كۆرۈش: 156|ئىنكاس: 10

مۇسا ئەھەد تىركەش: بېسىلغان يوللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4696
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 260
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 22:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسا ئەھەد تىركەش:  بېسىلغان يوللار

                         (ئايالىم  K. Hغا )


ئىككى كەم
ئوتتۇز يىلمۇ بولۇپ  قالدى،
ئىككى كەم ئوتتۇز يىل،
بىر ھارۋىنى سۆرىگىلى
ھارۋىغا تەڭ قوشۇلغان ئاتتەك.
قانچە چاتقاللىق،
ئىز چۈشمىگەن داۋانلار،
تۇماندەك لەيلەپ
ئارقىدا قالدى.
قالدى ئارقىدا
ئوتتۇز يىل ئاۋالقى
ئۇ قارام ھىسلار
مېنىڭ بەڭباشلىقىم
ساددىلىقىم
سېنىڭ كەسكىن، چېچەنلىكىڭ،
ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساقلىقىڭ،
مىجەزى ئوخشىماس
ئىككى ئادەم
بىر تەنگە ئايلاندى.
خۇي-پەيلىمىز
ھەتتا ئىللەتلىرىمىز
ئاستا-ئاستا ئۆزلەشتى.
ئايرىلىپ تۇردۇق كۆپ يىللار،
مەن بورىتالادا
سەن ئۈرۈمچىدە
يامالىق تېغىدا ماكان تۇتتۇق،
مۇشەققەت تاغلىرى يەلكىمىزدە.
خوۋلىقىدىن
جاپارىمنى تارتتىڭ جىق.
كېسەلچان بولدۇڭ،
ئۈچ قېتىم ئوپىراتسىيە ئۈستىلىدە.
بەردەم ھاياتىڭ چۈشكە ئايلاندى.
دات دىمىدىڭ
ئىشەنچ ھامان ھەمرايىڭ بولدى،
ھەر قاچان مەغرۇر
كۈلۈپ ياشىدىڭ
بۇ كۈلكىلەر
كۈلكىسىز كۈنلىرىمگە جان قوشتى.
كېچە – كېچىلەپ
يازغان مۇھەببەت لىرىكىلىرىم
خىيالىمدىكى ئالىكىملەرگە ئاتالدى.
ساڭا بىر رەت شېئىر يازمىدىم
يازالمىدىم قانچە قىلىپمۇ
قولاشمىدى راۋان تىللىرىم.
قەدىناسلار
ئۈنسىز سۆيۈشىدۇ.
بۇ سۆيگۈ
ئۈگىتىدۇ ھەممىنى.
ئۇلار ماڭغان
داۋراڭسىز ھايات
سۆيگۈ قىلىپ يازار ئۇلارنى.
ئويلىسام ئۇيىلىمەن
قامغاقتەك لەيلەپ يۈرگەن ھاياتىم.
ساڭا تۈۋرۈك بولالمىدىم،
بولالمىدى باش-پاناھ.
بورانلاردا سۇنغان قاناتىم.
سەن ئارزۇ ئەتكەن يەرلەرگە
بىللە بارالمىدۇق
مەن
دوستلار بىلەن سەيلىدە بولسام،
سەن ئىشتا بولدۇڭ.
مەن ئۇخلاۋاتقاندا
سەن يولدا بولدۇڭ.
ئاپتۇبۇس كالۇنىدا،
بىلەتچى، تەڭشۈرگۈچى بوپ،
ئۆتۈپ كەتتى نەچچە ئون يىل ھاياتىڭ.
بىلمەيمەن
ئۇخلاپ باققىنىڭنى قېنىپ بىر قېتىم.
كۆپ قەرىزدار بولدۇم ساڭا،
بۇ قەرزلەر
قەرزلەر بولۇپ تۇرىۋەردى.
ئەمما بىرلا خۇشلۇقۇم
ساڭا زىنھار ئازار بەرمىدىم.
ئازارلىق تۇرمۇش،
يات بولدى بىزگە.
ئىككى كەم ئوتتۇز  يىلدا
باردۇر يۇلتۇز كەينىگە مۆككەن
ئەملەنمىگەن جاراھىتىمىز،
ئىيۇلدىكى ھارارىتىمىز.
باردۇر يەنە ئۇلۇغ – تىنىقلار
تۈن نىسبىدىكى
ئاددى ھۇجرىدا
ھىچكىمگە تىنمىغان نادامىتىمىز.
مانا ئەمدى
ئەللىك داۋاندىن ساڭگىلاپ
چۈشۈۋاتقان ھارغىن كارۋاندەك
ھاياتنىڭ نامەلۇم
مەنزىلىگە كېتىۋاتىمىز.
ئۈمىد بېغىشلاپ،
ئاي-يىللارغا.
كۈڭۈلگە زەررە خۇرسەنلىك يەتسە
ئايەم بىلىپ ئاشۇ دەملەرنى،
ئاياپ
بىر-بىرىمىزنى
مېھمانلاردەك ئۆتىۋاتىمىز.
2014-يىل4-ئاينىڭ 25-كۈنى
13899986235

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1373
تۆھپە : 0
توردا: 262
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:25:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتلىك قەلبنىڭ يارقىن جۇلاسى مەڭگۈ ئۆچمىگەي!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  176
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3871
تۆھپە : 14
توردا: 580
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:42:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مۇھەببىتىڭلارغا ئىزچىللىق نىسىپ بولسۇن بۇرادەر. كۆيۈمچانلىق سىڭىپ كەتكەن مىجەزىڭ بۇ شېئىرىڭنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ يارقىنلاشسۇن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2015
تۆھپە : 0
توردا: 478
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇرمۇش قايناملىرى چىن لىرىك بىلەن بىزەلگەن مۇھاببەتلىك بۇ تىنىقلار شۇ ئائىلىنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمۈد-ئارزۇلىرىنى ھەقىقەتەن يورتۇپ بەرگەن...تەشەككۈر،تۇچ قەلەم يالتىراپ تۇرغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2228
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 347
تۆھپە : 0
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 12:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ بۇ شېئىرى شۇنداق مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ.شېئىرنىڭ چۈشۈركىسىگە بىرىلگەن :
مانا ئەمدى
ئەللىك داۋاندىن ساڭگىلاپ
چۈشۈۋاتقان ھارغىن كارۋاندەك
ھاياتنىڭ نامەلۇم
مەنزىلىگە كېتىۋاتىمىز.
ئۈمىد بېغىشلاپ،
ئاي-يىللارغا.
كۈڭۈلگە زەررە خۇرسەنلىك يەتسە
ئايەم بىلىپ ئاشۇ دەملەرنى،
ئاياپ
بىر-بىرىمىزنى
مېھمانلاردەك ئۆتىۋاتىمىز.
دىگەن مىسرالار كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ...دوستۇمنىڭ  تىنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخت،قەلىمىگە تېخىمۇ كۆپ نۇسرەت تىلەيمەن...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4207
يازما سانى: 1123
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2347
تۆھپە : -1
توردا: 649
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 12:21:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سەل ئاددى ھەم ئوچۇق بايانلارنى شېئىرنىڭ ئەسلىگە نۇقسان يەتكۈزگەندەك ھېس قىلدىم...مەسىلەن سەن ئۇرۇمچىدە ،مەن بورتالادا،سەن ئۈچ قېتىم ئوپىراتسىيە بولدۇڭ دىگەندەك  مىسرالاردا ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 12:24  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2015
تۆھپە : 0
توردا: 478
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 12:56:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

...بۇ مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئىپىك شېئىرىلاردا ئىسىملار ئەينەن ئېلىنىدىغانلىقىنىڭ يارقىن چېقىنلىرى بولسا كېرەك...؟!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  945
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 729
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 17:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسا ئەھەت بۇرادەر بۇ شېئىرىڭدىن سېنىڭ ئائىلەڭنى ۋە يەنە نۇرغۇن-نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. مۇھەببەتلىك ئائىلەڭلارغا كۆز تەگمىسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 19:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ شېئىردىكى گۈزەللىك خۇددى «خېمىردەك يۇمشاپ» بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ساپ مۇھەببىتى ئۆز جۇلاسىنى تېپىپتۇ ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9000
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 358
تۆھپە : 0
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 20:38:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍وتتۇز ئ‍ىككى  يىل
بولدۇق  قۇش  ئ‍ۈلاق
سۆرەپتىمىز تۇرمۇش ھارۋىسى
قالمىدى  سەندە قىزلىق جۇلا
قالمىدى مەندا  يىگىتلىك سولەت
مىنىڭ  شاشلىغىم  سىڭدى شۇنچە
سەندىكى ئ‍ەپۇچان  خۇش پىئ‍للىققا.
خۇشاللىقنى  تاراتتىڭ  يىيىپ
غەم  قايغۇنى سۇگۇدۇڭ  ھاندۇگلاپ
سەندگ  بار  خىسلەت
مەندە  بار  كۆيۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلپەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-20 20:40  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9301
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 162
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 23:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر-بىرىڭلارغا مەڭگۈ مېھمان بولۇپ ئۆتۈڭلار قەدىردانلار!كۆز تەگمىسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش