«مۇزات دولقۇنلىرى»
( « مۇزات دولقۇنلىرى » ژورنىلىنىڭ يېڭىچە قىياپەت بىلەن قايتىدىن روياپقا چىققانلىقىنى مۇبارەكلەپ )
مۇختار مۇھەممەتئىمىن نەزەر
ھۆسنۈڭ قۇياش ، ئايدەك « مۇزات دولقۇنلىرى » ،
تەمىڭ مىسلى بالدەك « مۇزات دولقۇنلىرى » .
ئېلىپ ئەنداز سەھىپىنى گۈلزارلىقتىن ،
كۆز چاقناتقان تاجدەك « مۇزات دولقۇنلىرى » .
تۇغۇمىڭغا خۇش مۇبارەك ، مىڭ مۇبارەك !
بىزگە بولدۇڭ ناندەك « مۇزات دولقۇنلىرى » .
تومۇرىغا مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ ،
سىڭدىڭ قىزىل قاندەك « مۇزات دولقۇنلىرى » .
سەنلا مەۋجۇت ، باھارىستان بولار جۇتمۇ ،
ھەر كۈن ئايەم چاغدەك « مۇزات دولقۇنلىرى » .
يولۇققىنى بىر رەت ساڭا مېھرىن ئۈزمەس ،
ئەينى سېھىر باردەك « مۇزات دولقۇنلىرى » .
نازىنىنلار نازىنىنى يەتمەس ساڭا ،
بويۇڭ خۇددى تالدەك « مۇزات دولقۇنلىرى » .
ئاق ، ئۈزۈلمەي دولقۇنلىنىپ ئۆركەش ياساپ ،
چاپقىن توسۇن تايدەك « مۇزات دولقۇنلىرى » !
2010 . 2 . 7 ( 00 ) باي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-19 00:40