كۆرۈش: 251|ئىنكاس: 3

ھەققانىي: نورۇز كەلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5690
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 562
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 09:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوروز كەلدى
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
**
نورۇز كەلدى،يەر-زىمىننى ياشنىتىپ كەلدى،
كۈلكە،شادلىق،نەغمە-ناۋا،ياڭرىتىپ كەلدى.
**
يېڭى يىلدا باش باھارنىڭ سەلكىن شامىلى،
جانلىقلارنى غەپلەتلەردىن ئويغىتىپ كەلدى.
**
يېڭى باھار،يېڭى سوغا،يېڭى شان بىلەن،
نۇرلاندۇرۇپ كۆزىمىزنى چاقنىتىپ كەلدى.
**
ئېتىز-دالا،باغ-ۋاراننى گۈلگە تولدۇرۇپ،
خۇش ئاۋازلىق بۇلبۇللارنى سايرىتىپ كەلدى.
**
كۆك ئاسماندىن مەھەللەمگە ھېكمەت ياغدۇرۇپ،
پاقلان يىللىق كۆڭۈللەرنى يايرىتىپ كەلدى.
**
دېھقان تاغام بۇيىل ئامەت پۈكتى كۆڭلىگە،
دات باسقان جۇپ كەتمەنلەرنى قاڭلىتىپ كەلدى.
**
پوتلا بىرىپ تېرەكلەرگە،يەرگە يېشىللىق،
ئېرغاڭلىتىپ چوكانتالنى شاخلىتىپ كەلدى.
**
تال-چىۋىقتىن ئات چاپتۇرۇپ پاتماي قىنىغا-
شوخ ئوينىغان ئوماقلارنى تاقلىتىپ كەلدى.
**
مەھەللەمدە يالقۇنجىغان تەبرىك يالقۇنى،
خاسىيەتلىك نورۇز ئېشى قاينىتىپ كەلدى.
**
نورۇز كۈيى بۇ ۋەتەندە مەڭگۈ جاراڭلاپ،
شادلىقىنى كەڭ جاھانغا ئاڭلىتىپ كەلدى.
****

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5690
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 562
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 09:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار،ئەگەر بۇ ئەسىرىم تەستىقلىنىپ قالسا ئوتتۇرىغا تەڭشەپ قويغان بولساڭلا.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1373
تۆھپە : 0
توردا: 262
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:20:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھارنىڭ شادىيانە كەيپىياتى تولىمۇ ياخشى سۈرەتلىنىپتۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9239
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 17
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 13:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، نۇرۇز ھەققىدىكى لىرىكىڭىز تولىمۇ يېقىملىق چىقىپتۇ! كۆپ رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش