يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 8

تۇغلۇق: قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول
(داستان)

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

1
قۇياشنىڭ تەپتىدىن ئىللىغان زېمىن
ئاق لېچەك يېپىنغان چېچەك پەسلىدە.
بەشكېرەم بېغىدا ئۇچراتتىم سېنى
يۈرىكىم تىپىرلاپ ئارزۇ ۋەسلىدە.

يۈرىكىم تىپىرلاپ ئارزۇ ۋەسلىدە،
يىراقتىن تەلمۈرۈپ تىكتىم كۆزۈمنى.
كېچىدە قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك
ھېچ يەرگە قويالماي قالدىم ئۆزۈمنى.

ھېچ يەرگە قويالماي قالدىم ئۆزۈمنى،
سەن تۇرغان تەرەپكە سىلجىدىم يېقىن.
ئاتەش ئوق ئېتىلغاچ كىرپىكلىرىڭدىن
بېشىمدا چېقىلدى دەھشەتلىك چېقىن.

بېشىمدا چېقىلدى دەھشەتلىك چېقىن،
ئاراملىق قالمىدى كۆڭۈل مۈلكىدە.
بىر نەچچە قىز بىلەن كەتتىڭ يىراقلاپ
لېۋىڭدىن گۈل چېچىپ تاتلىق كۈلكىدە.

لېۋىڭدىن گۈل چېچىپ تاتلىق كۈلكىدە،
ئۆيۈڭگە كەتكەنسەن بەلكىم خىرامان.
بەك سوغۇق بىلىنىپ چېچەك سەيلىسى،
سانچىلدى قەلبىمگە مۇزدەك ھاياجان.

سانچىلدى قەلبىمگە مۇزدەك ھاياجان،
كەتمەي كۆز ئالدىمدىن ئايدەك جامالىڭ.
كۆزلىرىڭ گوياكى تىنغان بۇلاقتەك،
قۇندۇزدەك جىمىرلار بىر جۈپ ھىلالىڭ.

قۇندۇزدەك جىمىرلار بىر جۈپ ھىلالىڭ،
كىرپىكىڭ بەئەينى بەتلەنگەن ئوقيا.
قىرىقتال ئۆرۈلگەن سۇمبۇل چاچلىرىڭ
دولقۇنلۇق دېڭىز ياق، بىر ئەزىم دەريا.

دولقۇنلۇق دېڭىز ياق، بىر ئەزىم دەريا
كۆكسۈڭدە نە ئارمان لەيلىسەم، چۆكسەم.
قىرىقتال چېچىڭغا باغلىنىپ پىنھان،
كاككۇكتەك ئاھ، ئۇرۇپ دەردىمنى تۆكسەم.

كاككۇكتەك ئاھ، ئۇرۇپ دەردىمنى تۆكسەم،
دېگەن بىر ئىستەكتە قوغلىدىم ئىزلاپ.
باردىم ھەم ئەتىسى چېچەكزارلىققا،
ئۆرۈكلۈك باغلاردىن ھىدىڭنى ھىدلاپ.

ئۆرۈكلۈك باغلاردىن ھىدىڭنى ھىدلاپ،
مەجنۇندەك تولغىنىپ يۈرگەن چېغىمدا.
ئۇچرىدىڭ ئالدىمغا ئەي شوخ پەرىزات،
خۇۋەينە چېچەكلەپ كۈلگەن بېغىمدا.

خۇۋەينە چېچەكلەپ كۈلگەن بېغىمدا،
چوغلانغان يۈرەكتىن دېدىم: «مەرھابا!»
تەبەسسۇم ئىلكىدە قىزىرىپ ئوتتەك،
خۇش سالام قايتۇردۇڭ ماڭا دىلرەبا.

خۇش سالام قايتۇردۇڭ ماڭا دىلرەبا،
ئاھ، ئەجەب بەختىيار سەزدىم ئۆزۈمنى.
خۇشاللىق ئىچىدە قالدىم تېڭىرقاپ،
قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي سۆزۈمنى.

قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي سۆزۈمنى،
ئۇزاتتىم پەقەتلا بىر جۈپ ئاق چېچەك.
مەڭزىڭدە ئوت يېنىپ ئالساڭ ئاۋايلاپ،
شادلىقتىن قىنىغا پاتمىدى يۈرەك.

شادلىقتىن قىنىغا پاتمىدى يۈرەك،
قىزىل گۈل بەرگىدەك يېرىلىپ قات-قات.
ئوت ئېقىپ كۆبجىگەن تومۇرلىرىمدا،
شۇ قەدەر سۆيۈملۈك تۇيۇلدى ھايات.

شۇ قەدەر سۆيۈملۈك تۇيۇلدى ھايات،
كۆزۈمگە كۆرۈندۈڭ قىپقىزىل گۈلدەك.
تېرىقنىڭ ئۇنىدەك ئۇۋالدى زېمىن،
ئىشقىڭدا سايرىسام ئاشىق بۇلبۇلدەك.

