نىكاھ ئوقۇش
ھەبىبە ئىسمائىل
نىكاھ دېگەن تۇنجى باغىقىم،
پۈتۈنلۈككە مېنى چىللىغان.
چۈشمۇ ياكى جىگدە پۇرىقى،
دامۇللامنىڭ ئېچىلغان ئاغزى.
لەۋلەردىكى دۇئادەك سۆزلەر،
ھەيۋە بىلەن قوغلار شەيتاننى.
قوبۇللاشتەك يېقىملىق بىر سۆز،
چىللىغاندا يانغا پەرھادنى.
يالت قىلىپ ئۆتتى كاللامدىن،
بەدەر قېچىش سەبىي ئىستىكى.
بۆجەن بولۇپ قاچاي دەپ تۇرسام،
ئانام بىردىن يىغلاپ تاشلىدى.
يانفون قايتا ـ قايتا جىرىڭلاپ،
تورۇپكىلار پورەكلەپ كەتتى
نۇرغۇن يوغان ئېچىلغان لەۋلەر،
بەخت تىلەر پاكپاكىز ھالال،
بىر سەبىي قىز پەرىشتە ئايال،
بۇلالىغاي تەمكىن بىمالال.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-18 10:40