«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى»دىن ئاپتورلىرىمىزغا :
ھۆرمەتلىك ئاپتورلار:
«شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىنى دەۋرىمىزگە، تۇرمۇشىمىزغا ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەستىقلىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشى بىلەن ئەسلىدىكى بۇ ژۇرنال «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان مەزكۇر ژۇرنال «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ۋە بىر قىسىم فونكىسىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا كەڭ ئەدىب-ئوبزورچىلارنىڭ سەھنىسىگە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلاندى. شۇڭا كەڭ ئەدىب-ئوبزورچىلارنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ژۇرنىلىمىزنى قوللىشىنى، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى، ئەسەر ئەۋەتىشىنى ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسەر ئەۋەتىشتە ئاپتورلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ ئەسلىدىكى ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىمىزنى قايتىدىن يېڭىلاپ ئېلان قىلىپ تۇرۇپتىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ۋاقىپلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلى پەسىللىك ئەدەبىي ئوبزور ژۇرنىلى بولغاچقا ئەسەرلەرنىڭ دائىرىسى ئاساسەن ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە يېزىلغان ئەدەبىي ئوبزورلار ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى بولىدۇ. يەنى ژۇرنال سەھىپىسى ئەدەبىيات تارىخى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پىروزا تەتقىقاتى، شېئىرىيەت تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىد تەتقىقاتى، نەسىر-ئەدەبىي ئاخبارات تەتقىقاتى... (بۇ سەھىپىلەر قۇبۇل قىلىنغان ئەسەرلەرگە قاراپ مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.
2. ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ساغلام، ئىجادىي بولۇشى؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى؛ ياخشىلىق، چىنلىق، گۈزەللىك ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى پاكلاشتۇرىدىغان بولۇشى لازىم. بۇ پىرىنسىپقا مۇخالىپ ئەسەرلەر بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ.
3. ماقالىلەرنىڭ ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، يېڭىلىققا باي، قۇرۇلمىسى پۇختا، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئىزاھلىرى ۋە پايدىلانمىلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇشى كېرەك. بۇ تەلەپكە لايىق بولمىغانلىرى بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەڭ موھىمى ئاپتورلار ئەسەرلىرىدە ئشلەتكەن ، پايدىلانغان پايدىلانمىلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىشى كېرەك .ئىستاتا بېرىلمىگەن ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ .
4.ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر بىردەك باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان، باشقا تورلارغا يوللانمىغان بولۇشى كېرەك. مەتبۇئاتلاردا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ۋە
تورىدىكى ئەسەرلەرنى قايتا ئىشلىتىشنى تەھرىر بۆلۈمىمىز ئايرىم بېكىتىدۇ.
5. تەرجىمە ئەسەرلەرگە ئەسلى ئەسەرنى بىرگە ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەسلى ئەسەر ئەۋەتىلمىگەن، ئەسەر مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تەرجىمە ئەسەرلەر بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ. تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ دائىرىسى چۇقۇم ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەر، ئەدەبىيات ھادىسىلىرى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك.
6. ئەسەرلەر بىردەك ئېلخەت ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنىدۇ (ژۇرنىلىمىز ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان، ئېلخەتتىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يوق ئاپتورلارنىڭ ماقالىسى بۇنىڭ سىرتىدا) . قەغەزگە يېزىلغان ياكى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىلىپ ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇنداقلا ئەسەرلەر بىردەك ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچتە ئۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.
7. ئەسەر ئاپتورىنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش، ئاپتورلۇق ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قەلەم ھەققىنى تارقىتىش قاتارلىقلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاپتورلار ئىسىم-فامىلىسى (كىملىك بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك) خىزمەت ئورنى ۋە تەپسىلىي ئادرېسىنىڭ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە تولۇق يېزىلىشىنى، تېلېفون نومۇرى ۋە ئېلخەت ئادرېسى قاتارلىقلارنى ماقالىنىڭ مۇۋاپىق جايىغا يېزىپ قويۇشى كېرەك.
8. ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەردىن ئۆزگەرتىش، تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارالغانلىرىدىن باشقىسى بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ئەۋەتىشتىن بۇرۇن زاپاسلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
9. ئاپتورلار ئەسەرلىرىنىڭ ژۇرنالغا بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكىنى ژۇرنالدىن ياكى «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا ئېلان قىلىنغان مۇندەرىجىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.
10. ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى ژۇنىلىمىزغا تەۋە، باشقا مەتبۇئاتلار كۆچۈرۈپ باسماقچى بولسا چۇقۇم تەھرىر بۆلۈمىمىز بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك. رادىئو ئىستانىسىلىرى ئېلان قىلماقچى بولسا ئەسەرنىڭ ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىشى كېرەك.
11. ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرېسى:
xjadabiyobzor2014@163.com
Obzor2014@163.com
1450752764@qq.com
«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى