نورۇزنىڭ سېھرى،يۇرتداشلىق مېھرى
- Q" j+ X* y& U) gتاھىرجان نىياز
+ t) t2 |4 ?! k; b" u; \) K 14-مارت چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك تەۋەسىدىكى«روبىننا» رېستۇرانىدا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر يۇرتداشلار يىغىلىشى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.ئۇ بولسىمۇ،«نورۇزنىڭ سېھرى،يۇرتداشلىق مېھرى »تېمىسىدىكى نورۇزنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئىدى.
1 h# ~0 A% W* z' ]( B* O$ [4 Q بۇ پائالىيەتنى ئۈرۈمچىدىكى شايارلىقلار ئويۇشتۇرغان بولۇپ،پائاالىيەتكە ئۈرۈمچى شەھەرىدە ياشاۋاتقان رەھبەر،ئىشچى-خىزمەتچى،تىجارەتچى قاتارلىق ھەر ساھە،ھەر كەسپتىكى زاتلار ۋە شايار ناھىيەسىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئاز بىر قىسىم ئالاقىدار كىشىلەر بولۇپ،400دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.پائالىيەتتە ئالدى بىلەن پائالىيەت رىياسەتچىسى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىرافىسسورى،دوكتۇر يېتەكچىسى ئوسمان ئىسمايىل تارىم نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە ئۇنىڭ خاسىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن،ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىسى مەھەمەت تۇراپ ئورۇنلىغان«تارىم ناخشىسى»بىلەن پائالىيەت تەنتەنىلىك باشلاندى.بۇ ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان نورۇزلۇق پائالىيەتتە ئەدىب،يازغۇچى-شائىرلار نورۇز،يۇرت،ئىناق-ئىتتىپاقلىق كۈيلەنگەن ماقالە،شېئىرلارنى،گۈھەر ھۇشۇر،تۇرنىسا مەھەمەت بايىز(تۇرنىسا راۋاپ)،ئاسىيگۈل ئېزىز قاتارلىق يەتتە نەپەر ئارتىس يۇقارقى مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئوقۇپ،پائالىيەتنى مول مەزمۇنغا،جۇشقۇنلۇق،شاد-خوراملىققا ئىگە قىلدى.پائالىيەتتە يەنە پىشىقەدەم مائارىپچى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى 97ياشلىق توختى ھاشىمغا تون كىيگۈزۈلدى،بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى،ئەل سۆيگەن زات مىجىت ناسىر ئەپەندىم توختى ھاشىم ئەپەندىمگە ئۆز قولى بىلەن تون كىيگۈزدى.شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلىگەن «قارلۇق»مېدىئا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پەخىردىن شىرىپ قارلۇق،ئۈرۈمچى ئەنقا«ئۇيغۇر سۇفىت»شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت،شىنجاڭ«ئەلدوست»بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىن كېرەم قاتارلىق ياش كارخانىچىلار مۇكاپاتلاندى.پائالىيەتتە پىشىقەدەم،ئوتتۇرا ياش ۋە ياش يۇرتداشلار ھەمداستىخان بولۇپ،نورۇزلۇق تائامغا ئېغىز تېگىشىپ،ناتونۇشلار تونۇشۇپ،بۇ نورۇزلۇق يىغىلىشنىڭ خاسىيىتىدە يۇرتداشلىق،دوستلۇق مېھرى-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇردى. يۇرت مېھرى ــ ۋەتەن مېھرىدۇر.يۇرتداشلىق مېھرى-مۇھەببىتى ــ جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئاساسىدۇر.بۇ كۈندىكى نورۇز پائالىيىتى يۇقارقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
& D6 _1 F' [4 m+ L5 M; }9 b
2 R7 ?1 i2 s4 X/ \9 y8 v5 xپائالىيەتتىن خاتىرە سۆرەتلەر
6 s2 ~% H3 |* z
* x! s2 ~( o9 d" O9 J
ئوسمان ئىسمايىل تارىم نورۇزنىڭ خاسىيىتى ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇماقتا
; V) M5 S+ |/ F$ {7 v; H. \
# ~9 @) o1 i. N* g( o1 i
مىجىت ناسىر ئەپەندىم توختى ھاشىم ئەپەندىمگە تون كىيگۈزمەكتە
: i( c; R" m! |; I2 |! L! ~+ o
. _9 w. V* G. d2 c9 |; S {! Cپەخىردىن قارلۇق مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالماقتا
1 l6 W6 H' P) f
8 m; B, e) O/ @
ئالىم ئەھەت مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالماقتا
4 ]( Q G3 I# Z9 k' r. |
; L# B2 U: Y7 J( ~' y: ?/ X" b
شايار ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى مىجىت ھىمىت تەبرىك سۆزى قىلماقتا
d. U+ k2 o, g# F% h- f3 s3 v1 {
Z! q+ T3 ^6 F; ~ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،شائىر ئىلھام رۇزى نورۇز ھەققىدە سۆز قىلماقتا
( G; R3 n! S/ W6 s
2 E8 @( W, d* X! o# |
شايارلىق شائىر كېرەم قاسىم ئەۋجى نورۇزنامە ئوقۇماقتا
: j: P" H6 z6 ^# t$ C
3 J" W2 Z# q" b0 D1 [. ?6 g: g
تۇرنىسا مەھەمەت بايىز راۋاپ مۇزىكىسى ئورۇنلىماقتا
3 x: w* R) r- r
& u7 O9 u2 j! i! Y$ z" O% P' ^' b4 o
ناخشىچى گۆھەر ھۇشۇر ناخشا ئوقۇماقتا
" V" A: H& a) V7 u A+ D
2 O* X1 s+ c( {ناخشىچى تۇرغۇن مۇراۋدۇن ناخشا ئوقۇماقتا
# o# K8 D- q( k8 ~5 Y' K8 Y( `, `* F
4 w% c. r( [3 w7 c2 h
نورۇز ئەھلى ئۇسسۇل ئوينىماقتا
7 h* U/ }. K; O$ I# t9 [
: R9 r# _7 a5 r1 @( | Gنورۇز ھوزۇرى
2 E; E1 J/ b& v5 u T8 j; Q
$ S( D: s5 {0 u1 y, Q
نورۇز ھوزۇرى
% A* I4 y* q% U0 H3 ?. J( q
9 S- r$ j7 B9 X1 _. a1 ^مەنبە:ئۆزۈم
. c. n' o4 X Y& H% a5 V% a
+ h \1 O+ Y! M) O- l* v: o
. w; J+ i; z. X8 v* k) |- A بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-20 15:51
" A& s/ a# G# l) _$ k b! h% W+ b8 k