ئىشقىڭدا سايرىسام ئاشىق بۇلبۇلدەك،
باغرىمغا بىر سىقىم ئاتەشنى چاچتىڭ.
مەستخۇشلۇق ئىلكىدە خۇش قۇچاق ئاچسام،
ئەندىككەن كىيىكتەك يۇلقۇنۇپ قاچتىڭ.

ئەندىككەن كىيىكتەك يۇلقۇنۇپ قاچتىڭ،
ۋە لېكىن يىراقتىن باقتىڭ قايرىلىپ.
دەھشەتلىك بىر قۇيۇن چىقىپ تۇيۇقسىز،
ۋا دەرىخ! سېنىڭدىن قالدىم ئايرىلىپ.

ۋا دەرىخ! سېنىڭدىن قالدىم ئايرىلىپ،
ئالدىمدا تۇرغىنى بىپايان قۇملۇق.
قېنى ئۇ بايامقى ئۆرۈكلۈك باغلار؟
قىياندەك دەۋرەيدۇ سەندىن مەھرۇملۇق.

قىياندەك دەۋرەيدۇ سەندىن مەھرۇملۇق،
ئەتراپىم قاتمۇ-قات ئېگىز بارخانلار.
بەك ئېغىر خۇرسىنىپ كەلگەچ چىڭقىچۈش،
ئاھ، كۈلگە ئايلاندى ئارزۇ-ئارمانلار.

ئاھ، كۈلگە ئايلاندى ئارزۇ-ئارمانلار،
قېنى ئۇ پاك سۆيگۈ چېچەكلىگەن باغ؟
دەرد-ئەلەم قىسماقتەك قىسماقتا مېنى،
سايرايدۇ بېشىمدا ھۇقۇش بىلەن زاغ.

سايرايدۇ بېشىمدا ھۇقۇش بىلەن زاغ،
ئۇنتۇلغان بۇ چۆلدە ۋاقىت سىزىقى.
چىقماقتا تاپاندىن بېشىمغا ئۆرلەپ
ئاھ، ۋەيلۇن دوزاخنىڭ پۈتۈن قىزىقى.

ئاھ، ۋەيلۇن دوزاخنىڭ پۈتۈن قىزىقى
يامغۇردەك تۆكۈلدى ئۈستى بېشىمدىن.
ئاتەشنىڭ تەپتىمۇ پەسلىدى بىر ئاز،
قان رەڭگە كىرگەندە قۇملۇق يېشىمدىن.

قان رەڭگە كىرگەندە قۇملۇق يېشىمدىن،
ئاتلاندىم قايتا جان ساقلاش كويىغا.
بىر-بىرلەپ چاقنىغان چاغدا يۇلتۇزلار،
كەلدىم، ۋاھ، بىر قەدىم ئېقىن بويىغا.

كەلدىم، ۋاھ، بىر قەدىم ئېقىن بويىغا،
سۈپسۈزۈك ئاسماندا ئۈزەر تولۇن ئاي.
قاقشالدەك تېنىمدە چېچەكلىدى جان،
ماڭدىم ئىشق يولىدا پەقەت توختىماي.

ماڭدىم ئىشق يولىدا پەقەت توختىماي،
ئايدىڭدا كۈمۈشتەك ئېقىننى بويلاپ.
مەجۇنۇندەك تولغىنىپ كېتىپ بارىمەن،
پايانسىز قۇملۇقتا بىر سېنى ئويلاپ.

پايانسىز قۇملۇقتا بىر سېنى ئويلاپ،
سەرگەردان بولدۇم، ئەي نازۇك پەرىزات.
قەيەردە بولساڭمۇ تاپارمەن چوقۇم،
تەڭرىنىڭ ئالدىدا قىلدىم قەسەميات.

تەڭرىنىڭ ئالدىدا قىلدىم قەسەميات،
يول باشلار پېقىرغا ئۇشبۇ ئېقىن-غول.
قىرىق يىل ماڭساممۇ تۈگىمەس بەلكىم،
قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول!
2
قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول،
چۈشۈمنى چالغىتىپ ئۆتكەچ تالاي رەت.
روھىمنى چاقىلاپ چاقماق تېشىدا
مەن سەندىن تىلەيمەن سۆيگۈ-مۇھەببەت.

مەن سەندىن تىلەيمەن سۆيگۈ-مۇھەببەت،
بولسۇن دەپ يۈرەكلەر مەڭگۈ بىر تۇتاش.
سەپەرگە ئاتلاندىم بەرگەچكە ئىلھام
زېمىننى يورۇتقان ئاي بىلەن قۇياش.

زېمىننى يورۇتقان ئاي بىلەن قۇياش
ماڭغاندەك كۆكتىكى سامان يولىدا.
قىرىق كۈن ماڭدىم مەن يىقىلىپ-قوپۇپ،
تارىمغا تۇتاشقان ئېقىن غولىدا.

تارىمغا تۇتاشقان ئېقىن غولىدا
ئىزىڭنى ئۇچراتتىم تولغىنىپ سويلاپ.
جىسمىمغا كۈچ بەردى مۇقەددەس تەڭرى،
تۇرغاچقا ھەمىشە مەن سېنى ئويلاپ.

تۇرغاچقا ھەمىشە مەن سېنى ئويلاپ،
كەيپىمنى بۇزالماس ھوقۇش ئۈنلىرى.
بەك ئاستا ئۆتكەچكە تۇيۇلار ئۇزاق،
ئالمىشىپ ھىجراننىڭ كۈن ھەم تۈنلىرى.

ئالمىشىپ ھىجراننىڭ كۈن ھەم تۈنلىرى،
كۆز يېشىم رەڭگىدەك قىزارغاندا شەرق.
چىڭقىچۈش پەيتىدە تىكلىنىپ قۇياش،
بۇ ئاتەش ئېقىندا بولارمەنمۇ غەرق؟

بۇ ئاتەش ئېقىندا بولارمەنمۇ غەرق،
دېگەن بىر تەشۋىشكە چۈشكەن چېغىمدا.
ئۇخلىماي چۈش كۆردۈم، يۈرۈپتىمەن ۋاھ،
سۆيۈملۈك بەشكېرەم ــ بېھىشبېغىمدا.

سۆيۈملۈك بەشكېرەم ــ بېھىشبېغىمدا،
ئەنجۈرلەر يەر ئىمىش كۆزنىڭ يېغىنى.
ئېرىقتا سۈپسۈزۈك شەربەت ئاقارمىش،
يۇماقچى بولغاندەك ھىجران دېغىنى.

يۇماقچى بولغاندەك ھىجران دېغىنى،
تۇرغانمىش سىقىلغان ئانارنىڭ سۈيى.
ئاڭلىنىپ تۇرارمىش باغنىڭ ئىچىدە
رەڭمۇ-رەڭ قۇشلارنىڭ يېقىملىق كۈيى.

رەڭمۇ-رەڭ قۇشلارنىڭ يېقىملىق كۈيى
سېھرىدىن ئالەمنى قىلغاچقا مەستخۇش.
ئىككىمىز تونۇشقان ئۆرۈك تۈۋىدە
ئۇيقۇغا كەتمىشمەن بولغانچە بىھۇش.

ئۇيقۇغا كەتمىشمەن بولغانچە بىھۇش،
خۇش كۈلۈپ كەلگىچە يەنە بىر سەھەر.
ئويغانسام ئالدىمدا خىزىر تۇرغانمىش،
چېھرىدىن ئالەمگە نۇر چېچىپ زەر-زەر.

چېھرىدىن ئالەمگە نۇر چېچىپ زەر-زەر،
ئۇزاتتى خۇش كۈلۈپ ئىككى قولىنى.
«تۇر ئوغلۇم!» دېدى ئۇ «قۇلاق سال بۈگۈن،
كۆرسىتەي مەڭگۈلۈك ۋىسال يولىنى!

كۆرسىتەي مەڭگۈلۈك ۋىسال يولىنى،
ۋە لېكىن بۇ يولدا كۆپتۇر مۇشەققەت.
مۇشەققەت دەشتىدە كۈتمەكتە سېنى،
مەشۇقۇڭ دىلىدا كۆكلەپ مۇھەببەت.

مەشۇقۇڭ دىلىدا كۆكلەپ مۇھەببەت،
كۈتمەكتە كېچىلەر ئۇيقۇدىن بىدار.
ساداقەت گۈللىرى چېچىپ يولۇڭغا،
ئۆتمەكتە ۋەسلىڭگە بولۇپ ئىنتىزار.

ئۆتمەكتە ۋەسلىڭگە بولۇپ ئىنتىزار،
يۈسۈپنى كۈتكەندەك ئاشىق زۇلەيخا.
ئەقىدە چۆلىدىن ئۆتسەڭلا چوقۇم،
خۇش قۇچاق ئاچىدۇ سۆيگەن دىلرەبا.

خۇش قۇچاق ئاچىدۇ سۆيگەن دىلرەبا،
ئاڭغىچە ئىشق يولى ئەمەستۇر كەڭرى.
خۇش ھىدى كەلمەكتە ۋىسال پەسلىنىڭ
مەنزىلگە تىنچ-ئامان يەتكۈزگەي تەڭرى.

مەنزىلگە تىنچ-ئامان يەتكۈزگەي تەڭرى،
ماڭ بۈگۈن پۇتۇڭغا كىيىپ تۆمۈر كەش.
تۆمۈردىن ياسالغان ھاساڭنى ئالغىن،
خۇش قۇچاق ئاچماقتا مەشۇقۇڭ-دىلكەش.

خۇش قۇچاق ئاچماقتا مەشۇقۇڭ-دىلكەش،
كۆرەرسەن تۆمۈر كەش تېشىلگەن كۈنى.
يىڭنىگە ئايلىنىپ شۇ تۆمۈر ھاساڭ،
يىرتىلغان چېغىدا ھىجراننىڭ تۈنى!

يىرتىلغان چېغىدا ھىجراننىڭ تۈنى،
يېتەرسەن ئەي ئاشىق، مەشۇق ۋەسلىگە.
ئەقىدە-ئىخلاسلىق يۈسۈپ-زۇلەيخا
يەتكەندەك مەڭگۈلۈك ۋىسال پەسلىگە!...»

يەتكەندەك مەڭگۈلۈك ۋىسال پەسلىگە
يۈرگەنتىم چۈشۈمدە يۇرتۇم بېغىدا.
ئۇزاتتى خىزىر خۇش كۈلۈپ، قۇت تىلەپ،
مەن قالدىم پەرھاتتەك تەڭرى تېغىدا.

مەن قالدىم پەرھاتتەك تەڭرى تېغىدا،
ئاھ، ھىجران لەشكىرى قىلماقتا كۆرەك.
ئاھ ئۇرۇپ تىنىمسىز كۆتۈردى پەرياد
كاككۇكنىڭ تىلىدەك تىترىگەن يۈرەك.

كاككۇكنىڭ تىلىدەك تىترىگەن يۈرەك،
قېتىدىن بۇلاقتەك ئوخچۇيدۇ ئازاب.
چۈشۈڭگە كىردىممۇ ئېيت، ئەي پەرىزات،
ۋەسلىڭگە تەلپۈنۈپ ئىچتىممەن شاراب.

ۋەسلىڭگە تەلپۈنۈپ ئىچتىممەن شاراب،
كۆرەي دەپ ئۇنىڭدىن ئەكسىڭنى جېنىم.
قىزىل گۈل ئۈنسۇن دەپ ماڭغان يولۇڭغا
ئاھ ئۇرسام يامغۇردەك چېچىلدى قېنىم.

ئاھ ئۇرسام يامغۇردەك چېچىلدى قېنىم،
قاپقارا كۆزۈڭدەك سىرلىق كېچىدە.
ئۇچقۇنلار چاچرىدى تىنىقلىرىمدىن
قالغاندەك مەڭگۈلۈك ئوتنىڭ ئىچىدە.

قالغاندەك مەڭگۈلۈك ئوتنىڭ ئىچىدە،
ئاھ ئۇرسام كىملەردۇر پۇلاڭلاتتى قول.
ئاخىرقى تىنىقتىن يارالدى ھەيھات!
قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول.
3
قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول
بولسىمۇ شۇ قەدەر قاراڭغۇ-زۇلمەت.
«يا رەببىم!» دەپ قەدەم ئالغان چېغىمدا
كۈچ بەردى دىلدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت.

كۈچ بەردى دىلدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت،
ئۈمىد ھەم ئىشەنچتە ماڭدىم يولۇمغا.
قاراڭغۇ-زۇلمەتمۇ بولۇشتى غايىب،
چوغلانغان يۈرەكنى ئالسام قولۇمغا.

چوغلانغان يۈرەكنى ئالسام قولۇمغا،
ھەرتامچە قېنىمدىن تۇغۇلدى قۇياش.
ئىسمىڭنى چاقىرغان چاغدا، پەرىزات،
قاراسلاپ يېرىلدى پۈتۈن تاغۇ-تاش.

قاراسلاپ يېرىلدى پۈتۈن تاغۇ-تاش،
ئاھلىرىم تۇتقاندەك چايقالدى ئالەم.
ئازابتىن يېرىلدى يۈرەك ئېھتىمال،
پەلەكتىن ئاشقاندا پىغانلىق نالەم.

پەلەكتىن ئاشقاندا پىغانلىق نالەم،
كەلدىمۇ ئېسىڭگە مېنىڭ خارلىقىم؟
بىر ئۆمۈر كۆرسىتەي چەكسىز ساداقەت،
سەن مېنىڭ ئۈمىدىم، مېنىڭ بارلىقىم.

سەن مېنىڭ ئۈمىدىم، مېنىڭ بارلىقىم،
سەن ئۈچۈن ياڭرايدۇ ئوتلۇق قەسىدەم.
«ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» بولۇپ،
تاۋلىنىپ بارماقتا ئىخلاس-ئەقىدەم.

تاۋلىنىپ بارماقتا ئىخلاس-ئەقىدەم
ئۇنىڭسىز كۈلمەيدۇ ھېچ نۇرلۇق ھايات.
شور دەريا ئۇچرىغان چاغدا ئالدىمغا
ئەقىدە-ئىخلاسىم بولدى پەر-قانات.

ئەقىدە-ئىخلاسىم بولدى پەر-قانات،
قالغاندا ھۇقۇشتەك ھىجران چۆلىدە.
ئاھ، ئىشىق ئوتلىرى بېسىلغايمىكىن
چۆمۈلسەم سەن بىلەن سايرام كۆلىدە.

چۆمۈلسەم سەن بىلەن سايرام كۆلىدە،
دېگەن بىر ئارزۇدا تاشلىدىم قەدەم.
كېسىلگەن توغراقنىڭ كۆز ياشلىرىدەك،
كۆزۈمدىن يامغۇردەك ئاقتى دەرت-ئەلەم.

كۆزۈمدىن يامغۇردەك ئاقتى دەرت-ئەلەم،
قېنى ئۇ مەن كۈتكەن توزۇماس گۈللەر؟
كۆزىنى ئاچقاندا ئېرىنچەك قۇياش،
كەلكۈندەك يېيىلدى ئوت كەتكەن چۆللەر.

كەلكۈندەك يېيىلدى ئوت كەتكەن چۆللەر،
مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ قېتىم تىرىلدىم يەنە.
بارخانلار ئۈستىدىن سىرىلغىنىمدا
ئاھ، ھىجران لەشكىرى قىلدى تەنتەنە.

ئاھ، ھىجران لەشكىرى قىلدى تەنتەنە،
بىربىرلەپ ئۆتكۈزمەك بولۇپ قىلىچتىن.
نى ئەجەب قورقۇشۇپ تىترىدى غال-غال،
يانمىغاچ مەنمۇ جان پىدا قىلىشتىن.

يانمىغاچ مەنمۇ جان پىدا قىلىشتىن.
غەيرىتىم ئالەمنى سالدى لەرزىگە.
بۇ ئىشلار چۈشۈڭگە كىرگەندۇ جېنىم؟
قۇلاق سال پېقىرنىڭ كۆڭۈل ئەرزىگە.

قۇلاق سال پېقىرنىڭ كۆڭۈل ئەرزىگە،
ئۇنىڭ ھەر قۇرىدىن سىرغىيدۇ ھەسرەت.
كەچمىشلەر بىربىرلەپ بولغاندا زاھىر،
ئىچ ئاغرىت ۋە ياكى ياغدۇرغىن نەپرەت.

ئىچ ئاغرىت ۋە ياكى ياغدۇرغىن نەپرەت،
خەت يازدىم مەن ساڭا قانلىق يېشىمدا.
كۈل بولۇپ كېتەرمۇ ئۇشبۇ كەڭ ئالەم،
يالقۇنلۇق بىر ئوت بار ئىچى-تېشىمدا.

يالقۇنلۇق بىر ئوت بار ئىچى-تېشىمدا،
ئۆچمەس ھېچ ياغماستىن ۋىسال يامغۇرى.
ئالدىمنى توسقاندا قاتمۇ-قات تاغلار،
يول باشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببەت نۇرى.

يول باشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببەت نۇرى،
ساقلاپ تۇر، پەرىزات، قەدرىمنى بىلىپ.
ئېھتىمال پات يېقىن يېتىپ بارارمەن،
يول ئالدىم تەڭرىگە تەۋەككۈل قىلىپ.

يول ئالدىم تەڭرىگە تەۋەككۈل قىلىپ،
كۆڭلۈمدە پاك سۆيگۈ، ئۆزۈم قۇرۇق قول.
خۇش كۈلدى ئالمىشىپ قالغان ئۈچەيدەك،
ماڭغانلار تىنچ-ئامان قايتىپ كېلەر يول.
4
قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول،
كۆرۈنمەس ئۇنىڭدا توغراق سايىسى.
مەن ئىشق دەشتىدە توختىماس كارۋان،
كارۋانغا يول باشلار ئارزۇ-غايىسى.

كارۋانغا يول باشلار ئارزۇ-غايىسى،
چۆللەرگە گۈل تېرىپ ئۆتەر مېھرىدىن.
مەنزىلدىن ئاداشماس قاراڭغۇلۇقتا،
نۇر ئالغاچ كۆكتىكى قۇياش چېھرىدىن.

نۇر ئالغاچ كۆكتىكى قۇياش چېھرىدىن
ۋۇجۇدۇم قايتىدىن نۇرلاندى تال-تال.
سەن ئۈچۈن قەلبىمدە چاقنىغان سۆيگۈ،
ئانامنىڭ سۈتىدەك ھالال ۋە ھالال!

ئانامنىڭ سۈتىدەك ھالال ۋە ھالال
پاكتۇرمەن، ئەي سۇمبۇل چاچلىق پەرىزات.
ئوق تەگكەن كىيىكتەك ماڭدىم دىڭگوسلاپ،
ئالدىمنى توسقاچقا تاغلار قاتمۇ-قات.

ئالدىمنى توسقاچقا تاغلار قاتمۇ-قات،
ماڭدىممەن ئاجايىپ ئېغىر ۋە غەمكىن.
نىھايەت كۆزۈمگە ئۇلاشسا ئۇيقۇ،
چۈشۈمدە ئوينايسەن شۇ قەدەر تەمكىن.

چۈشۈمدە ئوينايسەن شۇ قەدەر تەمكىن،
بويۇڭدىن تامچىلار ئۆزگىچە سۇمبات.
ئويغانسام باغرىمدا ئوت كەتكەن قۇملۇق،
قەيەرگە كەتتىڭ، ئەي نازۇك پەرىزات؟

قەيەرگە كەتتىڭ، ئەي نازۇك پەرىزات؟
باقماستىن كۆڭۈلنىڭ ئېغىشلىرىغا.
غۇنچىدەك لېۋىڭدىن تۆكۈلگەن سۆزلەر،
ئويۇلغان يۈرەكنىڭ بېغىشلىرىغا؟

ئويۇلغان يۈرەكنىڭ بېغىشلىرىغا،
سۆزلىرىڭ يۆگىمەچ ئوتتەك چىرمىشىپ.
ھەر كۈنى بىر تالاي داۋاندىن ئاشتىم،
ۋەسلىڭڭگە تەلپۈنۈپ، قاتتىق تىرمىشىپ.

ۋەسلىڭڭگە تەلپۈنۈپ، قاتتىق تىرمىشىپ،
يۇلقۇندۇم يۈرسەممۇ شۇ قەدەر جۇل-جۇل.
قەلبىمگە نۇر بەرگەچ بىر گۈزەل ئىستەك،
ئەقىدەم ھېچقاچان بولمىدى چۇل-چۇل.

ئەقىدەم ھېچقاچان بولمىدى چۇل-چۇل،
كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاپ تۇنجى مۇھەببەت.
ئېسىمگە كەلمەيدۇ ئەسلا ۋاز كېچىش،
باسسىمۇ كەلكۈندەك قاراڭغۇ زۇلمەت.

باسسىمۇ كەلكۈندەك قاراڭغۇ زۇلمەت،
نەدىندۇر بىر جايدىن كۆرۈندى يورۇق.
كۆزىدىن ئوت چېچىپ تۇرۇپتۇ ھەيھات،
ئوغۇزخان كۆندۈرگەن بىر چىلان تورۇق.

ئوغۇزخان كۆندۈرگەن بىر چىلان تورۇق
ئات بىلەن باشلىدىم قايتىدىن سەپەر.
لەپىلدەر قولۇمدا ۋىجدان تۇغلىرى،
ئىچكىنىم كۆز يېشى، يېگىنىم زەھەر.

ئىچكىنىم كۆز يېشى، يېگىنىم زەھەر،
ئۈمىدۋار ئاتلاندىم ئاتەش-پىراققا.
يۈرەكلەر ئىستەيدۇ ۋىسال پەسلىنى،
مەيلى دۇچ كەلسەكمۇ خەنجەر-پىچاققا.

مەيلى دۇچ كەلسەكمۇ خەنجەر-پىچاققا،
باش ئەگمە، ئەي سۇمبۇل چاچلىق پەرىزات.
زىمىستان كەينىدىن كېلىپ خۇش باھار،
قىزىل گۈل غۇنچىلاپ ئېچىلار قات-قات.

قىزىل گۈل غۇنچىلاپ ئېچىلار قات-قات،
مېھرىگە قانغاندا ئاتەش يۈرەكلەر.
بەك ئۇزۇن بولسىمۇ ھىجران كېچىسى
يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ ئوتلۇق تىلەكلەر.

يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ ئوتلۇق تىلەكلەر
يۈرەكلەر قېتىدا ئېچىلغان گۈلدەك.
يەر تەۋرەپ تۇيۇقسىز چېقىلار چاقماق،
ئىشقىڭدا سايرىسام ئاشىق بۇلبۇلدەك.

ئىشقىڭدا سايرىسام ئاشىق بۇلبۇلدەك،
توختىماي لاۋۇلداپ ئاتەش ئاھاڭلار.
مەڭگۈلۈك مۇھەببەت چېچەكلىرىدىن
خۇش قۇچاق ئاچىدۇ سۆيۈملۈك تاڭلار.

خۇش قۇچاق ئاچىدۇ سۆيۈملۈك تاڭلار،
كەلگەندە بىز كۈتكەن ۋىسال پەسلىمىز.
ياشايمىز كۈچ ئېلىپ ئىنتىزارلىقتىن،
مەيلى كۈل بولسىمۇ پۈتۈن ۋەسلىمىز.

مەيلى كۈل بولسىمۇ پۈتۈن ۋەسلىمىز،
تاغلارغا چىققاندا تارتىشايلى قول.
ئالدىمغا يېيىلدى سۇمبۇل چېچىڭدەك،
بارغانلار يا كېلەر ياكى كەلمەس يول!
5
قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول
باغرىڭغا چاچارمۇ ئىشقى ئوتۇمنى؟
ۋاھ، ئوتتۇز توققۇزى يەنچىلدى رەت-رەت،
ئاخىرقى بىر يولغا ئالدىم پۇتۇمنى.

ئاخىرقى بىر يولغا ئالدىم پۇتۇمنى،
دۇچ كەلدىم ئاجايىپ ۋەھشى قاۋانغا.
تارىمنىڭ سۈيىدە ئۆزۈمنى پاكلاپ،
تاشلاندىم يالقۇنلۇق تەكلىماكانغا.

تاشلاندىم يالقۇنلۇق تەكلىماكانغا،
بارخانلار ئۈستىدە كۆردۈم ئۆزۈمنى.
تۇيۇقسىز لەيلىدىم تۇمان ئىچىدە،
قۇيۇنتاز ئاچۇرماي قويدى كۆزۈمنى.

قۇيۇنتاز ئاچۇرماي قويدى كۆزۈمنى،
ئالۋۇنلار قۇترىدى شەيتاندىن بەتەر.
چوغلانغان قۇم بىلەن قىلىپ تەيەممۇم،
تەڭرىدىن بەختىمنى تىلىدىم سەھەر.

تەڭرىدىن بەختىمنى تىلىدىم سەھەر،
گۈگۈمنى جايناماز قىلىپ يۈكۈندۈم.
كۈلگەندە تاڭدىكى شەپەق جۇلاسى،
ئېزىققان كۈنلەرگە دەھشەت ئۆكۈندۈم.

ئېزىققان كۈنلەرگە دەھشەت ئۆكۈندۈم،
مىڭ يىللىق توغراقتەك تاشلىدىم قاسراق.
تاۋلاندىم قايتىدىن يۇلغۇن رەڭگىدە،
مەڭزىمگە قان بەردى بۇ ئانا تۇپراق.

مەڭزىمگە قان بەردى بۇ ئانا تۇپراق،
تىز چۆكتى ئالدىمدا قۇملار ئۆركىشى.
خۇش كۈلۈپ ئېتىقاد يەلكەنلىك قولۋاق،
كۆڭلۈمدىن قوغلاندى ئۆلۈم تەشۋىشى.

كۆڭلۈمدىن قوغلاندى ئۆلۈم تەشۋىشى،
باجغانلاپ ئۆسكەچكە مەڭگۈلۈك پاك روھ.
تېنىمنى ئىلكىگە ئالغان ھازازۇل
شەيتىنىم ياۋاشلاپ بولماقتا مەجروھ.

شەيتىنىم ياۋاشلاپ بولماقتا مەجروھ،
قولۇمدا يالتىراپ ئالتۇن زۇلپىقار.
ئوخشىدىم جەڭدىكى ئەپراسىيافقا،
ئاستىمدا كۆلتېگىن مىنگەن ئاق تۇلپار.

ئاستىمدا كۆلتېگىن مىنگەن ئاق تۇلپار،
ئاتىلار سۆزى ھەق «ئەر قانىتى ــ ئات».
تەڭرىنىڭ رەھمىتى ياغدى يامغۇردەك،
نەۋقىران بۈركۈتتەك چىقاردىم قانات.

نەۋقىران بۈركۈتتەك چىقاردىم قانات،
توققۇز قات ئاسماندا قىلىمەن پەرۋاز.
تەبەسسۇم قىلماقتا مەقسەت مەنزىلى،
مەن ئىشق دەشتىدە تەنھا چەۋەندار.

مەن ئىشق دەشتىدە تەنھا چەۋەندار،
ئاھىمدىن نۇرلىنار پۈتكۈل كائىنات.
زۇلەيخا يۈسۈپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك
ساقلاپ تۇر ئىشقىمدا كۆيگەن پەرىزات.

ساقلاپ تۇر ئىشقىمدا كۆيگەن پەرىزات،
كوھىقاپ ئالدىدا خۇش قۇچاق ئېچىپ.
ئەقىدە-ھەم ئىخلاس بىلەن قۇت تىلە،
سۆيگۈدىن يوللارغا قىزىل گۈل چېچىپ.

سۆيگۈدىن يوللارغا قىزىل گۈل چېچىپ،
كەلمەكتە دەردىڭدە قان بولغان يۈرەك.
بارساملا دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ،
قىلغايمىز قۇتلۇق توي ــ ئۇنتۇلماس كۆرەك.

قىلغايمىز قۇتلۇق توي ــ ئۇنتۇلماس كۆرەك،
يېقىنلاپ كەلدىممەن تاغلاردىن ھالقىپ.
چىن ئاشىق-مەشۇقلار قۇچمامدۇ ۋىسال؟
تۇرسىلا يۈرەكتىن پاك سۆيگۈ بالقىپ.

تۇرسىلا يۈرەكتىن پاك سۆيگۈ بالقىپ،
پۈتۈلگەي تارىخقا نۇرلۇق مەڭگۈتاش.
ئىككىمىز قايتىدىن ئۇچراشساق چوقۇم
ئارزۇلار كۆكىدە چاقنايدۇ قۇياش.

ئارزۇلار كۆكىدە چاقنايدۇ قۇياش،
قوش يۈرەك ۋەسلىدىن كۈلۈپ كائىنات.
مەن ئۇچۇپ بارغۇچە ئامان بول، ئامان!
يولۇمغا كۆز تىكىپ تۇرغان پەرىزات.

يولۇمغا كۆز تىكىپ تۇرغان پەرىزات،
مەن ئۈچۈن تەڭرىدىن تىلىگىن ئاق يول.
بېھىشتەك باغلاردا ئېچىلغان گۈلدەك،
جىلمىيىپ كۈلمەكتە بارسا كەلمەس يول.

2014-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-19 13:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-19 13:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ! تۇغلۇق ئەپەندى مۇبارەك بولسۇن !داستاننىڭ ماۋزۇسى بەك ياخشى قويۇلۇپتۇ ،ھەممە ماۋزۇسىىدىن چىقىپ تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2015-3-19 17:43:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرۇت خاسلىقى بىلەن بىرىككەن بۇ داستانىڭىز ھەقىقەتەن گۈزەل تىل پاساھىتىگە ئىگە بوپتۇ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-20 12:14:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمداشلارنىڭ قۇتلۇق تىلەكلىرىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-3-23 01:13:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازىمنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن!

ئوغۇزخان كۆندۈرگەن بىر چىلان تورۇق
ئات بىلەن باشلىدىم قايتىدىن سەپەر.
لەپىلدەر قولۇمدا ۋىجدان تۇغلىرى،
ئىچكىنىم كۆز يېشى، يېگىنىم زەھەر.
.........
ئىشقىڭدا سايرىسام ئاشىق بۇلبۇلدەك،
توختىماي لاۋۇلداپ ئاتەش ئاھاڭلار.
مەڭگۈلۈك مۇھەببەت چېچەكلىرىدىن
خۇش قۇچاق ئاچىدۇ سۆيۈملۈك تاڭلار.

خۇش قۇچاق ئاچىدۇ سۆيۈملۈك تاڭلار،
كەلگەندە بىز كۈتكەن ۋىسال پەسلىمىز.
ياشايمىز كۈچ ئېلىپ ئىنتىزارلىقتىن،
مەيلى كۈل بولسىمۇ پۈتۈن ۋەسلىمىز.
...........
قىرىقتال چېچىڭدەك قىرىق چىغىر يول
باغرىڭغا چاچارمۇ ئىشقى ئوتۇمنى؟
ۋاھ، ئوتتۇز توققۇزى يەنچىلدى رەت-رەت،
ئاخىرقى بىر يولغا ئالدىم پۇتۇمنى.

ئاخىرقى بىر يولغا ئالدىم پۇتۇمنى،
دۇچ كەلدىم ئاجايىپ ۋەھشى قاۋانغا.
تارىمنىڭ سۈيىدە ئۆزۈمنى پاكلاپ،
تاشلاندىم يالقۇنلۇق تەكلىماكانغا.

تاشلاندىم يالقۇنلۇق تەكلىماكانغا،
بارخانلار ئۈستىدە كۆردۈم ئۆزۈمنى.
تۇيۇقسىز لەيلىدىم تۇمان ئىچىدە،
قۇيۇنتاز ئاچۇرماي قويدى كۆزۈمنى.

قۇيۇنتاز ئاچۇرماي قويدى كۆزۈمنى،
ئالۋۇنلار قۇترىدى شەيتاندىن بەتەر.
چوغلانغان قۇم بىلەن قىلىپ تەيەممۇم،
تەڭرىدىن بەختىمنى تىلىدىم سەھەر.

تەڭرىدىن بەختىمنى تىلىدىم سەھەر،
گۈگۈمنى جايناماز قىلىپ يۈكۈندۈم.
كۈلگەندە تاڭدىكى شەپەق جۇلاسى،
ئېزىققان كۈنلەرگە دەھشەت ئۆكۈندۈم.
........
تۇرسىلا يۈرەكتىن پاك سۆيگۈ بالقىپ،
پۈتۈلگەي تارىخقا نۇرلۇق مەڭگۈتاش.
ئىككىمىز قايتىدىن ئۇچراشساق چوقۇم
ئارزۇلار كۆكىدە چاقنايدۇ قۇياش.

ئارزۇلار كۆكىدە چاقنايدۇ قۇياش،
قوش يۈرەك ۋەسلىدىن كۈلۈپ كائىنات.
مەن ئۇچۇپ بارغۇچە ئامان بول، ئامان!
يولۇمغا كۆز تىكىپ تۇرغان پەرىزات.

يۇقىرىقى مىسرالار يۈرىكىمنى لەرزىگە سالدى. ...!






 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-24 14:57:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇغۇچۇم ــ شاگىرتىم ئىزىقۇت ئەپەندىنىڭ يازمامغا نەزەر ئاغدۇرغىنىغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-3-25 11:22:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم تۇغلۇق  كۆپ خىل ئىسىتىلىستىكىلىق ۋاستە، ئۆزگىچە شېئىرىي پۇراق، قۇيۇق ۋە ساپ ھېسسىياتقا تۇيۇنغان بۇ لېرىك داستانىڭغا مۇبارەك بولسۇن!   داستانىڭ ئوقۇغان كىشىگە چوڭقۇر تەسىرات ۋە كۈچلۈك ئېستىتىك زوق بېغىشلايدىكەن، رەھمەت، قەلىمىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-25 11:29:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        بۇ داستاننى «تارىم»دا كۆردىم، سەل قىسقارتىپ بەرگەندەك قىلىدۇ. ياخشى ئەسەر ئىكەن.
        تۇغلۇقنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ ئۆتكۈرلۈك نېسىپ بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-25 19:31:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىم. بۇ داستاننىڭ تۆتتىن بىر قىسمى «تارىم»دا ئېلان قىلىندى. ئۇلار تولۇق بەرمەپتىكەن. شۇڭا تولۇق نۇسخىسىنى يوللىغان ئىدىم. سىزدەك ئۇستازلارنىڭ نەزەرىگە يولۇققانلىقىدىن سۆيۈندۈم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش