يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 7

تۇغلۇق: باھار غەزەللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باھار غەزەللىرى

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق


1
باھار كەلسە كۈلۈپ خۇشخۇي ئېچىلغاي گۈل دىيارىمدا،
ناۋا ئەيلەر چىمەن باغلار ئارا بۇلبۇل دىيارىمدا.

باھار سەلكىنلىرىدە قار گۈلى بىر-بىر توزۇپ كەتكەچ،
يۈرەكلەرگە ياقار ئوت يەلپۈنۈپ سۇمبۇل دىيارىمدا.

باھار ئىزلەپ ئاياز رەنجىدە دەرد تارتقان ئەزىز جانلار،
خۇشال كۈلگەي بولۇپ ئارزۇ-تىلەك مەقبۇل دىيارىمدا.

باھار ۋەسلىدە كەڭ ئالەم تولار شادلىق نۇرى بىرلە،
چىقار ھەم ئەۋجىگە مۇڭلۇق مۇقام-مەرغۇل دىيارىمدا.

باھار شەيداسى قىزلار شوخ سەنەمنى باشلىغان دەمدە،
يىگىتلەر تارتىشىپ ئوغلاق، چاپار دۇلدۇل دىيارىمدا.

باھار ئىلھامىدىن چەكسىز قۇۋۋەت ئالسا ئۇلۇغ خەلقىم،
بولۇر كۈن-تۈن ئىجاد-ئەمگەك بىلەن مەشغۇل دىيارىمدا.

باھار ئىشقى سېنى كۆيدۈرسىمۇ تۇغلۇق ئۈمىدۋار بول،
زىمىستان قورغىنى شەكسىز بولار چۇل-چۇل دىيارىمدا.

2
باھار، يۇرتقا قۇچاق ئاچماس يېقىملىق خۇش ھاۋا سەنسىز،
زىمىستان ئىچرە دەرد تارتقان يۈرەكلەر بى داۋا سەنسىز.

تەبىئەت ھۆسنىدە قان يوق تاتارغاي ئۇشبۇ كەڭ ئالەم،
سۆيۈپ گۈل بەرگىنى ھەر تاڭ كېلەلمەس شوخ سابا سەنسىز.

ھاياتنىڭ جىلۋىسى بەك سوغ يۈرەكلەر يىغلىغاي پىنھان،
تۆكۈپ دەردىنى شوخ بۇلبۇل يۈرەلمەس گۈل ئارا سەنسىز.

ۋىسالغا تەلپۈنۈپ تۇرغان قاراقلار ياش بىلەن تولغاي،
ئۆتەر غەمدە غەزەلخان قۇش قىلالماس ھېچ ناۋا سەنسىز.

سېنىڭ ۋەسلىڭ ئۈچۈن تۇغلۇق قەلەمدىن نەزمىلەر تۆكتى،
باھار، ئاشىقلىرىڭ پۈتمەس ئازابقا مۇپتىلا سەنسىز.

3
ئانا يەر قوينىدا گۈللەر ئېچىلماس خۇش باھار سەنسىز،
جاھانغا گۈل ھىدى مەڭگۈ چېچىلماس خۇش باھار سەنسىز.

چۈشىدە رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئۈزۈپ كۈلگەن يۈرەكلەرگە،
ھاياتلىق ئىشقىدا گۈلخان يېقىلماس خۇش باھار سەنسىز.

قىلىپ بەنت ئۇيقۇغا پۈتكۈل زېمىننى قوينىغا ئالغان،
زىمىستان باشىدا چاقماق چېقىلماس خۇش باھار سەنسىز.

ئۈمىدنى تۇغ قىلىپ مەغرۇر ياشاپ كەلگەن بىلەن ئادەم،
ئۆمۈر داستانىغا كۈيلەر قېتىلماس خۇش باھار سەنسىز.

ئىجادنىڭ كانىدىن كۆپلەپ گۆھەرلەر قازسىمۇ تۇغلۇق،
ئاڭا دىل رىشتى دىلدارنىڭ چېتىلماس خۇش باھار سەنسىز.

4
باھار كەلدى، ئانا يەر چېھرىگە ھەم بولدى قان پەيدا،
نە قاندۇر بەلكى پاك سۆيگۈ بىلەن ھەر تەندە جان پەيدا.

قاراڭ، شاۋقۇن سېلىپ ئاقماقتا ئاياز مۇزلىغان دەريا،
بولۇپ ئىللىق باھارنىڭ تەپتىدىن دولقۇن-قىيان پەيدا.

زىمىستان پەسلىدە قايغۇ-ئەلەملىك يىغلىغان قۇشلار،
يېقىملىق سايرىدى گۈللەر ئارا خۇشخۇي زۇۋان پەيدا.

قىزىل گۈل ئىشقىدا ياڭراق ناۋا قىلغاندا شوخ بۇلبۇل،
بولۇپتۇ قاغا-قۇزغۇن باغرىدا ئاچچىق پىغان پەيدا.

چىمەنلەر قوينىدىن ئىلھام قىزىنى ئىزلىدى تۇغلۇق،
قۇچاق ئاچسا بولۇر شەكسىز ئۆمۈرلۈك بەختۇ-شان پەيدا.

5
ئەجەب كۈلدۈردى ئالەمنى بولۇپ خۇشخۇي باھار پەيدا،
باھارنىڭ ھېكمىتىدىن ھەممە يەردە گۈلئوزار پەيدا.

شاماللار ئەۋجىگە كۈي قاتتى ياپراقلار پىچىرلاپ شاد،
ئېچىلغان گۈل-چېچەكلەر بەرگىدە خۇشبۇي ئىپار پەيدا.

بېھىشتەك خۇش پۇراپ دىللارنى مەپتۇن ئەيلىدى باغلار،
مېنىڭ ھەم بولدى كۆڭلۈمدە مۇھەببەت-ئىپتىخار پەيدا.

كېلەچەك جىلۋىسى چاقنار كۈلۈپ تۇرغان چېچەكلەردە،
ئۇزۇن ئۆتمەي بولۇر تاتلىق ئۆرۈك، شاپتۇل، ئانار،...پەيدا.

شۇ چاغ گۈل يۈزلۈكۈم تۇغلۇق بىلەن تاڭلارنى قۇتلايدۇ،
ئەجەبلەنمەڭكى، گۈلباغلار ئارا بولسا نىگار پەيدا.

6
باھار كەلدى، ئېرىپ ئەگىز ئېرىقلاردا ئاقار زۇمرەت،
نە زۇمرەت زۇمرەتى كەۋسەر، نە كەۋسەر كەۋسىرى جەننەت.

كېچە-كۈندۈز قىزىل گۈل ئىشقىدا شاد سايرىدى بۇلبۇل،
نە بۇلبۇل بۇلبۇلى ئاشىق، نە ئاشىق ئاشىقى ئۈلپەت.

ناۋا قىلغاندا كاككۇكلار تارالدى ئەلگە پاك سۆيگۈ،
نە سۆيگۈ سۆيگۈدۇر تىلسىم، نە تىلسىم تىلسىمى ھېكمەت.

ۋىسال پەيتى قۇچاق ئاچقاچ كۆڭۈلدى كەتتى غەم قايغۇ،
نە قايغۇ قايغۇسى ھېجران، نە ھېجران ھېجرانى زۇلمەت.

قاراڭ، خىلۋەتتە ئاياز كۈيچىسى قۇزغۇن قىلار كۆز ياش،
نە كۆز ياش كۆز يېشى تۇغيان، نە تۇغيان تۇغيانى ھەسرەت.

باھارنىڭ يامغۇرى بىرلە يۇيۇندى بۇ گۈزەل دۇنيا،
نە دۇنيا دۇنيائى پاكلىق، نە پاكلىق پاكلىقى زىننەت.

ئايا تۇغلۇق زىمىستان قوينىدىن كۈلدى بەخت-ئىقبال،
نە ئىقبال ئىقبالى تەقدىر، نە تەقدىر تەقدىرى قىسمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇغلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 17:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-18 11:07:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         باھار بىلەن تەڭ ئېچىلغان گۈلگۈن چېھرىمدىن پەيدا بولىۋاتقان مەۋجۇداتلاردىن زوقلانماقتىمەن ...لىرىكا.

ۋاقتى: 2015-3-18 12:46:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپىيەلىرى شۇنداق ياخشى بوپتۇ. ياقتۇردۇم،،،

ۋاقتى: 2015-3-20 09:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دىللارغا باھار ھارارىتىدەك  ئىللىق سېزىم بېرىدىغان غەزەللىرىڭىزگە تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2015-3-20 10:56:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        مۇبارەك بولسۇن!
        بۇ غەزەللەردىن ئەسقەر ھۈسەيىن مۇئەللىمنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى «باھار نەزمىلىرى»نىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇستازنىڭ روھىنى خۇش قىلغان شائىرغا ئۇتۇق يار بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-20 12:23:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ئابدۇرېھىم مۇئەللىم! ...

ۋاقتى: 2015-3-23 01:28:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ «بۇ غەزەللەردىن ئەسقەر ھۈسەيىن مۇئەللىمنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى «باھار نەزمىلىرى»نىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم» دېگەن ئىنكاسىدىن
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق مۇئەللىمنىڭ ئەينى يىللىرى بىزگە بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات دەرسى بەرگەن ۋاقتىدا «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرى»نى ئۆتكەندە «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر» دېگەن كىتابتىن ئەسقەر ھۈسەيىننىڭ «باھار نەزمىلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك غەزەللىرىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئېسىمگە كەلدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئېسىل غەزەللەر ئىكەنتۇق. رەھمەتلىك ئەسقەر ھۈسەيىننىڭ روھى خۇش بولغاي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 14:09:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھار مەڭگۈلۈك تېما، باھارغا تەلپۈنۈش، سېغىنىش...... ھەي!!!!!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش