بىرەلمەيمەن تەسەللى،ئەمما
ئېزىز تۇرسۇن
بەلكىم ئۇچىراپ قالغانسەن بىۋاق،
قارچۇقىڭدا يۈدۈپ تامچە ياش.
نۇر دەستىسى ئۇچىراشقاندا،ئىھ!
ئۇيۇپ قالدى سەبئى ياتسىراش.
يۇلتۇزۇڭنى كەتكەنتىڭ ئىزدەپ،
توۋلىغانچە ساماھ يولىغا.
يولتۇز بولۇپ يانالمىغاچ مەن،
بەخت تىلەپ قالغان تويۇڭغا.
قېنىپ-قېنىپ يىغلىۋال جېنىم،
بىرەلمەيمەن ساڭا تەسەللى.
كۆز يېشىڭدا يويۇلغان كۈنۈڭ،
بەختىمىزنى ئىزدەپ كۆرەيلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-6 23:33