ئا.ئا.سەئىدى يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 22:39
تىنىچلىق، بەختىيار ،ئامەت..ئاسايىشلىق-تىلەكلەر ...
رەھمەت ، ئابدىناسىر،...
نورۇزنامە ئوقۇش ئھىتىياجىدىن ئالدىراپ يېزىلغاچ چەك باسمىغان يەرلەر جىق... بۇ مۇنبەرگە يوللىغان ئارۇز ۋەزنىدىكى تۇنجى سىنىقىم بولغاچ كۆپرەك ئۆگىنىشكە ، ياردەم پىكرىڭلارغا مۇھتاجمەن...
تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىپ قويدۇم،..
سالام شادلىقتا يەر -ئاسمان ،باھار سازىن چېلىپ نورۇز،
يېشىل لىباستا مىڭ نازى، يۈرەككە ئوت سېلىپ نورۇز.
زىمىستان قوغلىنىپ خۇش ھىد تەبىئەت ئۇيقۇدىن خەندان،
ھايات كۈلمەكتە بىخ تارتىپ ئۇپۇقتىن مۇز يېرىپ نورۇز.
جىرا -سايلاردا كۈي ياڭراق ، ئەگىز شاۋقۇنلىرى زىل-زىل
ۋىسال -چاڭقاققا لەببا-لەب،ئېتىز باغلار قېنىپ نورۇز.
چېچەك پۈركۈپ تىنىقىدىن بۇلاق سويلايدۇ مەجنۇنتال،
كىيىپ رەڭ-رەڭدە گۈلچەمبەر نۇرانە جىلمىيىپ نورۇز.
باھارنىڭ ئەلچىسى قارلغاچ سالام يوللايدۇ كۆكلەمدىن،
شەپەق ئەكسىپ قاتار ئاققۇ سۈزۈك قانات يېيىپ نورۇز.
نەمخۇش تۇپراق ھىدى گۈپ- گۈپ ئورۇلىدۇ دىماقلارغا،
ھاياتلىق لەرزىدە تاتلىق يەنە خۇشبۇي تىنىپ نورۇز.
تۈمەن قۇشلار ناۋاسىدا، كېزىپ ھەر تاڭ ھاۋاسىدا،
يۈرەكلەر شوخشۇنۇپ سەرخۇش كۆيۈپ چوغدەك يېنىپ نورۇز..
قىزىپ بەزمە، ساما- مەشرەپ يېشىللىق ئەۋجىدە بايرام،
قىقاس بەيگىدە ئۇچقۇر ئات -ئەنە تىزگىن سىرىپ نورۇز.
تىلەكلەر -زارىقىش رەت -رەت ئېرىق قىرلاردا يۇمران كۆك،
جانان تەققاس كېلەر گۈلدەك بىدە ،يالپۇز تىرىپ نورۇز .
باھار <<چۇ-چۇ>>لىرى مەستخۇش، كاككۇك ئاۋازى ئورماندا،
دەرىزەم ئالدىدا خۇشكەيپ سەھەردە ئويغىنىپ نورۇز.
كۈنۇ-تۈن تەڭۇ ھېكمەتتە، ئۈمىد -ئارمان مۇجەسسەمدۇر،
بۈگۈن تاغلارمۇ ئۆركەشتە، دەريالار تولغىنىپ نورۇز.
ئېتىزلار ئەۋجىدە<<قى- چۇ>>،تۈمەن ئارماندا ئالتۇن دان،
كۈمۈش تەر، نۇر سىياقلاردىن تىلەكلەر چۇلغىنىپ نورۇز.
ئېرىق بويلايدۇ ئاي كەتمەن، ئېكىن - باغلاردا ئەركەك سۇ،
ئايدىڭ ئاخشامدا شوخ ناخشا،ۋىسالدا چوغلىنىپ نورۇز.
ئون ئىككى بۇرج چەرخى ئالەم قوياش كىرگەندە ھەمەلگە،
چىقتى ئاسمان يايلىقىغا قوزادەك قىيغېتىپ نورۇز.
قايسى زامانلاردىن ئودۇمەت ئەرگىنەقۇندىن داۋام،
بۈگۈن دۇنياۋى ئىترابتا ئۈنۈمگە ئۈن قېتىپ نورۇز.
تىنىچلىق، بەختىيار ،ئامەت..ئاسايىشلىق-تىلەكلەر گۈل،
ئىناقلىق چەشمىسىن باشلار تامام دىلغا ئېقىپ نورۇز.
چالغىن بوۋا ساتارىڭىنى، جاھان نورۇزغا ئايلانسۇن،
مېھىر گۈل-گۈل زىناقلاردىن جۇلالەر نازغىتىپ نورۇز.
سالام نورۇز ،ئۈمىد ئەس-ياد، خانۇ- مانىدا ئوت ياندى،
ئېلىپ كەلدىم ساڭا يالقۇن يۈرەكلەرنى تىزىپ نورۇز..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا (ئۈمىد) تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-4 19:57