يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 6

يارقۇت: يامان بولىدۇ (ئېتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يامان بولىدۇ
(ئىتوت)
ئادىلجان قادىر يارقۇت

قاتناشقۇچىلار:روزاخۇن،تەرسا مۇتەئەسسىپ ئادەم(60ياش)
قاسىمجان:ياش ساقاللىق ۋاخابى(22ياش)
قەمبەرخان:روزاخۇننىڭ ئايالى،ئىلمى ھەممە ئىشقا توغرا قارايدىغان مەزلۇم(55ياش)
يۇنۇس:كەنىتتە تۇرۇشلۇق كادىر(40ياش)
سەھنە قىياپىتى:روزاخۇننىڭ ھويلىسى(بىردانە سۇپا)
مەزمۇنى:
روزاخۇنھاسا تېينىپ سەھنىگە چىقىدۇ) نىمە كارى بار دەيمەن ما خەقنىڭ كۈندە سۆھبەتلىشىمىزدەپ كەينىگە چىرىۋاغان ئەدەمنىڭ،ما مەلىملىگە نىمە بولغاندۇ ئەمدى، ئەدەمنىڭ كۆڭلىنى ئالۇدە قىلىپ،ھوي قەمبەخان قېنى سەن دەيمەن؟
قەمبەرخان:مانا مانا ۋاي بالدۇرلا يېنىپ كەپلىغۇ،قېنى ئوتياش-چۆنەك ئېلىپ كىلىمەن دەۋاتاتتىلە؟
روزاخۈن:ئاپلا ئاباياتىن تېلفۈن بوتكىسىدا ئەركىنجان بىلەن كۆرىشىمەن دەپ شۇ يەردە قۇياپ قۇياپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن،تېخى شەۋەتلىك نان بىلەن سەن ئامراق زىماتاڭمۇ ئاغان تېخى !ئەستاقپۇرۇللا....
قەمبەرخان:ماۋۇ ئادەمنى گەپ قىلىڭ دىسە ھېچكىمنى ياراتمايدۇ،مانا قېرىغاندا مۇشۇنداق گاڭسا بوپ قالىدىغان گەپ.
روزاخۈن:بۇچاغقا بىرەسى موككىدە چىپتىسىغا ساغاندۇ،ھەقىچان،بوپتۇ باش كۆزىمىزنىڭ سادىغىسى.
قەمبەرخان:ھوي دادىسى،ئەركىنجان قانداقراقكەن،قۇرۇق كەلسلىمۇ بالىنىڭ خەۋرىنىغۇ ئېلىپ كەلگەنلا؟
روزاخۇن:ۋاي خاتىرجەم بول بەك ئوبدان تۇرىۋاتىمەن دىدى،سىنى،مىنى سېغىنغان ئوخشايدۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ،ساڭا سالام ئېيىتتى.
قەمبەرخان:ياشلىرى ئۇزۇن بولسۇن،ۋاي دادىسى،ئەركىنجان زادى نەدە؟ماڭىمۇ بى دەپ بەرسىلە ئى تېلفۇن نۇمىرىنى،مەنمۇ بى ئاۋازىنى ئاڭلاي شۇبالىنىڭ.
روزاخۇن:خاتىرجەم بول دىگەندىكىن سەن خاتىرجەم ئىشىڭنى قىلىۋەر!ساڭا دەپ بەرسەم ھەقىچان ما كۆزۇڭنىڭ سۇيىنى چىقىرىپ،مىقىراپ بالىنى خاتىرجەم قىلماي،ئەمدى ئاغزى يۇمشاۋاتقان بالىنى ئەكىلىۋالاسەن ھەقىچان.
قەمبەرخان:دادىسى،ئەركىنجان ما پەننىي دەرىسلەردە بەك ياخىشى ئىدى ئىشۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگۇچىمۇ بولسا ئوقۇغىلى قويساق بولىتى شۇ بالىنى.
روزاخۇن:ئاغزىڭنى يۇم يامان بولىدۇ،بىر ئوبدان تىلاۋەت قىلۋاتقان بالىنى ئەكىلىپ ئاشۇ يالاڭۋاشتاق خانىمغا تۇتۇپ بەرسەك،ما بىز ئۇدۇنياغا سەپەر قىلغاندا تۇپراق بېشىغا چىقىپ ماتىماتىكىنى ئوقۇپ قويسا ئوبدان بولماس ھەقىچان.
قەمبەرخان:ۋاي دادىسى،سىلى قاچانقى ئىشلارنى ئويلاپ كەتلە،بالا ماڭىدىغان ۋاقتىدا يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇشنى بەكمۇ خالايدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
روزاخۇن:ھەي مەن ساڭا ئاغزىڭنى يۇم دىدىم،بولسا ئاۋۇ دادۇينىڭ كانىيدا دەرسە مۇشۇ گەپنى،شۇ تاپتا بالىنىڭ ئىزدىرىكىنى ئۆز-ئاتا ئانىسى قىلمايۋاتسا بىرتەرەپتىن ما كادىر، يەنە بىر تەرەپتىن ما مەلىملەر بېشمنى ئاغرىتىپ،كۈندە ئىزدىرىكىنى قىلىۋاتىدۇ،تېخى قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىمىز دىيشىۋاتىدۇ،ئۆزۇمنىڭ نەۋرىسىگىمۇ ئىگە بولالمىسام قانداق جاھان بوپ كەتتى بۇ،ئىش قىلىپ سەن ئاغزىڭنى چىڭ تۇت!
قەمبەرخان:ۋاي ماقۇل!
روزاخۇن:ھەي خوتۇن سەن ماۋۇ يېقىننىيازى ئاۋۇ قاسىم دىگەن كوت-كوتقا بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىغانسەن؟
قەمبەرخان:ياق قانداق دەيلا؟ئۇ قاسىماخۇننى كۆرەپ باقمىغىلىمۇ نىكەم بولدى!
روزاخۇن:شۇنى دەيمەن،ماۋۇ بىزگە تەلىم-تەربىيە قىلىۋاتقان كادىر باللا ئاڭلىسام كۈندە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۆھبەتلىشىمىش،ئۇ دىگەن كەنتىمىزدىكى ماۋۇ ھۆكۇمەت دائىم كۆز قۇلاق بولىدىغان نوقتىلىق ئۇبۇكتا دىگىنە!شۇڭا ماگۇي ئۆزىنى ئاقلايمەن دەپ مىنى نوختىغا ئېپ قويمىسۇن دەيمىنا!
قەمبەرخان:ۋاي دادىسى «گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دىگەندەك،بىكاردىن-بىكار خەقتىن گۇمانلانمىسىلا!يامان بۇلىدۇ!
روزاخۇن:ھەي خۇتۇن!ئا گۇي پەقەت ئاغزىنى غىت قىسمايدىغان گۇي دەيمەن،نەدە ئۆلەم-يىتىم،توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراغ بولسا شۇيەدە كاپىلداپ ھەممە ئىشتىن پەتىۋا چىقىرىپلا ژۇرىيدىغان نىمە ئۇ،ئاغزىنىڭ سىرىتمىسى يوق!شۇڭا كادىرلارنىڭ نەزىرىنى ماڭا بۇراپ قويدىمىكىن دەيمىنا!
قەمبەرخان:ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداق قىلمىغاندۇ؟خەقتىن ئۆزىچە گۇمان قىلمايلى!يامان بولىدۇ!
روزاخۇن:ھەماقۇل!ما يولدا كەلگىچە ما قوساق بەك ئېچىپ كەتتى گاچچىدە بى ئاش ئىتە چاققان بول!
قەمبەرخان:ئوتياش بولمىسا نىمىدە ئىتەرمەن بۇ تاماقنى!
روزاخۇن:چامغۇ بىلەنمۇ ئوخشاۋىرىدۇ بولە چاققان!
قەمبەرخان:ھە ماقۇل!(سەھنىدىن چىقىپ كىتىدۇ)
روزاخۇن سۇپىدا ئولتۇرىدۇ،قاسىم سەھنىگە چىقىدۇ
قاسىمئۆزىگە سۆزلەيدۇ)ماۋۇ روزاخۇن دىگەن ئالجىغان قېرى ئاڭلىسام ئۆزىنىڭ نەۋرىسىنى باشقا ژۇتتىكى بالا ئوقتىدىغان قارىمغا ئاپىرىپ بىرىپ ھىچنىمىنى ئۇقمىغان بولىۋېلىپ،ھاسىسىنى توكىلدىتىپ ژۈرۈپ ھەممە يەردە مىنىڭ كەينىمدىن غەيۋىتىمنى قىلىپ،ماۋۇ كەنتىمىزگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ دىققىتىنى ماڭا بۇراپ،ھەدىسىلا مىنى ئىزدەپ سۆھبەتلىشىدىغان قىلىپ قويدى،بۇ قېرىنى بۇگۈن بىر گەپكە سېلىپ باقاي،راس شۇنداق قىلدىمۇ؟ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا قانداق قىلىمەنكىن قېنى!؟ھوي روزاخۇنكا،ھوي روزاخۇنكا،بامۇ سىلى دەيمەن!(ئىشىكتىن مارىغان قىياپەتنى تەقلىدى دوراپ ھويلىغا كىرىدۇ)
روزاخۇدىرىڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىدۇ)ۋاي چىما؟
قاسىم:مەن قاسىم.
روزاخۇنقۇلىقى قىزىپتۇدە ماگۇينىڭ)ھە چىرە ئۇكام،مەن با!
قاسىمھىجايغىنىچە كىرىپ كىلىدۇ)ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!روزاخۇنىكا!قانداق ئەھۋاللىرى؟مۇبارەك تەنلىرى ئامان ئىسەنمۇ؟
روزاخۇن:ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!قانداق ئۇكام سىنىڭمۇ مۇبارە،چىرايلىق ئىسىل تەنلىرىڭ سالامەتمۇ،ئا قالاڭلا! ساقاللىرىنىڭ يارىشىپ كەتكىنىنى،ھى ھى ھى ھى.....كىلە ئۇكام
قاسىم:بولدى قاسىمكا مەن ئوتتاماي،ئالدىراش ئىشىم باتى،ئۆتەپ كىتىۋېتىپ سىلىدەك پىشقەدەملەرنى يوقلاپ تۇرىدىغان ئىسىل خىسلىتىمنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلاي دەپ يوقلاپ چىرىشمتى.
روزاخۇن:ئوبدان قىپسەن ئۇكام كىلە بىرە پىيالە چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى!
قاسىم:ئۇنداق يامان بولىدىغان گەپنى قىلمىسىلا قاسىمكا.
روزاخۇن:ۋاي ئۇكام يەنە ئاغزىڭ ئېچىلدىغۇ سىنىڭ،مەن يەنە قاندق يامان بولىدىغان گەپنى قىلدىم؟
قاسىم:سىلى بىلمەيلا ئۇلۇغ ئاي،ئۇلۇغ كۇنلەرنىڭ ئالدى كەينىدە بىرنەچچە كۈن روزا تۇتۇش ساۋابلىق ئىشتۇر!
روزاخۇن:ئاللا ئۇكام،بۇ روزىنى رامىزان ۋاقتىدا تۇتقۇلۇق،سەندەك ياش پەتىۋاچىلىنىڭ مۇشۇنداق پەتىۋالىرىنى تولا ئاڭلاپ،نىمىنى قىلىپ نىمىنى قىلماسلىقنىمۇ بىلمەيدىغان بوپ كەتتى ئادەم.
قاسىم:نادانلىق دە نادانلىق!روزاخۇنكا مۇبارەك ئىسىملىرىغا لايىق ئىش قىلسىلا دەيمەن،ما رۇزا-رامىزان دىگەننى...
روزاخۇن:بۇلدى،بولدى!ئۇكام سەن تولا ماڭا پەندى نەسىھەت قىلماي،ئەڭ ياخشىسى ئىۋۇ تەشۋىقات كادىرلىرنىڭ تەربىيەلىرىنى قوبۇل قىلىپ،ماۋۇ«نوقتىلىق ئۇبۇكتا» دىگەن قالپىقىڭنى بى ئېلىۋىتىپ گەپ قىلە ماڭا!
قاسىم:قاسىمكا ئەجەپ سىلى ماڭا تەنبىھ بىرىپ كەتلىيا،ياشلىرى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ ئاغزىدا ئىلمى بار ئادەملەرگە تەنبىھ بەرسە يامان بولىدىغىنىنى بىلمەملا ئۆزلىرى؟
روزاخۇن:ئۇكام مەن گەپ قىلمىغان بولاي سىنىڭ مۇشۇ ئاغزىڭ بىر ئېچىلسا يۇمۇلمايدۇ،كىلە سۇپىغا!
قاسىم:جويلىمىسىلە!روزاخۇنىكا!ياشقا چوڭ دەپ ھۆرمەتلەپ قويسا نىمانداق ئۆزلىرىنى بىلمەيلا!مەن دىگەن ئاغزىمدا ئىلمىم بار ئادەم،بىكاردىن بىكار سۆزلىمەيمەن!
روزاخۇن:شۇندا بولمامدىغان،شۇندا بولمامدىغان،سەن شۇ ھەممە يەردە تولا سۆزلىگەچ خاتىرجەم ژۈرەممەۋاتىمىز ما ژۇتتا.
قاسىم:ما گەپلىرىنىڭ تېگىدە گەپ باردەك پەملەۋاتىمەنغۇ روزاخۇنكا،بۇ نىمە گەپ ئۆزى؟
روزاخۇن:تۇختاپ تۇرە ماقۇرساقنى توقلىۋېلىپ پىسساتلىققا دەپ بىرىمەن.
قاسىم:ما ئادەمنى يەنە ئۆزىنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقىنىنى، ھىلىمۇ سىلەردەك نادان كىشىلەرنىڭ كاساپىتىدىن« نوختىلىق ئوبۇكتا» بۇلۇپ قېلىپ،مۇقۇملۇقتىن چاتاق چىقسىلا ھىلى ساقچىلار كىلىپ ئاۋارە قىلىۋاتقان،ھىلى يېزىدىن كىلىپ ئەھۋال ئىگەللەيمىز دەپ،سۇراق قىلىپ كۆرمىگىنىم قالمىدى،تىللىرىنى چاينىماي،ئىچىللىرىدە توڭگۇز چاپتۇرىۋاتقان مۇبارەك سۆزلىرىنى بايان قىلسىلا،مەن بىر ئاڭلاي!
روزاخۇن:ئۇنداق بولسا قۇلىقىڭنى دىڭ تۇت!ما بىزنىڭ ئەركىنجاننىڭ ھېلىقى يەرگە تەربىيە ئېلىشقا كەتكىنىنى چىمگە دىگەن؟ھە دەپ باقە ئۇغال بالا بولساڭ!
قاسىم:ماگەپنى ھەي ئالجىغان ياق ئىسىدىن كەتكەن چال!«سەن تاز دىگىچە مەن تاز دىۋالاي» دىگەندەك،مىنىڭ ئاۋۇ «تەپسىر تەبلىغ قىلايلى»دىگەن گىپىمنى چىمگە دىگەن،ئاۋۇ كادىرلار ئەجەپ كۈندە مەلەمدىن كەتمەيدىيا؟
روزاخۇن:سەن ئۆزۇڭ «تىلى يۇمشاپ قالسۇن،ئاخىرەتلىكىمىزگە پايدىسى بار پەننى مەكتەپتە ئوقىغاننىڭ ھىچنىمىگە پايدىسى يوق»دەپ ئۆزەڭ تۇنۇشتۇرۇپ ئەۋەتكۈزدۇڭ،سەن دىمىسەڭ چىم بىلىدۇ ئۇنىڭ كەتكىنىنى؟
قاسىم:مەنمۇ ئۇگەپنى سىلىگىلا بايان ئەيلىگەن ئىدىم،سىلى دىمىسىلە چىم ئۇقاتتى ئۇگەپنى.
روزاخۇن:سەن دىمىسەڭ چىم بىلەتتى ئۇنىڭ كەتكىنىنى؟
قاسىم:سىلى دەپلا!
روزاخۇن:سەن دەپسەن!
قاسىم:مەن دىمىدىم.
روزاخۇن:مەن دىمىدىم.
ئىككىيلەن دەتالاش قىلىۋاتقاندا كەنىتتە تۇرۇشلۇق تەشۋىقات كادىرى يۇنۇس كىرىپ كىلىدۇ.
يۇنۇس:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روزاخۇنىكا!
ئىككىيلەن تەڭ ئىگىلىپ سالام قىلىدۇ.
روزاخۇن:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇكام كەسىلە!كەسىلە!بايا سىلىنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىپ تۇراتتۇق.
قاسىم:شۇ! شۇ!... سەل تۇرۇپ تېخى سىلىنى ئىزدەيلى دەپ تۇراتتۇق!
يۇنۇس:قاسىمجان سىز تېخى بايىلا «مەن تەربىيەڭلارنى قۇبۇل قىلدىم،قالايمىقان ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتمايمەن،ئىش-ھەركەتلىرىمدە تەشكىل بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايمەن! ساقللىرىمنى ئالدۇرۇپ،ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارنىڭ سىپىگە قۇشۇلىمەن،مانا ھازىرلا ساتىراچخانىغا ماڭدىم!»دەپ ئالدىمىزدا كەتكەنتىڭىز بۇيەردە نىمىش قىلىسىز؟
روزاخۇن:ئۇغامبالا دىگەن يالغان گەپ قىلسا يامان بولىدۇ جىما قاسىماخۇن،بۇلە چاققان!كادىرلارغا ۋەدە بەرگەندىكىن،ۋەدەڭنى ئورۇندىمامسەن ماندا بى!
قاسىم:ۋاي شۇ باياتىن بارسام ئاۋۇ ساتراچخانا ئۆچرەتكەن شۇ ،پىسساتلىققا بارىمەن سىلى ئالدىراپ كەتمىسلە ماندا بى!ساقىلىم سىلىنىڭ بىر يەرلىرىگە پۇتلاشمىغاندىكىن.
يۈنۇس:قاسىمجان سىزنىڭ ساقىلىڭىز بىكىمنىڭ بىر يىرىگە پۇتلاشمىدى لىكىن سىز ئەمدىلا 22گە كىرىپسىز،ساقال دىگەننىمۇ ساقال قويسا ياراشقىدەك ياشقا كەلگەندە قويسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز!ئەھۋال ئىگەللىشىمىزچە سىز بۇرۇن بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېزىقتۇرشىغا ئۇچراپ،بەزەن قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ،دۆلىتىمىزنىڭ مىللى،دىنى سىياسەتلىرىگە مۇخالىپ قىلمىشلارنى سادىر قىلغانىكەنسىز،ھۆكۇمەت سىزگە كەڭچىللىك قىلىپ تۇزىتىشىڭىزگە پۇرسەت يارىتىپ بىرىۋاتسا،سىز ئۆز ئىش ھەركەتلىرىڭىز ئارقىلىق ئۆزگەرگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىمىسىڭىز بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىزنىڭ قانداقمۇ ئۈنۈمى بولسۇن؟
قاسىم:مەندە چاتاق يوق مەنمۇ شۇ كونا قالپاقنى بى چۆرىۋىتىپ يېڭىچە ئادەم بولسام دەيمەن،بىراق «ياغلىق قاپاق مەڭگۈ ياغلىق قاپاق» دىگەندەك نەگىلا بارسام،قانداق چاتاق چىقسا مەندىن كۆرۇشۇپ پالاكەتنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئارتىشىدۇ،ئاددىيسى ئىشۇ ھەممە ئەدەمگە بىرىۋاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى ماڭىلا بەرمەيدۇ،ماندا ساقال-پاقال ئالدۇرۇشقىمۇ پۇل كىتىدۇ دەيمەن ماندابى!
يۇنۇس:ئەگەر سىز ئۆزگىرىپ دۆلىتىمىزنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتىگە ئاڭلىق ئەمەل قىلسىڭىز بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بۇلۇڭ،مانا مەن بار!
قاسىم:ماندا ياخشى گەپ بولسا مانا بەش مىنۇت ئىچىدە يېڭى قىژغان سەۋزىدەك ياشاڭ بۇلاپ كىتىمىز يۇنۇسكا ،ھەقىچان ھېلىقى ئۆچرەت ماڭا كەپ قالدى،ھازىرلا مۇشۇ يەرگە ئۈنۈپ بولىمەن.
يۇنۇس:ماقۇل شۇنداق قىلىڭ!
(قاسىم چىقىپ كىتىدۇ)
روزاخۇن:ئۇكام كەسىلە سۇپىغا باللىنىڭ ئانىسى ئاش ئىتىۋاتىتى تەييا بولدى ھەقىچان!ئانىسى ھوي ئانىسى!
قەمبەرخان:مانا مانا(قەمبەرخان سەھنىگە چىقىدۇ،يۇنۇس بىلەن سالاملىشىدۇ)تاماق تەييا بولدى جىندەك ئوتۇرۇپ تۇرساڭلا ھازىرلا قاچىغا ئۇسسۇپ....
يۇنۇس:بولدى قەمبەرخان ئاچا! مەن بايا تاماق يىگەن،تۇنۇگۈن دىيشكىنىمىز بويىچە ئىنىمىز ئەركىنجاننى قايتۇرۇپ كىلىدىغان ئىشنى مەسلىھەتلىشەي دەپ كەلگەن ئىدىم شۇڭا.
روزاخۇن:ئۇكام مەن تۈنۇگۇن سىلىگە دىگەن،ئۇ بالا ئاۋۇ تۇغقانلارنىڭكىگە كەتتى ئويناپ قانغاندا ئۆزى يېنىپ كىلىدۇ،سىلى خاتىرجەم بوسىلا،بىز ھەرگىز سىلىگە ئىش تېپىپ بىرىدىغان ئىشنى قىلمايمىز.
يۇنۇس:بىز خېلى جىق سۇرۇشتە قىلدۇق روزاخۇنىكا،سىلى يالغان گەپ قىلسىلا ما ژۇت جامائەت ئالدىدا سەت تۇرىدۇ.
روزاخۇن:تۆۋە دىسىلە ئۇكام،ساقال مەيدىمىزگە چۈشكەندە يالغان گەپ قىلساق يامان بولىدۇ.
يۇنۇس:روزاخۇنىكا سىلى بۇنداق دەپ جايىللىق قىلمىسىلا،ئەگەر بىز سىلىنى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلساق قېرىغاندا تېخىمۇ يامان بولمىسۇن دەپ تەربىيەنى ئاساس قىلىۋاتىمىز چۇشىنىۋاتاملا شۇنى؟
روزاخۇن:ئۇكام ئۇنداق قىينالماي،ئۆز نەۋرىسىنى ئۇيان بۇيانغا ئويناپ كىلىشكە ئەۋەتسە سولاپ قويىدىغان ئىش بولسا بى سولاپ قويماملا ئاپىرىپ(ئىككى قۇلىنى جۈپلەپ تۇتۇپ كىتىشنى ئىشارە قىلىپ تەڭلەيدۇ)
يۇنۇس:قارىغاندا سىلىگە نەق گەپنى قىلمىساق بولمايدىغان ئوخشايدۇ،مۇنداق ئىش سىلىنىڭ ما ئەركىنجاننىڭ ئوقۇش تاشلاشتىن بۇرۇنقى كۈندىلىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئوقۇتقۇچىلار بۇ بالىدا پەننى دەرىسلەرنى تاشلاپ،قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقاننىڭ ئىپادىسى كۆرۇلگەندىن كىيىن ئوقۇتقۇچىلار بىزگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىز مۇۋاپىق تەدبىر قوللانغۇچە سىلى ئەركىنجاننى قانۇنسىز دىنى تەربىيلەش ئۇرۇنلىرىغا ئاپىرىپ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىغا سەۋەپچى بوپلا!
روزاخۇن:نىمە ئاشۇ قاسىم دىگەن يالغانچىنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە سىلىمۇ ئىشەنلىما ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىيدىغان نىمە ئۇ.
قەمبەرخان:ۋاي دادىسى ئۇنداق قىلمايلى دىسەم ئۇنىمايلى ھەممىنى ئۇقۇپ بوپتۇ مانا!
روزاخۇنھاسىسىنى تەڭلەپ)ئاغزىڭنى ژوم نىمىنى ئۇقۇب بوپتۇ؟نىمىنى؟
يۇنۇس:بولدى روزاخۇنىكا كەڭچىللىك قىلغاننى بىلىپ،ئابالىنى دەرھال قايتۇرۇپ كەلسىلە بىز يېقىندا شۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنسىز دىنى تەربىيلەش نوقتىللىرىنى ئېنىقلاپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلماقچى،ئەگەر شۇچاغدا ئەركىنجان قانۇن تورىغا چۇپ قالسا ئۇچاغدا ياشلىق باھارى نابۇت بولىدۇ،سىلىمۇ جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايلا!
(قاسىم ساقال-بۇرىتىنى ئالدۇرىۋىتىپ سەھنىدە پەيدا بولىدۇ)
قاسىم:ھى ھى ھى...مانا يۇنۇسكا ساقال-بۇرۇتنىمۇ ئالدۇرۇپ تەييار بولدۇم ئەمدى ھېلىقى ئىشنى بىجىرىۋىتەرمىز!
روزاخۇن:ھۇ تۇزكور سەن چېقىشتۇرمىغان مەن قالغانما ئەمدى،سىنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭنى مەنمۇ دەيمە ئەمدى....
قاسىم:ۋاي سىلىنى چېقىشتۇرىدىغانغا مۇبارەك ئاغزىم بىكا ئەمەس مىنىڭ تولا گەپ قىلماي جىم تۇرسىلا ما ئىشىمنى بۇزىلا ھىلى.
يۇنۇس:سىلى قاسىمجاندىن گۇمانلانمىسىلا روزاخۇنىكا،سىلىنىڭ 18ياشقا توشمىغان ياش-ئۆسمۇرلەرنى دىنغا ئىتقاد قىلشقا زورلاش قىلمىشلىرىدىن باشقا،دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ قانۇنىغىمۇ خلاپلىق قىلغان قىلمىشلىرىغا قارىتا جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورۇنلىرى ئاللىقاچان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش،ھەرخىل ئالاقە ۋاسىتللىرىنىڭ خاتىرلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەھۋال ئىگەللەپ بولدى،سىلىگە تەلىم-تەربىيە ئىشلەپ گۇناھىنى يۇيۇش پۇرسىتىنى بىرىش ئۈچۈن ما بىزنى سۆھبەتلششكە ئەۋەتتى،سىلى يامان بولىدۇ يامان بولىدۇ دەپ قىلىدىغاننى قىلىپ قۇيۇپ جىم تۇرىۋالسىلا تېخىمۇ يامان بۇلارمىكى ھىلى!
قەمبەرخان:دادىسى تولا جايىللىق قىلماي،ئا بالىنى قايتۇرۇپ كىلىلى،مانا قاسىمجانمۇ ساقاللىرىنى ئالدۇرۇپ ما كادىرلىنىڭ خىزمىتىگە بىر ئوبدان ماسلىشىپتۇ،ئابالىنىڭ بەك ئوقۇسى باتى دادىسى ئاشۇ بالىنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلمايلى.
قاسىم:روزاخۇنكا،«توخۇ گۇشى گوش ئەمەس،ما ھۆكۇمەت بوش ئەمەس»دىگەندەك شۇ قاتالىق مەخپى تۇتقان ئشلرىنى بىلىۋاپتۇ ما ھۆكۇمەت ئەڭ ياخشىسى ئابالىنى بۇگۈنلا قايتۇرۇپ كىلىپ ما مەلىملىرىگە تۇتۇپ بىرىلى قانداق دىدىم قەمبەخىناچا؟
روزاخۇن:ئەمدى راس دىگەندەك بۇ ئىشنى خاتا قىپتۇق ئۇكام ھۆكۇمەتنىڭ بىزگە كەڭچىللىك قىلىپ غەمخورلۇق قىلغىنىغا مىڭ رەھمەت،مەن زادى بۇگۈنلا ئا بالىنى قايتۇرۇپ كىلەي ئۇكام.
يۇنۇس:ھە ماگەپلىرى جايىدا بولدى،بۇندىن كىين قانداق قىينچىلىقلىرى بولسا بىزگە دىسىلە مانا بىز ھەل قىلىمىز،مانا قاسىمجانمۇ بۇندىن كىيىن پارتىيە ھۆكۇمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئاڭلىق بويسۇنىدىغان،ۋەتەنپەرۋە دىنىزات بۇلۇش ئۈچۈن ما يېزىمىزدا ئېچىلىدىغان«دىنىزاتلارنى تەربىيلەش كۇرسى»غا تىزىمغا ئالدۇردى.
قاسىم:«كىسەلنىڭ يامىنى يۇقۇملۇق،خىزمەتنىڭ مەركىزى مۇقۇملۇق»دىگەن گەپنى خېلى ئۈگۈنۈپ قالدۇق يۇنۇسكا!
يۇنۇس:شۇنداق مۇقۇملۇق ھەممە تەرەققىياتىمىزنىڭ كاپالىتى،مۇقۇملۇق بولىدىكەن،پارتىيە 18-قۇرۇلتېيىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان«ئومۇميۇزلۇك ھاللىق جەمىئەت قۇرۇش»نىشانى شۇنچە تىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.
روزاخۇن، قاسىم، قەمبەرخان:شۇنداق ھەممىمىز مۇقۇملۇقنى قوغداپ ئىناق جەمىيئەت قۇرايلى!مۇقۇملۇقنى بۇزساق يامان بولىدۇ.(ئۇچەيلەن تەڭلە سۆزلەيدۇ)
(ھەممەيلەن سالام بىرىپ ئىتوت ئاخىرلىشىدۇ)
2013-يىل فىۋرال
ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر شىنجاڭ سەنئىتى ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ بېقىشغا سۇنۇلدى، سەھنىلەشتۈرىدىغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-21 20:10  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-21 21:44:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ئاكا ژۇرنالنى سىتىۋلىپ ئوقۇسام دەيمەن،  بىراق تاپماق تەسكەن

ۋاقتى: 2015-3-21 21:53:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلدىكەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-21 21:53:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت! بۇ ژورنال بەلكىم كىتابخانىلارغا كىلىپ بولغان بولىشى مۇمكىن!

ۋاقتى: 2015-3-23 21:19:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىپسىز ،ياقتۇردۇم !

ۋاقتى: 2015-4-12 02:24:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ  ئىتۇتنى ژۇرنالدىن كۆرگەن  ھەم بەك ياقتۇرغان، قەلىمىڭىز گە دەت بەرمىسۇن  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-12 19:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئاكتىيور! تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز سىڭلىم، ئوقۇشڭىزغا نەتىجە تىلەيمەن! تىرىشىڭ !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش