بارلىق ئەزىر قېرىنداشلارغا نورۇزلۇق سالام!
نەمخۇش تۇپراق قوينىدا ئۇخلاۋاتقان تەبىئەت نورۇزنىڭ ئىللىق شامىلىنىڭ سۆيۈشلىرىدىن تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. ئەگىز سۇلىرى بالىلارچە كۈلكىسى بىلەن چۇرۇقلىشىپ، باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئانا تۇپراق باغرىنى يېرىپ چىققان يۇمران مايسىلار قۇياش نۇرىنىڭ پەپىلەشلىرى بىلەن گۈزەل نېفىتلىكىمىزنىڭ ئاتمىش يىللىق باھارىغا سالام بېرىشتى. يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن نەغمىچى قۇشلار قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىملىق تىللىرى بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان پۈتمەس-تۈگىمەس مەئىشەتلىرىگە تەنتەنە قىلىشتى، ۋۇجۇدىدا ئىشەنچ يالقۇنى لاۋۇلداپ تۇرغان نېفىتچى قىز-يىگىتلەر نەغمىچى قۇشلارنىڭ يېقىملىق كۈيلىرىگە جۆر بولۇپ نورۇز بەزمىسىگە تەنتەنە قىلىشتى.
نورۇز بايرىمى ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز ئۈچ مىڭ يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، ھاياتقا، تەبىئەتكە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك تەبىئەت بايرىمىنى تەبرىكلەش، يېڭى يىل، يېڭى باھارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ قېتىملىق پائالىيەت ئويۇشتۇردى.
1. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى قاراماي شەھەر، نېفىتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسسى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق ئوپىرا ئۆمىكى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مايبۇلاقتا نورۇز كۈيى» سەنئەت كېچىلىكى قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ نومۇر ئېلىش زالىدا سۈرەتكە ئېلىندى ھەم 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 8:30 دە قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە قانىلىدا كۆرسىتىلدى.
2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە قاراماي نېفىتلىكى چارلاپ- ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى تەنتەنىلىك تەبرىكلىنىۋاتقان خاسىيەتلىك پەيتتە، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن قاراماي رايونى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئۇنۋىرسال سەنئەت كېچىلىكى-«مايبۇلاقتا مەشرەپ» پىروگىراممىسى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سۈرەتكە ئېلىندى. كېچىلىكتە قارامايدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، خەلقى ئىجىل-ئىناق بولغان زامانىۋى شەھەر قىلىپ قورۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادىسى ئىپادىلەندى. بۇ كېچىلىك 4-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 2-يۈرۈش قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.
3. 21-مارت كەچتە، شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە شەھەرلىك 1-مېھمانخانا مەرىكە زالىدا «2015-يىللىق نورۇزلۇق چاي سۆھبىتى» ئۆتكۈزدى. سۆھبەتكە قاتناشتۇرۇلغان نومۇرلاردا قاراماي نېفىتلىكى چارلاپ-ئۆزلەشتۈرۈلگەن 60 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. ئارغامچا تارتىشىش، كۈچ سىنىشىش، توقماق تارتىشىش، چېلىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە 200 دىن كۆپرەك ئامما قاتناشتى.
$ z: U7 E$ p0 D3 B
8 q; X" L) v$ R" k% {+ v' b# N5 N% E' n. q# g& {
9 y$ l2 x |# U+ H7 t: e4 {& H
P2 f! w1 {% j% {5 x+ c9 @$ T$ m* g2 t) ^+ C5 o c5 w& A j Y
5 m. f# a$ q4 ]2 f: g( Y8 j8 r
7 x7 _5 M: R# T! |) N; t) z y* h" Z* [1 \/ ]2 b- z, o" i
" b' J) p( u5 J( P. F" S5 M. D$ z2 k# l* E6 u4 ^# t3 _: r/ l+ r
7 `5 J4 Y8 [/ O# F/ _0 o% D
( k0 o: ^+ l) N0 W- [) w
/ H! Q- Y5 C0 ^8 D' M* d+ v& Z H
9 R% z7 q2 i7 |: E4 c, w
1 X# K6 z# f- P3 K' O2 K. L
- ?1 D( C$ R, l8 N4 F, c) |# E& S2 d j
- i7 J0 a1 n- X8 R8 c
( t% g* V2 r* T1 R4 [/ b3 _
5 x3 m3 Y9 e1 N' X' \
4 X1 j7 V$ o- a
4 T6 y9 h' r1 |* f% g
7 c& J, z* b9 }! v& l4 |+ l6 u4 a1 t4 Q
- N; p, ~. p0 U/ N% d
, f E- @2 [, p3 @1 P8 X5 u7 G
% u& ~! s7 \, ^9 A. ~- J
6 p4 T2 \* L! V5 C1 Z
* e* H* i. ]1 {" g
مەمتىمىن يۇنۇس، نۇرمۇھەممەد ھەسەن فوتۇسى
7 E, p) R [7 K' ]6 Y9 \