يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2987|ئىنكاس: 3

ئىقبال تۇرسۇن: نەۋايى لىرىكىلىرىدىكى «ئىشىق» ھەسرىتى ۋە ھايات تراگې

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەۋايى لىرىكىلىرىدىكى «ئىشىق» ھەسرىتى ۋە ھايات تراگېدىيسى ئېڭى

ئىقبال تۇرسۇن

ئەدەبىيات تارىخى مەلۇم مەنىدە ئىنسانىيەت روھىنىڭ تارىخىدۇر. مۇبادا ئىنسانىيەت تارىخىنى بىر شەخىسنىڭ ھايات مۇساپىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىساق، ئۇنداقتا خۇددى ئىنسان ھاياتى بالىلىق، قىرانلىق، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە قىېرىلىق باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، بىر جەمئىيەتمۇ بىخلىنىش، ئۆسۈش، قۇدرەت تېپىش ۋە زەئىپلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچىرىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىللىرىدىكى جەمئىيەت، سىياسەت ھەققىدىكى پسخىكىسى، ھېسسىياتى، كەيپىياتى، ئىجتىمائىي-سىياسىي غايىسى ۋە قىممەت قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغىنىدەك، دەۋرنىڭ ئالاھىدە بىر باسقۇچىدىكى ئومۇمىي خەلىقنىڭ ئىجتىمائىي پىسخىكىسى، ھېسسىياتى، كەيپىياتى، ئىدىيە قاراشلىرىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. مۇنداق دەۋردە ياشىغان ئەدىپ-شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى بولسا بۇ دەۋر ھەم ئادملەرنىڭ ھاياتلىق تەسراتلىرىنى، روھىي يۈزلىنىشلىرىنى تەسىرلىك، ئىنچىكە ھەم چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
چاغاتاي ۋە تۆمۈرىيلەر دەۋرى- ئۇيغۇر فېئوداللىق مەدەنىيىتىنىڭ كۈچەيگەن بىر دەۋرى بولۇپ، فېئودال بەگ-ھۆكۈمدارلارنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ئۇرۇشىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىشى، فېئوداللىق قائىدىلەر ۋە ئەخلاق قېلىپلىرىنىڭ ئىنسان ئەركىنلىكىنى بوغۇشى بۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئىنساننىڭ ئىززەت-غورۇرى ھاقارەتلەنگەن، ھوقۇق،ئەركىنلىكى بوغۇلغان بۇنداق جەمئىيەتتە سىرتتىن قارىماققا دىن، ئەخلاق ۋە سىياسەت ئۆز ئوقىدا مېڭىپ، جەمئىيەت ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىچىكى قىسىمىدا ئۇرۇش، جاڭجال، زىددىيەت، ئازارلىق كۈچلۈك ئىدى. خۇددى بىر ئادەم ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا دۇنيا، كىشلىك ھايات ۋە تەقدىرى ھەققىدە چوڭقۇر ھەسرەت،قايغۇغا چۇمگىنىگە ئوخشاش، شائىر-ئەدىپلەر ھايات،ئىنسان قەدىر-قىممىتى ھەققىدە ئوتتۇرا ياشتىن كېيىن ئۆز ھايات سەزگۈزەشتىلىرى، مۇھەببەت، نىكاھ، ئىجتىمائىي، سىياسىي پائالىيەتلىرىدىكى ئوڭۇشسزلىقلار ھەم ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى تونۇش، پوزىتسىيەلىرىنى قايتا ئويلىغاندا ھاياتقا،ئىنسانغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن بىللە، دۆلەت، جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇش، پانىي دۇنيادىكى مەنىسىز، بىقارارلىق، ئىنسان تەقدىرىنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان تىراگېدىيە قىسمەتلىرىدىن قەلبىدە ئۆتكەنكى  سەلتەنەتلىك ھاياتقا چوڭقۇر سېغىنىدۇ، تارىخنى ئەسلەيدۇ، تۆمۈرىيلەر دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى، جۈملىدىن ئەدەبىيات سەھنىسىدە سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتتىكى بۇ خىل ھەسرەت، ئازابلىق سەرگۈزەشتىلەرنى ئەڭ چوڭقۇر باشتىن كەچۈرگەن ھەم پۈتكۈل ئەسەرلىرىدە بۇ دەۋرنىڭ ھاياتلىق تراگېدىيىسى ئېڭىنى ئىپادىلىگەن يىرىك شائىر نەۋائى (1441-1501) دۇر.
ئەلشىر نەۋائى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت ئويغىنىشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكىنى يادرو قىلغان ئىلغار مەدەنىيىتى، ئىستېتىك تەپەككۇرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان مۇتەپپەككۇر شائىر. ئۇ پۈتۈن ئەسىرىدە دۆلەتنىڭ، خەلىقنىڭ ئىشلىرىغا باشتىن-ئاخىر قايغۇرۇپ، ئۆز شەخسىي ھاياتتىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر، توسالغۇلۇقلار، مۇشەققەت ۋە ئازابىغا پىسەنت قىلماي، دۆلەت ۋە خەلەقنىڭ تىنىچلىقى، پاراۋانلىق ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللارنى ئىزدىگەن بولسا، قەلەم ئارقىلىق ئۆزى ياشاۋاتقان فېئوداللىق سىياسىي تۈزۈم ۋە بۇ دەۋر ئادەملىرنىڭ روھىيتىنى ئېچىپ بېرىپ دەۋر توساقلىرى تۇغقان سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدىدى. ئىلىم-مەرىپەت، ئەخلاق-دىيانەت ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئىدىيە، تەشەببۇسلىرىنى ھەرخىل پەلسەپىۋى، دىنىي، ئەخلاقىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئورۇندىدى. بولۇپمۇ شائىرنىڭ لىرىك غەزەللىرىدىن جەملەنگەن « چاھار دىۋان»،« خەمىسە»گە كىرگۈزۈلگەن داستانلىرىدا مۇھەببەت تېمىسى يۈكسەك ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قىلىپ كۆپ قىرلىق، كۆپ قاتلاملىق تەسۋىرلەنگەن. ئەۋائىنىڭ « ئىشىق» ھەسرىتىنىڭ شەخسىي ھاياتىدىكى ھەسرەتلىك سەزگۈزەشتىلەردىن، تاكى پۈتكۈل بىر دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئويلىنىش شەكلىدىكى ھەسرەتلىك ھېسسىيات نەۋائى ئەسەرلىرىدىكى تراگېدىيلىك روھ ۋە تراگېدىيلىك يۈكسەكلىكنىڭ ئىستېتىك ھاياتىي كۈچىنى ياراتقان.
روشەنكى، ھەرقانداق بىر ئەدىب-شائىرلارنىڭ ئۆز دەۋرىدە قانداق تېمىنى تاللاش ۋە ھاياتنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈشىدە ئۇنىڭ پەلسەپىۋىي دۇنيا قارىشى ۋە ئىستېتىك قاراشلىرى بەلگىلىگۈچى رول ئوينايدۇ. بىر پارچە ئەسەر تۇرمۇش ۋە ھاياتلىقنى ئاددىي،قوپال ۋە يۈزەكىي ئىپادىلىمەستىن، بەلكى ئەدىب-شائىرلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان پۈتكۈل دەۋرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدىئولوگىيە شارائىتىنى ئاساس قىلىپ سىياسەت، جەمئىيەتكە، كىشلىك مۇناسىۋەت، دىن، ئەخلاق ۋە ھاياتلىق مەسلىلىرىنى ماھىيەتلىك ھالدا تېما، سۇژىت، ئوبراز ئارقىلق ئىنكاس قىلىپ بېرىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، نەۋائى لىرىك شېئىرلىرى نەۋائىنىڭ ئۆمۈر بويى ھايات، ئىنسان گۈزەللىكى ۋە تەقدىر توغرىسىدىكى ھەسرەتلىك دەرت-مۇڭلىرى، پىغانلىق قەلبىنىڭ ئىزھارى. تۇنجۇققان، سىقىلغان قەلبىدىكى ھايات سوئاللىرىغا جاۋاپ ئىزدەش ۋە تېڭىرقاشنىڭ ئىپادىلنىشىدۇر. نەۋائى ئۆمرىدە يازغان 50 مىڭ مىسراغا يېقىن لىرىكىلىرىنى يېزىلغان ۋاقىت ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ھاياتنىڭ تۆت مەزگىلى بويىچە« بالىلىق غارايىپلىقلىرى »، « يىگىتلىك نادىرلىقلىرى »، « ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى »،« قېرىلىق پايدىلىرى » دەپ تۆت پەسىلگە ئايرىغان. دىۋان تۆت كىچىك توپلامدىن تەشكىل تاپقاچقا، خەلىق ئارىسىدا « چاھار دىۋان » دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. نەۋائى لىرىكىلىرىنىڭ باش تېمىسى- ئىنسان ۋە گۈزەللىككە بولغان ئوتلۇق چىن مۇھەببەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك-گۇمانىستىك ئىدىيدىن ئىبارەت.
شۇنى ئەسكەرتىش ھاجەتكى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخ تەتقىقاتىدا ياكى ئوقۇتۇشىدا بولسۇن كىلاسسىك ئەدىب-شائىرلارنىڭ ھۇھەببەت تېمىسىنى يېزىش شۇ ئەدىب-شائىرلارنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرىگە خارەكتېر پىسخىكىسىغا، ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىغا باغلىق تەرىپى نەزەرگە ئىېلىنماي ئەسەرلىرىگە ئۇلار ئەسلا ئويلاپ باقمىغان چوڭ ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر يۈكلەپ قويۇلدى، شېئىرلاردىكى لىرىك قەھىرماننىڭ يازغان بولغان مۇھەببىتى، يارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇنى سېغىنىش، ھىجىران ئازابى دېگەندەك مۇھەببەت تېمىسى ۋە ھېسسىياتى نوقۇل دېگەن بىر ئۇقۇمغا يىغنچاقلاپ قويۇلسا، بىر تەرەپلىمە چۈشىنىش بولۇپ قالىدۇ. دەرۋەقە، ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرلىرنىڭ كۆپچىلىكىدە مۇھەببەتنى سىموۋوللۇق ئىپادىلەش ئارقىلق دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ھۆرلۈككە ئىنتىلىش ئىدىيسىنىڭ ئاساسلىق بىر ئىجادىيەت ئەنئەنىسى بولغانلىقى راسىت. ئەمما ھەربىر ئەدىب-شائىرنىڭ شەخسىي ھاياتى، خارەكتېر ھېسسىياتى ۋە ئەسەرلىرى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرگەندە لىرىكىلاردىكى مۇھەببەت تېمىسنىڭ يەنە شۇ شەخىسنىڭ تۇرمۇش، مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى جەريانىدىكى دەرد-پىراق، ھەسرەتلىرىنڭ بىر خىل تەبئىي ئىزھارى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا قانداقتۇر فېئودالىزىمغا قارشى دىموكراتىيە، ئازادلىق دېگندەك چوڭ ئىدىيلەر ئۇنچىلىك گەۋدىلىك ئىپادىلەنمىگەنلىكى چۈشىنىش كېرەك. شۇ چاغدىلا بىز نۇرغۇن كلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرىغا چۆككەن ئىدىيە، ھېسسىيات ۋە پىكىرلىرى ھەققىدىكى چۈشىنىشىمىزنى شائىرنىڭ دەۋرىگە ۋە ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا يېقىنلاشتۇرالايمىز. بىز ئەگەر نەۋائىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى، ئۆز دەۋردىكى تۈزۈم ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى قەلىب سىرتىنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلايمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم شائىرنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۇنىڭ ئىجادىيتىگە مەنىۋىي مەنبە بولغان شەخسىي خارەكتىرى، پىسخىكىسى، مىجەز-خۇلقىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ شائىرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيتى بىلەن ئاخىرقى تەقدىرنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى ھەمدە شېئىرلىرىدىكى ئەكىس ساداسىنى ماھىيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ قارىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا ئەلشىر نەۋائىنىڭ زور ھەجىملىك لىرىك شېئىر ئىجادىيتىدە ئىشىق-مۇھەببەت تېمىسى نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك مۇھىم ۋە ئاساسلىق ئورۇندا تۇتىدۇ، يەنە كېلىپ مۇھەببەت تېمىسى كۆپ قاتلاملىق مەنىگە ئىگە بولىدۇ؟ نەۋائى مۇھەببەت تېمىسىنى كۈچلۈك ئازاب ئېڭى ۋە ھەسرەتلىك كەيپىيات ئىچىدە تەسۋىرلىگىنىدە بۇ ئۇنىڭ ئىجادىيەت پىسخكىسى، دۇنيا قارىشى ۋە ئىجتىمائىي غايىسى بىلەن زادى قانداق باغلىنىشى بار؟
ئەلشىر نەۋائى شېئىرلىرىدىكى ئىشىق-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن گۇمانىستىك خەلقچىلىق ئىدىيە-پىكىر ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرۋاتقان ئىشلارغا بولغان كۆز قارىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى رول ئويناۋاتقان ھايات سەھنىسىدە شائىرنىڭ بېشىغا كەلگەن شەخسىي تۇرمۇش، سىياسىي ھايات ۋە ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى بارلىق كەسكن زىددىيەتلەر، ئوڭۇشسزلۇقلار، توسقۇنلۇقلار، بەخىتسىزلىكلەر پەيدا قىلغان ۋە ئىزچىل كۈچەيتكەن ئېغىر تىنىقلار، تەھنالىق، غېرىبسنىش،قەلىبنىڭ چوڭقۇر قېتدىكى ئازاب، ھەسرەتلىك ھېسسىيات ۋە پوژىتسىيسىنىڭ تۈرتكىسى، نەتىجىسى.
ئادەتتە بىر ئەدىب-شائىرنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىش، ئۆسۈپ-يېتىلىش، تەربىيلنىش جەريانىدىكى خىلمۇخىل دۇنيا قارىشى، ئىدىيىلەر، كىشلىك مۇناسىۋەت ھەمدە ئىجتىمائىي جەريانىدىكى پائالىيەتلىرىدە يولۇققان زىددىيەتلەر ئۇنىڭ خارەكتىرى، ھېسىسيات، كەيپىياتىنى يىتىلدۈرۈپلا قالماي، جەمئىيەت، سىياسەت، ئىنسان ۋە ھاياتلىق مەسلىلىرىدە تۇتقان تۈپ پوزىتسىيسى، دۇنيا قارىشىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. مەلۇم دۇنيا قاراش ۋە ئىستېتىك چۈشەنچە تىكلەنگەندىن كېيىن بولسا ئەدىب-شائىر ھاياتنى ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئىدىيە پرىنسىپى بويىچە كۆزىتىپ باھالايدۇ ۋە مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەسەرلىرىدە بۇ خىل ئىدىيە ۋە قىممەت يۈزلىنىشىنى ئىپادىلىنىدۇ. ئەلشىر نەۋائى ھىراتتىكى ئوتتۇراھال تەبىقىدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىنلا ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولغان ھىراتتا ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەلىرىدە ئىلىمگە كىرىشكەن ئىدى. بالىلىق ۋە قۇراملىق دەۋىردە ئىراق، مەشھەت،سەمەرقەنىت بىلەن ھىرات ئارىلىقىدا كۆچۈپ يۈرۈپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. دادىسىدىن كىچىكلا يىتىم قالغان، ئاندىن ئوبۇلقاسىم بابورنىڭ پاناھىدا ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىللە ئوقۇشتىن تارتىپ نەۋائىنىڭ ھاياتى ۋە تەقدىرىنى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن ئوقۇشتىن تارتىپ نەۋائىنىڭ ھاياتى ۋە تەقدىرىنى ھۈسەيىن بايقارا ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيتىنىڭ بىر مۇنچە ئىشلىرىغا باغلانغانىدى. ئوبۇلقاسىم بابۇر تەختىنى مەشھەتكە يۆتكىگىنىدە نەۋائىنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرۈپ، ئۇنى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن قوشۇپ بىللە ئېلىپ كەتكەن ئىدى. 1457-يىلى بابۇر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەبۇ سەئىد ھىرات تەختىنى ئىگەلىگەندىن كېيىن ھۈسەيىن بايقارا تەخىت تالىشىش تەييارلىقىدا مەرۋىدە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان بولسا، نەۋائى مەشھەتتە قىلىپ ئوقۇشنى داۋام قىلدى. نەۋائى بۇ مەزگىلدە ئەمدىلا يىگىتلىككە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇ بىر چەتتىن پارىس كلاسسىكلىرىنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى بېرىلىپ ئۆگەنسە، يەنە بىر چەتتىن لۇتفى، سەككاكى قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىب-شائىرلىرنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئۆگىنىپ پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بويىچە ئەتراپلىق ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن تەڭ، شېئىرىيەت ئىجادىيىتىگە ھەۋەس باغلاپ ئالدىنقىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۆرنەك ۋە ئۈلگە قىلىپ، تۈرك ۋە پارىس تىلىدا شېئىر يېزىشقا باشلىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۆز دەۋرىدىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنى ئىجادىيەتتە ئۇستاز تۇتۇپ، ھەمسۆھبەتتە بولغان.
دەل مۇشۇ ئۇنىڭ دۇنيا قاراش، ھېسسىيات، مىجەز-خۇلىق ۋە خارەكتېرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بىر قانچە ئىش يۈز بەردى. ئۇ مەشھەتتە ئوقۇش جەريانىدا سەئىد ھۈسەن ئەردەشىر، كامال تۈربەتى، مەۋلانا مۇئەممائى، لۇتفى،سەككاكى، ئابدۇراخمان جامى قاتارلىق كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئىدىيسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
ئەگەر ئوردىدا مۆمۈردارلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەر روھى ۋە ئالىجاناپ، يىراقنى كۆرەر ئېسىل خارەكتىرى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئالدى بىلەن زالىم بەگ، مەنسەپدارلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، خەلىق ئۈستىدىكى ئېغىر ئالۋان-سېلىقلارنى بىكار قىلدى. بايقارا ھاكىمىيتىنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئۇنىڭغا كېلىدىغان خەۋىپنى ئازايتتى، شۇنداقلا خانزادىلەر ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىچكى سۈيقەسىت، ماجىرالىرىنى بېسىقتۇرۇپ، زىددىيەتنى پەسەيتىپ، دۆلەتنى مۇستەھكەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەۋائى يەنە شەھەر قۇرۇلۇشى، سۇۇ، يول، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى، بازار، ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلارنى تەرتىپكە سېلىپ، بازارلارنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، خەلىقنى پاراۋان ئازادە تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى. مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت جەھەتتە نەۋائى ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيەت تەشكىلاتچىسى سۈپىتىدە، خانىقا، مەكتەپلەرنى كۈتۈپخانىلارنى كۆپلەپ قۇرۇپ، كلاسسىك ئىسلام مەدەنىيەت-مائارىپنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، ئۆزى باش بولۇپ ئۆز دەۋرىدە شائىر-ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنى تەشكىللەپ ئۇلارنى تارىخ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ساھەلىرىدە ئەسەر يېزىشقا تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنى قوللاپ يېقىندىن ھېمايە قىلدى. يەنە بىر ياقتىن ئەرەب، پارىس تىلىدا ئەسەر يېزىش مودىغا ئايلانغان شارائىتتا، ئۇيغۇر-تۈرك تىلىدا تۈركۈم تىلىدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىلمۇ-خىل نەزىرىيۋىي ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە تەپەككۇر ئىدىيە چوققىسىنى تىكلىدى ھەم بىۋاستە تەربىيىسىدە ئەينى چاغدا تارىخچى، شائىر-ئەدىب، رەسسام ۋە مۇزىكانىتلار يېتىشىپ چىققان ئىدى. مائارىپ، ئىلىم-پەن، ئىجتىمائى پاراۋانلىق، مەدەنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نەۋائى پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى بېغىشلاپ، ئەمەلىي پائالىيتى ۋە ئىجادىيتى ئارقىلىق يول باشلىغاندىن باشقا، بۇ ئىشلار ئۈچۈن ھەتتا ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ھەدىيە قىلىپ، خانىقا، كۈتۈپخانىلار، مەكتەپ، مەدرىسلەرنى تەسىس قىلغان، شاگىرتلارنى يىتىشتۈرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى نەۋائىنىڭ تەربىيلىنىشى، خارەكتېرى ھەم پەزىلىتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ماھىيەتتە ئۇ شەخسىي تۇرمۇش بەختسىزلىكتىن پۈتكۈل بىر دەۋر جەمئىيتىنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيتى ھەمدە كىشىلەرنىڭ روھىيتى ھەققىدىكى ئازابنىڭ تۈرتكىسى ۋە مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن.
نەۋائىنىڭ ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئەھمىيەتلىك تىرىشچانلىقى خالىس، ھەققانىي، دۇرۇس خارەكتېرى، ئۆز دەۋرىدكى ساختا ئەخلاق چۈمپەردىسى بىلەن ئۆزىنى نىقاپلىۋىلىپ، ئەمەلىيەتتە پايدا-مەنپەئەت، پۇل، ھوقۇق، ئابروي ئۈچۈن سۈيقەسىت، ئاداۋەت، بۆلگۈنچىلىكتىن قول ئۈزمەيدىغان، سۇخەنچى، ئىككى يۈزلىمىچى، پاسىق ئەمەلدارلار، جانباقار ئىلىم ئەھىلىلىرىنىڭ مەۋقەسى بىلەن زادىلا ئەپلىشەلمەيتتى. نەۋائىنىڭ دىلى بىلەن ئۆز ۋىجدانى، ئېتقادىغا سادىق بولغان خارەكتېر مەۋقەسى، فىئودال رەزىل گۇرۇھلار ۋە ساختا دىنىي كۈچلەرنىڭ يۈرىكىگە نەشتەردەك سانجىلىپ كۆزىگە قادالغان مىخ، چوڭ توسالغۇ دەپ قارالغان ئىدى. نەۋائىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، قابىليىتى بىلەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى دانا، يىراقنى كۆرەرلىكى، تەبئىي ھالدا ئۇنىڭغا كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى كۈچەيتىۋەتتى. ئوردىدىكى ساختىپەز، قارا نىيەت ئەمەلدارلار بىلەن مۇناپىق ئىلىم ئەھلىلىرى بىرلىشىپ، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇش، خارەكتېرى ۋە شۇغۇنلانغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە پىتنە-پاسات، تۆھمەت ۋە سۈيقەسىتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن چەتلەشتۈرۈشكە، ئەل ئىچىدە ئابرويىنى تۆكۈشكە كۆپ قېتىم ئۇرۇنغان. نەۋائى تەقدىر، جەمئىيەت، ئىنساننى چۈشەنگەن، پادىشاھ، دۆلەت ۋە پۇقرالارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئۆزىگە خاس بىر ئىدىيىۋى سېستىما ۋە قىممەت مەيدانىنى ياراتقان. ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسى بىلەن بۇ جەمئىيەتنىڭ ئوبېكتىپ رېئاللىق ماسلاشمايدىغانلىقىنى تولۇق بىلىپ يەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ ئەمدى دۆلەت، ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە ئىستېتىك قاراشلىرىنى قەلەم ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش يولىغا ئۆتتى. 1488-يىلدىن 1501-يىلغىچە ئارىلىقتا تارىخشۇناسلىق، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئىسېتىتىك مەزمۇندىكى ئەسەرلىرىدىن « ھالاتى سەيدىھەسەن ئەردەشىر »، « مەجالىسۇن نەفايىس »، « مىزانۇل ئەۋزان»،« لىسانۇتتەيىر»،«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»،«مەھبۇبۇل قۇلۇپ »قا ئوخشاش داڭلىق ئەسەرلەرنى ياراتتى. بۇ ئەسەرنىڭ تېمىسى، ئىدىيىسى ۋە ئىستېتىك ئالاھىدىلىكلىرىنلا شائىرنىڭ ئۆز دەۋرنىڭ فلولوگىيە ساھەسىدە يېتىشكەن ئەللامىسى ئىكەنلىكىنى، ھەمدە پۈتكۈل بىر دەۋرنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ، خەلىقنىڭ تۇرمۇشىدىن، جەمئىيەتنىڭ ئومومىي ساھەلىرىگە، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، روھىيەت تەرەپلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىنسانپەرۋەر، مۇتەپپەرككۈر ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.
ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئالىجاناپ خارەكتېر پەزىلىتى، روھىي دۇنياسىنىڭ يۈكسەكلىكى شۇ يەردىكى، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە خۇددى ئۆزى:
ئادىمى ئېرسەڭ دېمىگىل ئادىمى
ئانىڭكى يوق خەلىق غەمدىن غېمى.
دەپ يازغىنىدەك، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلىقنىڭ بەخت-سائادىتى، ئىنساننىڭ مۇھەببەت ئەركىنلىكى، ھاياتنى سۆيۈش ئىدىيسىنى ئۆز ھەرىكىتى ۋە ئىجادىيتىدە تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى. باشتىن-ئاخىر شەخسىي بەخىتسىزلىك ۋە ھەسىرىتى بەدىلىگە دۆلەت، خەلىقنىڭ ئازاپ-قايغۇسىنى كۆپ يېدى. خۇددى:
يۈز جەفا كەلسە ماڭا بىر قەتلە فەرياد ئەيلەبان،
ئەلگە كەلسە بىر جەفا، يۈز قەتلە فەرياد ئەيلەمەن.
دېگەندەك، ئۆزىگە قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىك، كۈلپەت كەلسىمۇ ئۇنى يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن يېڭىپ، زاماندىن ۋە ئادەملەردىن كۆپ ۋايسىمىدى.
ھاياتنىڭ ئاخىرغىچە توسقۇنلۇق ئىچىدىن يول ئىزدەپ زاماننىڭ بوران-چاپقۇنلىرىنى يېرىپ ئۆتۈپ، خەلىقنىڭ بەخت-پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىدى. نەۋائىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئازاب ئىچىدە، ھەسرەتلىك ئويلىنىش ئىچىدە ئۆتتى. ئۇنىڭ خارەكتېر پەزىلىتى، ئەخلاقى ۋە دۇنيا قارىشى ئادەتتىكى كىشىلەردە بولمىغان بىر خىل ئۇلۇغ مۈتەپپەكۇرانە، دانىشمەنلەرنىڭ سىماسىنى نامايەن قىلدى.  « خەزائىنىۇل مەئانى » بىلەن « دىۋانى فانى » توپلىمىغا كىرگۈزلگەن لىرىك شېئىرلاردا ئەلشىر نەۋائى ئىشىق-مۇھەببەتنى باش تېما قىلىپ ئىنسان گۈزەللىكى، ھاياتنى شۆيۈش، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى، نىكاھ ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى تارىخىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشى قىلىپ ھاياتتىكى بەخىتسىزلىك، ھەسرەت، ئازابلىق ئۆمۈر تەسراتى ئارقىلىق ھۈسەيىن بايقارا ھاكىميىتىنىڭ چىرىك، ئادالەتسىزلىكىنى،فېئودالىزم دىنىي سىياسىي كۈچلىرىنىڭ بۇزۇق، چىرىك ئەخلاقىنى قاتتىق پاش قىلىپ، بۇ دەۋرنىڭ تراگېدىيلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى. دۆلەت ۋە خەلىقنى بىلىم، ئەخلاق ئارقىلىق تۈزەشتىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت ئويغۇنۇش دەۋر مۇتەپپەكۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېتىك غايىسىنى يوقىرى دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويدى.
    ئىشىق-مۇھەببەت تېمىسى ئەلشىر نەۋائى ئىجادىيتىدە كۆپ قاتلاملىق مەنىگە ئىگە. شائىرنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدىكى «مەن» نىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى، ھىجىران ۋە ھەسرىتى يارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇنىڭغا بولغان زارىقىش، ۋاپادارلىق، پاكلىق، ئۈمىدۋارلىق ئەمەلىيەتتە ئەلشىر نەۋائىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى، مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى تۇغقان ئازابلىق، مۇڭلۇق ئەسلىمە تەسىراتى، ئويلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان. شەخسىي مۇھەببەت سەزگۈزەشتىلىرى، تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسزلىقلار داۋامىدا كۈچەيگەن ھاياتلىق ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلىرى پۈتكۈل ھاياتلىق، ئىنسانىيەت، بەخت، ئاقىۋەت، مۇھەببەت، ئۆلۈم، تەقدىر توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەقدىر قىسمىتى ھەققىدىكى ئازابلىق ھېسسىياتى ۋە پىكىرلىرىنى يۈكسەك ئىستېتىك گۈزەللىككە ئىگە قىلغان.
     نەۋائى پۈتكۈل ئەسەرلىرىدە مۇھەببەت، ئىشىق ھەققىدىكى كۆز قاراىشىنىڭ بىر نەچچە قاتلىمنى ئىپادىلەيدۇ. ئالدى بىلەن نەۋائىچە ئىشىقنىڭ بىرىنجى خىل شەكلى ئادەتتىكى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي، فىزولوگىيلىك ئىشىق ۋە ھەۋەس بولۇپ، نىكاھ بۇ خىل ئىشىقنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى. بۇ نەۋائى لىرىك شېئىرلىردىكى «ئىشىق» نىڭ، مۇھەببەت تېمىسنىڭ تۆۋەن پىكىر قاتلىمى. ئىشىقنىڭ ئىككىنچى خىل شەكلى بولسا، ئالاھىدە پەزىلەت ئىگىلىرىگە خاس «ئىشىق» بولۇپ، نەۋائىچە ئۇ قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر دەملىك ھاۋايى-ھەۋەس ھەم ئاددى مۇھەببەتتىن يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدۇ. شائىر بۇ خىل ئىشقىنى «مەجازى ئىشىق» يەنى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي، ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە بولغان ئىشىق، ئىنساننىڭ تەڭرىگە، ئىنساننىڭ دۇنياغا، ھاياتقا ۋە ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان ئەركىن، ھەقىقىي ئىشىق دەپ يوقىرى باھالايدۇ. نەۋائى نەزىردىكى ئۈچىنچى خىل ئىشىق «ئىلاھىي ئىشىق» بولۇپ، نەۋائى ئىنساننىڭ ئاللاھ يولىغا بېرىلىشى، ھەقنىڭ تەجەللىسىگە قوشۇلۇپ پانىي ھەۋجۇدلىقتىن روھىي كامالەتكە يېتىشتىن ئىبارەت ئالىي ھەقىقەت ئىزدىشىنى« سىددىقىيلار ئىشىق» ى دەيدۇ. نەۋائى «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى خىل ئىشىقنى «مەجازى ئىشىق» دەرىجىسىدە تۇرۇپ ئەكىس ئەتتۈرگەن بولسا، «لىسانۇتتەير» داستانى بىلەن بىر قىسىم شىېئىرلىرىدا مەلۇم دىرىجىدە سىددىيقىلارغا خاس «ئىلاھىي ئىشىق» مەزمۇنلىرىنىمۇ ئىپادىلەنگەن. ئەلشىر نەۋائىنىڭ «خەمىسە» ۋە باشقا داستانلىرىدىكى ئىسلام دىنى «قۇرئان» ۋە ھەدىسلىرى بايانىدىن شۇنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكى، قانچىلىك ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك مايىللىقىدىن ئالغاندا ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ياقىلايدۇ. ئۇ دىننىڭ قائىدىلىرىنى رەت قىلمايدۇ ۋە ياكى « ئىلاھىي ئىشىق» نى ئىپادىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىلاھىيەتچىل ئورۇنغا ئۆتۈپ قالمايدۇ. بەلكى شائىر پەلسەپىۋىي دۇنيا قاراش جەھەتتىن ئىسلام دىنى بىلەن تەسەۋۇپنىڭ نەقىشىبەندىيە تەرىقىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاللاھ ياراتقان تەبىئەت ۋە ئىنساننىڭ نىسبىي مۇستەقىللىقى، گۈزەللىكى بىلەن ھاياتى كۈچى، مۇھەببىتى، ئەقىل ۋە ئىقتىدارىنى مۇئەييەبلەشتۈرۈپ، تەبىئەت، تەڭرى ۋە ئىنسان بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشىنى تىكلەيدۇ. ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە سىياسىي ھاياتىدا دۇچ كەلگەن خىلمۇ-خىل زىددىيەتلەر ۋە بۇ جەرياندا دۇنيانى،ھاياتنى چۈشىنىش جەريانىنى بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تېما،ھېسىسيات ۋە ئىدىيسىگە سڭدۈرۋېتىدۇ. بىز ئۇنىڭ داستان ۋە لىرىكىلىردىكى ھاياتلىق، ئىنسان ۋە مەۋجۇدلۇق، تەقدىر مەسلىسىگە مەزكەزلەشكەنلىكىدىن شائىرنىڭ ئىككىنچى خىل ئىشىقنى، يەنى ئىنساننىڭ تۈپ روھىي دۇنياسىغا ئچكىرىلەپ كىرگەن ۋە ئۇنى يۇقىرى ئىجتىمائى ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە قىلغان «مەجازى ئىشىق» نى ناھايتى يوقىرى ئورۇندا قويۇپ ئۇنى ئۆز ھەقىقىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ شەكلى قىلغانلىقنى بىلەلەيمىز.
تەتقىقاتچىلار دەپ كېلۋاتقاندەك، ئىنسانپەرۋەرلىك ئەلشىر نەۋائى شېئىرلىرنىڭ ئىدىيۋىي مەركىزى. بۇ خىل كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق ئىنسان ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي ئىجتىمائىي ئىستېتىك ۋە ئەخلاقىي قاراشلاردىن تەركىپ تاپقان ئىدىيە« يار» نىڭ گۈزەللىكى، لىرىك «مەن» نىڭ ئۆز مەشۇقىغا بولغان سۆيگۈ ئىنتىزارلىقى، سېغىنىش، ھىجىران قايغۇسى ۋە ئاشىقنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئىشەنىچ-ئۈمىدى بىلەن ئىرادە جاسارىتى، سەمىمىيەت، ۋاپادارلىق ھەم مۇددىئاسىنىڭ كەسكىنلىكى قاتارلىق شەكىللەردە ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمدا بىر ياقتىن شائىر فېودالىزىمنىڭ چىرىك ئىجتىمائىي تۈزۈمى، ساختا كىشلىك مۇناسىۋەت، مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىنى بوغۇشىنى پاش قىلىپ ئۇنى سۆكسە، يەنە بىر تەرەپتىن فېئوداللىق مەدەنىيەتتىكى سوفىزم تەركىي دۇنياچىلىقى، تەقدىرچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ھاياتنى قەدىرلەش، مۇھەببەت ۋە ئىرادە ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شائىر« ئىشىق»-مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلۇغلايدۇ.
كىمگە يەتكەي ئىشىق دەردى داغىدىن ئافەت ئاڭا،
داغى مېھرى سەلتەنەتتۇر دەرد ئېرۇر سىھھەت ئاڭا.
ئىشىق كويى تۇپراغى بىر كىميادۇر كىم، ئېرۇر،
يۈز قۇياش ئەكسەرىچە بەلكىم فۇزۇن قىممەت ساڭا.
ھەرخو بولغان تارىدۇر، ئەخلاق قەسىرىگە كەمەند،
ئۆلكى بولسا ئىشىق ئەسكى شالدىن كىشىۋەت ئاڭا.
شەبىستانىمدا جام ئىچرە، يۈزنىڭ ئەكىس چىراغ ئولمىش.
چىراغىممۇ ۋە لېكىن جام زەرىف، بادەياغ بولمىش.

شۇڭلاشقا نەۋائىنىڭ لىرىك قەھىرمانى «يارنىڭ ئىشقى» غا ئۆزىنى مۇنداق بېغىشلايدۇ:
يەرگە تامغاچ ئەشكى ھايۋان مەشھەسى بولماس نېتاڭ،
قايسى كۈز ئىچرەكى يەر تۇتسا ئاياغنىڭ تۇپراغى،
سۈرتسەم شۇئان كەفى پايىڭغا، كۆپ ۋەھىم ئەتمەكىم،
قىلمادى ئەفگار گۈل بەركىنى بۇلبۇل تىرناغى.
   شائىر نەۋائى لىرىك قەھىرماننىڭ يارىغا بولغان ئاشىقلىقى ھەم مۇھەببىتىگە ئەسىر بولغىنىنى تەسۋىرلىگىنىدە «يار» نىڭ تەبىئىي رېئال ھۆسىن-لاتاپەت گۈزەللىكىنى ئىنتايىن تىپىك ۋە كونكرېت، ئوبرازلىق سۈرەتلەپ، ئىشىق غەۋغاسىغا سەۋەپ بولغان يار ئوبرازىنىڭ سېھىرىي مەپتۇنكار گۈزەللىكىنى مەنىۋى گۈزەللكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىنتايىن تەسىرلىك يارىتىدۇ.
   
ئون سەككىز مىڭ ئالەم ئاشۇبى ئانىڭ باشىندەدۇر،
نى ئەجەپ چۈن سەۋرى نازىم ئون سەككىز ياشىندەدۇر.
دېسە بولمايكىم يەنە ئون سەككىز يىل ھۆسىنى بار،
ئون سەككىز ياشىندە مۇنچە فىتنە كىم باشىندەدۇر،
تا نەۋائى تۆكتى ئول ئاي فۇرقەتىدىن بەھرى، ئەشىك،
ھەرقاچان باقساڭ قۇياش ئەكىسى ئانىڭ ياشىندەدۇر.

بىز يۇقىرىدىكى تەھلىلىمىزدە دەپ ئۆتكەندەك، ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تېما، سۇژىت ۋە ئوبرازلىرىنىڭ ھېسسىيات، خارەكتېر پۇرىقى ھامان شۇ ئەدىب-شائىرنىڭ ئۆز ھايات كەچۈرمىشىلىرى، تەسىرات ئەسلىمىلىرى بىلەن ئىچكى باغلىنىشلىق بولىدۇ. شۇ شەخىسنىڭ تۇرمۇش كەچمىشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرمەي قالمايدۇ. لىرىك شېئىرلاردىكى لىرىك ئوبرازلىق مۇھەببەت كەچمىشى، ھاياتلىق يولىدىكى ھەسىرەت، ھىجىران ۋە ئويلىنىشىدا بۇ بەدىئىي تىپكلەشكەن ئوبراز بولۇشىمۇ، ياكى شائىرنىڭ بىۋاستە ئۆزى بولۇشىمۇ مۇمكىن. نەۋائىنىڭ نۇرغۇنلىغان لىرىك شېئىرلىرىدىكى «ئىشىق» يولىغا كىرگەن ئاشىقنىڭ ھىجىران قايغۇسى، جان پىدالىقى، ئازاب، كۈلپەت كۆز يېشىدىن نەۋائىنىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاستە ھەسىرىتىنى كۆپرەك ھېىس قىلىمىز. يارىنىڭ گۈزەل قەددى-قامىتى، لاتاپىتى ۋە بۇ گۈزەل ھۆسىن بېشىغا كەلتۈرگەن رىيازەت، غەۋغالار بىلەن نەۋائىنىڭ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە شەيدا بولۇپ، ھەسرەتكە مۇپتىلا بولغانلىقىغا ئوخشاش كۆپلىگەن شېئىرلىرى شەخسىي مۇھەببەت تۇرمۇشى، نىكاھ ئىشىدىكى بىر مۇنچە كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلىرىدىن بېشارەت بېرىدۇ. نەۋائىنىڭ قەلىمىدىكى ئاشىق ( لىرىك مەن ) يارنىڭ ئىشىق بالاسىغا مۇنداق مۇپتىلا ھەم مۇھتاج بولىدۇ:
        
        ۋەھكى بولدۇم ئىشىق ئارا بىر بىۋافاغە مۇپتىلا،
        بولمىسۇن ئەھلى ۋەفا مۇنداق بەلاغە مۇپتىلا.
        بولدى راكىس، نىتتى كۆڭلۈم ئۆيىدە قىلسە نۇزۇل،
       تىغ ئىلە كىم تارتمىش ئازۇردە كۆكسىمىنى يارىپ.
       ئۆز ئۆزىگە تۆشمەكىن ھەم بىلمەي ئۆلگۈم كاشكى،
       بارسا قەتىل ئەيلەپ مېنى جان مېھنەتتىن قۇتقازىپ.

   نەۋائىنىڭ ئىشىق ئەڭ نازۇك، ئەۋرىشىم، شۇنداقلا سىرلىق بىر ھېسسىيات، ئىنسان قەلبىنىڭ ئۆركىشى، بەزىدە پىنھان، بەزىدە ئاشكارە، گاھى يېقىملىق، گۈزەل، بەزىدە ھىجىران ئازاب ھەم قايغۇ ئاتا قىلىدۇ، دەيدۇ. ھەمدە ئىشىقنى ھامان ئىنسان گۈزەللىكى بىلەن باغلاپ ئىنساننىڭ تەن ۋە روھىي گۈزەللىك ھالىتىنى خرىستىئان ۋە ئىسلام رىۋايەتلىرىدىكى پەرىشتە، ئەۋلىيا، ھۆرلەر، ھەتتا پەيغەمبەرلەردىنمۇ يۇقىرى مەدھىيلەيدۇ. ئەمما ئىنسان روھى ئازاد بولمىغان ئوتتۇرا ئەسىردە ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى خار قىلىنغان، پۇل، ھوقۇق، ساختا چىرىك مۇناسىۋەت، ساختا ئېتىقاد، ساختا ئەخلاق قېلىپلىرى بىلەن تولغان مۇھىتتا، نەۋائىغا ئوخشاش چىن ئىسانىي كىشلىك مۇناسىۋەت، ۋاپادارلىق، راستچىل خارەكتېر يېتىلدۈرگەن ۋە ئۇلۇغ كىشىلىك خارەكتېرلىك گۈزەل كىشىلەرنى چۈشىنىدىغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس ئىدى. بۇ خىل مەسلىلەر ئەمەلىيەتتە ئىنسان، مۇھەببەت، ئەركىنلىك ۋە قەدىر-قىممەتنىڭ تراگېدىيلىك تەقدىرى ئىدى. نەۋائى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ بۇ خىل ھالىتى نەۋائىنىڭ ھاياتىدا ئىنسان ۋە قەدىر-قىممەت ھەققىدىكى كۈچلۈك ئازاب ۋە تراگېدىيە ئېڭىنى كۈچەيىتكەن، شائىر قەلبىدىكى بۇ ھىجىران، بۇ ئازاب، بۇ ھەسرەتنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

       كۆڭلۈم ھەجرىڭدە جەننەت گۈلشەنى زىندان ئېرۇر،
       كۆزۈم سەنسىز گۈل نەخشان باغى خارنەفشان ئېرۇر.
       دەفئە-دەفئە گۈل ئاچىلمايدۇر، گۈل ئەفشان باغدە،
       كىم مېنىڭ گۈلگۈن ياشىمدە قەترە-قەترە قان ئېرۇر.
      بەھرۇ تاغ ئەتمەك گۇمانىكىم، ئول بىرى كۆزۈمگە ياش،
      بۇ بىرى كۆڭلۈمگە دەردۇ مېھنەتى ھىجىران ئېرۇر.
      قىلدى ئەشكىمنى شەفەقۇن ھەجر بىپايان تۈنى،
      مەسلەسىن جەڭ تاڭنىڭ ئەي گەردۇنكى قان بولغىسىدۇر.
  
  شائىر 15-ئەسىر فېئودالىزىم زۇلمىتى ۋە سوفىزىمنىڭ تەركىدۇنياچىلىق ئىدىيسى يامرىغان موھىتتا، ئۆز ھاياتى، پائالىيەتلىرىدە باشتىن-ئاخىر ئىنساننىڭ گۈزەللىكى، ئەركىنلىكى ۋە چىن ئىنسانىي مۇھەببەتنى كۈيلەپ،ئۇنى ھىمايە قىلىپ، بۇ يولىدا قانچىلىك ئازاب،ھەسرەت چىكىشىدىن قەتئنەزەر، باراۋەرلىك، ھەقىقىي رېئال مۇھەببەتكە جانپىدارلىق قىلىپ بۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشكە بولغان ئۈمىدۋارلىق ھېسلىرىنى ئىپادىلىدى. شائىر مۇھەببەت تەسۋىرىگە ئىنساننىڭ ئىرقى، نەسەبى، ئېتقادى، مىللىتىدىن ھالقىغان ئومۇمىي ئىنسانپەرۋەر مۇھەببەت ۋە باراۋەرلىك ئىدىيسىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق تۈمۈرىيلەر دەۋرىدىكى دەرىجە، تەبىقە، گۇرۇھ مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىپ، مەسخىرە قىلىدۇ. چىن ئىنسانىي مۇھەببەت ۋە كىشلىك قەدىر-قىممىتىنى ئۇلۇغلاپ:
           ئەي نەۋائى، ئول پەرى ئۆلتۈرسە ھەم ئازدۇر سېنى،
           كىمكى ئىنساندۇر ئانىڭ مەھبۇبى ھەم ئىنسان كەرەك.
          دېمە بۇ ئالەمدە ئول ئاي خوب يا جەننەتتە ھۆر،
          كۆرمەمىشمەن ئانداغىن بارى ئېرۇر مۇنداغى خوب.
          ھەمدەم بول ئەل ئىشقى بىرلەن ئاشنەلەرگە مۇدام،
          ھەركىشى كۆڭلىدە ئەل ئىشقى يوق، ھەمدەم دېمە.
          مەسىت بول ئەل مۇددىئاسى يارى بىرلە ھەرنەفەس،
        ئالدىن ئايرۇ جامى جەم تاپقاندا جامى جام دېمە.

دەيدۇ. ئەلشىر نەۋائى ئەينى چاغدىكى ھاكىميەت ۋە ئائىلە سەزگۈزەشتىلىرى تۈپەيلىدىن شەخسىي مۇھەببەت مەسلىلىرىدە ئارمانغا يېتەلمەيلا قالماي، سىياسىي پائالىيەت ۋە ئىجادىيەت مۇساپىلىرىدىمۇ تاشقى ۋە مەنىۋىي بېسىم، توسقۇنلارغا ئىزچىل ئۇچراپ كۆڭلى قاتتىق ئازار يىگەن ئىدى. شۇڭا لىرىكىلىرىدا شەخسىي مۇھەببەت كەچمىش ئەسلىمىلىرىنى ئاساس قىلىپ ئەڭ گۈزەل، ئالىجاناپ ھېسسىيات سۈپتىدە تەسۋىرلەپ، مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىكى، ھاياتىي كۈچى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىرادە، جاسارىتى، ۋاپادارلىقى ئىپادىلىگەندە، بارا-بارا كونكرېت مۇھەببەتتىن ئىجتىمائىي ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە، ئىنسانغا ھەم ئۇنىڭ ئومۇمىي ئەركىنىلكى، ھاياتى، بەخت،تەقدىرىگە بولغان مۇھەببەتكە ئايلاندىرىدۇ.
    پۈتكۈل ھاياتىدا خەلىق مەيدانىدا تۇرۇپ، خەلىقنىڭ بەخت-سائادەت مەسلىسىگە باش قاتۇرغان ئىنسانپەرۋەر شائىر ئۆزىنىڭ بارلىق ھەسىرەت، ئاغرىنىشى، غېرىبسىنىش، غەزەپ ۋە قارشىلىق ھېسسىياتىنى ئاخىر ھۈسەيىن بايقارانىڭ چىرىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە، ئەخلاقى بۇزۇلغان، ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتى خارلانغان جەمئىيتىگە بىۋاستە تاقاپ بۇ جەمئىيەتنىڭ ھاكىميىتى، سىياسىتى ۋە مەنىۋى روھىيتىنى قاتتىق پاش قىلىدۇ ھەم تەنقىد قىلىدۇ. شائىر بىر مۇنچىلىغان لىرىك شېئىرلىرىدا مۇھەببەت تېمىسىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنساننى سۆيۈش، خەلىقچىلىق، ئادالەتلىك جەمئيەت ۋە شەرقچە غايىۋى دۆلەت ئوتووېيسىگە قەدەر كېڭەيتىپ، مۇھەببەت ئارقىلىق ئازاب ئېڭى ۋە ھايات تراگېدىيسى روھىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىدۇ. « خەمىسە» داستانلىرىدا شائىر ئۆز پەلسەپە، ئىجتىمائىي ئىستېتىك ئىدىيسىنى يەنە بىر قەدەم ئىگىرلەپ ئىپادىلەپ، مۇھەببەت، ئەخلاق ۋە تارىخ تراگېدىيلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت، ئىنسان ۋە ئىلاھىيەت بىر گەۋدىلەشكەن ئىجتىمائىي ئىستېتىك ئىدىيە سېستىمىسىىنى ياراتتى ھەمدە بۇ ئارقىلىق كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت روھىيىتى بىلەن كىشلىك ھاياتنىڭ تراگېدىيسىنى يۈكسەك دەرىجىدە نامايان قىلىپ بەردى.

ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 16:41  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +400 يىغىش سەۋەبى
چېچەن + 400

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-18 15:30:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراش چىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقارغىنڭىزغا رەخمەت.....

ۋاقتى: 2015-3-19 12:30:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىقبال ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئەبەدىي ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!

ۋاقتى: 2015-3-21 23:06:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال تۇرسۇننىڭ تەتقىقات  يۆنۈلىشىنىڭ ئۆزگۈچىلىكى ۋە تەتقىقات تېمىسىنىڭ چوڭقۇرلىقى  ھەقىقىتەنمۇ كىشىنى قائىل قىلىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش