى يۇشۇرغان مۇز ئىدىڭ.
قىپقىزىل قارغىش رېڭىنى ئەڭنىگە سىڭدۈرمىگەن،
ناتىۋانلىق قىسمىتىدىن تىترىگەن يالپۇز ئىدىڭ.
بىۋاقىت كەتكەن ئىدى ئەتلەس خىيالىڭ كونىراپ،
ۋەسلىگە ھىجراننى ئۇسسۇز ئەيلىگەن،ئۇسسۇز ئىدىڭ.
ئاي سېنىڭ يىرتىق ئېتەكڭدىن چىقاتتى ھەر كېچە،
چاچلىرىڭ بورانغا كەپە،چۆلدىكى يۇلتۇز ئىدىڭ.
ئاھ ئۇراتتى يالىڭاچ بىر تۈپ سۇۋادان سەن ئۈچۈن،
ئۇ خازان تۆككەن پەسىللەر بۇرجىدا يالغۇز ئىدىڭ...

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-28 14:28:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خۇددى دەپنە مۇراسىمىدىكى مەرسىيەدەكلا تۇيغۇ بەردى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-28 15:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2015-3-28 14:28
خۇددى دەپنە مۇراسىمىدىكى مەرسىيەدەكلا تۇيغۇ بەردى.

گېپىڭىزچە،تۇيغۇدىكى چىنلىققا سادىق بولالىغان ئوخشايمەن.

ۋاقتى: 2015-3-28 15:38:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولۇپمۇ ماۋزۇسى بەكلا تاللىنىپتۇ ،ھەم ئۆزگىچە ،يېڭىچە تەپەككۈرىڭىزگە ئاپىرىن !

ۋاقتى: 2015-3-28 19:44:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،  تەپەككۈر ، ئىلھاملىرىڭىزغا يېڭى ئۇتۇقلار تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-4-17 17:12:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىزنىڭ غەزەللىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.‹‹كۆڭۈل مۇراسىمى››نى ياخشى يىزىپسىز.سىزگە  ھەم سۆھبەت كۆڭلىنى سۇنۇپ ئەلتۈرك.

ۋاقتى: 2015-4-17 19:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما غەزىلىڭ پەيزىغۇ....

ۋاقتى: 2015-4-17 20:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم,بۇ غەزىلىڭىزمۇ ئېسىل چىقىپتۇ.بولۇپمۇ
«ئاي سېنىڭ يىرتىق ئېتەكىڭدىن چىقاتتى ھەر كېچە،
چاچلىرىڭ بورانغا كەپە،چۆلدىكى يۇلتۇز ئىدىڭ.»دېگەن بېيىتتىكى گۈزەللىك ماڭا بەك ياقتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-18 18:29  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش