يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 14

تاشيولچى: ئاپتۇبوستا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                        ئاپتۇبوستا

                                           ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى

                                                         (ھىكايە)

ئالدىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۇزۇن ھەم قۇندۇزدەك قارا چاچلىرىنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم. ئۇ چاچلاردىن چىقىۋاتقان خۇشبۇي پۇراق دىمىقىمغا ھوزۇر بېغىشلايتى. ئاشۇ تەرىقىدە مەن ئۇنىڭ جۇلاسىنى كۆز قارچۇغۇمغا سىڭدۇرىۋاتاتتىم.  چىرايى قانداغراقكىنە؟... ، ھەسسەنەي!... بايا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن بىر قاراپ باقسامچۇ؟!... .
ئاپتۇبوس ئېغىر پۇشۇلدىغىنىچە قاتار كەتكەن ئىگىز بىنالارنى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بۈك باراقسان چىنار دەرەخلىرىنى، پىيادىلەر يولىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئالدىراش كىتىۋاتقان كىشىلەرنى ئاستا ئاستا ئارقىغا تاشلاپ كىتىپ باراتتى. ئاپتۇبوس ئىچىنىڭ ئۇستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك ياڭراتقۇلاردىن يىتىپ كىلىش ئالدىدىكى بىكەت بىلەن كىيىنكى بىكەتنىڭ نامى پات-پاتلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى..
ئاپتۇبوسقا چۈشىۋاتقان ئادەمدىن چىقىۋاتقانلار كۆپ ئىدى. نەچچىلىگەن قوللار ئۈستى تەرەپتىكى ئۇزۇن تاياقچىغا ئورنىتىلغان ئۈزەڭگە شەكىللىك تۇتقۇچلارغا ئېسىلاتتىيۇ، تۇتقۇچلار يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالغان قوللار ئېغىر گەۋدىلەرگە قوشۇلۇپ ھەر يان تەۋرىنەتتى.  ئۆرە تۇرىۋاتقان ئادەملەر ئاپتۇبوسنى ھەربىر تورمۇزلىغاندا دەلدۈگۈنۈشۈپ، بىر بىرىگە ئالىيىشىپ غۇدۇرۇشاتتى.
-خۇداغا شۈكرى!...ئاپتۇبوسقا چىققان ۋاختىمدا، ھىلىمۇ ياخشى ماڭا تاق كىشىلىك ئورۇندىن بىرى يېتىپتۇ، بولمىسا دوستۇمنىڭ ئون نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۆيىگە بېرىپ بولغىچە،  قىستاڭچىلىقتا كۆرىدىغان كۈن باركەن ماڭا-دىدىم ئىچىمدە.
ئالدىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۇزۇن ھەم قۇندۇزدەك قارا چاچلىرىنى يەنە تاماشا قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرمەيتى، ئەدناسى يان تەرەپكە بولسىمۇ قايرىلىپ قاراپ قوياي دېمەيتى. ئاخىرى تاقەت قىلىپ بولالماي ئورنۇمدىن سەل كۆتۈرۈلۈپ بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ باقتىم، شۇنچە زورۇققىنىمغا چۇشلۇق  ئۇنىڭ كىتاپ تۇتىۋالغان نازۇك قوللىرىنىلا كۆرەلىدىميۇ. تەسەۋۋۇرۇمدىكى كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان گۈزەل چىراي كۆز قارچۇقلىرىمدىن يەنىلا يىراق ئېدى.
ھورۇن كالىدەك تولىمۇ ئاستا كىتىۋاتقان ئاپتۇبوستىكى زىرىكىشلىك سەپەر ھىچبىر تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن يەنىلا ئۇ قىزنىڭ چىرايلىق چېچىنى ھەۋەس بىلەن كۈزۈتىۋاتاتتىم. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمىدىم بىر چاغ بولغاندا   ئۇ بىردىنلا بېشىنى بۇراپ ئاپتۇبوسنىڭ دەرىزىسىدىن سىرىتقا قارىدى. ھەيھات، ماڭا ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ رۇخسارىنى كۆرۈش نېسىپ بولدى-دە، بىردىنلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم يۈرۈگۈم بولسا كۆكرەك قەپەسلىرىمدە ھەريان سىلكىنىپ، ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالامي قېلىۋاتاتتى.
قىزنىڭ يۈزىنىڭ يان كۆرۈنىشى خۇددى كىنو چولپانلىرىنىڭ رەسىمىدەك چىرايلىق ئىدى.  تۈكۈلۈپ تۇرغان قاش كۆزلىرى، ئىلىپتەك بۇرنى، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان نىپىز، ئەمما يۇمران لەۋلىرى ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرىنى قىمىرلىتىشقا ئورۇناتتى. تۇمۇرۇمدىكى قانلار قىززىپ مىنى مەستخۇش قىلماقتا ئىدى.  «مەن بىلەن يۈرۈۋاتقان قىز مۇنۇ كاساپەتنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمىگۈدەك، -توختا!...ئامال قىلىپ بۇ گۈزەلنى قولغا چۈشۈرەي، كىيىنچە كۆڭلۈم چۈشمىسە، كەينىمگە قارىماي كەتسەم بولمىدىمۇ؟... شەھىرىمىزدە قىز ئازمىدى؟!....» ھىس تۇيغۇللىرم قاناتلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا قانداق گەپ ئاچسام بۇلار؟.... .
تۇيۇقسىز كۆزۈم قىز ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ بېقىنىغا قىستۇرۇلغان بىر دانە ھاسىغا چۈشۈپ قالدى. كۆڭلۈم ئۆيگەندەك بولدى.  بۇ قىز توكۇرمۇ نىمە؟... ، بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمەي يەردىن بىر نەرسە ئىزدىگەن بولۇپ، ئاستا ئورۇندۇق ئاستىدىن قىزنىڭ پۇتىغا قاراپ بېقىپلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ تۈز ئولتۇرىۋالدىم. تاتلىق خىياللىرىمنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ قۇيۇلۇپ كەتكەندەك، كۆڭلۈم لاسسىدا بولۇپ قالدى. قىزنىڭ ئوڭ پۇتى سول پۇتىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئىنچىكە ھەم قىسقا بولۇپ، بىر قارىماققا يالغان پۇتتەكمۇ كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭغا قايتا قارىماسلىق ئۈچۈن ئاپتۇبوس ئەينىگىدىن سىرىتقا قارىۋالدىم.  چۈنكى ئۇنىڭدىن رايىم قايتقان ئىدى.
  بىردەمدىن كېيىن ئاپتۇبوس ئىچىدىكى ئادەم تېخىمۇ ئاينىپ كەتكەن بولسا كىرەك، ئەمدىلىكتە ئۆرە تۇرغانلار ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغانلارنىمۇ قىستاۋاتاتتى.  ئاپتۇبوس دەرىزىسىدىن سىرىتقا قاراپ، شەھىرىمىزنىڭ يازدىكى گۈزەللىگىدىن ھوزۇر ئالغاچ ئاغىنىلەر بىلەن بۈگۈن كەچتە بېرىشقا كىلىشىپ قويغان «ۋىناس» يەر ئاستى مۇزىكا كۇلۇبىنىڭ پەيزىنى ئويلاشقا باشلىدىم. «بۈگۈن كۇلۇبقا كىلىدىغان قىزلار بىر بىرىدىن چىرايلىق بۇلىشى مۇمكىن، پۇخادىن چىققۇدەك راسا ئوينىمىسام خەپ!....»
  بىردىنلا قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلانغان ئېغىر ھاسىراش پەيزىمنى قاچۇردى. بېشىمنى بۇراپ قارىسام يەتمىش ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بوۋاي باشقىلارنىڭ قىستىشى بىلەن ماڭا سۇۋۇشۇپ دىگۈدەك ھالەتتە قېشىمدا ئۆرە تۇراتتى. ئۇنىڭدىن كىلىۋاتقان قاڭسىق تەر پۇرىقىدىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ، ئۆچمەنلىك بىلەن كۆزىگە قارىدىم. بىراق ئۇنىڭ مەن بىلەن ھەپسىلىسى يوق ئىدى. ئالدىمدىكى ئورۇندۇق يۈلەنچۈگىنىڭ تۈمۈرىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ يىقىلىپ چۈشمەسلىككە تىرىشاتتى. تۇيدۇرماستىن بۇۋاينىڭ ئۈستى بېشىغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىمدە زەن سالدىم. ئۇ بېشىغا كىرلىشىپ كەتكەنلىگىدىن رەڭگىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان شاپاق دوپپا كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇچىسىدا تەردىن شورلىشىپ، ئۆڭى ئۆچكەن ئاق خەسە كۆينەك بار ئىدى. شۇنداق، ئۇ ئۆز ئەينى بىر سەھرالىق ئىدى. پۇتىدىكى بىر پېيىنىڭ بىقىنى بۈسۈلۈپ كەتكەن ھەربىچە چۇخىيىدىن بوز رەڭلىك پايپىقى ئوغرىدەك مارىلاپ تۇرتتى.  ئۇ كىملەردىن مىراس قالغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر ئەبجەق قارا سومكىنى خۇددى بىرسى ئېلىپ قاچىدىغاندەك شۇنداق چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. بۇغداي ئۆڭگە مايىل كەلگەن ياداڭغۇ چىرايىنى ساناقسىز ئەگرى -بۈگرى قورۇقلار ئېگەللىگەن بولۇپ ، پىشانە ھەم چىكىللىرىدىن ئاققان سارغۇچ تەرلەر ماڭلىيىنى بويلاپ، ئۆچكىنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر تۇتام ئاق ساقىلىغا سىڭىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بەدىنىنى كۆتۈرىپ بولالماي دىر-دىر تىترەۋاتقان پۇتلىرى، بارغانسىرى قىسماقتەك ئېگىلىپ كېتىۋاتقان بەللىرى ماڭا ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك، ھەتتا مېنى بېسىپ چۈشىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.. ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ، كۆڭلۈمدە «ئۆپكە كېسىلى بولسا يۇقۇپ قالمىسۇن يەنە» دېگەنلەرنى ئويلىدىممۇ ئېيتاۋۇر، ئاستاغىنە دەرىزە تەرەپكە سىغدالدىم. ئاپتۇبوس ھەر قېتىم  تورمۇزلانغاندا بۇ سەھرالىق قېرى  ئالدىمدىكى ئۇرۇندۇق تەرەپكە سىلجىيتى يۇ يەنە مەن تەرەپكە كىلىپ قالاتتى. تۇرۇپلا بوۋايغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى بولغاي. ئورنۇمنى بىرىشنى ئۆتۈنىپ بېرىشن خىيالىغا كېلىپ قالدىم. لېكىن يەنە ئارقىدىنلا بۇ ئويۇمدىن ۋاز كەچتىم.
     «توۋا!... ساراڭمۇ مەن، ئورنۇمنى ئۇنىڭغا بەرسەم، مەن بارىدىغان بىكەتكە خېلى ئارىلىق تۇرسا؟ ھېرىپ ھالىمدىن كەتمەمدىم ، بولدىلا نىمە كارىم» دىدىم ئىچىمدە، ئاندىن دەرىزىدىن سىرىتقا پەرۋاسىزلارچە تىكىلىپ ئۆز خىيالىمغا بەنىت بولدۇم. ئاپتۇبوس ئىرىنچەكلىك بىلەن ئۆز يولىنى داۋام قىلماقتا ئىدى. كۆڭۈل قۇشۇم كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاراپ ئۇچۇۋاتاتتى.
   -بوۋا، كەلسىلە بۇ ئورۇندا ئولتۇرۋالسىلا، باياتىندىن بىرى سىلىگە دىققەت قىلماپتىمەن، كەچۈرسىلە- دىگەن يېقىملىق ئاۋاز خىيالىمنى بۆلدى. قارىسام ئالدىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ھېلىقى مېيىپ قىز بىر قولىدا ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا بوۋاينى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزىۋاتقان ئىكەن. كۆڭلۈمدە
«ھە، بۇ توكۇر قىز ئالدىمىزدىكى بىكەتتە چۈشسە كېرەك» شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدىم-دە يەنە ئەينەك تەرەپكە بۇرۇلۇپ، پىيادىلەر يولىدا كىتىۋاتقان كىشلەر ئىچىدىكى بوي تۇرقى كىلىشكەن قىزلارغا كۆزدىن غايىپ بولغىچە ئىشتىياق بىلەن نەزەر سېلىشقا باشلىدىم. ئىككى ئۈچ بىكەت ماڭغاندىن كىيىن، شۇنداق قارىسام ھېلىقى توكۇر قىز بوۋاينىڭ يېنىدا ھاسىسىغا چىڭ تايىنىپ ، بىر قولىدا بوۋاينىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈۋاپتۇ. چىكىسى بىلەن چىرايلىق بۇرنىنىڭ ئەتراپىدا چىكىم چىكىم تەر تامچىللىرى ھاسىل بۇلۇپ، چىرايلىق ئىڭى تامان پەسكە ساقىغىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا قاراپ غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلدى.
    -ۋاي ئەخمەق توكۇر!... خەققە ياخشىلىق قىلىمەن دەپ ئۆزۈڭ قىينىلىپ قاپسەن-دە، ئۆزۈڭنىڭ شورى!-دىدىم ئىچىمدە. يەنە شىرىن خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدىم.
بىر چاغدا يۈزۈمدە بىر نەرسە ماڭغاندەك سىزىم بولدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىدىميۇ، بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، قاچقىلى يەر تاپالاماي قالغان ئادەمدەك ئۇجۇقۇپلا كەتتىم . كۆردۈمكى،  ئۆرە تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىكى سىمىزغىنا كەلگەن بىر ئايالنىڭ كۆزلىرى يەنە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ قېرى ياش نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆزلىرى ماڭا  تىكىلىپ تۇرۇپتۇ. شۇ دەملەردە ، ئۇ كۆزلەردىن چىققان ئەيىپلەش نەزىرىدىكى سوغۇق نۇرلار كۆكسۈمنى تىشىپ ئۆتۈپ ۋۇجۇدۇمنى تىلغاۋاتقاندەك قىلاتتى.
بۇ بۇرۇقتۇمىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاپتۇبوستىن چۈشۈپ كەتمەكچى بولدۇم. ئەمما ئورنۇمدىن تۇرالايۋاتاتتىم. ئىككى پۇتۇم پالەچ بولۇپ قالغاندەك، ماڭا بوي سۇنمايۋاتاتتى. ھېلىقى توكۇر قىز بىر پۇتى بىلەن مەزمۇت دەسسەپ تۇرىۋاتاتتى. يان تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈزۈن ھەم چىرايلىق چاچلىرى بولسا،  ئاپتۇبوسنىڭ يەڭگىل چايقاشلىرىدا لەرزان تەۋرىنىپ جۇلالىنىپ تۇراتتى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-19 00:35:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ ھىكايىڭىزنى تۇنجى قېتىم ئۇقۇشۇم .ئەمما ۋەقە كىچىكىنە بولسىمۇ كىشىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەككۈدەك يېزىلىپتۇ .قايسى كۈندىكى نەسىرىڭىزنىمۇ شۇنداق ياقتۇرغان ئىدىم .پات پات يېزىپ تۇرۇڭ

ۋاقتى: 2015-3-19 01:24:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ھەر جەھەتتىن ياخشى چىققان، ئەمما ماۋزۇ ھەر جەھەتتىن ياخشى قويۇلمىغان.

ۋاقتى: 2015-3-19 10:09:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىدىكى پېرسوناجنىڭ خاراكتىرىدىكى جىددىي ئۆزگۈرۈشلەر  ياخشى يوروتۇپ بېرىلگەن. بايانچى تىلى ياخشى داۋاملاشقان.

ماۋزۇغا « سەسكىنىش»، « مېيىپ»، «ئۆچكەن يۈرەك» دېگەندەك ماۋزۇلارنى قويسىمۇ بولامدۇ يا ئەكبەرجان.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-19 10:29:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايتان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 00:35
سىزنىڭ ھىكايىڭىزنى تۇنجى قېتىم ئۇقۇشۇم .ئەمما ۋەقە كىچ ...

مىنىڭمۇ تۇنجى قېتىم كىچىك بىر ھىكايە يېزىپ مۇنبەرگە يوللاپ بېقىشىم مۇشۇ شۇ، رىغبەتلەندۈرگىنىڭىز ئۈچۈن كۆڭلۈمدە ئۈمۈت پەيدا بولدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-19 10:47:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 10:09
ھېكايىدىكى پېرسوناجنىڭ خاراكتىرىدىكى جىددىي ئۆزگۈرۈش ...

ئەسلى ھىكايىنىڭ ماۋزۇسىمۇ ئۆزۈمگە يارىمىغان ئىدى.  بۇ كىچىككىنە كۆرۈنۈش ئاپتۇبوس ئىچىدە بولغىنى ئۈچۈن كۆپ ئويلانمايلا «ئاپتۇبوستا» دەپ ماۋزۇ قويغانكەنمەن. ھازىر ئويلىسام مەزمۇنغا ماس كەلمىگەندەكلا تۇرىدۇ راس. ھىكايە يېزىشتا سەۋىيەم بەكلا تۆۋەن بولغاچقا مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەنقىدى پىكرىگە مۇھتاجمەن. ھىكايەمگە تۈزۈتۈش بەرگىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن ئۆمەرجان!

ۋاقتى: 2015-3-19 10:49:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       روھى ساغلام تېنى ئاجىز كىشىلەرنى كۆپ كۆردۈم.ئەمما تېنى ساغلام روھى مېيىپ كىشىلەر قەدەمدە بىر ئۇچراپلا تۇردى . شۇنداق خۇلاسە چىقاردىمكى،ھەر بىر كىشىنىڭ ،ھەر بىر ئىشنىڭ ئىچىدە بىر ھىكمەت بار دەيمەن....لىرىكا!

ۋاقتى: 2015-3-19 18:39:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.خ.ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 01:24
ھېكايە ھەر جەھەتتىن ياخشى چىققان، ئەمما ماۋزۇ ھەر جەھە ...

مەنمۇ شۇنداق قارايمەن

ۋاقتى: 2015-3-20 10:59:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىر ھەم شىئېرنى شۇنداق ئوبدان يېشىۋاتقان ئادەمگە نىسبەتەن ھېكايىنىڭ تىلى سەل ئاددىي بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟ مەن شائىر-نەسىرچىلەرنى تىلغا ئىنتايىن باي،  ھېكايە يازسا ئاجايىپ تاتلىق يېزىۋىتىدۇ دەپ قارايمەن. ھېكايە يېزىش سىزگە نىسبەتەن تۇنجى قېتىملىق ئىش بولسىمۇ يەنىلا تەلەپنى قاتتىق قويغىم كەلدى، چۈنكى سىز شۇنىڭغا لايىق.

ۋاقتى: 2015-3-21 00:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايتان يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 00:35
سىزنىڭ ھىكايىڭىزنى تۇنجى قېتىم ئۇقۇشۇم .ئەمما ۋەقە كىچ ...

ھىكايە ئەسلى مۇشۇنداق بولارمىكىن دەپ ئويلۇدۇم .بۇنىڭدا «مەن »ننىڭ خاراكتىرى بەكمۇ ئۇچۇق يۇرۇتۇلۇپ بېرىلگەن .كۆپىنچى ھىكايىلەردە ئاپتۇر ئۆزىنىڭ قارىشىنى پىرسۇنازغا سىڭدۈرىۋېتىدۇ .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-23 20:20:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنى ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرگە، مەزمۇنىغىمۇ ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزدۈم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-23 20:21:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                  مېيىپ كىم؟

                                      ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى

                                                      (ھىكايە)

ئالدىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۇزۇن ھەم قۇندۇزدەك قارا چاچلىرىنى تاماشا قىلىۋاتاتتىم. ئۇ چاچلاردىن چىقىۋاتقان خۇشبۇي پۇراق دىمىقىمغا ھوزۇر بېغىشلايتى. ئاشۇ تەرىقىدە مەن ئۇنىڭ جۇلاسىنى كۆز قارچۇغۇمغا سىڭدۇرىۋاتاتتىم.  چىرايى قانداغراقكىنە؟... ، ھەسسەنەي!... بايا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن بىر قاراپ باقسامچۇ؟!... .
ئاپتۇبوس ئېغىر پۇشۇلدىغىنىچە قاتار كەتكەن ئىگىز بىنالارنى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بۈك باراقسان چىنار دەرەخلىرىنى، پىيادىلەر يولىدا ئۇياقتىن بۇياققا ئالدىراش كىتىۋاتقان كىشىلەرنى ئاستا ئاستا ئارقىغا تاشلاپ كىتىپ باراتتى. ئاپتۇبوس ئىچىنىڭ ئۇستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك ياڭراتقۇلاردىن يىتىپ كىلىش ئالدىدىكى بىكەت بىلەن كىيىنكى بىكەتنىڭ نامى پات-پاتلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى..
ئاپتۇبوسقا چۈشىۋاتقان ئادەمدىن چىقىۋاتقانلار كۆپ ئىدى. نەچچىلىگەن قوللار ئۈستى تەرەپتىكى ئۇزۇن تاياقچىغا ئورنىتىلغان ئۈزەڭگە شەكىللىك تۇتقۇچلارغا ئېسىلاتتىيۇ، تۇتقۇچلار يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالغان قوللار ئېغىر گەۋدىلەرگە قوشۇلۇپ ھەر يان تەۋرىنەتتى.  ئۆرە تۇرىۋاتقان ئادەملەر ئاپتۇبوسنى ھەربىر تورمۇزلىغاندا دەلدۈگۈنۈشۈپ، بىر بىرىگە ئالىيىشىپ غۇدۇرۇشاتتى.
-خۇداغا شۈكرى!...ئاپتۇبوسقا چىققان ۋاختىمدا، ھىلىمۇ ياخشى ماڭا تاق كىشىلىك ئورۇندىن بىرى يېتىپتۇ، بولمىسا دوستۇمنىڭ ئون نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۆيىگە بېرىپ بولغىچە،  قىستاڭچىلىقتا كۆرىدىغان كۈن باركەن ماڭا-دىدىم ئىچىمدە.
ئالدىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۇزۇن ھەم قۇندۇزدەك قارا چاچلىرىنى يەنە تاماشا قىلىشقا باشلىدىم. ئۇ بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرمەيتى، ئەدناسى يان تەرەپكە بولسىمۇ قايرىلىپ قاراپ قوياي دېمەيتى. ئاخىرى تاقەت قىلىپ بولالماي ئورنۇمدىن سەل كۆتۈرۈلۈپ بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ باقتىم، شۇنچە زورۇققىنىمغا چۇشلۇق  ئۇنىڭ كىتاپ تۇتىۋالغان نازۇك قوللىرىنىلا كۆرەلىدىميۇ. چىرايىنىڭ قانداغراق ئىكەنلىگىنى بىلەلمىدىم.
ھورۇن كالىدەك تولىمۇ ئاستا كىتىۋاتقان ئاپتۇبوستىكى زىرىكىشلىك سەپەر ھىچبىر تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن يەنىلا ئۇ قىزنىڭ چىرايلىق چېچىنى ھەۋەس بىلەن كۈزۈتىۋاتاتتىم. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمىدىم بىر چاغ بولغاندا   ئۇ بىردىنلا بېشىنى بۇراپ ئاپتۇبوسنىڭ دەرىزىسىدىن سىرىتقا قارىدى. ھەيھات، ماڭا ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ رۇخسارىنى كۆرۈش نېسىپ بولدى-دە، بىردىنلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم يۈرۈگۈم بولسا كۆكرەك قەپەسلىرىمدە ھەريان سىلكىنىپ، ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قېلىۋاتاتتى.
قىزنىڭ يۈزىنىڭ يان كۆرۈنىشى خۇددى كىنو چولپانلىرىنىڭ رەسىمىدەك چىرايلىق ئىدى.  تۈكۈلۈپ تۇرغان قاش كۆزلىرى، ئىلىپتەك بۇرنى، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان نىپىز، ئەمما يۇمران لەۋلىرى ئىچىمنىڭ بىر يەرلىرىنى قىمىرلىتىشقا ئورۇناتتى. تۇمۇرۇمدىكى قانلار قىززىپ مىنى مەستخۇش قىلماقتا ئىدى.  «مەن بىلەن يۈرۈۋاتقان قىز مۇنۇ كاساپەتنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بىرەلمىگۈدەك، -توختا!...ئامال قىلىپ بۇ گۈزەلنى قولغا چۈشۈرەي، كىيىنچە كۆڭلۈم چۈشمىسە، كەينىمگە قارىماي كەتسەم بولمىدىمۇ؟... شەھىرىمىزدە قىز ئازمىدى؟!....» ھىس تۇيغۇللىرم قاناتلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا قانداق گەپ ئاچسام بۇلار؟.... .
تۇيۇقسىز كۆزۈم قىز ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ بېقىنىغا قىستۇرۇلغان بىر دانە ھاسىغا چۈشۈپ قالدى. كۆڭلۈم ئۆيگەندەك بولدى.  بۇ قىز توكۇرمۇ نىمە؟... ، بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمەي يەردىن بىر نەرسە ئىزدىگەن بولۇپ، ئاستا ئورۇندۇق ئاستىدىن قىزنىڭ پۇتىغا قاراپ بېقىپلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ تۈز ئولتۇرىۋالدىم. تاتلىق خىياللىرىمنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ قۇيۇلۇپ كەتكەندەك، كۆڭلۈم لاسسىدا بولۇپ قالدى. قىزنىڭ ئوڭ پۇتى سول پۇتىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئىنچىكە ھەم قىسقا بولۇپ، بىر قارىماققا يالغان پۇتتەكمۇ كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭغا قايتا قارىماسلىق ئۈچۈن ئاپتۇبوس ئەينىگىدىن سىرىتقا قارىۋالدىم.  چۈنكى ئىچىم سوۋۇغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭدىن رايىم قايتقان ئىدى.
  بىردەمدىن كېيىن ئاپتۇبوس ئىچىدىكى ئادەم تېخىمۇ ئاينىپ كەتكەن بولسا كىرەك، ئەمدىلىكتە ئۆرە تۇرغانلار ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغانلارنىمۇ قىستاۋاتاتتى.  ئاپتۇبوس دەرىزىسىدىن سىرىتقا قاراپ، شەھىرىمىزنىڭ يازدىكى گۈزەللىگىدىن ھوزۇر ئالغاچ ئاغىنىلەر بىلەن بۈگۈن كەچتە بېرىشقا كىلىشىپ قويغان «ۋىناس» يەر ئاستى مۇزىكا كۇلۇبىنىڭ پەيزىنى ئويلاشقا باشلىدىم. «بۈگۈن كۇلۇبقا كىلىدىغان قىزلار بىر بىرىدىن چىرايلىق بۇلىشى مۇمكىن، پۇخادىن چىققۇدەك راسا ئوينىمىسام خەپ!....»
  بىردىنلا قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلانغان ئېغىر ھاسىراش پەيزىمنى قاچۇردى. بېشىمنى بۇراپ قارىسام يەتمىش ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بوۋاي باشقىلارنىڭ قىستىشى بىلەن ماڭا سۇۋۇشۇپ دىگۈدەك ھالەتتە قېشىمدا ئۆرە تۇراتتى. ئۇنىڭدىن كىلىۋاتقان قاڭسىق تەر پۇرىقىدىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ، ئۆچمەنلىك بىلەن كۆزىگە قارىدىم. بىراق ئۇنىڭ مەن بىلەن ھەپسىلىسى يوق ئىدى. ئالدىمدىكى ئورۇندۇق يۈلەنچۈگىنىڭ تۈمۈرىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ يىقىلىپ چۈشمەسلىككە تىرىشاتتى. بۇۋاينىڭ ئۈستى بېشىغا مەنسىتمەسلىك نەزىرىمدە زەن سالدىم. ئۇ بېشىغا كىرلىشىپ كەتكەنلىگىدىن رەڭگىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان شاپاق دوپپا كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇچىسىدا تەردىن شورلىشىپ، ئۆڭى ئۆچكەن ئاق خەسە كۆينەك بار ئىدى. شۇنداق، ئۇ ئۆز ئەينى بىر سەھرالىق ئىدى. پۇتىدىكى بىر پېيىنىڭ بىقىنى بۈسۈلۈپ كەتكەن ھەربىچە چۇخىيىدىن بوز رەڭلىك پايپىقى ئوغرىدەك مارىلاپ تۇرتتى.  ئۇ كىملەردىن مىراس قالغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر ئەبجەق قارا سومكىنى خۇددى بىرسى ئېلىپ قاچىدىغاندەك شۇنداق چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى. بۇغداي ئۆڭگە مايىل كەلگەن ئۇرۇق ياداڭغۇ چىرايىنى ساناقسىز ئەگرى -بۈگرى قورۇقلار ئېگەللىگەن بولۇپ ، پىشانە ھەم چىكىللىرىدىن ئاققان سارغۇچ تەرلەر ماڭلىيىنى بويلاپ، قۇزۇقتەك ئۇچلىنىپ قالغان ئىڭىكىدە سالپىيىپ تۇرغان، ئۆچكىنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر تۇتام ئاق ساقىلىغا سىڭىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بەدىنىنى كۆتۈرىپ بولالماي دىر-دىر تىترەۋاتقان پۇتلىرى، بارغانسىرى قىسماقتەك ئېگىلىپ كېتىۋاتقان بەللىرى ماڭا ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك، ھەتتا مېنى بېسىپ چۈشىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.. ئۇنىڭ ھاسىراشلىرىغا قاراپ، كۆڭلۈمدە «ئۆپكە كېسىلى بولسا يۇقۇپ قالمىسۇن يەنە» دېگەنلەرنى ئويلىدىممۇ ئېيتاۋۇر، ئاستاغىنە دەرىزە تەرەپكە سىغدالدىم. ئاپتۇبوس ھەر قېتىم  تورمۇزلانغاندا بۇ سەھرالىق قېرى  ئالدىمدىكى ئۇرۇندۇق تەرەپكە سىلجىيتى يۇ يەنە مەن تەرەپكە كىلىپ قالاتتى. تۇرۇپلا بوۋايغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى بولغاي. ئورنۇمنى ئۆتۈنۈپ بېرىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم. لېكىن يەنە ئارقىدىنلا بۇ ئويۇمدىن ۋاز كەچتىم.
     «توۋا!... ساراڭمۇ مەن، ئورنۇمنى ئۇنىڭغا بەرسەم، مەن بارىدىغان بىكەتكە خېلى ئارىلىق تۇرسا؟ ھېرىپ ھالىمدىن كەتمەمدىم ، بولدىلا نىمە كارىم» دىدىم ئىچىمدە، ئاندىن دەرىزىدىن سىرىتقا پەرۋاسىزلارچە تىكىلىپ ئۆز خىيالىمغا بەنىت بولدۇم. ئاپتۇبوس ئىرىنچەكلىك بىلەن ئۆز يولىنى داۋام قىلماقتا ئىدى. كۆڭۈل قۇشۇم كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاراپ ئۇچۇۋاتاتتى.
   -بوۋا، كەلسىلە بۇ ئورۇندا ئولتۇرۋالسىلا، باياتىندىن بىرى سىلىگە دىققەت قىلماپتىمەن، كەچۈرسىلە- دىگەن يېقىملىق ئاۋاز خىيالىمنى بۆلدى. قارىسام ئالدىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ھېلىقى مېيىپ قىز بىر قولىدا ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا بوۋاينى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزىۋاتقان ئىكەن.
«ھە، بۇ توكۇر قىز ئالدىمىزدىكى بىكەتتە چۈشسە كېرەك» شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدىم-دە يەنە ئەينەك تەرەپكە بۇرۇلۇپ، پىيادىلەر يولىدا كىتىۋاتقان كىشلەر ئىچىدىكى بوي تۇرقى كىلىشكەن قىزلارغا، كۆزدىن غايىپ بولغىچە ئىشتىياق بىلەن نەزەر سېلىشقا باشلىدىم. ئىككى ئۈچ بىكەت ماڭغاندىن كىيىن، شۇنداق قارىسام ھېلىقى توكۇر قىز بوۋاينىڭ يېنىدا ھاسىسىغا چىڭ تايىنىپ ، بىر قولىدا بوۋاينىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈۋاپتۇ. چىكىسى بىلەن چىرايلىق بۇرنىنىڭ ئەتراپىدا چىكىم چىكىم تەر تامچىللىرى ھاسىل بۇلۇپ، چىرايلىق ئىڭى تامان پەسكە ساقىغىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا قاراپ غۇژژىدە ئاچچىغىم كەلدى.
    -ۋاي ئەخمەق توكۇر!... خەققە ياخشىلىق قىلىمەن دەپ ئۆزۈڭ قىينىلىپ قاپسەن-دە، ئۆزۈڭنىڭ شورى!-دىدىم ئىچىمدە. يەنە شىرىن خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدىم.
بىر چاغدا يۈزۈمدە بىر نەرسە ماڭغاندەك سىزىم بولدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قارىدىميۇ، ياتقان ئورنىغا سىيىپ قويۇپ، ئانىسىدىن قورقۇپ قاچقىلى يەر تاپالاماي قالغان كىچىك بالىدەك ئۇجۇقۇپلا كەتتىم . چۈنكى،  ئۆرە تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىكى سىمىزغىنا كەلگەن بىر ئايالنىڭ مەسخىرە ئارىلاش، ئەيىپلەش نەزىرىدىكى كۆزلىرى ماڭا مىختەك  تىكىلىپ تۇرۇپتۇ. ئىتتىكلا يەرگە قاراپ تۇرىۋالدىم. لىكىن سىزىۋاتىمەن، ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ نۇرغۇن كۆزلەر ماڭا تىكىلىۋاتاتتى. بۇ كۆزلەردىن چىققان نەشتەرسىمان نۇرلار يۈزۈمگىلا ئەمەس پۈتۈن تىنىمگە قادىلىۋاتاتتى. شۇ دەقىقىلەردە، ئىچى ئىچىمدىن قۇرۇپ كىتىۋاتىمەنۇ بېشىمدىن بىر چىلەك ئىسسىق سۇنى قۇيۇۋەتكەندەك، چىلىق-چىلىق تەر ئىچىدە قېلىۋاتاتتىم. ھېلىقى توكۇر قىزنىڭ ئۇزۇن ھەم قاپقارا چاچلىرى تەرەپ تەرەپتىن جىسمىمغا قامچىدەك يۆگۈشۈپ، ۋۇجۇدۇمنى ئۇششاق پارچىلاپ ئورۇندۇق ئاستىغا تىقىۋاتاتتى.
بۇ بۇرۇقتۇمىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاپتۇبوسنىڭ دەرىزىسىدىن بولسىمۇ چۈشۈپ كەتمەكچى بولدۇم. ئەمما ئورنۇمدىن تۇرالايۋاتاتتىم. پۇتۇم ماڭا بوي سۇنمايۋاتاتتى.شۇ چاغدىلا ئىككى پۇتۇمنىڭ مېيىپ بولۇپ بولغىنىنى ئاندىن بىلدىم.
  ھېلىقى توكۇر قىز بىر پۇتى بىلەن مەزمۇت دەسسەپ تۇرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىللىق تەبەسسۇم ئاپتۇبوس ئىچىگە ئۆز شولىسىنى چېچىۋاتاتتى. يان تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈزۈن ھەم چىرايلىق چاچلىرى بولسا،  ئاپتۇبوسنىڭ يەڭگىل چايقاشلىرىدا لەرزان تەۋرىنىپ جۇلالىنىپ تۇراتتى.

ۋاقتى: 2015-3-24 07:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىققان ھىكايە ئىكەن !ئاپىرىن !

مھراي بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-4-20 12:43:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-4-20 18:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              

         تاشيولچىنىڭ بۇ ھىكايىسى ياخىشى يېزىلغان بولۇپ ،رۇھى مەجرۇھلارغا  ئۇرۇلغان قامچا بوپتۇ، پات_پات مۇشۇنداق بەلەن ھىكايىلەرنى يېزىپ تۇرغايسىز !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش