قادىر يۈزى ۋە نوزۇگۇم
, V6 b6 n0 j" R(1)" q2 A& O, Q0 p1 s2 d: \3 v( X
8 v3 J/ o$ ~9 \+ N H1 |( Z1 bتۇرسۇنجان ئىبرەت' [ H+ P# |3 O0 N! G6 p
3 S% A1 D* P/ M3 @) J
2014-يىلى 5-ئايدىن بېرى غۇلجا شەھەر ئارائۆستەڭ يېزا بۇلاقبېشى مەھەللىسدىكى نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ھەققىدە ئاز-تولا بايقاشلار يېزىلىپ، تور ئەھلىگە سۇنۇلغاندىن بۇيان، بۇ يازما ئەل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان گەپ-سۆزلەرگە سەۋەب بولدى.
$ D/ Y# t$ n* O$ V$ mبۇ گەپ-سۆزلەر ھاياجان بىلەن خۇشاللىق، تارىخ بىلەن ئەخلاق، پاكلىق بىلەن ناپاكلىق، ئىپپەت بىلەن ۋىجدان، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن، ئىناقلىق بىلەن ئىناقسىزلىق، ياۋۇزلۇق بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەندەك خىيالىي پىكىر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ گەپ-سۆزلەر ئىچىدىكى ھەسرەتلىك بىر خۇشاللىق ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن بولدى. ئەڭ زور خۇشال بولغىنى يەنىلا بۇلاقبېشى كەنتىدىكى دېھقانلار ئىدى. ئۇلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇلاقبېشى مەھەللىسىنى نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئارقىلىق گۈزەل بىر ساياھەت رايونى بولۇپ ئەل-ۋەتەنگە تونۇلسىكەن، ۋەتىنىمىز جۇڭگو ئارقىلىق دۇنياغا مەشھۇر بولسىكەن، بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئوپال يېزىسىدەك كاتتا يېزا بولسىكەن دەپ خۇشال بولغاندەك قىلاتتى. 7 M/ i- n! R, p3 P
بۇ خىياللار تۈرتكىسىدە، ئاددىي كىيىنگەن، تارمۇش چىراي دېھقانلارنىڭ ساقال باسقان چېھىرلىرىدىن نۇر تەپچىگەندەك ھاياجان جىلۋىلىنەتتى. دېھقاننىڭ خۇشاللىقى ئالەمنىڭ خۇشاللىقى، تەبىئەتنىڭ خۇشاللىقى ئەمەسمۇ... t- C3 M# v0 e( T/ ?% R& ^8 X
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنە شۇ نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ھەققىدە بۇلاقبېشى مەھەللىسىگە چىقىپ، ئىنىلەر بىلەن ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ قورۇسىغا كىرىپ كەلدۇق. . W# ~5 A; b4 Q8 R- c
سالام-سەھەتلەردىن كېيىن، ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ قورۇسىدىكى سۇپا ئۈستىگە چازا قۇرۇپ تۇرساق، قولتۇقىغا يالتىراققا ئورالغان كىتابنى قىستۇرۇپ، كۆزىگە يوغان جازىلىق كەرەشىنىۋاي كۆزئەينەكنى تاقاپ، رۇس كازاكلىرىدەك يوغان قەدەملىرىنى سالماق يۆتكەپ، تارانچى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قاراپ، بۇلاقبېشىلىق دېھقان زىيالىي موخپۇل دېگەن ئاغىنىمىز كىرىپ كەلدى.
7 r: M2 c' R/ z7 ~1 ]ـــ ھە، سەنمىدىڭ، تۇرسۇن، تۇرسۇن دېسە سەنمىكىن دېۋىدىم.
S) t% g8 O& h. Aموخپۇل ياغاچتەك يىرىك قوللىرى بىلەن قوللىرىمىزنى سىقىپ ئەخمەت ئاكىغا قاراپ:
8 D# N0 }: z; {8 W: `# Sـــ ئەخمەت ئاكا مۇنۇ تۇرسۇن بىلەن بىزلەر بالا ئاغىنىلەردىن، بۇ بالا چاغلىرىدا قارى بولىدىغان، ئۆتكەندە مۇشۇنداق بىرلىرى چىقىپ، نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ، يازماق بولۇپ كىرىپ كېتىپتەك دېۋىدى، چىراي-تۇرقىنى سوراپ مۇشۇمىكىن دېۋىدىم راست چىقتى مانا، ھە بالا-چاقا ئامانمۇ، مانا قارا سەن بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئوتتۇز يىلدىن ھالقىپتۇ، ئادەم ئۆلمىگەندە كۆرۈشىدىغان گەپكەن، ـــ دېگەچ سۇپىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، قولىدىكى كىتابنى ئالدىغا قويۇپ دۇئاغا قول كۆتۈردى. دۇئادىن كېيىن ھال-ئەھۋال سوراشقان بولدۇق، موخپۇل يەنە گەپ ئېلىپ ماڭا قاراپ: 4 I: v5 Z8 Y7 `3 N
ـــ ھە نېمىلەرنى قىلىپ؟ ـــ دەپ سورىغان بولدى. , p$ a% K% A3 |' ?5 j
ـــ نېمىلەرنى قىلاتتۇق ئاداش، مەھەللەڭلاردىكى نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىنى ئېنىقلاپ يېزىپ، ئەل-ۋەتەنگە تونۇتۇپ، بولسا قەبرىنى رېمۇنت قىلىپ، يۇرتۇڭلار بۇلاقبېشىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە ئېلان قىلىپ، ياخشى بىر ساياھەت رايونى قىلساق، جاپاكەش دېھقانلىرىمىز خۇشال بولسا دەپ ئالدىڭلارغا چىقىپ يۈردۇققۇ. 2 i. }, L4 L/ N( d
ـــ مانى قارا، نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىنى تونۇتۇش كەتمەيدۇ، بىزلەرلا ئەمەس ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ بۇ قەبرىنى نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى دەپ ساقلاپ كېلىگلىك، بولمىسا چىقىپ ئەل-يۇرتتىن سورا، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىسى نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى دەپ ئاسراپ تۇرۇپتۇ. قېنى، بىرسى چىقىپ بۇ نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئەمەس، نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى مۇنۇ يەر دەپ كۆرسىتىپ باقمىسۇنمۇ، ـــ ئۆزى دېھقان زىيالىي، كىتاب ئوقۇسا ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇيدىغان بۇ ئاغىنىمىز گەپتىن توختاپ ئولتۇرغانلارغا بىر پەس قاراپ كېتىپ: + ~1 `# {- p( V6 t
ــــ سېنى چىقىپتۇ دەپ مۇنۇ بالىلار بېرىپتىكەن، مانا ساڭا مۇنۇ ئىككى كىتابنى ئالغاچ كەلدىم، بۇنىڭ ئىچىدە نوزۇگۇم توغرىسىدا يېزىلغان نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار ئىكەن، بۇلارنى، نوزۇگۇم بىلەن بۇلاقبېشىغا باغلاپ كۆرۈپ باق، ـــ دېدى.+ s' U/ y2 e3 O2 V }, v$ [
ھەممىمىز موخپۇلنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالغان ئىدۇق، موخپۇل بولسا چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، يوغان گەۋدىسىنى ئۇيان-بۇيان مىدىرلىتىپ قويۇپ:
; s+ M0 |* k; n* L7 mــــ بىزلەر ئۇزۇندىن بېرى، نوزۇگۇم ھەققىدە يېزىلغان ھەم يېزىلىۋاتقان، نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، ھەممىسىدە نوزۇگۇم دېگەن ئايالنى يۇلتۇزدىن مۇشۇ تۆڭگۈرەككىچە تەنھا تەن-جان قېچىپ يۈردى دەپ يېزىلىپتۇ، بۇنىسى ناتايىن. قېنى، ئويلاپ باقمامسىلەر، يالغۇز بىر چوكان يەنە كېلىپ بۇ يۇرتنىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلمەيدىغان، ئوي-چوڭقۇرىنى ئاڭقىرالمايدىغان بىر مۇساپىر ئايال، قانداق قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ شۇنچە كۆپ چىرىكلىرىگە تۇتۇلماي، شۇنچە ئۇزۇن قېچىپ يۈرەلەيدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولۇپ جېنىنى تىكىپ ھەمدەم بولۇۋاتقان خېلى كۆپ ئادەم بار، بولمىسا بىر ئاجىز مۇساپىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇن قەرزى بولغان بىر ئايالنىڭ قولى نەگىچە يەتمەكچى؟. ^/ _- ^, ^! S1 `& j% |" ?9 m6 O1 Q
موخپۇل يوغان جازىلىق كەرەشىنىۋاي كۆز ئەينىكىنى قاڭشىرىدىن ئېلىپ، كىتابنى تولا ئوقۇغانلىقتىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى قولياغلىقى بىلەن بېسىپ-بېسىپ ئېيتىپ تۇرۇشىغا، ئەخمەت مۇئەللىم سۆز ئېلىپ:
7 T3 V7 d4 m; T: M* N. s7 Yـــ شۇنداق بولماي، موخپۇلجان توغرا ئېيتىدۇ، مەن بۇ ئۆمرۈمدە نوزۇگۇم ھەم ئۇنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ ئۆتكەن بولساممۇ، تازا زەن سالمىغان ئىكەنمەن، مانا ئەندى ياش ئۇلغىيىپ، ئادەمنىڭ زېھنى قېچىپ قالغاندا، مۇنۇ تۇرسۇنجان دېگەن بالا چىقىپ، نوزۇگۇم ھەققىدە مېنى ئويلايدىغان ھەم خاتىرە دەپتەرلەرگە بۇ ھەقتە بىر نېمىلەرنى تىركەيدىغان قىلىپ قويدى، مانا بىرە يىلنىڭ بۇياغى ئولتۇرسام، قوپسام كاللامدا نوزۇگۇم ھەم ئۇنىڭ قەبرىسى، باشقا نەرسە يوق، بۇ ھەقتە كاللامدىن ئۆتمىگەن گەپ-سۆزلەر بولسا مانا مۇشۇ تۇرسۇنجانغا تېلېفون قىلىمەن، بۇ بالىنىڭ ئۆيىگىمۇ بىر قانچە رەت كىرىپ چىققانمۇ بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەندىن بېرى، مەھەللە-يۇرت، چوڭ-كىچىكتىن ئاڭلىغان، ئۇققانلىرىمنى بىر دەپتەرگە تىركەپ چىقتىم. ھازىر قارىسام ئوتتۇز-قىرىق بەت بىر نېمە بوپتۇ، ئۇ دەپتەرنىمۇ تۇرسۇنجانغا ئەكىرىپ بەردىم. ئۇنىڭ ئىچىدە، 1964-يىلى باھاردا، خۇدىيار يۈزى مەھەللىسىدە كۆچەت تىكىۋاتقان چېغىمدا، تەكتى بۇلاقبېشىلىق، خۇدىيار يۈزى مەھەللىسىگە ياتلىق بولۇپ كەتكەن 104 ياشلىق ئەلاخان مومامنىڭ ئېيتقانلىرى ھازىر موخپۇلجاننىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن ئوخشاش، ئۆز ۋاقتىدا نوزۇگۇم دېگەن ئايال تۇتقۇندىن يالغۇز قاچقان بىلەن، يالغۇز مۆكۈپ يۈرگەن ئەمەس. $ p n8 S2 u# U6 a: D$ g* D& r
ـــ توغرا، ـــ دېدى موخپۇل ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ سۆزى چۈشۈشى بىلەن، ـــ نوزۇگۇمنىڭ ئىلى ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ئۇزاق مەزگىل تۇتۇلماي، مۆكۈنۈپ يۈرەلىشى، ئىلى خەلقىنىڭ بۇ ئاجىزەگە يار-يۆلەك بولۇپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئەنسىرىمەي، بۇ ئىپپەتلىك باتۇر قىزىنى پاناھىغا ئېلىپ يوشۇرغانلىقىدا بولسا، مانجۇلارنىڭ تىنىمسىز ئىز قوغلاپ تۇتۇشقا ئالدىرىشى، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادىتىدىن بولغان. ئۇ قانداق ئادەت دېگەندە، مانجۇلارنىڭ مۇنداق بىر ئادىتى بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ، كىمدەكىم مانجۇلارنىڭ مۆتىۋەرلىرىنىڭ بىرەرسىنى قازارەن ئۆلتۈرۈپ قويسا، مانجۇلار خۇن دەۋاسىغا قاتىلنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇلۇغىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى گۆرنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئادىمىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆمىدىكەن، شۇڭا ئۇلار ئىز قوغلاپ، تېز تۇتۇپ ئەنئەنىسىنى ئادا قىلماقچى بولغان. شۇنداق شارائىت ئاستىدا ئىلى خەلقىنىڭ مەردانىلىك بىلەن قوغدىشى، ئاقىلانىلىق بىلەن يوشۇرۇپ قېلىشى بولمىسا، ئۇ قىز مانجۇلاردىن شۇنچە ئۇزۇن قېچىپ يۈرەلمىگەن بولاتتى، مانا مۇنۇ كىتابتا، ـــ موخپۇل ئاغىنىمىز باياتىن تىزىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغان ئىككى كىتابنى يالتىراقتىن چىقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا قويۇپ، ـــ نوزۇگۇم توغرىسىدا خېلى ئۇچۇرلار بار ئىكەن، سەن بۇلارنى يازغاندىن كېيىن، مۇنۇ كىتابتا يازغان نوزۇگۇم ھەققىدىكى قوشاقلار بىلەن بەزى بىر ھېكايە-رىۋايەتلەرنى سېلىشتۇرۇلۇپ كۆرسەڭ بىلىسەن، قارىمامسەن، بۇ قوشاقتا شۇنداق دەپتۇ:
6 d3 r/ @8 k; e3 e9 Xئالتە ئاي ياتتىم خاماندا،
( F; U7 j7 N# Q; R- u8 g" ]. lنان پوشۇردۇم ساماندا.
: _; i: B( ~, }: s) k( G) V3 Vئاجىز نوزۇك جاڭگالدا،
: J- B! [* R8 i* V# V) eئاتام يۈرەر قاياندا.
7 ] |$ S% U+ |1 h, Mبۇ قوشاقتىن يېزا كىشىلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن خامانلاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ. مەھەللە-كويلاردا، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئالتە ئاي تۇرسا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ ئەلۋەتتە، سەھرادىكى ھەر قانداق خامان ئىگىسى ئۆزىنىڭ خامىنىنى ئالتە ئاي تاشلىۋەتمەيدۇ، دېمەك، دېھقاننىڭ خامىنى بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن ئادەم ئۈزۈلمەيدۇ.
' Y1 r9 K* b; S. L. @8 w3 oسۆھبەت ناھايىتى قىزغىن داۋاملىشىۋاتاتتى، ئەخمەت مۇئەللىم بىلەن موخپۇل ئاغىنىمىزنىڭ تەھلىللىرى، قىياسلىرى بىر يەردىن چىقىۋاتاتتى. 3 E; H0 @7 B2 F' n
ئەمدى مەن ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ ماڭا يېزىپ ئەكىرىپ 36 بەتلىك دەپتەرگە يېزىلغان ئەسلىمىلەرنى قىستۇرۇپ ئۆتەي. بۇ ئەسلىمە 1964-باھاردا خۇدىيار يۈزىدە سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇ يىللىرى ئەخمەت مۇئەللىم تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خۇدىيار يۈزىگە كۆچەت تىككىلى بېرىپ قالىدۇ، مېڭىشتىن بۇرۇن، ئەخمەت مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا دادىسى پولات ئاكا بالىسى ئەخمەت مۇئەللىمگە: «خۇدىيار يۈزىدە ئەلاخان موماڭلار بار، ياشىنىپ قالدى، يوقلاپ ئۆتكىن» دەپ تاپىلايدۇ. ئەخمەت مۇئەللىم كۆچەت تىكىپ ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مەھەللە-كويلاردىن سوراپ، ئەلاخان مومىسىنىڭ ئۆيىنى تېپىپ، موماي بىلەن چاي ئىچكەچ مۇڭدىشىپ، شۇ موماينىڭ ئۆيىدە بىر كېچە قونۇپ قالىدۇ. ئەلاخان موماينىڭ ئەسلى تۇغۇلغان يېرى قادىر يۈزى غۇر قومۇشلۇق بولۇپ، خۇدىيار يۈزىگە ياتلىق بولۇپ تۇرۇپ قالغان ئىكەن، شۇ يىلى يەنى 1964-يىلى 104 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەلاخان موماينىڭ زېھنى ئوچۇق، خاتىرىسى روشەن، گەپ-سۆزى جايىدا، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ئەسلەپ سۆزلىسە بىر ئادەمنىڭمۇ ئىسمىنى چۈشۈرۈپ ۋەياكى ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان، پاكىز قېرىغان موماي ئىكەن. شۇ كېچىسى ئەلاخان موماي نەۋرىسى ئەخمەتتىن مەھەللە-يۇرتىنى سوراپ كېلىپ، گەپ مازا-ماشايىقلارغا يۆتكىلىپ قالىدۇ. مەن تۆۋەندە ئەخمەت مۇئەللىم يېزىپ ئەكىرىپ بەرگەن دەپتەردىن، پالاندى چوكان مازىرىغا، شۇنداقلا نوزۇگۇمغا تەۋە بولغان يەرلىرىنى كۆچۈرۈپ ئۆتەي.
2 o3 ?- u' T5 g& L8 L7 [% r ] l" i9 Mئەلاخان موماي خاتىرىسى: « سىلەر ياشلار چوڭ بولۇپ، يېڭىچە ئوقۇپ، كونا نەرسىلەرگە پەرۋاسىز قارايدىغان بولدۇڭلار، بىزنىڭ ئۇ قادىر يۈزى غورقۇمۇش دېگەن يەرلەردە، ‹خەلپەم مازىرى›، ‹پالاندى چوكان مازىرى› دېگەندەك كاتتا مازارلار بار، خەلپەم مازىرىنى ئالساق، تۇرپاندىن چىققان بەش ئەۋلاد يۇرت خەلىپىلىرى ياتقان مازار ئۇ. خەلپەم دېگەنچۇ بالا تەربىيەلەپ، بالىلارنى ئوقۇتىدىغانلار. خەلپەم مازىرىدا ياتقانلارنىڭ چوڭ بوۋىسى پادىشاھ خەلپەم تۇرپاندىن چىقىپ، قاشتا خەلىپىلىك قىلىپ، قاشتا ئالەمدىن ئۆتۈپتىكەن، ئۇنىڭ ئوغلى ئاللاھ قۇلى خەلپەم قادىر يۈزىگە ماكانلىشىپ ھازىرقى خەلپەم مەھەللىسىنى پەيدا قىلغان كىشى دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرى خۇدا قۇلى خەلپەم، ئۇنىڭدىن كېيىن شەمشىدىن خەلپەم، قەمىردىن خەلپەم، قەمىردىن خەلپەمنىڭ ئىنىسى نىزامىدىن خەلپەم بىلەن ئۇ مازاردىكىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلىدىكەن. بۇ گەپلەرنى بىزلەرگە سادىق ئىمام بوۋىمىز سۆزلەپ بېرىدىغان. سادىق ئىمام دېگەن بوۋام شۇ خەلپەملەرگە قول بەرگەن، تەربىيەسىنى ئالغان كىشىكەنتۇق.
+ P+ z: A: n4 h. S$ ?% |ئەمدى پالاندى چوكان مازىرىغا كەلسەك، ئۇ ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا يېغىلىق بولغان دەمدۇ، ئىشقىلىپ نۇرغۇن ‹گۇناھكار› ئادەملەر بىلەن ئىلىغا پالىنىپ چىققان چىرايلىق بىر چوكان دەيدۇ، ئەسلى ئەزان چىللاپ قويغان ئىسمى نېمىكىن، غۇلجىدا ‹نوزۇگۇم› دەپ خەلقى-ئالەمگە تونۇلۇپتىكەن، ھازىرقى بۇلاقبېشىدىكى گۈمبەزنىڭ ئىشىك بېشىدا نوزۇگۇم دېگەن خەت بىر خىشقا ئويۇقلۇق تۇراتتى. بىز كىچىك چاغلاردا ھەر يىلى بىر قېتىم مەھەللە-يۇرت قەبرە بېشىغا چىقىپ قەبرىنىڭ يامغۇر-يېشىندا چۈشۈپ كەتكەن يەرلىرىنى سۇۋاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، شۇ چاغلاردا بىز ئىشىك بېشىدىكى خىشقا ئويۇلغان خەتنى ساۋادى بار چوڭلارغا ئوقۇتۇپ ئاڭلىغان، شۇنىڭدا كونىچە ‹نوزۇگۇم› دېگەن گەپلىكىنى ئۇققان ئىدۇق. «پالاندى چوكان» دېگەن ئات، نوزۇگۇمنىڭ ھازىرقى گۈمبىزى ياسالماستا ئوچۇقىنى دېسەم، نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسىنى خەلقى-ئالەمدىن يوشۇرغاندا مەھەللە-يۇرت قويغان ئىسىم. ئەمدىكى گەپكە كەلسەك، نوزۇگۇم دېگەن بۇ قەشقەردىن پالىنىپ چىققان بىر چوكان قانداق بولۇپ بىزنىڭ قادىر يۈزىگە چىقىپ غورقۇمۇش دېگەن قۇمۇشلۇققا يەرلىنىپ قالدى، مەن ساڭا بوۋىمىزدىن، ئانىلىرىمىزدىن ئاڭلاپ قۇلىقىمدا قالغانلىرىنى دەپ بېرەي:; d- m. x# d- _" v/ _# D
نوزۇگۇم دېگەن بۇ چوكان ئاشۇ پالاندىلىقلاردىن قېچىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئالارمەن-چاپارمەنلەردىن مۆكۈنۈپ بىر كېچىسى مۇشۇ ئەتراپتىكى «ھاجى مەھەللىسى» دېگەن يەرگە كېلىپ بىر خامانغا يوشۇرۇنۇۋاپتۇ، بۇ تازا كەچ كۈز ۋاقتى بولسا كېرەك، ئۇ بىچارە چوكاننى ئاچلىق، تەشنالىق ھەم كەچكۈزنىڭ سوغۇقى قىينىغان چېغى، تۈن تەڭ بولغاندا مەڭگەن، سامانلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، ئەتراپقا قارىغۇدەك بولسا بىر يەر-بىر ئاسمان، بۇ چاغدا نېرىدىن بىر غۇۋا چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ خۇداغا تەۋەككۈل قىلىپ، يورۇق كۆرۈنگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. بېرىپ قارىسا بىر ئائىلىلىك دېھقان جاڭزىسى ئىكەن، نوزۇگۇم دېگەن بۇ چوكان بالايى-بەتەر قورقۇپ تۇرغان بولسىمۇ، باشقا كەلسە باتۇر بولۇپتۇ دەپ، ئىشىككە قاراپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپتۇ، بىر پەستىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ ئۆيدىن چىققان ئەر-ئايال ئۆزلىرىگە يېقىنلاپ تۇرغان بىر گەۋدىنى كۆرۈپ: «ئالۋاستى!» دېگىنىچە ئۆيگە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. نوزۇگۇم دېگەن چوكان ئىشىك يېنىغا يېقىنلاپ «قورقماڭلار قېرىنداشلىرىم، مەن بىر ئايال كىشى، بېشىمغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ يۇرتۇمنىڭ يولىنى تاپالماي، ئاچ-زېرىن تالادا قالدىم» دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جاڭزىنى ساقلاۋاتقان ئەر-خوتۇن كېچىدە پەيدا بولۇپ قالغان بۇ «ئالۋاستى» چوكاننى شام يورۇتۇپ ئۆيگە باشلاپتۇ. ئۇلار غۇۋا شام يورۇقىدا نوزۇگۇمنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرۈپ ھەيرانۇ-ھەس بولۇشۇپ ئاغزىلىرىنى تۇتۇپ قاپتۇ. 3 y1 q1 E R9 |, U( d8 x; u
ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ چوكان تولىمۇ ئاۋارە چىراي بولۇپ كەتكەن چېغى. مەھەللىدىن يىراق بۇ جاڭزىنى ساقلاۋاتقان ئەر-ئايال بۇ مۇساپىر، دەردمەن چوكانغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ ئاتىدارچىلىق قىپتۇ. شۇ ئارىلىقلاردا نوزۇگۇم بۇ مېھرىبان ئەر-ئاياللارغا بېشىدىن ئۆتكەن تەتۈر قىسمەتلەرنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە نوزۇگۇم ئۆي ئىگىسىدىن: «بۇ يەرلەرنى نېمىدەپ ئاتايدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۆي ئىگىسى: «بۇ بىر جاڭزا، ياز كۈنلىرىدە ئەتراپتا يېرى بارلار تۇرىدىغان قورۇ-مەھەللىمىزنى ‹ھاجى مەھەللىسى› دەيدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
) a/ j, \, S! @& Vشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەھەللە-كويلاردا «ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن بىر گۇناھكار ئايالنى ئىزدەپ يۈرگۈدەك، خەۋىرىنى بەرگەنلەرگە ئات –ئۇلاغ، پۇل-پۈچەك بېرەرمىش دېگەن گەپلەرنى جاڭزىدىكى يىگىت مەھەللىگە چۈشكەندە ئاڭلاپ چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جاڭزىدىكى ئەر-خوتۇن بىلەن نوزۇگۇمنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئەنسىزچىلىك چۈشۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قاپتۇ.
9 w& o1 c/ z* E2 r N: @8 Hئەتىسى جاڭزىدىكى يىگىت ئىشەنچلىك ئاغىنىسىدىن بىرنى ئېلىپ قادىريۈزىدىكى تۇغقىنى توختى سوپىنىڭ ئۆيىگە قاراپ كېچىلەپ يۈرۈپ كېتىپتۇ، بىر كۈندىن كېيىن قايتىپ كەلگەن يىگىتلەر نوزۇگۇم بىلەن ئايالىغا، كېچە قادىر يۈزىگە بارغانلىقىنى، تۇغقىنى توختەم سوپۇم بىلەن كۆرۈشكىنىنى، نوزۇگۇمنىڭ ھالى-ئەھۋالىنى ئېيتقانلىقىنى، نوزۇگۇمنى ئېلىپ چىقىپ سوپۇمنىڭ ئۆيىدە يوشۇرۇپ قويۇپ، ياز يورۇغاندا ئاماللاپ قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويۇشقا مەسلىھەتلەشكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. راست دېگەندەك، ئەلياتقۇدا، ئۇلار ئۈچ ئاتلىق بولۇپ، نوزۇگۇمنى ئەرەنچە ياساپ ئاتقا مىندۈرۈپ جاڭزىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. z4 G2 e5 a: X6 m
تاڭ سەھەردە ئىككى يىگىت بىلەن نوزۇگۇمنى كۈتۈۋالغان توختى سوپى يىگىتلەرگە: «سىلەر مەھەللىگە تىۋىش چۈشكۈچە مەھەللىدىن چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىزىمنى ئالدىن ئاللاھقا، ئاندىن قالسا ماڭا تاپشۇرۇڭلار، بىر قانچە كۈن بىزنىڭ روزىغاردا پاناھلانسۇن، ھېسابتا بۇ يەرمۇ شەھەرگە يېقىن، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، چاپارمەنلەرنىڭ ئېسىگە كەلمەيدىغان توقىلىق دېگەن يەرگە ئاپىرىۋەتسەك خاتىرجەم بولىدۇ. توقىلىق مەھەللىسىدىكىلەر يەركەنتتىن بىزگە تۇغقانلار بولىدۇ، جاھان جىمىپ ئورنىغا چۈشكەندە يۇرتىغا يولغا سالارمىز ئىنشائاللاھ» دەپ بالىلارنى يولغا سېلىپ نوزۇگۇمنى ئېلىپ قاپتۇ. 8 Q8 L+ r9 N8 r; h0 Q H
خۇدانىڭ تەغدىرى بىلەن نوزۇگۇم دېگەن بۇ چوكان دۈشمەنلىرىدىن قېچىپ يۈرۈپ، تەغدىر نەسىپ بىلەن قادىريۈزىگە چىقىپ قاپتۇ. بايا تەغدىر قازا، چارىسىز قالغان مەزلۇمنىڭ تۇپرىغىنى بىزنىڭ ئاشۇ قادىر يۈزى غۇرقۇمۇشتىن ئالغان چېغى، نوزۇگۇم دېگەن چوكان قادىر يۈزىگە شۇنداق چىقىپ قاپتىكەن. 3 g" X* p& I0 @ O f! L; @0 V+ H
(داۋامى بار)
7 R) |% p* I* V; b$ S; m0 Y8 {! v" O( n+ J7 F" ?. T: _
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
: N# R# ]6 }6 Y2 `8 h% L# x7 a
$ V2 h& C5 U- u% x( c1 C
& {" ]0 l, K" r5 K3 R5 t0 \0 b0 J8 d# s. g, S5 _( W
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-27 20:27
6 S; Y6 _' p M' S7 u9 }4 G/ Z' t" q% p G