تەقەززالىق
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق
(تاھىر تالىپ بەكتۇر غەزىلىگە تەخمىس)
سۈكۈتتىن يۇلقۇنۇپ بىر-بىر يىراقلاشتى تەقەززالىق،
سېھىر ئىسكەنجىدىن ئاستا ئۇزاقلاشتى تەقەززالىق،
ھېجىر ئالدىدا يانماستىن پىچاقلاشتى تەقەززالىق،
ئەجەپ كۈتتۈم باھارىمنى، تولۇپ تاشتى تەقەززالىق،
چېكى باردۇركى تاقەتنىڭ بۇزۇپ ئاشتى تەقەززالىق.
مەگەر بىر ئۇھسىنىپ باقسام كۆيۈپ كەتكەي جاھان پۈتكۈل،
دېمەككى گۈلباھار ئىشقى يۈرەكنى ئەيلىدى كۈل-كۈل،
كۆزۈم ئىلناشسىلا، ھەيھات، چۈشۈمدە رەڭمۇ-رەڭ بىر گۈل،
باھار كۈتمەك لەزىز شېرىن، باھار قۇچماق بەسى مۈشكۈل،
ئۇ دەم كەلكۈن، بۇدەم يالقۇن بولۇپ باستى تەقەززالىق.
يولۇمدا ئۇچرىسا كىم نەۋ باھارىمنى سوراپ چىقتىم،
ئىشەنمەي يەتتە ئىقلىم باغلىرىغا ھەم قاراپ چىقتىم،
گوياكى چىن تۆمۈر باتۇر كەبى يىغلاپ خوراپ چىقتىم،
تالاي كۈن ئۇخلىماي كۆكتىن تامام يۇلتۇز ساناپ چىقتىم،
ھىلال ئاينىڭ بېلىگە نەق مېنى ئاستى تەقەززالىق.
پېقىردەك ئەھلى ئاشىقلار ئېلىپ كۈچ قايغۇ-ھەسرەتتىن،
نەسىۋە ئىزدىگەچ ھەرتاڭ ئۇلۇغ تەقدىرى قىسمەتتىن،
ئۈمىد گۈلدەستىسى تەييارلىغاچ سۆيگۈ مۇھەببەتتىن،
چىدامنىڭ يەڭگىنى يەڭگەن، زېمىن ئويغاندى غەپلەتتىن،
گىياھلار توڭ يېرىپ چىقسا، ئەتىر چاچتى تەقەززالىق.
تەبەسسۇم ئەيلىگەندە خۇش كۈلۈپ سۆيگەن باھار پەسلىم،
مېنى قۇتلۇقلىدى چۈشلەر ئارا ئەجدادلىرىم ــ ئەسلىم،
پايانداز بولدى يوللارغا جاھاندا بارلىقىم ــ ۋەسلىم،
ۋىسال گويا كۆرۈنگەن تاغ (پۈتۈن ھېجران ئاڭا تەسلىم)،
خۇمارلىق دىل كۆزى بىرلە دىدارلاشتى تەقەززالىق.
قانات قاقماقتا چەكسىز كۆك يۈزىدە تۇرنىلار سەپراس،
زېمىندا باشلىدى مەشرەب پۈتۈن جانلىق بولۇپ رەققاس،
يىگىت-قىزلار كۆزىدە چاقنىغايكىم ئۆزگىچە ئىخلاس،
ئامالسىزدۇر جۇدۇن ئەمدى، باھارنى قايتۇرۇپ بولماس،
ئۇچۇر دەپ، قوشنا باغلاردا چېچەك ئاچتى تەقەززالىق.
ئەنە كىشنەيدۇ پات-پات ھويلىدا چىلان تورۇق تۇلپار،
سەپەرگە ئاتلىنار تۇغلۇق قولىغا قوندۇرۇپ شۇڭقار،
كۆرۈڭ بۇ سۈبھىدەم ئاتەش يۈرەكتىن چىقسا ئىستىغپار،
«كۆڭۈل ئۆزدىن يوغان» دەيمىز، كۆڭۈلگە ھەر تامان يول بار،
ئاشۇ يولدا باھار بىرلە قۇچاقلاشتى تەقەززالىق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇغلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-17 17:47
|