كۆرۈش: 183|ئىنكاس: 10

ياقۇپجان قۇربان: غەزەللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6593
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 505
تۆھپە : 0
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 17:52:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەر
ياقۇپجان قۇربان

(1)

نۇرانە تاڭ بۇلاقى چايقىلىپ كۈلسە زىناقىڭدىن،
قەلب بوستاننى سۆيگۈ باغاشلار ئاي سىياقىڭدىن.

شامال شەپەڭنى بەرسە يەر تېگىدىن ياكى ئاسماندىن،
ئۆتۈشكە ئىنتىزارمەن جان بىرىپ ھىجران- سىناقىڭدىن.

غېرىپلىق تۈنلىرى سۆيگۈڭ ئوتىدا كۈلگە ئايلاندى،
چېچەكلەر قۇمدا يۇلتۇزدەك باھارىم، ئىشتىياقىڭدىن.

ۋىسال شامى بېھىشنىڭ ئاسمىندا ئايغا ئايلانسا ،
سۆيۈلدى يەر-جاھان جىسمىم ئارا ئېرىپ قۇچاغىڭدىن.

بوسۇغاڭغا تۇتاش يولدا قاناتلىق يولچىمەن مەڭگۈ ،
قۇياشتەك چوغلىنار جىسمىم سېھىرلىك كۆز قاراقىڭدىن.
(2)
كۈندە تاقەتسىزلىنىپ، يوللاردا كۆپ ئاۋارىمەن،
تاقىتىم ئوكيانىدا لەيلەپ-چۆكۈپ، ئاۋارىمەن.

كىرپىگىمگە تۈندە شەبنەملەر مالامەت ئەيلىسە،
سىردىشىپ يامغۇر بىلەن ياشلار تۆكۈپ،ئاۋارىمەن.

گاھى چاقماق رىغبىتىدىن سەن تامان ئالغاندا يول،
بارغىچە مەھەلەڭگە ئەغياردىن مۆكۈپ،ئاۋارىمەن.

سەن كىلىپ سۇ ئۇسسىغان چىم-چىم بۇلاققا باغلىنىپ،
تار كوچاڭدىن بىقارار ھەر يان ئۆتۈپ، ئاۋارىمەن.

شوخ شامال ھىدلاپ ئىپارىڭنى دەرىزەڭ چەككىچە،
ئايلىنىپ يۇلتۇزغا ئۆگزەڭدە كۆيۈپ ،ئاۋارىمەن.

سايرىدىم قۇشلار تىلىدا كۈي قېتىپ ئىسمىڭ بىلەن ،
ئايۋىنىڭ نەققاشلىرىدا چۈش كۆرۈپ، ئاۋارىمەن.

ئايالىنار زۇلفىڭدا تۈن،قارچۇقلىرىڭدا ھەم قۇياش،
بىر دىدارغا كۈن ساناپ بارماق پۈكۈپ،ئاۋارىمەن.
(3)

مۇھەببەت رەھنىمالىق ئىزدىدى،چەكتى رىيازەتنى
رىيازەت تاقىتىگە پۈتتى كىم، مۇنچە شىجائەتنى،

مۇھەببەتتىن قارا تۈنلەر قاراڭغۇ بولمىدى زىنھار،
مۇھەببەتلىك يۈرەك زىنداندىمۇ كۆردى ھىدايەتنى.

مۇھببەت دە-تالاشسىز بىر مىراسى بولدى قەۋمىمنىڭ،
مۇھەببەتتىن ئۆگەندى نەپسىكەشلەر چىن دىيانەتنى.

مۇھەببەت ئېتىقاتتا ئايرىدى مەرد بىرلە نامەردنى ،
مۇھەببەت يازدى شۇنداق قان بىلەن ئۆلمەس ھېكايەتنى.

مۇھەببەت ئاپىرىدە ئەيلىگەن جان نېمىتى بىر كۈن،
مۇھەببەت ۋەسلىدە ئىمان بىلەن قۇچقاي قىيامەتنى.
(4)
ئەقىدەم گۈلشىنى قالدى پاناھسىز،كەلمىدىڭ بۇ كەچ،
ئارامسىز تۈننى سۆيگۈمگە يېپىنچا ئەيلىدىڭ بۇ كەچ.

شامالدا ئەركىسىز شاخلار ئۇچۇپ ھەريانغا تاشلانسا،
قىلىپ ياپراقنى سەگۈنچەك، مىنى ئەللەيلىدىڭ بۇ كەچ.

تۇلۇنئاي قارىچۇغىڭدا ئوت يېقىپ يۇلتۇزغا ئاۋارە،
قۇياشنىڭ تاڭدىكى تەشنالىقىنى بىلمىدىڭ بۇ كەچ.

ئېقىن ئەتسە تېمىپ كىرپىكلىرىمدىن ناتىۋان شەبنەم،
سەمەرقەنت ئالمىسىدەك قارىچۇغىمدا لەيلىدىڭ بۇ كەچ.

پەلەك چەرخىڭدە ھىجراندىن يېرىلغان تاشقا ئىمكان يوق،
ۋاپا بوستانىدا نازۇك چىمەننى چەيلىدىڭ بۇ كەچ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەقيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 23:16  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1056
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1087
تۆھپە : 0
توردا: 113
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 18:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقيار ئەپەندىنىڭ قۇتلۇق قەلىمىگە مۇبارەك! بەك قاملىشىپتۇ! لىرىكىلار ئۈزۈلمىگەي، ئىنشائاللاھ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1373
تۆھپە : 0
توردا: 262
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 18:48:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 983
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2478
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 20:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقيار  ئەپەندى، قۇتلۇق بولسۇن،  غەزەللىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، بولۇپمۇ «بۇ كەچ»نىڭ قىممىتى خېلى بار...ئامەت يار بولسۇن...بىراق « قەلب، بېرىپ، غېرىبلىق، چېچەكلەر، مەھەللەڭگە، كېلىپ، مەرد،  ئېتىقاد، نامەرد، مېنى، قارچۇقۇم...» دېگەن سۆزلەر توغرا يېزىلغان بولسا، قانداق ياخشى بولغان بولاتتى-ھە؟  غەزەل يېزىش-ئەۋزەل ئىش...تېمىلار تېخىمۇ يېڭىلىنىشقا يۈزلەنسە...ئاقساقاللىق قىلىپ قويغىنىمنى كەچۈرۈڭ. مەنمۇ بىر ئۆگەنگۈچىدۇرمەن...

باھا سۆز

ئابدۇرېھىم زۇنۇ  ماۋۇ «قارچۇقۇم» دېگەن سۆز «قارىچۇقۇم» (تۆت بوغۇم) بولىشى كېرەك...  يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 20:41:11

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6593
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 505
تۆھپە : 0
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 23:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلارنىڭ دوستانە تەكلىۋىگە كۆپ رەخمەت، جەزمەن تىرىشچانلىق كۆرسىتمەن....

Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 2429
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 17118
تۆھپە : 6
توردا: 1141
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 00:37:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەر ياخشى چىقىپتۇ. قۇتلۇق بولسۇن ھەقيار!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5135
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1165
تۆھپە : 0
توردا: 101
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 10:42:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹مېھىر بىلەن دۇنيا گۈزەل››دەپ نىدا قالغان ئىدى پەرىدە ئىسمائىل .
دۇنيانىڭ گۈزەللىكى مېھىر رىشتىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان قەلبلەردە.....لىرىكا

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6688
تۆھپە : 0
توردا: 270
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 20:54:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقيار ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە مۇبارەك بولغاي.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5397
تۆھپە : -1
توردا: 1161
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە قۇت  تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  922
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 380
تۆھپە : 0
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ok

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9544
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوزۇرلاندىم ، ياخشى يېزىلغان غەزەلكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش