كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 43

ئامىنە ئابدۇۋايىت : يېتىم بولدوق ئىنىم ئىككىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 1339
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5059
تۆھپە : 14
توردا: 1576
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 17:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېتىم بولدوق ئىنىم ئىككىمىز

(ئاتامنىڭ ۋاپاتىدىن تولىمو قايغۇردۇم ، ئىچىمغا پاتمىغان ئەلەملىرىمنى قەلىمىم بىلەن ئىزھار قىلىشنى لايىق تاپتىم ) .

بېشىمىزغا چۇشتى مۇشكۇل كۇن ،
مارت ئېيىنىڭ ئونىنچى كۇنى .
بەندىچىلىك قىلدى جان ئاتام ،
ئەزان ۋاقتى سەيشەنبە تۈنى .

ئاتا !! دېدوق يىغلىدوق زار -زار ،
يامغۇر بولوپ ئاقتى يېشىمىز .
ئەل ھۆكمى ھەق دېدى جامائەت ،
يېتىم بولدوق ئىنىم ئىككىمىز .

تەتىل قىلىپ كەلسە بەش نەۋرەڭ ،
سەن توغرىلىق نىمىمو دەرمەن .
باشلاپ بېرىپ تۇپراق بېشىغا ،
ياقا يىرتىپ فەرياد چېكەرمەن .

ئاتا - ئاتا - ۋاي جېنىم ئاتا !!!
بەك چىداملىق قەيسەر ئىدىڭغو ؟
ئۆيىمىزدە خىزىردەك تۇرغان ،
نۇرلۇق ماياك ئەختەر ئىدىڭغو ؟

ئاشساڭمو گەر توقسان ئۇچ داۋان ،
قىلچە ۋايساپ قاخشىمىغانتىڭ .
مۇكچەيتسىمو بېلىڭنى تۇرمۇش ،
پەقەت - پەقەت چاندۇرمىغانتىڭ .

ئېگىزيەر @ دە بولغان ئۇرۇشتا ،
پىلموت ئاتتىم دەپ بەرگەن ئىدىڭ .
ئېڭىكىڭدا قالغان تاتۇقنى ،
ئوق ئىزى دەپ كۆركەتكەن ئىدىڭ .

سۆز ئېچىلسا ئون بىر بېتىم @ دىن ،
ۋايىزلاردەك سۆزلەپ كېتەتتىڭ .
‹‹ئازات قىلغان جوڭگونى مەن دەپ ›› ،
پەخىرلىنىپ مەغرۇر كۇلەتتىڭ .

باشلانغاندا مودىھىش كۇنلەر @ ،
كەيدۇرگەنكەن بېشىڭغا موزا @ .
قارىلىنىپ قارا يىپ بولوپ ،
سېلىنغانكەن قولوڭغا كويزا .

ئاي ئون بەشى قاراڭغو بولسا ،
بولغىنىدەك ئون بەشى يورۇق .
ئو كۇنلەر @ مو كەلمەسكە كېتىپ ،
ھايات يولوڭ نۇرلانغان تولوق .

نۇرغۇن ئىشلار ئۆتسىمو باشتىن ،
قەدىرلەيتتىڭ بىلىملىكلەرنى .
مىھمان قىلىپ قويمو سوياتتىڭ ،
ئۇچقېتالساڭ ئىلىملىكلەرنى .

خورلوق بىلىپ ساۋاتسىزلىقنى ،
جۇپ بالاڭنى  قىلدىڭ ساۋاتلىق .
ئىخلاسىڭدىن تۇلپار مىندۇرۇپ ،
پەن كۆكىدە قىلدىڭ قاناتلىق .

ئەجرىڭ بىلەن بولوپ بىجىرىم ،
غەم - غۇسىسىز ياشىغان ئېدوق .
ھالال مېھنەت - ھالال ئەمگەكتىن ،
بەخىتلىك دەپ سانالغان ئىدوق .

مەرت -سېخىلىق بولغاچ قېنىڭدا ،
قۇرۇق كەتمەي ئەپ كەتتىڭ باھار .
دەرتلىك تىنىپ ئاچچىق تولغاندوق ،
قىلغىنىڭدا مەڭگولوق شىكار .

مانا ئەمدى غەمگە چىلىشىپ ،
ئولتىرىمىز كۆزىمىزدا ياش .
تاپالمايدو ئانام تەسەللى ،
تاشلاپ كەتكەچ ئونى يار ، ئاداش ،

بەستىڭ ئىزدەپ تاققا قارىساق ،
تاغ سۇكۇتتە ئەگدى بېشىنى .
مېھرىڭ ئىزدەپ قوياشقا باقساق ،
بۇلۇت كۆيۇپ تۆكتى يېشىنى .

كۆزۇڭ ئىزلەپ يۇلتۇزغا باقساق ،
چىمچاقلاتتى چولپان كۆزىنى .
چېھرىڭ ئىزلەپ ئايغا تەلمۇرسەك ،
ئاي دالدىغا ئالدى ئۆزىنى .

لەۋنى چىشلەپ زىمىنغا باقساق ،
زىمىن مەغرۇر تەۋرىنىپ قويدى .
‹‹قىيامەتلىك ماكان مەندە ›› دەپ ،
سەزگۇمىزنى سەگىتىپ قويدى .

چۇشەندوق بىز بىر ھەقىقەتنى ،
بو دۇنيادىن ھامان كېتىشنى .
سەن تاپقاندەك يېقىنلىرىڭنى ،
مەھشەرگاھدىن تۇققان تېپىشنى .

خاتىرجەم بوپ ئال ئاتا ئارام ،
قەۋرەڭنى بىز يوقلاپ تۇرىمىز .
سەن ئۇگەتكەن ئايەتنى ئوقۇپ ،
دۇئا - تەگبىر يوللاپ تۇرىمىز .


ئېگىزيەر - يېڭىسار ناھيىسىدىكى بىر كەنت .
ئونبىر بېتىم -گومىنداڭ ئارمىيەسى  بىلەن مىللىي ئارمىيە تۇزگەن 11 ماددىلىق كېلىشىم بولوپ ، بو تارىختا 11 ماددىلىق بېتىم دەپ ئاتالغان .
مۇھدىھىش كۇنلەر - مەدىنيەت زور ئىنقىلاۋى.
موزا -جازا قالپىقى .
قارا يىپ  - چەتكە باغلانغان ئۇنسۇر (شو چاغدىكى ئاتالغو ).


2015-3-10 -ئاقتۇ



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-15 15:59  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1373
تۆھپە : 0
توردا: 262
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 18:47:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئامىنە خانىم، سىزگە سەۋر تىلەيمەن.
شېئىردىكى ماتەم-مۇسىبەت تۇيغۇسىدىن،  ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولغان ئاتىغا بولغان سېغىنىش ھېسىياتىدىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى...ھاياتلارنىڭ بەختى ئۈچۈن چىداملىق بولمىساق بولمايدىكەن....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1558
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1932
تۆھپە : 0
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 18:58:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە سەۋىر تىلەيمەن،ئاتىڭىزنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي،

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3494
تۆھپە : 4
توردا: 312
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 19:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللادىن سىزگە سەۋىر تىلەيمەن ئامىنە خانىم. بەردەم بولۇڭ!
مۇسىبەتنامىڭىزدىكى ئاتىڭىزغا بولغان سېغىنىش ئازابى مىنىڭمۇ يۈرۈگۈمنى ئەزدى. ھەم ئاتىڭىزنىڭ ھاياتىنى ئەل ئۈچۈن ئاتىغان ئىسىل ئىنسان ئىكەنلىگىنى چۈشەندىم. مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ! ئائىلىڭىز سىزگە مۇھتاج. بالىلارغا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ. ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 986
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2481
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 19:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئامىنە، سەبرى تىلەيمەن، ئاڭلىماي قاپتىمىز، بېرىپ مۇڭداش بولار ئىدۇق، تەسەللىي بېرەر ئىدۇق...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 986
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2481
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 19:06:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئامىنە، سەبرى تىلەيمەن، ئاڭلىماي قاپتىمىز، بېرىپ مۇڭداش بولار ئىدۇق، تەسەللىي بېرەر ئىدۇق...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  258
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2928
تۆھپە : 0
توردا: 1311
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 19:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە ھەدە،  ئاللاھتىن مەرھۇمغا مەغفىرەت ، سىلەرگە سەۋر تىلەشتىن ئۆزگىگە قادىر ئەمەس ئىكەنمىز .  ئاللاھ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلغاي .

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6770
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10288
تۆھپە : 0
توردا: 819
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 21:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               ....ياشاپسىز  ئەسىرگە تەڭ توۋرۈك بولۇپ ،
                    ئوغۇلدەك  قىزلارنىڭ  ئاتىسى  بولۇپ .
                    ياشاپسىز توغراقنىڭ قىسمىتى بىرلە -
                    تارىخنىڭ شاھىدى - كاتتىسى بولۇپ .
                  
                    

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  669
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1910
تۆھپە : 0
توردا: 191
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 00:02:20 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئىزاھ بېرىلگەن مەزمۇندا يەڭگىل بولمىغان خاتالىق سادىر قىلىنىپتۇ،«ئون بىر ماددىلىق بېتىم» گومىنداڭ بىلەن ئازاتلىق ئارمىيە تۈزگەن بېتىم بولماستىن،گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تۈزگەن بېتىم !…

ئەللىك يىلدا ئەل يېڭى،
يۈز يىلدا بولۇر يەر يېڭى !...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  176
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3871
تۆھپە : 14
توردا: 580
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 10:15:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئالەمدە سىز ئۈچۈن يانغان يىگانە دەرمان چىرىقى ئۆچكەندە سىزنىڭ قايسى دەرىجىدە ئازابلىنىپ كەتكىنىڭىزنى قىياس قىلماقمۇ تەس. شۇنداقتىمۇ سىزگە سەۋر تىلەشتىن باشقا ئىلاج يوق. چۈنكى، ئۆلۈم شاھ ۋە گادايغا ئوخشاشلا باراۋەر مەجبۇرىيەت ئىكەن. بەردەم بولغايسىز!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6208
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1102
تۆھپە : 0
توردا: 396
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 10:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە! سىزگە مۇنداق تەسەللى  ئېيتىمەن. سىز --
بىر جەڭچىنىڭ قىزى بولغانلىقىڭىز بىلەن ئاتىڭىزدىن ئىپتىخارلىنىشقا ھەقلىقسىز!

مۇمكىن بولسا،ئاتىڭىزنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى پۈتۈنلەپ،بىزگە تەقدىم قىلغان بولسىڭىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5135
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1165
تۆھپە : 0
توردا: 101
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 10:40:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قان يىغلاپ كۆزۈمنىڭ نۇرلىرى ئۆچتى،
ئەسلەيمەن سۈيۈمدە ئاققانلىرىڭنى.
قەۋرەڭدە ختىرجەم ياتقىن ئەي دادا،
پۈركەيمەن گۈللەرگە ماڭغان يولۇڭنى.........لىرىكا!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8062
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 867
تۆھپە : 0
توردا: 303
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:29:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئارتۇقچە قايغۇرۇش ئونىڭ روھىغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. سىزگە ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە سەۋىر تىلەيمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3071
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 382
تۆھپە : 0
توردا: 113
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە سەۋىر تىلەيمەن،
بۇ دۇنيادىكى ئاتىلار ئامان بولسۇن،ئۇ دۇنيادىكلەر جەننەتتە بولسۇن،
غەيرەتلىك بولغايسىز

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6149
تۆھپە : 0
توردا: 1252
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:49:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورغا سەۋر يار بولغاي.مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيرلىك بولغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش