«كروران»دا كاتتا ئەنجۈمەن 2015-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئوبلاست تەۋەسىدىكى تايانچ ئاپتورلارنى كورلا شەھىرىدىكى «ئاستانە رېستۇرانى»غا جەم قىلىپ، بۇ يىللىق ئەدەبىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. 2014-يىللىق «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش، پېشقەدەم ئەدىبلەرنى مۇكاپاتلاش، 2015-يىللىق نورۇز بەزمىسى قاتارلىق ئۈچ مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەيبۇ ياقۇپ، شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىياتى «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى، شائىر ئەسقەر ياسىن، يازغۇچى، شائىرلاردىن ئابدۇۋەلى ئەلى، پەرھات تۇرسۇن، شاھىپ ئابدۇسالام نۇربەگ، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ئىمىرھەسەن ماخمۇت، سەنئەتچىلىرىمىزدىن زاھىر بۇرھان، تۇرسۇن شەيىخ قاتارلىق مېھمانلار شۇنداقلا ئوبلاست تەۋەسىدىكى شائىر، يازغۇچىلاردىن باشقا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان ئوبلاستلىق دۇڭشىڭ ئۆي-مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى پاتىگۈل خانىم ۋە ئۇنىڭ شىركىتىدىكى خادىملاردىن بولۇپ 250 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت زىرىش تەبرىك سۆزى قىلدى.
- f; b, Q) c. ]4 u* E/ m2 o
, {/ u4 }7 {* W8 L6 p9 N
مۇئاۋىن رەئىس غەيرەت زىرىش تەبرىك سۆزى قىلماقتا 3 h$ c; |3 S, G( [ n" q' O! A) ~8 p
8 `3 T: P4 f" D ئارقىدىن مۆيدىن سايىت بوستان، ئابدۇۋەلى ئەلى ئاژۇنى، ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانى، ھۈسەن روزى تىرىك، ئابدۇرىشىت سابىت، ئابلىمىت ئاقيولى، ئابلىز ئوسمان، ئەخمەتجان ھەسەن دىنارى، پەرھات ئابدۇرەھىم، سېتىۋالدى قادىر يېڭىسارى، مەريەم ئەھەت، خالىدەم ئاتىك، پاتىمە كامىل، ئايشەم سادىر قاتارلىق پېشقەدەم ئاپتورلار مۇكاپاتلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت راسخوتىنى ۋە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئوبلاستلىق دۇڭشىڭ ئۆي-مۈلۈك چەكلىك شىركىتى چىقارغان بولۇپ، شىركەت لىدىرى پاتىگۈل خانىم مۇكاپات بۇيۇمىنى ئۆز قولى بىلەن تارقىتىپ بەردى.
- E, k% w8 l! U! k) `5 i
4 {2 I9 u0 t& v: D$ N# O0 |
دۇڭشىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ لىدىرى پاتىگۈل خانىم سۆز قىلماقتا.
5 L M' ^5 R6 M- a0 G$ ]مۇكاپاتلانغان پېشقەدەم ئەدىبلەر ! i5 C% Y$ `% H* ]1 L. O
پائالىيەت ئارقىلىق كارخانىچىلارنىڭ قەلەمكەشلەرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى. پائالىيەتنىڭ 2-باسقۇچىدا، 2014-يىللىق «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تارقىتىلدى. مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ۋە بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش جەريانى ھەققىدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران تەپسىلى چۈشەنچە بەردى.
! M+ P- M; a" J1 N1 _% C; H8 b
3 l7 a; G4 Y7 `" k( B( [8 n$ ~
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
: c v# G* o" w, |$ T8 v«كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئەدەبىيات-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئەزىز ئاتاۋۇللار سارتېكىن تەسىس قىلغان، ھەر يىلى 10000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش قارار قىلىنغان ئىدى. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن گۇما ناھىيەسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن قاتنىشالمىدى. بۇ قېتىم 7 پارچە ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 2000 يۈەندىن، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 1500 يۈەندىن، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەر ئاپتورلىرىغا 1000 يۈەندىن مۇكاپات پۇلى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى نەق مەيدانغا تارقىتىپ بېرىلدى. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن نامىدىكى «كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەر 1-دەرىجىلىك ئەسەر: 2 پارچە دىلخۇمار ئىمىنجان غېرىب ھاياجان (شېئىر) ئىلھام ئابدۇرەھىم قارا تۆش قوچقار (ھېكايە) 2-دەرىجىلىك ئەسەر: 2 پارچە ھەلىمە تۇردى دەردىمگە دەۋا بارمۇ؟ (ھېكايە) ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ «تارىم قەدىمىيەتلىرى»نىڭ ژانىرلىق خۇسۇسىيىتى ۋە بايان ئالاھىدىلىكى (ماقالە) 3-دەرىجىلىك ئەسەر: 3 پارچە مۇھەممەت بارات تەشنائىي «مۆجىزى» رومانىنى قانداق يازدىم؟(ماقالە) غەيرەت ئابىت قەشقەردىن قايتىش (شېئىر) مەمتمىن تۇرسۇن ئىككى ساتىرا
: ^- c5 P! c$ f0 ]) J1 a' l# ^
«كروران ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئاپتورلار ! Z) u0 |6 e, p" r; B
4 q: `7 u8 e W5 p8 Rپائالىيەتنىڭ 3-باسقۇچىدا، 2015-يىللىق «كروران» قەلەمكەشلىرى نورۇز بەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بەزمىگە ئاتاقلىق سەنئەتكارلاردىن زاھىر بۇرھان، تۇرسۇن شەيخ قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ياڭراق ناخشىلىرى ئارقىلىق نورۇز كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. شائىر، يازغۇچىلاردىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، پەرھات ئابدۇرەھىم، ئابدۇرىشىت سابىت، پاتىمە كامىل، رازىيە قادىر، ھەسەنجان ياسىن، گۈلنىساخان ئابلىز، ھەبىبە تاھىر قاتارلىقلار نورۇزنامە دېكلاماتسىيە قىلىپ، يېڭى باھارنى كۈيلىدى؛ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، دەۋر روھىنى ياڭراتتى؛ شېئىرىي چاقچاقلىرى بىلەن كۆڭۈللەرنى شادلىق بېغىشلىدى... ) p4 q* P" D2 r* v+ W
|