كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 3

يۈسۈپ نەمەنشاھ: نورۇز شاتلىقىم، ئەزىز خەلقىم، گۈزەل قارادۆۋەم. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8888
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 101
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 23:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                      نورۇز شاتلىقىم ئەزىز خەلقىم گۈزەل قارادۆۋەم

                                                                           ( نەسىر )

                                                                     يۈسۈپ نەمەنشاھ

    نورۇز شاتلىقىغا چۆمۈلۈش ئۈچۈن قارادۆۋىگە قاراپ كېتىۋاتىمەن. يېڭى يولىدىكى توغراقلار،يۇلغۇنلار،تۆپىلىكلەر ...شامالدا ماڭا نورۇزچە سالام بەرمەكتە.قۇياش ماڭا ئەگىشىپ كۆكلەم ناخشىسى ئېيتماقتا...
ئاھ! كۆكلەمنىڭ خۇشخۇي ھىدى مېنى ئايلانماقتا.ئىككى يېنىمدىن ئۆتىۋاتقان مەيىن شامال دالىدىكى يانتاق،قىياق،ئوتلارنىڭ...مېنىمۇ كۆكلەمگە  چىللاۋاتقانلىقىنى ھۇشقىتىپ ئېيتماقتا.سالام قىلغانغا سالام قىلىش كېرەكتە ؟مەن يەرگە چۈشۈپ ئۇلارغا نورۇزچە سالام بەردىم ،ئۇلار شۇئانلا ماڭا يېشىل سالام بەردى...ئاندىن زىمىنغا نورۇزچە تەشنالىق بىلەن قۇلىقىمنى ياقتىم .زىمىن ئويغۇنۇپتۇ! يەر تىگىدە يىلتىزلارمۇ نورۇزچە مەشرەپ سالماقتا ! ئۇلار مېنى كۆرۈپلا ماڭا ئەگەشمەكتە ،ئۇلار شۇ قەدەر خوشال چۈنكى ئۇلارمۇ بۈگۈن قارادۆۋەمدە نورۇز ئىكەنلىگىنى بىلگەن ئىدى ! يول بويى كۆكلەمنىڭ تۇققانلىرى ماڭا سالام بەرمەكتە...  قارادۆۋە  سايان ماڭماقتىمەن...
    بۇگۈن قارادۆۋىدە نورۇز ! ئىش-ئەمگەككە چىللاشنىڭ دېڭى چېلىنىدىغان كۈن.ئىشچان خەلقىمنىڭ يۈرىكىگە ئوتلار ياقىدىغان مۇبارەك كۈن! يولنىڭ قەيەرلىرىگىدۇر مۆكىۋالغان قۇشلار ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سايراپ ،ھاشارەتلەتلەرنىڭ ئۆزىدىن ئاگاھ بولىشىغا سىگىنال بەرمەكتە،بىرنەچچە ئۇچار ھاشارەت ئۇلاردىن قورقۇپ ماشىنامنىڭ دەرىزىسىدىن ئىچىگە كىرىشكە زورۇقماقتا....ئاھ ! نورۇزنىڭ گۈزەللىركى مانا مۇشۇ جانىقلار بىلەن تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولىدۇ ئەمەسمۇ!؟
      قارادۆۋىگە يېقىنلاشقانسېرى قەلبىم ھاياجاندىن كۈۋەجىمەكتە،مانا كەلدۇق .خەلقىمنىڭ  دېڭىزى ...مەن ئۇلار ئىچىدە شۇنچە خوشال يۇرمەكتىمەن .چۈنكى بۇ مېنىڭ خەلقىم، نورۇزۇمدىكى خوشالداش تۇققانلىرىم،مەرتلىك ،ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنىڭ ساھىبى ئەزىزلىرىم.مەن ئۇلارغا نورۇزچە يېشىل سالام بەرمەكتىمەن ھەم يېشىل سالام يىغماقتىمەن.قەلبىم يېشىلىلىققا تولماقتا،چۈنكى مەن مۇشۇنداق يېشىل سالامغا مۆھتاج.ئۇ خاتىرجەملىك، ئىشەنچتۇر،ھۆرمەتتۇر. ماڭماقتىمەن ،خىزىر سۈپەت ئاقساقال بوۋىلىرىم پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىم بىلەن بىللە نورۇز بەزمىسىگە ماڭماقتىمەن .زەپەردەس مەردۇ –مەردانە يىگىتلەر ،تەنناز نورۇز گۈلىدەك قىزلار بىلەن بىر تىلەكتە ماڭماقتىمەن.مەن شۇقەدەر مەغرۇر ھەم خوشال .چۈنكى مەن قارادۆۋىنىڭ كىندىگىدە تۇققانلىرىم ،ئەل –بۇرادەرلىرىمنىڭ ئىللىق مېھرىگە باقماقتىمەن .قاراڭ ! مەن نورۇز بەزمىسىگە جۆر بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىماقتىمەن ناخشا ئېيتماقتىمەن! مانا خوشاللىقىم مەۋىج ئۇرۇپ بۇگۈنكى ئەڭ بەختلىك ئادەمگە ئايلانماقتىمەن.سالام خەلقىم! سىلەر بىلەن ئوينىغان ئۇسسۇل ھەقىقى ئۇيغۇر ئۇسولى ،سىلەر بىلەن ئېيتقان ناخشا ھەقىقى ھاياتلىق ناخشىسى! قەلبىم سۆيۈنمەكتە ...تۇمەن كىشىلىك خوشاللىق ،تۈمەن كىشلىك نورۇز ئېشى،تۇمەن كىشىلىك سالام،تۈمەن كىشىلىك گۈلگۈن ھايات كۆزئالدىمدا! مەن سۆيۈنمەي كىم سۆيۈنسۇن ؟مەن كۈلمەي كىم كۈلسۇن! كۈل خەلقىم كۈل! بىللە كۈلەيلى ! شاد زامانەڭ ئۈچۈن گۈل ئادىمىلىگىڭ قەدىرلەنگەن مۇشۇ دەقىقىلەردە قېنىپ قېنىپ كۈل!
      نورۇز خوشاللىقى ھەممە ئادەمنىڭ ھۇجۇدىدىن ئېتىلىپ چىقماقتا ،دۇنيادىكى ھەممە مېھىر قارادۆۋىگە يىغىلدى ،قۇشلارمۇ قەدىم جۇجەم ،قاراياغاچلاردا بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تەرىپلەپ نەغمە قىلماقتا... بالىلارمۇ قەدىم جۈجەملەرگە يامىشىپ چىقىپ ،نورۇزلۇق نەغمىدىن ھوزور ئالماقتا...
     دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل بىخلار مانا مۇشۇ زىمىنغا يىغىلماقتا ئىدى ،ئۇلار مەدەنىيەت ئاپىرىدە بولغان مۇشۇ زىمىنغا شۇ قەدەر ئامراق .چۈنكى بىخلار مۇشۇ يەردە ئۆز قەدىر قىممىتىنى تېپىپ مول –ھوسول خوشلىقىنى ھەممىگە يەتكۈزەلەيدۇ. چۈنكى ھەربىر بىخ بۇ يەردە دېھقانلارنىڭ جېنى،باغۋەنلەرنىڭ قېنى ،قارادۆۋنىڭ كەلگۈسى.
     نورۇزۇمدا گۈزەل ئۈمىدلىك بىخلىرىمغا ئاتاپ نەزمىلەر توقۇلدى،ناخشىلار ئېيتىلدى،شېئىرلار ئوقۇلدى،نەزىرلەر قىلىندى.مانا ئەمدى نورۇز ئالى تىلەكلەرنى ئۆز قولى بىلەن بۇ گۈزەل بىخلارغا تۇتتى.بىخلار ئۈمىد،ئىشەنچكە تولدى.قاسراقلىرىنى ئاستا قايرىپ بۇ گۈزەل زىمىنغا بەركەتلىك مەردۇ -مەردانە جەسۇر خەلقىمگە ئاستا باقماقتا.مەن بايىقى يېشىللىقلارنى ئۇلاغا تەقدىم ئەتتىم ،خەلقىمنىڭ يېشىل ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تۇمار قىلىپ ئاستىم.ئەتە مانا مۇشۇ  يېشىللىقلاردىن كىيم كەيگۈسى!مۇشۇ يېشىل تىلەكلەردە بىخلار ئەل يۇرتنى يېشىل بوستانغا ئايلاندۇرغۇسى. سىلەرگە ئاپىرىن بىخلار!
    خەلقىم كۈلدى ئۇلار بىخ ئۇمىدىدىن كۈلدى ،چۈنكى ئىشەنچلىك گۈل بىخلاردىن چىلان بىلەن ئۈزۈم مەي باغلاپ پىشاتتى .شۇندىلا ئۇلار ئەمگىگىدىن كۈلەتتى ،نورۇزنىڭ خاسىيىتىندىن سۆيۈنەتتى.
     نورۇز شاتلىقىم ئەزىز خەلقىم گۈزەل قارادۆۋەم ! بۇگۈنىڭدىن سۆيۈن! تۈمەن خوشللىقتىن،تۈمەن تىلەكتىن ئەتەڭ  تېخىمۇ ئىتتىپاق ،تېخىمۇ بەركەتلىك ،تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى  !

                                   2015  -يىل 14-مارت قومۇل قارادۆۋە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 10:14  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1373
تۆھپە : 0
توردا: 262
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:22:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇزنىڭ بايرىمىنىڭ خاھىيىتى ھەممەيلەنگە بەخت ئېلىپ كەلگەي!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  176
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3871
تۆھپە : 14
توردا: 580
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ باغرى گۈل قارادۆۋىدە نورۇز بەزمىسى كۆرگەندەك بولدۇم. نەسىرنىڭ تىلىغا خېلى ئىشلەپسىز. ھارماڭ ئۇكام. نوزۇر بايرىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5823
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 268
تۆھپە : 0
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 12:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز ئۈچۈن تەۋرەتكەن قەلەملىرىڭىز ھارمىغاي...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش