نورۇزلۇق سوۋغىغا تەشەككۈر!
مەنچە،تۇرسۇنجان ئاكا،خەتتاتلىقنىڭ ئۆز يولى،مەۋقەسى،تەۋەلىكى بولۇشى كېرەكمىكىن دەپ ھېس قىلىمەن. ئەگەر بۇ قاراش توغرا دېيىلسە،تۇنجى ئەسەردىكىدەك سۈرەت ۋە باشقىنى ئۆز تەۋەلىكىگە ئېلىۋالماي؛ئۆزىگە خاس بولغان سەنئەتلىك پۇراق،رەڭ تۈسى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈۋاتقان مەزمۇنغا يېقىندىن يانداشسا. بولمىسا،تەشۋىقات تۈسىنى ئېلىپ قېلىپ،سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتىدىن ياتلىشىپ كېتەمدىكىن،دەيمەن.پىكىردىكى خىلمۇ-خىللىق پەقەت بىر مەۋقە ئۈچۈنلا بولسا،بىزنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئورتاقلىققا ئېگە قىلىدۇ.
|