يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3525|ئىنكاس: 7

ئىقبال تۇرسۇن: ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا مىللىي ئويغۇنۇش ئ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا مىللىي ئويغۇنۇش ئېڭى

ئىقبال تۇرسۇن
1
تارىخنىڭ ھەر بىر دوقمۇشىدا ئۆتمۈش ئامىللىرى بىلەن كەلگۈسىنىڭ بىشارەتلىرى بىر-بىرىگە زىچ گىرەلىشىپ كېتىدۇ. خۇددى شۇنداق، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان جەمىئىيتىنىڭ تەرەققىيات ھېھتىياجى يېقىنقى زامان جەمىئيتىگە ئۆتكۈر ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردە يېتىلگەن مۇرەككەپ مەدەنىيەت ئىدىئولوگىيسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە راۋانلاندۇرۇپ، ئىنقىلابى جەڭگىۋارلىق ۋە مىللىي ئۇيغۇنۇش ئېڭىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئالاھىدىلىكىنى ياراتتى.
      ئۇيغۇر ھازىرقى زامان جەمىئىيتى قويۇق فىئوداللىق تۈسكە ئىگە ئەنئەنىۋىي يېقىنقى زامان جەمىئىيتىدىن راۋاجلىنىپ ھازىرقى زامان سوتيالىزىم تۈزۈمىگە ئۆتكەن جەمئىيەت، يەنى خوجىلار ۋە جۇڭغارلار تېرورلۇقى ھۆكۈم سۈرگەن جاھالەت چۆمپەردىسىگە ئورالغان، خۇراپاتلىق، قاقشاشلىق، بۇرۇختۇملۇققا تولغان دەۋردىن مىللىتارىستلار ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدا مىللىي، سىنپىي كەمسىتىشكە ئۇچراپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ كونا تۈزۈمگە قارشى تەرەققىيات، مەۋجۇدلۇق ۋە يېڭى كەلگۈسى يولىدىكى كەسكىن كۆرەشلەر قاناتيايغان دەۋرگە قەدەم قويغان جەمىئيەت. شۇڭا ئازاد ۋە بەختلىك يېڭى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ روھىي تۆۋرۈكىگە، ئالغا ئىلگىرلەش كۆرىشىدىكى مۇستەككەم تايانچ قورغىنىغا ئايلانغان. ئۆتمۈشنىڭ خۇنۈك قىياپىتى بىلەن پارلاق كىلەچەكنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىسى بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئېڭىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىدىئولوگىيسى، جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيتىدە دولقۇنلۇق ئىدىيۋىي ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى. شۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، بىز ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ھەسرەتلىك كەيپىياتتا ئۆلۈمنى تەسۋىرلەيدىغان ئەسەرلەردىن كونا شەيئى، كونا كۈچلەرنىڭ جاھىللىقى، مۇتەئەسسىپلىكى ۋە زالىملىقى كەلتۈرگەن ئۆلۈمنى تەسۋىرلەش ۋاستىسىدا تۈن قوينىدا جان تالىشىۋاتقان كونىلىقنىڭ يىرگىنىشلىك رەزىل قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋە ئۇنىڭ خەلق روھىدا پەيدا قىلغان جاراھەت ئازاپلىرىنى ھېس قىلىمىز، شۇنداقلا يەنە، قەھىرمان شەخىسلەرنى باتۇرانە كۆرىشىش، قۇربان بولۇشىنى تەسۋىرلەش ۋاستىسىدا قەھىرمانلىق روھىنى تەۋسىيە قىلىپ كەلگۈسىگە ئىشەنچ ئويغۇتۇش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۇلۇغ، يۈكسەك خارەكتېرىنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ ھازىرقى زامان جەمىئيتىنىڭ رىئال تەلىپى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ھازىرقى زامان تۇرمۇشىمىزغا تۈرتكە بولغان دەۋر ئالاھىدىلىكىدۇر. مەرىپەت، مەدەنىيەت، مۇھەببەت تېمىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر رىئال ئاساسقا ئىگە قىلغان بۇ دەۋر ئەدەبىياتى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋر ئەدەبىياتىغا قارىغاندا، جەمىئىيەت كۆرەشلىرىنى يارقىن ئىپادىلەپ، خەلقنى فىئودالىزىم زۇلىمى ۋە مۇتەئەسسىپلىككە قارشى كۆرەشكە چاقىرىپ، نارازىلىق، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىش ئىدىيلىرى بىلەن خارەكتىرلەندى ھەمدە مىللىي شەكلى، مەزمۇنى، ئىستېتىك قىممىتى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور سىياسىي ۋەقەلەرگە نەپەسداش بولغان مائارىپ، مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىگە مەنبە ۋە ئاساس قىلغان ھالدا بارلىققا كەلدى.
2
   قاراخانىلار دەۋرىدە تۈركىي خەلىقلەر مەدەنىيتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئاچقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يەركەن-سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەمىن يىللىرىدا يەنە بىر قېتىم روناق تاپقاندىن كېيىن، خوجىلارنىڭ تەرىقەت چۆمبەردىسىىگە ئورالغان سىياسىي تۇمانلىرى قوينىدا غايىپ بولۇپ، جۇڭغارلارنىڭ زۇلمەتلىك دوزىقىغا تاشلاندى. تارىم ئاسمىنىنى قاپلىغان جاھالەت تۇمانلىرى ئىلگىرى نۇر چاچقان مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى خاراپلاشتۇرۇپ، ئاۋات مەرىپەت بۆشۈكلىرىنى چۆلسىرىتىپ قويغان، ھەممە ياقنى ناداللىق، جاھىللىق ۋە يوقسۇزلۇق ئىلكىدە ئىڭىرىغان خەلقنىڭ ئاھۇزارى قاپلىغانىدى. بۇ چاغدا جاھاننىڭ يەنە بىر چېتى-ياۋروپادا قاناتيايغان سانائەت-تېخنىكا ئىنقىلابى ھەمدە ئىسلاھات دولقۇنلىرى شىددەتلىك ئېقىم ياساپ، يېڭى ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت چاقىرىقلىرى مەھكۇم خەلقلەرنىڭ بەخت-سائادىتىدىن دېرەك بەرگۈچى ئالتۇن قوڭغۇراق بولۇپ جاراڭلىدى. ئۇنىڭ ياڭراق ئۈنى دۇنيانى يىراق شەرقدە-تارىم ۋادىسىدا قەدىم خارابىلەرگە قوشۇلۇپ ئۇيقۇغا غەرق بولغان خەلقنى غايە-خام خىيال چۈشلىرىگە ئالدانغان بىھۇش ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. مىللەت، ۋەتەننىڭ تەقدىرى-ئىستىقبالىغا قايغۇرىدىغان مەرىپەتپەرۋەر، تەرەقىياتپەرۋەر سودىگەرلەر، كارخانىچىلار ۋە زىيالىلار ئارقا-ئارقىدىن ئاسىيا-ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئەرەب، ھىندى، تۈركىي ۋە ئىېگىلىز ئەللىرىگە بېرىپ بۇ جەمىئيەتتە بارلىققا كەلگەن تۆمۈريول، زاۋۇت-فابرىكا، ماتورلۇق ماشىنىلار، يېڭىچە مائارىپ ۋە يېڭى مەدەنىيەتنى كۆرۈپ، چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىدى ھەم ئۇلاردىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى.① مىللىي مائارىپ مەدەنىيەت ۋە تېخنىكىنىڭ مىللەتنىڭ تەرەقىياتىدىكى جىددى زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھۈسەيىن مۇساھاجى ( 1844-1926-يىللار) بىلەن باۋۇدۇن مۇساھاجى ( 1851-1928) ئۆز ئىقتىسادىدىن پۇل چىقىرىپ تارىختا « ھۈسەينىيە مەكتىپى» دەپ ئاتالغان تۇنجى پەننىي مەكتەپ-ئاتۇش ئىكساك مەكتىپىنى 1885-يىلى قۇرۇپ چىقتى. ②شۇنىڭغا ئەگىشىپ قەشقەر، يەركەن، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن زاۋۇت-فابرىكىلار، كارخانا-شىركەتلەر قۇرۇلۇپ مىللىي سودا-سانائەتنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.③1896-يىلدىن 1911-يىللارغىچە تۈركىيەدە مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان جەدىتىزم④ ھەركىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن چوڭ فىئودال ئابدۇل ئەزىز ئىبىنى سەئۇد ( 1880-1953) رەھبەرلىكىدە 1920-يىلى ئېلىپ بارغان مىللىي ئىسلاھاتچىلىق ئىنقىلابىنىڭ ئىلىم-پەن بىلەن ئىسلام ئەقدىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كونا جەمىئىيەت ۋە كونا كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆزگەرتىش تەشەببۇسلىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ۋادىسىدىكى خەلقلەرگە زور ئىلھام بېغىشلاپ فېئوداللىزىم خۇراپاتلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مەدەنىيەت-مائارىپ ئارقىلىق يېڭى جەمئىيەت يارىتىشتىكى ئىددىيۋى قۇرالغا ئايلاندى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ، شىمال ۋە شەرقىدە يېڭى مەكتەپلەرنىڭ نۇرلۇق مەشئىلى يېنىشقا باشلىدى. ⑤ ھازىرقى زامان مائارىپ ھەركىتىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىغا كۆتىرىلىشگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا مىللىتارىستلار ۋە يەرلىك بەگ-پومشىكلارنىڭ زۇلىمىغا قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرى قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپان،قۇمۇل، ئىلى قاتارلىق شەھەرلەردە ئىلگىرى-كېيىن پارتىلدى.⑥ بۇ قوزغىلاڭلار قىسمەن غەلبە قىلغان بولسىمۇ، شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى، كۆرەش مەقسىتىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، توغرا، يىراقنى كۆرەر رەھبەرلىك يېتەكچىلىك قىلمىغانلىقى ھەمدە خەلقنىڭ نادان، قاراملىقى، مەزھەپچىلىك تۈپەيلىدىن پاجئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىدى. قۇمۇل تۇرپان يېغلىقى، تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى، تۇرپان مۇھىدى قوزغىلىڭى، ئابدۇكىرىمخان مەخسۇم باشچىلىقىدىكى قەشقەر قوزغىلىڭى، ئىلى قوزغىلىڭى، جاللات ياڭ زىڭشىن تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى.⑦ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زۇلمەت بىلەن قاپلانغان، ھەقىقەت ئۆزىنى پىنھان تۇتقان ھەسرەتلىك جەمىئيەت شارائىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھى كەيپىياتىنى سۇندۇرۇپ، ۋۇجۇدىدىكى ئۈمىد-ئىشەنچ چىرىقىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ئازلا قالغانىدى. ھازىرقى زامان جەمىئيتىدىكى ئىلىم-مەرىپەت، مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋە ئىچكى تاشقى سىياسىي تەسىرلەر ئۇيغۇر پىسخىكىسىنىڭ چوڭقۇر تىراگىدىيلىك قاينىمىدا تۇنجۇقۇپ كېتىۋاتقان ھاياتلىق ئىستەكلىرىنى قۇتقۇزۇپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە مەدەنىيەت گۈللىنىش ئېڭىنى ئۆستۈردى. روسىيە ئۆكتەبىر ئنقىلابى غەلبىسىدىن دۇنياغا سوۋېت ھاكىميىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن يۈرگۈزگەن سودا، قاتناش، مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رۇس، تاتار، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قازاق ئەدەبىياتنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىنى ئۇيغۇر جەمىئىيتىگە روھلاندۇرغۇچى سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بارغانسېرى ئۇلغىيۋاتقان ھۆرلۈك، ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك چوقانلىرى زۇلمەتلىك تۈن قوينىنى يېرىپ ئۆتۈپ كۆرەش گۈدۈكىنى چالدى. تېخىمۇ قىممەتلىكى شۇكى، بۇ ئىنقىلابى كۆرەش ۋە مىللىي ئويغۇنۇش ئېڭىنى تەشۋىق قىلىدىغان مىللىي دېمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار خاھىشى مەيدانغا كەلدى. خۇددى، يېقىنقى زامان ياۋروپا كاپتالىزمنىڭ فىئوداللىزىمغا قارشى كۆرەش قىلىشتىكى مەنىۋىي قۇرالى ئنسانپەرۋەرلىك بولغىنىدەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمىئيتىنى مەنىۋىيتىدە چوڭقۇر تارتقان مىللىي ئويغۇنۇش ئېڭى يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى « غېرىپلار ھېكاياتى»،« نۇزۇگۇم»،« زەپەرنامە» قاتارلىق بەدىئي ئەسەرلەرنىڭ ئىدىيە ئەنئەنىسى سۈپىتىدە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىچىدە ئۆلۈمنى تەسۋىرلەيدىغان ئىجادىيەت يۈزلىنىشىنى يېڭى مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ خىل ئەدەبىيات خاھىشى سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمىئيتىدىكى رىئال زىددىيەتلەر ھەمدە فىئودالىزم جاھالىتىدىن يېڭى بىر ئىجتىمائىي فورماتسىيەگە قاراپ ئىلگىرلىگەن، ئەنئەنىۋىي، بىكىنمە، قالاق جەمىئيەتتىن ئېچۋېتىلگەن زامانىۋىي جەمىئيەتكە ئىلگىرلىگەن يېقىنقى زامان ئەدەبىيات ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى، راۋاجى ۋە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ( 1876-1937)  ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا مەتبۇئاتچىلىق ۋە شېىئىرىي ئىجادىيەتتە مىللىي ئويغۇنۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن شائىر. ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى ئوقۇش ۋە زىيارىتى ئۇنى مول بىلىمگە ئىگە قىلىپلا قالماي، بۇ ئەللەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتلىرى يېڭى پىكىرگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى يېڭىلىق ۋە تەرەقىياتنى قوللايدىغان ئىلغار پىكىرلىك جامائەت ئەربابىغا ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قانداق قىلىپ ئۆز خەلقىنى جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ، قۇللۇق ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇش ئارزۇسى ئازاپلاپ ئوقۇشنى تېخى تۈگەتمەيلا قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، مەدەنىيەت جېڭى سېپىگە ئاتلاندى. 1918-يىلى باۋۇدۇن مۇساباينىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن « مەتبەئى خۇرشىد، مەتبەئى نۇر» ناملىق مەتبەنى سىرتتىن كىرگۈزۈپ قەشقەردە تۈنجى گېزىت-« ئاڭ گېزىتى» نى دۇنياغا كەلتۈردى.⑧ بۇ گېزىتتە ئۇ مەدەنىيەت دۈشمەنلىرىگە قارشى خەلق ئېڭىنى ئويغۇتىدغىغان جەڭگىۋار سادالارنى ياڭراتتى. شائىر:
بىر قىلىچ بەرسە « خۇدا» كەس! دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلقىم بوينىدىن خارلىق-كىشەن زەنجىرىنى.
گەر خاراپكەن ئەل ۋەتەن كاللامنى ئۈزسۈن ئۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇققا ئەل تەقدىرىنى...
دەپ خىتاپ قىلىپ ئەل-ۋەتەننى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا باش ئەگمەي كۆرەش قىلدى. « ئاڭ گېزىتى» دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بېسىمى بىلەن توختاپ قالغاندىن كېيىن 1933-يىلى « ئەركىن ھايات گېزىتى» نى، 1934-يىلدىن باشلاپ « يېڭى ھايات گېزىتى» نى نەشىر قىلىپ ⑨دۈشمەنلەرگە ئەجەللىك زەربە بەردى. يېڭىچە مەكتەپ، يېڭى نەشىر ئەپكارلىرى ۋە يېڭى كۆز قارشلار جەمىئيەتتىكى يېڭى دېمۇكراتىك خەلقچىل ئىدىيەلەرنى ئالغا سۈرۈپ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتلارنىڭ رەزىل ماھىيتىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقتىن پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېڭىنى قۇراللاندۇرۇش ئۈچۈن بېغىشلىغان بۇ ئوت يۈرەك مەدەنىيەت جەڭچىسىنى شىڭ شىسىسەينىڭ ئەكسىيەتچىل دائىرىلىرى 1937-يىلى قەشقەر تۈرمىسىدە ئوتتا كۆيدۈرۈپ پاجئەلىك قەتلى قىلدى. بۇ دەۋر مەدەنىيەت سىپىنىڭ ئالدىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقەنى بىلەن بىللە كۆرەش قىلغان يەنە بىر مەشھۇر نامايەندە-مەرىپەتپەرۋەر مائارىپچى، ۋەتەنپەرۋەر دېمۇكرات، جامائەت ئەربابى، داڭلىق ئىسلام مۇتەپپەككۇرى ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرى ( 1862-1924) بولۇپ، خۇسۇسەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرنىڭ بىرىدۇر.
ئابدۇقادىر داموللا مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىدە قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قاناتيايدۇرغان مائارىپ مەتبۇئاتچىلىق ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتچىلىق تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق مىللىي ئويغۇنۇشنىڭ تۈپ يۈزلىنىشىنى بەلگىلەپ بېرىشكە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشقان. پەن-مائارىپ ئارقلىق مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ماڭغان بۇ زات ئەينى چاشدىكى مەكتەپ ئوقۇشلۇقلىرىنى تۈزۈش، يېڭىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقنىڭ پاراسەت رۇجەكلىرىنى ئاچىدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىك شېئىر ھەم نەزەرىيەر سالىلىرى ئارقىلىق دەۋر مەسلىلىرىگە جاۋاپ بەرگەنىدى. ئۇ « ئاقائىد زۆرۈرىيە» ( زۆرۈر قائىدىلەر) ناملىق دىداكتىك ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
« ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا ئول بائىسە نېمەدۇر؟
-ئىككى نەرسىدۇر، بىرى جاھالەت ۋە ناداللىق، ئىككىچىسى تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر.
ئىززەت، ئابروي، قۇۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
-ئىلىم مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ.»
بۇ، تارىخ تەكرار قېتىملاپ ئىسپاتلىغان ھۆكۈم. تەبرىقچىلىق ۋە مەزھەبچىلىق ئەۋج ئالغان مىللەت ئاخىرقى ھېساپتا ھالاك بولماي قالمايدۇ. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تالاي قېتىملىق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى ئاقۋىتى بۇ ھۆكۈمنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىسپاتلىغان. ئابدۇقادىر داموللا ئىلغار ئىدىيلىك مۇتەپپەككۇر ئىدى، ئۆز ۋەتىنىنىڭ تاجاۋۇزچىلار تاپىنى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىپ خەلقنىڭ سىياسىي، مەنىۋىي قۇللۇقتا قالغانلىقىنىڭ ھەقىقىي مەنبىئىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى. شۇڭلاشقا سىرتتىن مەتبە سېتىۋىلىش كېلىپ خەلقنى ئويغۇتىدىغان ئەسەرلەرنى باستۇرۇپ ھەقسىز تارقىتىشتىن سىرت « ئاقائىد زۆرۈرىيە» ( «زۆرۈر ئەقىدىلەر»)، « ئاقائىد جەۋھىرىيە»،« تەلىمى ساببات» (« بالىلار تەربىيسى») « فاسايىھۇل ئەتپال»، (« ياش-ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت»)،« نەسھەتى ئامما» قاتارلىق تەربىيىۋى ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلقنىڭ نادالىق قوينىدىن يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىدىغان پارلاق يولغا يېتەكلىدى. تەسلىمچى، ئىككى يۈزلىمىچى مۇناپىقلارغا قەتئىي كۆرەش قىلدى.⑩ 1924-يىلى جاھانگىرلارنىڭ يەرلىك كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن سۇيقەستكە قۇربان بولدى.
بۇ مۇدىھىش يىللاردا ئۇيغۇرلار سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كەلدى. ئالۋاڭ-سېلىقلارنىڭ ئېغىر، تۈرى كۆپلىكىدىن خەلق يەلكىسىنى قورام تاش بېسۋالغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. ياڭ زىڭشىن ئۆز خاتىرسىدە « فىئودال ئەمەلدارلارنىڭ مەنسەپكە ئېرىشكەن ھامان چەنتۇئەمەلدارلارنىڭ قېنىنى شوراپ زورلۇق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىش مەملىكەت مىقياسىدا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى، بىرەر ئوبدان مەنسەپكە ئېرىشىۋالسا خالتىسىنى لىق تولدۇرماي قايىتمايدۇ»⑾ غانلىقىنى ئىقرار قىلغان. ياڭ زىڭشىن تەختكە چىققاندىن كېيىن شىنجاڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە كۆتەرسىز قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1914-يىلى 6 مىليون 230 مىڭ سەردىن ئارتۇق « ئۆلكە پۇلى» ۋە « شىنجاڭ پۇلى» بېسىپ تارقاتقان بولسىمۇ، پۇل پاخاللىشىپ مال باھاسى ئۆرلەپ، پۇلنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ تەرتىپ تېخىمۇ بۇزۇلۇپ كەتكەن.⑿ ياڭ زىڭشىن ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: « قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ جالىشىپ كەتتى، مال باھاسى قىممەتلىشىپ بىر سەرلىك مال ئۆرلەپ نەچچە ئون سەرگە چىقتى. سودىگەرلەر بېسىمدارلىق قىلدى. زىيان يەنىلا نامراتلارغا بولدى. قەرز پۇلنىڭ ئوندىن توققۇزى خەلىقنىڭ قولىدا قىلىپ، خەلىقنىڭ يۈكى پۈتمەس-تۈگىمەس دەرىجىدە ئېغىرلىشىپ كەتتى.» ⒀ « يەرلىك ئەمەلدارلار شاڭيۇلارنى ئۆزىگە قوچۇماق قىلدى. سىڭكۇلار بولسا ئۇلارنىڭ زىينىنى يەتكىچە تارتتى» ⒁ ئەنە شۇنداق ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن ياڭ زىڭشىن دەۋرىدە « جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭ پومشچىك، باي سودىگەرلەر ئارقىلىق، شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يۇرتۋازلىق كۆز قارىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى بىر-بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان قىلىپ قويدى.» ⒂ بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇ شىنجاڭدا مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ، تەرەققىياتنى بۇغۇپ، خەلقنى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچىكى رايونلارنىڭ كېلىدىغان نەشىر ئەپكارلىرى ھەم يېڭى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ چەكلىدى. 1927-يىلى بۇ ئالۋاستىنى يەر يۇتقاندىن كېيىن ئورنىغا چىققان جىن شۇرىن ئۇنىڭ ئىزىدىن بېىسپ مىللىي يەكلەش ۋە كەمستىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇنىڭغا كۆرە ئەدەبىياتنىڭ دېمۇكراتىك ئىدىيە خاھشى ۋە مىللىي ئويغۇنۇش ئىېڭى تېخىمۇ روشەن ئۆسۈپ باردى.
خۇددى رۇس تەنقىدچىسى ئېرلىن: « ئىجتىمائىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان رۇس خەلقىگە نىسپەتەن ئەدەبىيات بىردىن-بىر مۇنبەر. بۇ مۇنبەردە خەلق ئۆزلىرىنىڭ غەزەپلىك جۇقانلىرى ھەم ۋىجدانىي ساداسىنى جاكارلايدۇ.» ⒃ دەپ ئېيتقاندەك، ھازىرقى زامان ئالاھىدە تارىخىي مۇھىتتا يارىتىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھەسرەتلىك كەيپىيات بىلەن ئۆلۈم تېمىسىنى تەسۋىرلەش، بۇ ئالاھىدە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ بىۋاستە مەھسۇلى سۈپىتىدە مىللىي ئويغۇنۇش روھى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىكى بىرلەشتۈردى. بالدۇر ئويغايغان شائىر-يازغۇچىلىرىمىز بۇ ھېسسىياتىنى قەدىمكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ئوخشاش غايىۋىي رومانتىكا ياكى لىرىك سۆيگۈ تېمىلىرى شەكلىدە دەۋرىگە يوپۇتۇپ خىيال-ئارزۇ دەرىجىسىدە توختاپ قالمايدۇ، بەلكى يېقىنقى دەۋردە ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەن تەنقىدىي رىئالىزم خاھىشى ھەم ئىسياتكارلىق روھىنى يېتەرلىك يۈكسەكلىككە كۆتىرىپ رىئال ئىنقىلاپ كۆرىشىنىڭ ئەمەلىيتىگە پۈتۈنلەي بىركەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر( 1901-1933) ئىجادىيتى ئەڭ ۋەكىللىككە ئىگە. مەرىپەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، تەرىقەتپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى « ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى»⒄  20-30-يىللار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نادىر نەمۇنىسى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلقنى يېتەكلەپ ناداللىققا، فىئودالىزم زۇلىمى ۋە ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيەتكە قارشى جانمۇ-جان ئېلىشقان مەدەنىيەت سەھنىسىنىڭ ئىسيانكار جەڭچىسى، مىللىي دېمۇكراتىك ئىنقىلاپچىسى ۋە شائىر.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ياشىغان ۋە ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان چاغلار خۇددى ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا يازغاندەك، « جاھالەت بۇلۇتى توستى قۇياشنى ھىچ كۆرۈپ بولماس» (« ئۈزۈلمەس ئۈمىد»)، «تۆت ئەتراپقا باقسام مەن زۇلمەتتە قالغان ھەممە جاي» ( «غەيرىتىڭدىن ئايلىناي»)،« تولغىنىپ ئېڭرايدۇ ئەل-يۇرت زالىمنىڭ زۇلمىدىن» (« كۆڭۈل خاھىشى») دېگەندەك، شىنجاڭدا مىللىتارىست ياڭ زىڭشىن بىلەن جىن شۇرىن تەختتە ئولتۇرغان، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقسىزلىقىدىن خەلىقنىڭ قەھرى-غەزىپى تېشىپ تۇرغان مەزگىل ئىدى. ⒅ ياڭ زىڭشىن « جىياگۈەننى ئېتىۋېلىپ سەددىچىن سىرتىدىكى بۇ جەننەت» ماكاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مائارىپنى چەكلەپ، دىندارلارنى يۆلەپ دىنىي خۇراپاتلىقنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغانىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مۇنداق رىئاللىقتا ياشاپ تۇرۇپ ئۇنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىن باشقا روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ھەم رۇس، تاتار ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك سىڭگەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىغا سەپەر قىلىش داۋامىدا نەزەر دائىرسى تېخىمۇ ئاچتى. مىللەتنىڭ تەقدىرى، ئىستىقبالىغا چوڭقۇر قايغۇردى. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۈچلۈك جەڭگىۋارلىق، كۆرەشچانلىق ۋە ئويغۇنۇش ئېڭى بىلەن سۇغۇرۇلدى. شائىرنىڭ« ئويغان»،« ياز تۈنى»،«ئىستىمەس»،« يەجۇمى-مەجۇبى» غا ئوخشاش شېئرلىرىدا دىنىي خۇراپات، جاھالەت، فىئودالىزمنى قاتتىق سۆكۈپ خەلقنى مەرىپەت ئارقلىق ئويغىتىشقا چاقىردى:
ئويغۇنۇپ كەتتى جاھان مەغرىبۇ-مەشرىق تامام،
مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا چۈش كۆرۈپ ياتارمەن.
ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت خەۋپ-خەتەر،
ھالىمىز قۇلدىن بەتەر چىداپ تۇرارمەن.
                                            « غەزەپ ۋە زار »
     شائىر مۇتەئەسسىپلىك، جاھالەت ۋە قالاقلىقنىڭ مىللەتنى قۇللۇقتا قويىدىغان بارلىق ئاپەتلەرنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، روھىي دۇنياسى كۈچلۈك ھەسرەتكە تولغانىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ تەبىئيلا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تەسىرچانلىققا ۋە پىكىر چوڭقۇرلۇقىغا يەتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر « ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھوقۇقى كۆز يېىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىسسىق قان بىلەن قولىغا كېلىدۇ» ( جۇليان مارتى سۆزى) غانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلغانىدى. شۇڭا خەلىقنىڭ يۈرىكى مۇجۇلۇپ ئۆلۈم بوسوغۇسىدا ئاچچىق ئېڭراۋاتسىمۇ قولىغا قۇرال ئېلىپ كۆرەشكە ئاتلانماسلىق يۈرىكىنى ئېزىدۇ. « ئىستمەس» شېئىرىدا كۆڭلىدىكى بۇ تىت-تىتلىق ۋە ھەسرەتنى مۇنداق يازىدۇ:
          مىللىتىم تارتقان ئازاپقا قانداق چىدار،
         ئەل غېرىپ ئېڭرايدۇ ئەمما تەۋرىنىشىنى ئىستىمەس.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ ھەسرەت ئۈمىدسىزلىنىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچلۈك جەڭگىۋارلىق روھى بىلەن « ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، « كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» دېگەندەك شېئىرلارنى يېزىپ خەلق ئىنقىلابى كۆرىشىنىڭ ئاخىرقى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شائىر ئۆزىمۇ بۇ كۆرەش يوللىرىدا ئتېقادىنى تاۋلاپ چىنىققان مىللىي قەھىرىمانغا ئايلانغان. ئەمما يەنە بۇ كۆرەش داۋانلىرىدا روھى بۇلغانغان پەسكەش كىشىلەرنىڭ مۇناپىقلىق، پىتنە-پاسات، تۆھمەت، چەتكە قېقىشلىرى، ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ئۇچراپ تۇرىدۇ. شائىر بۇنىڭدىن:
      ئازغىنا بىر ئىستىزار تىنىقىلاپ ھاسىل دېسەم،
      ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.
      گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
      گاھى تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراپ.
                                        « كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»
دەپ شىكايەت قىلىدۇ. ئۆز يولىدىكى توسقۇنلارغا پەرۋا قىلماي، ھەقىقىي ئىنسانغا خاس قەدىر-قىممەت ھەم كىشلىك خارەكتېرىنى كۆرەش ئىرادىسى ئارقىلىق نامايەن قىلىدۇ. ئۇنىڭ « كۆڭۈل خاھىشى» خۇددى:
         كۈن-تۈن ھىچ ئۇيقۇ يوق ۋىجدان ئازابى يەنىچۇ،
         ئەلنى ئويغاتماق تىلەك تاڭدا بىر چوقان بىلەن.
دېگەندەك، مىللەتنى ئويغۇتۇش ئىدى. شائىر « ئۈمىد تەشەببۇسى»، « يۈرەك باغرىم ئىزىلدى»، «ئىنتىزارلىق»،« قايدىسەن» قاتارلىق شېئىرلىرىدا خەلقنى ھۆرلۈك ئۈچۈن كۆرەش قىلشقا چاقىردى. بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا 2-قېتىم چىقىپ ئۇ جايلاردىكى چوڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئىنقىلاپ ئىرادىسى ھەسسىلەپ كۈچىيىپ، غەيرىتى ئېشىپ خۇددى « لېنىن گۈلباغى» دىن ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن پارلاق كىلەچەككە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولنى تاپقانىدى. شۇڭلاشقا 30-يىلنىڭ باشلىرىدا تۇرپان قوزغىلىڭغا قاتنىشىپ ۋە باشچىلىق قىلىپ، ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئالدىدا قىلچە ۋايىم يىمەي ئۆزىنى كۆرەشكە ئاتىدى:
           ئابدۇخالىق، ئاشۇ يولدىن قايىتما بېشىڭ كەتسىمۇ،
           ئەلنى قىل غەمدىن خالاس، قىلىچنى قان بىلەن.
« ئويغان» شېئىرىدا بۇ كۆرەش چاقىرىقنى تىخىمۇ كەسكىن ۋە جىددى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زۇلۇم ئىسكەنجىسىگە، تەڭسىز ھاكىمىيەتلىك سىياسىي تۈزۈلمىگە قارشى خىتاپ قىلدى. ئۇنىڭ ئىرادىسى شۇنداق قەتئىي ئىدىكى:
           كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك، يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
           ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاپ.
دەپ خىتاپ قىلىپ، دۈشمەنلەرنى بىلەن ئېلىشتى. ھاياتنىڭ ئاخىرقى نەپىسىگە « ياشىسۇن ئازادلىق، يوقالسۇن زۇلۇم!» دەپ توۋلاپ كۆرەش مەيدانىدا قىممەتلىك ھاياتىنى ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلدى.
3
   1933-يىلى «12-ئاپرىل سىياسىي ئۆزگىرىشى» ۋە خوجانىياز ھاجى ⒆ قوزغىلىڭى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋەزىيتىدە بۇرۇلۇش بولدى. ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. بۇ دەۋر غەرپ جاھانگىرلىرى جوڭگۇغا تاجاۋۇز قىلۋاتقان، دۆلەت ئىچىدە گومىنداڭ-كومپارتىيە ئۇرۇشۇۋاتقان،غەربىي شىمالدا جاڭ پىييۈەن بىلەن ماجۇڭيىڭ بىرلىشىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا، شىنجاڭدا جىن ئورنىنى ئىگەللىگەن شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتنىڭ مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە يولۇقۇشىنى بىشارەتلەپ تۇراتتى.⒇  بۇنداق ئەھۋالدا ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ، 1935-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسىگە ئۈچ تۈرلۈك شەرتنى قويۇپ ھەمكارلاشتى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئالاقىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مۇستەقىل بولۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، گومىنداڭ ۋە كومپارتىيە بىلەن ھەمكارلاشتى ھەمدە (21) « چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسى» نى « جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئارمىيسى» گە ئۆزگەرتىپ، «جاھانگرلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى» نى  «6 بۈيۈك سىياسەتنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى»(22) غا ئۆزگەرتىپ، ماۋزېدۇڭنىڭ « 1-ئاۋغۇسىت بىرلىكسەپ مۇراجەتنامىسى» نى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سىياسىي بۇرۇلۇشنىڭ تۈرتكىسىدە جەمىئيەت نىسپىي مۇقىملىشىپ، مائارىپ، ئىلىم-پەن، يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى مەدەنىيەت ئىشلىرى بەزى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ھەممە جايلاردا دارىل مۇئەللىمى، تېخنىكا-كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر قۇرۇلۇپ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئاپپاراتلىرى نىسبىي مۇنتىزىملاشتى. ئۆلكە، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە سانائى نەفىسە، دىراما-تىياتىر ئۆمەكلىرى ۋە گېزىت-ژۇرنال مەتبۇئاتچىلىق  ئىشلىرى يەنە بىر قىېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتىرىلدى.(23) بۇ تەبئىي ھالدا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ 30-يىللاردىكى مۇنبىرىدە مىللىي ئويغۇنۇش ئېڭىنى يېڭىچە شەكىلدە ئىپادىلەپ يۇقىرى پەللىگە كۆتەردى. مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئويغۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى مەشھۇر ۋەكىللىرى مەمىتىلى توختاجى، خەمىت ۋەكىلى، ئابدۇللا روزى، لىن جىلۇ قاتارلىقلار بولۇپ، ئەينى دەۋردە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى.
مەمتىلى توختاجى(1901-1937) بۇ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان مەشھۇر مائارىپچى ۋە شائىرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 30-يىللاردىكى يېڭى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزى يېزىپ ئاھاڭغا سالغان شېئىرنى ئوقۇتۇپ، ئاتۇش-قەشقەر خەلقىنى ئويغاتقانىدى. ئىستىبدات ھاكىمىيەت ۋە دىندارلارنىڭ سۈيقەسىت قلىشى بىلەن ئۇ دەرىس مۇنبىرىدىن تۇتۇپ كېتلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۋېتىېلدى. بۇ جاپالىق يىللاردىكى ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ كۆرەش تەلىپى بۇ دەۋرنىڭ ساناتى نەفىسە، دىراما تىياتىرچىلىق ۋە نەشىرىياتچىلىق ساھەسىدە ئەخمەت زىيائى، نىمشھىت، زىيا سەمىدى، قاسىمجان قەمبىرى، زۇنۇن قادىرى قاتارلىق شائىر، ئەدىپلەر دىرامماتۇگلارنى ئەدەبىيات مۇنبىرىغا ئېلىپ چىقتى. شۇڭلاشقا 30-40-يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مىللىي ئۇيغۇنۇش ئېڭى بىلەن تىياتىرچىلىقتىن باشلاندى.(24)
قەشقەردە ساناتى نەفىسەنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىر ئۆمىكىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى قۇرغان خەلق سەنئەتكارى ئابدۇللا تۇردى ئىككى ئوغلى داۋۇت ئابدۇللا ۋە سەمەت ئابدۇللانى بىللە ئېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئايلىنىپ تاتار، ئۆزبېك، قازاق تىياتىر سەنئىتى ۋە ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن تونۇشۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 30-40-يىللاردا قەشقەردە خەلقنى ئويغۇتىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل ۋە تىياتىرلارنى ئىشلەپ، رىژىسسورلۇق قىلىپ ۋە ئويناپ مەدەنىيەتنىڭ جانلىنىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. (25) شۇنىڭغا ئەگىشىپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سانائى نەفىسە تەركىبىدىكى ئۇيۇشمىلاردا « سەتراچ»، « چىكىملىكنىڭ ئاقۋىتى»،« شەرمەندىلەر» ناملىق تىياتىرلار ئىشلىنىپ قويۇلدى. زىياسەمىدىنىڭ « قانلىق داغ»، « سىنتەبىر ھازىسى» ناملىق دىراممىلىرى لىن جىلونىڭ « سادا » دىرامىسى، كىلاسسىك داستانلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن « لەيلى-مەجنۇن»، « پەرھاد-شېرىن»، «غېرىپ-سەنەم» دىراممىسى، ئەھمەد زىيائىنىڭ « رابىيە-سەئىدى» ئوپىراسى، زۇنۇن قادىرنىڭ « غۇنچەم»، « جاھالەتنىڭ جاپاسى» دىراممىلىرى، قاسىمجان قەمبىرىنىڭ « ئالدامچى تېۋىپ»، «زەينەپكە تۆھمەت» قاتارلىق دىراما، ئوپىرالار ئوخشاش بىر دەۋردىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسى، تەقدىرى ئاساسىدا جەڭگىۋارلىق روھىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىي مىللىي ئويغۇنۇش ئېڭىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئۇلار ئىجاد ئەتكەن يىللار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىدا داۋالغۇش يۈز بېرىپ ئەركىنىلىك، ئازادلىق پىكىرلىرى بۇ ئازاپلىق رىئاللىققا يۈزلەنگەن ھالدا ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئازاپلىق ھېسسىيات ئىچىدە ئۆلۈمنى تەسۋىرلەش ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە ئىجادىيتىدە يۇقىرى كۆتىرىلدى. شائىرنىڭ نىمشېھىت بىلەن ئەھمەد زىيائى ئىجادىيتى ۋە دەۋر ئەدەبىياتى خاھىشغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
شائىر ۋە ژۇرنالىست نىمشېھىت ئەرمىيا ئىلى داموللا (1906-1972) دەسلەپكى ئىجادىيتىدە كلاسسىك داستان « لەيلى-مەجنۇن» ۋە « پەرھاد-شېرىن» نى ئوپىرالاشتۇرۇپ(26) ئەركىن مۇھەببەت ۋە ئازادلىققا تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن بولسا، 40-يىللاردا « بۈيۈك جۇڭگو»، « ئاسارەتتە تۇرۇپ قالۈانغانلارغا خىتاپ»، « ئالدىدا»، « قەبىردىن ئاۋاز» قاتارلىق شېئىرلار ئارقىلىق مەرىپەتنى تەشۋىق قىلىپ، فىئودالىزم، جاھالەتنى قارىلاپ ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئاۋاز قوشتى. قەلبىدىكى كۈچلۈك ھەسرەتلىك كەيپىياتنى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە ئانا يۇرتنىڭ تەقدىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قان دەرياسىغا ئايلانغان ئېچىنىشلىق ھالىغا قايغۇردى، دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم ھالاكىتىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىپ، خەلق كۆرىشىگە ئىلھام بەردى:
      سۇندۇرالماس كۈچىمىزنى شەرقنىڭ ياۋۇز چايانلىرى،
      تېز پۈكمەيمىز ئانچە بولسا زەھەرلەشكەر يىلانلىرى.
      تېخى مەھكەم بىرلەشتۈردى بىزنى ئۇنىڭ زىيانلىرى،
      چوقۇم يېڭىمىز بىزدە ئۇلۇغ خەلق كۈچى يۆلەنچى بار.
شائىر خەلقنى دۈشمەن مىكىرىدىن ھۇشيار تۇرۇشقا، سۈلھىلىرىگە ئالدىنىپ قالماي، جەڭنى ئاخىرغىچە كەسكىن داۋام قىلىپ مۇستەبىت ھاكىميەتنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا چاقىردى:
       ئۇ بەدبەخلەرنى ئىنساپقا كېلۇر دەپ ھەرگىز ئويلىما،
       كۆرەش قىلماي بولدى بۇ كۈندە ھەممە ئىشنىڭ ئەلاسى.
      دىلىڭغا ئەسلا نۇقسان يەتمىسۇن تۈرلۈك گۈمانلاردىن،
       گۈلۈڭنى سۇندۇرمىسۇن ئۇلارنىڭ پىتنە-ئىغۋاسى.
نىمشېھىت ئۆمۈر بويى مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتىرىپ، مەتبۇئاتچىلىق ئارقىلىق ئويغۇتۇپ، خەلىقنىڭ مۇڭ ھەسرىتى، ئازاپ-كۈلپەتلىرى، ئارزۇ-تىلەكلىرى شېئىرلىرىغا مەزمۇن جېنى قىلىپ خەلققە تەقدىرداش بولۇپ ياشىدى.
بۇ مەزگىلدە ئالىم ۋە شائىر ئەھمەد زىيائى « توزىماس چىچەكلەر»، « لاداغ يولىدا كارۋان»، « ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ۋە تەنقىدىي مۇلاھىزلىك ئەسەرلىرىدە(27) ۋەتەن ئازادلىق مۇستەقىللىق چاقىرىقنى توۋلاپ، ھەق-ئادالەتنى كۈيلەپ باشتىن-ئاخىرى ئۆز ئېتقادىغا سادىق بولۇپ ياشىغان ۋىجدان ئەھلىدۇر. ئەھمەت زىيائى ئۆز خەلقى ۋەتىنىگە بولغان ساداقىتىنى مۇنداق ئېيتقانىدى:
     يۇرت ئەل ئۈچۈن تارتقان ئازابنى،
     شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك.
     خەلق يولىدىكى بىر مىنۇت قايغۇ،
     مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.
      ئەلنىڭ بەختىنى كۆزلەپ ئەي زىيا،
      يىغلىسا يىغلاپ كۈلسە كۈلگۈلۈك.
ئەھمەد زىيائى 1944-يىلى يازغان « رابىيە-سەئىدىن» ئوپىراسىنىڭ تېمىسى ئەينەن تارىختىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئابدۇرېھىم نىزارى شۇ ناملىق داستانى بىلەن يۈكسەك شەرەپكە سازاۋەر بولغانىدى. باراۋەرلىك، چىن-مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاشقا قارىتىپ تېىخىمۇ ئىسياتكار روھىنى ئىپادىلىدى. شائىرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشى، خارەكتېرى ۋە ئىچكى دۇنياسىدىكى ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىجادىيەت خاھىشىنى بەلگىلگەچكە، ئوپىرادىكى پىرسۇناژلارنىڭ تەقدىرى، ئوبراز خارەكتېرىنى ياراتقاندا كۆرەشچانلىققا ئىگە قىلىش بىلەن بىللە چوڭقۇر ئازاپلىق كەيپىياتقا چۆمدىرىدۇ. قەھىرىمانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش تەسۋىرى گىرك رىم تىراگىيلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. قەھىرىمانلارنىڭ ھالاكىتى كىشىلەر قەلبىدە كۈچلۈك زىل-زىلە قوزغاپ تىراگىيدىلىك يۈكسەكلنىكنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىدۇ. بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئويغۇنۇش ئېڭىنىڭ ئىستېتىك ئالاھىدىلىكىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى، ئەلبەتتە.
4
2 -دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كېيىن، شىڭ سىسەي ئۆزىنىڭ ساختىلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ ئالۋاستى قىياپىتىنى ئاشكارلىدى. سوۋۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو كومپارتىيسنىدىن يۈز ئۆرۈپ ئاتالمىش « 6 بۈيۈك سىياسەت »نى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇپ كىرگەن ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانىۋاتقان ئىلغار پىكىرلەرنىڭ زىيالىلار ھەمدە ۋىجدان ئەھلىنىڭ ھەر قاندىغىنى كەڭ دائىرىدە تۇتقۇن قىلدى. يوشۇرۇن ھالدا ئۆلتۈردى ياكى تۈركۈملەپ قەتلى قىلدى. نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەنزۇ-زاڭزۇ مىللەتلىرى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋۇجۇڭشىن شىڭ سىسەينىڭ ئورنىغا ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىن، چوڭ خەنزۇچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ مىللىي كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشنى ئېغىرلاشتۇرۋەتتى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە 1944-يىلى 11-ئايدا ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلغان ئۈچ ۋىلايەت قۇراللىق مىلللىي كۆرەش پارتىلىدى.(28) ئۇرۇش تۇمانلىرى بىلەن قاپلانغان بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەڭگىۋارلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىنقىلاپ غەلبىسىنى تەسۋىرلەپ، ئىنقىلاپ قەھىرىمانلىرىنى مەدھىيلەپ، خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق كۆرىشىگە مەدەت، ئىلھام بەردى. قەھىرىمانلىر ئوبرازىنى ۋە قەھىرىمانلىق روھىنى تەشۋىق قىلدى. زۇنۇن قادىرى، ئەنۋەر ناسىرى، نىمشېھىت، سەيپىدىن ئەزىزى، ئىبىرائىم تۇردى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ ئىنقىلاپ يىللىرىدا زور رول ئوينىغان نامايەندىلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى تېرورلۇقى ھەددىدىن ئاشقان جەنۇبى شىنجاڭدا، بەزىلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئازات رايونلىرىدا ياشاپ ئەدەبئىي ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان جۇدۇنلىرى، قاراڭغۇ تۈنلەرنىڭ ئاخىرقى زۇلمىتى ماتەم كۈي چېلىشقا باشلىغان چاغلاردىكى خەلقنىڭ روھىي قىياپەتلىرى، خارەكتېرى ۋە كۆرەشلەر قوينىدا ئىشقا ئاشتى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات نەتىجىلىرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ خەلقنى ئويغۇتۇشتىكى يۈكسەك قىممىتىنى نامايەن قىلدى. بۇنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيتىدۇر. لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922-1945) قىسقىغىنا ھاياتىدا « كۆرەش قىزى»، « ياشلىق ئۆگەن»، « يىللارغا جاۋاپ»، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا»، « مۇھەببەت ۋە نەپرەت» قاتارلىق ئىنقىلابىي شېئىر-داستانلىرنى، ئوپىرا ۋە نەزەرىيۋىي ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلدى.(29) بۇ ئەسەرلىرىدە ئازادلىق، ئەركىنلىكنى مەدىھيلەپ، جاھالەت، ئېزىلىشكە قارشى تۇردى. دۇنيا ۋەزىيىتى، جۇڭگو ۋە شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيتىنى ئاساس قىلىپ تۈرلۈك بېسىم، خەۋپ خەتەر ھەم قىيىن قىستاقلارغا باش ئەگمەي، ۋەتەن ئازادلىقى، ھەر مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلىدى. قەيەرگە بارسا شۇ جايدا ئىنقىلاپ مەشئىلىنى كۆتەردى. ئۇ جۇڭگو كومپارتىيسىگە چوڭقۇر ئەقىدە باغلىغاچقا، ئۇنى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلىدى. ئۇنى خەلق ھەم ۋەتەن ئازادلىقىنىڭ نىجادلىق يۇلتۇزى دەپ قاراپ ھەقىقىي كوممىنىستىك روھ بىلەن مەدھىيلىدى. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ بۇ ئىنقىلاپنى خەلق ئازادلىقىنىڭ كاپالىتى دەپ قاراپ، بۇ « چوڭ كۆرەش قوينىدا» ئۆزى ئىزدەپ كېتىۋاتقان نۇرلۇق ئىستىقبالىغا ئۈمىدلىك تەلپۈنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدۇ:
     كۆكۈللۈك چاڭ-چاڭ سايراپ،
     تەلپۈنۈپ خۇشلىشىپ ئويناپ.
     ھايات-ياكى مامات،
     مەيدانىغا چۈشتۇق بويلاپ.
شائىرنىڭ ھايات-ئۆلۈم ئاچىلىدا ھودۇقماي شادلىق ھېسسياتىغا چۆمۈشى ئەسلىدە بۇ كۆرەش ئارقىلىق ھالاكەتنى يوقىتىپ خەلققە ھاياتلىق كاپالىتى يارىتىش ئىشەنچىسىدىن تۇغۇلغان:
      قالمايدۇ يۈرىكىمىزدە ئارمان،
      بولساق مۇنداق قۇربان.
      چۈنكى چېلىش بىلەن بىز،
      تاپىمىز چوڭ دەرمان.
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئالدىنقىلار ئورۇنلىيالمىغان ئىنقىلابى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ داۋام قىلىشغا تۈرتكە بولغان ئىچكى كۈچ-ئۇنىڭ ئۆز خەلقى باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق تارىخى ئىزلىرى ھەققىدىكى تونۇشى ئىدى:
       خەلقىم ئۇزاق يىللار جەبرۇ-جاپالار چېكىپ كەلدى،
       زۇلۇم دەستىدىن كۆز يېشى دەريادەك ئېقىپ كەلدى.
       قانچە رەت قوزغالدى ئەركىنلىك، ئازادلىق ئىزدەپ،
       يېتەلمەي مەقسەتكە شۇم قارا تاغلار بېسىپ كەلدى.
                                                 « كۆرەش سېپىدىن شەپە»
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1942-يىلى ئۈرۈمچىدە يازغان « مۇھەببەت ۋە نەپرەت» ناملىق داستانىدا بوۋاي، موماي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن ئوغلىنىڭ سۆيگۈنى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت، ساداقەت ۋە ۋىجدانىي بۇرچ مەسلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئانا تۇپراققا بولغان چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتى، خەلقچىل ئىدىينى ھەسرەتلىك سۈكۈت ئىچىدە ئىپادىلەپ چىن مۇھەببەتنىڭ ئۆلۈمىنىمۇ باش ئەگدۈرمەيدىغانلىقدەك ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازاد تاڭغا بولغان تەشنالىق يۈرىكىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىكى ھەسرەتلىك پىغاننى كۈچەيتتى:
   بۇ مېنىڭ غەملىك كۆڭلۈم بۇلارمىكىن بىر كۈن شاد،
   غەم تاغلىرىدىن ئۇچۇپ بولارمەنمۇ مەن ئازاد.
   يا ھەمىشە قىينىلىپ زۇلۇم ئوتىدا كۆيۈپ،
    كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەي بولارمەنمۇ مەن بەربات.
    ۋاقىتسىز غازاڭ بولغان باغلار چۆلگە ئايلانغان،
    كۆلۈلدىكى بۇ بوستان بۇلارمۇ يېنىپ ئاۋات.
     بورانلاردا ئۇچماقتا مېنىڭ جان ئەمگەكلىرىم،
    دەۋردە ئىناۋەت يوق كۈن-تۈن قىلىمەن پەريات.
                                           « پەريات»
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا بارغاندىن كېيىن، تا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانغا قەدەر، بىر ياقتىن ئاقسۇدا سانائى نەفىسە ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ شائىر ئابدۇللا روزى بىلەن بىللە « ئۆگەي ئانا»، « تاھىر-زۆھرە» غا ئوخشاش دىرمما ئوپىرالارنى يېزىپ سەھنىلەشتۈرۈپ ۋە رول ئېلىپ خەلقنى ئويغاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن شېئىرلىرىنى قورال قىلىپ دۈشمەنلەرگە ئەجەللىك رەربە بەردى. ھاياتنىڭ ئاخىرقى نەپىسىگچە ئەدەبىيەتىمىزدىكى قەھىرىمانلىق روھىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
دېمەك، ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىچىدە ئۆلۈمنى بەدىئىي ئەدەبىياتتا ئىپادىلەپ ئىجتىمائىي، پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنى دەۋرگە تۈرتكە قىلىش- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئىجادىيتىدىكى بىر ئىدىيۋىي دولقۇن سۈپىتىدە يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي ئويغۇنۇش ئېڭىنى نامايەن قىلدى ھەمدە ئۇنى يېڭى دەۋرگە سوۋغا قىلدى. تەبىئىيكى بۇ روھ يېڭى دەۋر جەمىئيتى ۋە ئەدەبىيات ئىدىيسى ئۈچۈن يۇقىرى ئىستېتىك قىممەتنى جارى قىلدۇردى.

ئىزاھاتلار
①⑧⑨⑩(24) نۇرمۇھەممەت زامان: «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» 4-توم (ھازىرقى زامان ئەدەبىيات قىسمى) شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1955-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.
②③⑤(23) ئابدۇللا تالىپ «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى 82-،84-،101-108-بەتلەرگە قارالسۇن.
④جەدتىزىم- يەنى يېڭى ئۇسسۇل دېگەن مەنىدە. ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيە مىللىي بۇرژۇئا ئىسلاھاتىنىڭ ئىدىيە تەشەببۇسى. ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ياۋر
ۇپانىڭ يېڭىچە تېخنىكا ۋە تەربىيە ئۇسۇلى بىلەن ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيلەش ئارقىلىق كونا قائىدە ۋە كونا تۈزۈملەرنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.
⑥⒂ «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى تەشكىللەپ تۈزدۈرگەن. مىللەتلەر نەشرىياتى 1990-يىللار ئۇيغۇرچە نەشرى 510-513-، 59-60-بەتلەر.
⑺ بورھان شەھىدى «قۇمۇلدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى » ( «شىنخەي ئىنقىلابى توغرىسىدا ئەسلىمىلەر » ناملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن) 5-توم 523-525-بەتلەر.
بۇرھان شەھىدى: «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» 59- 60- بەتلەر.
«قەشقەرنىڭ يېقىنقى زامان مائارىپ تارىخى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرىدىكى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا قارالسۇن.
⑾⒀⒁ ياڭ زىڭشىن: «ئىستىقبار ھوجرىسىدا يېزىلغان مەكتۇپلار » ئا. توپلام خەنزۇچە 1-قىسىم، 26-28-، 16-17-بەتلەر.
⑿ ياڭ زىڭشىن: «ئىستىقبار ھوجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر » 9-توپلام خەنزۇچە 2-قىسىم 12-بەتكە قاراڭ.
⒃ ئېرلىن: «ئەدەبىيات توغرىسىدا» دەۋر نەشرىياتى 1992-يىل خەنزۇچە نەشرى 58-بەت.
⒄ «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى.
⒅ ئىمىنجان ئەھمىدى. ئىسمائىل تۆمۈر نەشىرگە تەييارلىغان «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى» ( ئىلمىي ماقالىلار ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى.
⒆ « شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» (15- 17- قىسىم) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984- 1986-يىللار.
⒇« شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 16-17 قىسىملار. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1954- 1986-يىللار نەشرى ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى » غا قارالسۇن.
(21)(22) جاڭ جىجۇڭ: « ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولۇشقا قەدەر»  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.
(25) « شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلى 1985-يىللىق 3-سانىغا قارالسۇن.
(26) نىمشېھىت: « مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1987-يىل نەشرى.
(27) ئەھمەت زىيائى: «توزىماس چىچەكلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى «رابىئە-سەئىدىن» مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى. ئۇيغۇرچە.
(28) شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» (14- 15-16-قىسىملار) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
(29) « لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى.

خەنزۇچە مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ژورنىلى 2006-يىللىق 1-سان  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرستېتى ئىلمىي ژورنىلى (ئۇيغۇرچە) 2000-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.

ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 16:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-18 14:55:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-3-18 15:24:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال مۇئەللىم نىڭ ئەجرىگە كۆپ رەخمەت.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فونتان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 15:27  


ۋاقتى: 2015-3-18 19:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىقبالنىڭ ئىزدىنىش روھىدىن ئىلھام ئالدىم...تېخىمۇ غەيرەتلىك ھەم بەرىكەتلىك بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-4-9 14:36:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال مۇئەللىم ئەجرىلىرىگە ھەشقاللا! مەن سىلنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى پايدىلنىش ئۈچۈن تۈزگەن كىتابلىرىدىن ناھايتى ياخشى پايدىلاندىم.2012-يىلدىكى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانى بويىچە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش كۇرسىدا سىلنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم.سىلنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئىجاد قىلۋاتقان ئەسەرلىرىدىن بىرنى ئوقۇپ چىقتىم ،ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ،سىلىنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئۈستىدە داۋاملىق قەلەم تەۋرىتىپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2015-4-13 22:29:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت. تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولغۇسى!

ۋاقتى: 2015-4-23 18:11:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،ئىقبال ئاكا بۇ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇرغۇنلۇققا سېلىشتۇرغاندا ئالەمچە پەرق بار ئىكەن.چۈنكى ئۇلاردا ئوتلۇق بىر قەلىپ بار ئۇ بولسىمۇ مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقنى بېغشلاش روھى.
ھازىر كۆيدۈم پىشتىم دىن باشقا نەرسە يوق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆۋرۇك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 18:12  


ۋاقتى: 2015-4-23 18:15:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىقبالىنىڭ ئىجادىيىتىگە قۇت تىلەيمەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش